نيۇيوركتىكى گاگا خېنىم مەستانىلىرى

نيۇيوركتىكى گاگا خېنىم مەستانىلىرى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

نىيۇيوركتىكى ساياھىتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى. 5 ـ كوچىدىن ئۆتۈپ مەركىزى باغچىنى بويلاپ كۆزلىگەن نىشانىمغا ئالدىراش كېتىپ باراتتىم. ئەمما توساتتىن ئالدىمدىكى مەن كېتىۋاتقان پىيادىلەر يولىنى توسۇۋالغان بىر توپ ئادەملەر توپى دىققىتىمنى تارتتى. نۇرغۇن ئادەملەر بىر مېھمانخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۆچىرەت ياساپ توپلۇشۇۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن مۇنچە كۆپ ئادەملەرنىڭ نېمىشقا بۇ يەرگە توپلىشىپ قالغانلىقىغا قىزىقىپ، بىر ئوتتۇرا ياش ئاق ئېرىقلىق ئامېركاندىن سورۇدۇم: «كەچۈرىسىز ئەپەندىم، مەن بىلسەم بولامدۇ، سىز بۇ يەردە نېمە سەۋەپتىن ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتىسىز؟ دۆلىتىڭلارنىڭ باشلىقى ئوباما مۇشۇ مېھمانخانىدىمۇ يە ؟ » ـ دەپ سورۇدۇم تەئەججۇپ بىلەن. ئۇ ئادەم ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق جاۋاپ بەردى: «مەن ئىككى سائەت بولدى بۇ يەرگە ئائىلەم بىلەن كەلگىلى. بىز پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى ناخشا چولپىنى گاگا خانىمنىڭ مەستانىلىرىمىز (Lady Gaga) . شۇڭا بۇ يەردە گاگا خېنىمنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن ھاياتىمىزدا بىر مەرتە كۆرۈۋېلىش ئۇچۇن بۇ ئىسسىقا چىداپ ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇپتىمىز…….».