يېشىل ھايات
-
سەھىپە:Shé'irlar، Shexisler، Uyghur dunyasi
باھا:0 دانە
14-03-2016
قۇربان بارات
كۈمۈشتەك يالتىرايدۇ قارلىق تاغلار ،
يېشىللىق دۇنياسىدۇر ئېتەكلىرى .
ئېدىرلار نار تۆگىنىڭ ئۆركىشىدەك …
باغرىدا يەلپۈنىدۇ چېچەكلىرى .
قاپتال ۋە جىرالىرى يېشىل جاڭگال ،
قارىغايلار ساما بىلەن بوي تالاشقان .
ئېدىرلار ئارىلىقى قۇيۇق چاتقال ،
ياپيېشىل توقايلىقلار قۇچاقلاشقان .
قاياققا كۆز تاشلىساڭ يېشىل ھايات ،
يېشىلدەك كۆرىنىدۇ بار كائىنات .
________________________
شائىر قۇربان باراتنىڭ تۇنجى شېئىرى:
كاككۇك
كاككۇكۇم، چىرايلىقسەن كۆكلەم مەۋسۇمى
يۇرتۇمنى سېغىنىپ كەپسەن يىراقتىن.
تەبىئەت ياپيېشىل، نەپەس ئالىسەن_
گۈللەردىن ئۇرغۇغان شېرىن پۇراقتىن.
بوستانلار ئارىلاپ، باغلاردا سايراپ،
زېمىنگە تاشلايسەن مەپتۇن بىر نەزەر.
كۆزۈڭگە چېلىقماي قالغاندۇ تاشلىق،
قەدىمىي سايلىقلار، يانياقلىق يەرلەر.
ھە، بۈگۈن يۇرتۇمدا ئۆزگىرىشلەر چوڭ،
ۋادىغا ئايلاندى قاغجىراق تاشلىق.
دېھقانلار ئۆم بولۇپ كوپىراتىپتا،
ئويغانغان دەشىتلەردىن ئالماقتا ئاشلىق…
1956-يىل ئىيۇل ، ئاغۇ
ئىزاھ : مەزكۇر شېئىر «بوستان» ژۇرنىلى (يەنى ھازىرقى«كروران» ژۇرنىلى) نىڭ 1997- يىل 2- سانى 51 – بېتىدىكى « مەشھۇر شائىرلىرىمىزنىڭ تۇنجى شېئىرى ۋە ۋەكىللىك شېئىرلىرىدىن نەمۇنە» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان.
________________________
قۇربان بارات
ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى
قۇربان بارات كەتتى دەيدۇ،يالغاندۇ؟
بەلكىم بىردەم ئۇخلايچۇ دەپ ياتقاندۇ.
بەلكىم ئويلاپ،يېزىپ ھېرىپ قالغاندۇ،
پەرۋاز قىلىپ خىياللىرى تالغاندۇ.
كۈتكەنلىرى تېخى يېتىپ كەلمەستىن،
ئارمانىغا يەتمەي تۇرۇپ پەلەستىن،
بىزگە يېڭى سوۋغا سالام بەرمەستىن،
كەتتى دېگەن قىپ-قىزىللا يالغانغۇ…
كەتسە ئەگەر ئۇ كۈيلىگەن قەيسەرلىك،
قالماسمىدۇ قىسىپ يەنە بوينىنى.
كەتسە ئەگەر ئۇ كۈيلىگەن ئۈمىد ھەم
يىغلاپ تۇرۇپ ئاچار كىمگە قوينىنى.
قۇربان بارات كەتتى دەيدۇ،يالغاندۇ؟
بىر جايدا ئۇ بەلكىم كۈلۈپ ياتقاندۇ.
يىلتىزىنىڭ توغراق كەبى روھىنى
كۈيلەپ يەنە يېڭى قوشاق قاتقاندۇ.
2016-يىلى 6-مارت خەيفا شەھرى
________________________
شائىر قۇربان باراتنىڭ ئەدەبىي ھاياتى
بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان تۆھپىكار شائىر، نەشرىياتچى، ئەدەبىي تەرجىمان قۇربان بارات ئەپەندى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 70 يېشىدا ۋاپات بولدى. بىز مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىدىغانلىقىمىزنى ۋە چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز. مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن، ئۇرۇق -تۇققانلىرىدىن سەمىمى ھال سورايمىز. شائىر قۇربان باراتنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى، ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. قۇربان بارات مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ.
قۇربان بارات، 1946-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. 1962-يىلى سابىق شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، شىنجاڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.
قۇربان باراتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1958-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇ سابىق شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستوتىنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى فاكولتېتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئرلىرى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ھەپتىلىك ئەدەبىيات بېتىدە ، «شىنجاڭ ياشلىرى» گېزىتىدە ، «شىنجاڭ پېئونېرلىرى» گېزىتىدە ۋە «تارىم ژۇرنىلى» دا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1960- يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا «توي» ۋە «قىزىلگۈل» ناملىق ئىككى چوڭ داستانى ئېلان قىلىنىپ جەمىئىيەتتە كەڭ تەسىر قوزغىغان. قۇربان باراتنىڭ ھازىرغىچە «يېشىل ھايات»، «ئاق روماللىق پەرىزات»، «قار چىچەكلىرى»، «قۇربان بارات ئەسەرلىرى» (بەش توم) ۋە «پۇشكىن ئەسەرلىرى»، «لېرمېنتوپ داستانلىردىن تاللانما»، «ئەي چىڭ شىئېرلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق 25 كىتابى نەشىر قىلىنغان. «ئاق روماللىق پەرىزات»، «قىزىل ئەتتىرگۈل»، «ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز»، «نۇر قەسىدىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
مەرھۇم قۇربان باراتنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات، ئەدەبىياتشۇناسلىق، شىئېرىيەت نەزەرىيەسى قاتارلىق ساھەلەدە نەشرگە تەييارلىغان ۋە يازغان «دىۋان سەكئاكى»، «دىۋان لۇتپى»، «دىۋان ئاتايى»، «دىۋان نوبىتى»، «دىۋان زوھۇرى»، ئەلشىر نەۋائىنىڭ خەمسەسى تەركىبىدىكى داستانى «سەددى ئىسكەندەر»، «ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» قاتارلىق كىتاپلىرى ۋە «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى قەلئەسىنىڭ ئۇل تاشلىرى — قەدىمقى شېئىرلىرى»، «ئۇلۇغ شائىر — مېخائىل يورىيۋىچ لېرمونتوۋ»، «تۈندە ئۇچقان يالغۇز قۇش» ، «شائىر ئەلقەم ئەختەمنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى خاس ئۇسلۇبى توغرىسىدا تەتقىقات»، «تۈگىمەس ناخشا، —شېئىر ئەمەسمۇ؟»، «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ»—رېئالىزىملىق ئىجادىيەت مىتودىنىڭ مەھسۇلى»، «مەن ۋە شېئىرىيەت»، «ئەدەبىيات تارىخىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سەھىپلىرى»، «شائىر ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ ئۇيغۇر يېڭى شېرىيەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ تارىخىدا تۇتقان ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەر توغرىسىدا»، «ژورنالىست ئابلىمىت سادىق ۋە يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «شائىر مۇھەممەتچان راشىدىننىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسىدىكى خەلقچىلىق غايىسى ۋە شېئىرلىرىنىڭ خەلق قوشاقلىرى ۋە بولغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا»، «ئۇستاز شائىر مۇھەممەت رەھىم ئاكىنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدىكى ئىلمىي ئىنتىزامچانلىقى»، «مول مېۋىلىك ئۆتكەن ئەللىك يىل»، (ئاتاقلىق ئالىم ئىمىن تۇرسۇن توغرىسىدا)، «ئۇيغۇرلاردا ئەدەبىي تەرجىمە ۋە ئاتاقلىق تەرجىمان توختى باقى» ، «شېئىر دېگەن نېمە؟» «ئەلشىر نەۋائى غەزەللىرىدىكى شېئىرىي غۇۋالىق» قاتارلىق ئىلمىي ماقالە ۋە دېسىرتاتسىيەلىرى ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئىنتايىن مول ۋە قىممەتلىك مەنىۋى مىراسلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ئىدى.
مەرھۇم قۇربان باراتنىڭ شېئىرلىرى، تېما دائىرىسىنىڭ كەڭرىلىكى، ئاكتىۋاللىقى، ھېسىياتىنىڭ قايناق، شېئىرى پىكىرلىرىنىڭ چۇڭقۇرلۇقى بىلەن ئالاھىدە خاراكتىرلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى، ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلانغان، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە ئىجادىيەتتىن توختىمىغان ھايات بولۇپ مەرھۇم بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇ قالدۇرغان قىممەتلىك مەنىۋى ئەمگەكلىرى، ئىزدىنىشچان ئىجادىيەت روھى بىلەن قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ.