ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(ھېكايە)
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun_Essay_Audio/Isim_majirasi.mp3
ھېكايىنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
چوڭلارنىڭ دەپ بېرىشىچە بۇرۇنقى زامانلاردا بۇ مەھەللىنىڭ سىرتىدا ناھايىتى سۇيى مول بىر دەريا بولغان ئىكەن. ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشى، زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئېقىنى مول دەريا ئېقىشتىن توختاپ، ئاستا-ئاستا قۇرۇپ كېتىپتۇ. يۇز كېلومىتىرلەرچە خۇددى يىلان تولغانغاندەك ئىز قالدۇرغان بۇ ئەزىم دەريادا سۇ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دەريا بويلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاشلا ماكان تۇتۇپ ياشاپ كەلگەن كىيىنكى ئەۋلادلار تەرىپىدىن «قۇرۇق دەريا» دەپ ئاتىلىپتۇ. بۇ قۇرۇق دەريا ھايات ۋاقتىدا ئىككى قاسنىقىغا قالدۇرۇپ كەتكەن لاي-لاتقىلار شاماللارنىڭ ئۇچۇرتۇپ كۆچۈرۈشى بىلەن دەريا قېشىنى بويلاپ چوڭ-كىچىك دۆڭلەر پەيدا بولۇپتۇ. بۇ دەريا قېشىدا ياشاپ كەلگەن ئەل ئۆز يۇرتلىرىنىڭ ناملىرىنى بۇرۇن «چوڭ دەريا قاش»، «ئورتا دەريا قاش» ۋە «كىچىك دەريا قاش» دەپ پەرقلەندۈرۈپ ئاتاپ كەلگەن بولسا، دەريا قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن يۇرتلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئاستا ـ ئاستا «چوڭ دوڭ مەھەللە»، «ئورتا دوڭ مەھەللە» ۋە «كىچىك دوڭ مەھەللە» لەرگە ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ. سىز ئوقۇۋاتقان بۇ ھېكايە مانا مۇشۇ «كىچىك دوڭ مەھەللە» يېزىسىدا يۈزبەرگەن ئىدى.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئاڭلاش: Yashqa_tolghan_shehla_koz.mp3
ئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدى
بەدۆلەت زامانىدىن تارتىپ باشقا يۇرتلارغا تونۇلۇشقا باشلىغان، تارىم بويلىرىدىكى بۈك-باراقسان توغراقلىقلار ئارىسىغا جايلاشقان بۇ خىلۋەت يۇرت، ئۆزىنىڭ تەبئىي ئالاھىدىلىكى بىلەن “تاللىق”1 دەپ ئاتالغان ئىدى. بۇ تاللىق يېزىسىغا تەۋە بىر قانچە مەھەللە كەنتلەر پەقەت پەسىللەر بويلاپ كۆچۈپ يۇرىدىغان قۇم بارخانلىرى بىلەن بىر-بىرلىرىدىن ئايرىلىپ تۇراتتى. بۇ يۇرتتىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلىرى بىلەن تۇغقان . بۇ يۇرتتا بىر-بىرلىرىنى تونۇمايدىغان ياكى ياقا يۇرتلاردىن كۆچۈپ كېلىپ قالغانلار يوق دىيەرلىك. ئاسىماخۇن مانا مۇشۇ يۇرتتا كاتتا ئەمەلدار ۋە باي بولۇپ ئوتكەن قاسىم شاڭيونىڭ2 كەنجى ئوغلى بولۇپ، يۇرت چوڭلىرىنىڭ دەپ بېرىشىچە مۇشۇ يۇرتنىڭ ئايىقىدا “ئازات زامان” ئۆستىڭى چېپىلغان يىلى 1950-يىلى “پومىشچىك”، “باي دېھقان”، “ھاكىمىيەتكە قارشى ئۇنسۇر” دېگەندەك قالپاق كەيدۇرۇلۇپ، سازايى قىلىنىپ، كېيىن ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىلىپ قاسىم شاڭيونى ئوننەچچە بايلار بىلەن بىللە ئېتىۋەتكەن ئىكەن. ئاۋۋال ئاتىسىدىن، كېيىن ئاپىسىدىن كىچىك يىتىم قالغان ئاسىماخۇننى كىچىك ئاپىسى بېقىپ قاتارغا قوشقان. ئاسىماخۇن يېتىملىكنىڭ، ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىسىز كۆپ يۇقسۇزلىقلارنى تارتىپ چوڭ بولىدۇ. ئۇ پەننىي مەكتەپتە ئوقۇيالمايدۇ ئەمما مەھەللىنىڭ موللىسىدا ئۇچ يىل “ھەپتىيەك”3 ئوقۇپ پەنسىردىن ساۋاتىنى چىقىرىدۇ.
مەھەللىلەردە داشقازان تۈزۈمى “كوممۇنا”4 قۇرۇلغان يىللاردىن باشلاپ تاكى بۇ تۈزۈم 1980-يىللىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىچە ئۇ 4-مەھەللىنىڭ “ماخوچىسى”5 بولۇپ ئىشلىگەن ئىدى. شۇڭا مەھەللىدىكىلەر ئۇنى بەزىدە “ئاسىم ماخو” دەپمۇ چاقىرىشاتتى. ئاسىماخۇن كوممۇنادا ئۇزۇن ۋاقىت كەنىتنىڭ ئات-ئۇلاقلىرىنى باققانلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئومۇمنىڭ مۈلكىدىن باشقىلار قاتارىدا بىر ئېشەك ھارۋىغا، بوزلۇقتىن ئون مو يەر تەقسىماتىغا ئېرىشكەن ئىدى.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Bir_botulka_su.mp3
ئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدىئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدى
مەيىن شامالغا ھارماي ئۇسۇل ئويناپ كۆنۈپ كەتكەن بۇلۇتلار خۇددى ناز قىزدەك گاھى كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلىسا، گاھى خۇشلۇقى تۇتۇپ تېلىقىپ كۈلەتتى، گاھى چاغدا قاپىقىنى تۇرۇپ دومسىيۋېلىپ، قۇياش نۇرىنى دۈمبىسى بىلەن توسۇپ مۆكۈ – مۆكۈلەڭ ئوينايتتى. توۋا، بۇلۇتلارمۇ ئادەملەرنىڭ مىجەز – خۇلقىنى ئۆگۈنۇۋالدىمۇ نېمە، ئىشقىلىپ مەن بۈگۈن شۇنداق غەلىتە بىر تۇيغۇلارغا قەلبىمنى مەستخۇش قىلغاچ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ، دېرىزىدىن دېڭىزنىڭ چېكىگە نەزەر تاشلايتتىم. مالمودىن (Malmö) كوپېنھاگېنگە تىز كېتىۋاتقان پويىز ئورەساند كۆۋرۈكىنىڭ (Oresund Bridge) تومۇر بالداقلىرىنى بىر -بىرلەپ ئارقىسىدا قالدۇرۇپ ئالدىغا ئۇچقاندەك چاپاتتى. كۆك ئاسماننىڭ كۆك رەڭگىنى ئۆزىگە ئەينەن كۆچۈرۋالغان بالتىق دېڭىزنىڭ ئاسمىنىدىن شۇڭغۇپ چۈشكەن بۇلۇتلار بەئەينى سۇ ئۇستىدە لەيلەپ يۈرگەندەك بىر كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلاتتى. كۆز ئالدىمدىكى بۇ گۈزەل مەنزىرە كۈز ئايلىرىنىڭ بېشىدىكى ئاپتاپلىق، ھاۋاسى ئوچۇق شىمالىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تەبئىي گۈزەللىكلىرىگە مۇجەسسەملىشىپ، خۇددى بىر پارچە مەشھۇر كلاسسىك ماي بوياق رەسىمدەك تەسۋىرىنى نامايان قىلاتتى.
مانا مۇشۇنداق تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىگە تولغان بۇ گۈزەل دۇنيا بىز ئادەملەرنىڭ ياشىشىغا مەنسۇپ ئىدى. بىز بۇ يەرگە ئەسلى دەرد ئەلەم تارتىش ئۈچۈن ئەمەس، كۆزىمىزدىن ئىسسىق قان – ياشلىرىمىزنى تۆكۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خوشال – خۇرام، مېھرى – مۇھەببەت بىلەن ياشاشقا كەلگەن ئىدۇق. يېشىم چوڭىيىپ، ئەقلىم قولۇمغا نېسىپ بولغان بۇ يىللاردا ئادەم بالىسىنىڭ تۇغۇلغىنىغا نېمە ئۈچۈن يىغلايدىغىنىنى، ئاندىن يەنە نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يىغىسى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە باشلىغان ئىدىم. ئادەم ھاياتىنىڭ مۇساپىسى مانا مۇشۇ ئارىلىقتىكى مۇھەببەت بىلەن نەپرەت، راھەت بىلەن مۇشەققەت، ئەركىنلىك بىلەن قۇللۇقنىڭ نىسپىيلىك چەمبىرىكىدە كەسكىن كۈرەش قىلىدىكەن. بۇلاردىن قايسى بىرى سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە ئۇ سىزگە تەۋە بولىدىكەن. سىز ئۆزىڭىزگە تەۋە بولمىغان قىسمى ئۈچۈن بولسا بىر ئۆمۈر، تاكى ئۆزىڭىزدە يوق نەرسىگە ئېرىشكۈچە كۈرەش قىلىپ ياشايدىكەنسىز. ئېھتىمالىم، بۇ بەلكىم ئادەملەرنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاش پىسخىكىسى بولسا كېرەك.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ھايات مۇساپىسى ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىك قىسمەتلەرگە تولغان بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا خوشاللىق ۋە قايغۇلار، ياخشىلىق ۋە يامانلىقلار، مۇھەببەت ۋە نەپىرەتلەر بىر- بىرلىرىدىن ئايرىلماس قوشكېزەك بولۇۋېلىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ ئاچچىق-چۈچۈك قايناملىرىدا ھەر ۋاقىت چۆكتۈرۈپ سىنايدىكەن. شۇڭا بىز ھەم كۈلۈشكە، ھەم يىغلاشقا، غەزەپلىنىشكە، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۇشلەرگە ھەقلىق ئىكەنمىز.
ھاياتنىڭ سېھرى بىزنى خۇددى بىر توپ پادىلارنى ئېلىپ ماڭغان پادىچىدەك ئۆزىمىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر سۈرئەتتە بىزنى مەلۇم نىشانلارغا ھامان باشلاپ ئېلىپ ماڭغىنى ماڭغان ئىكەن، بىزنىڭ تەبئىيتىمىز شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى ئايرىۋېلىشقا ئىمكانسىزكەنمىز. بىز مانا شۇ ئىمكانسىزلىق ۋە تەبئىي خۇسۇسىيەتلىرىمىز ئىچىدە ئۆزىمىزنى ئاڭلىق ھالدا بىلىپ – بىلمەي گاھىدا ھاياتنىڭ تىلسىم كوچىلىرىغا غەرق بولغان بىر سەيياھقا ئايلىنىپ قالىدىكەنمىز. ھاياتىمىزنىڭ ئەگرى – توقاي دوقمۇشلارغا تولغان سەپىرىدە بىزگە شۇنداق ئەخلاقسىز، قەدىرسىز، ئادىمىيلىكنىڭ شەرتلىرى بىلەن ئۆلچىگىسىز دەرىجىدىكى ناچار ئادەملەر ئۇچراپ قالسا، بىزگە يەنە بۇنىڭ ئەكسىچە شۇنداق ئېسىل پەزىلەتلىك ئادەملەر ئۇچرايدىكى ئۇلار سىزگە پەرىشتىلەر كەبى تەۋەرۈك بىلىنىدىكەن. شۇ چاغدا ئەگەر بۇ ئادەملەر دۇنياسىدا ھەممە ئادەملەر مۇشۇ پەرىشتىلەردەك ئاق كۆڭۈل، مېھرى – مۇھەببەتلىك بولسا، باشقىلارغا يامانلىق ئەمەس پەقەت ياخشىلىقلا قولىدىن كەلسە، «يامانلىق» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئادەملەر تىلىدا يوق بىر سۆز بولسا، ئېھتىمال ئۇ چاغدا بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىن ئۆچمەنلىك، ئادالەتسىزلىك، نەپرەت ۋە ئۇرۇش مەڭگۈلۈككە غايىب بولغان بولاتتى. ئۇ چاغدا بۇ دۇنيا بەلكىم ئىنسانلارنىڭ پانىي ئالەمدىكى جەننىتى بولۇپ قالار ئىدى دېگەندەك ئويلارغا چۆكىسىز ئەلۋەتتە.
كىشىلەرنىڭ بەزىدە «ئادەم ھاياتىدا بىر ياخشىلىق ۋە بىر يامانلىقنى ئۇنتۇمايدۇ» دەيدىغىنى بەلكىم مۇشۇنىڭدىن بولسا كېرەك. ئەمما مەن دەيمەن، ماڭا بىرسى يامانلىق قىلسا ئىمكان بار شۇ يامانلىق قىلغان كىشىنى قانچە تىز بولسا شۇنچە تىزلىك بىلەن خاتىرەمدىكى ئادەملەر تىزىملىكىدن ئۆچۈرۈپ، ئۇنتۇپ كېتىشكە ئالدىرايمەن. بۇنىڭ تەتۈرىسىچە ئەگەردە بىراۋنىڭ ماڭا چوڭ بولامدۇ ياكى كىچىك بولامدۇ، قولىدىن كەلگەن بىر ئىنسان سۈپتىدە ئادىمىيلىك تارازىسى بىلەن ياخشىلىق قىلغان بولسا، مەن شۇ كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى ئۇنۇتمايمەن ۋە ئۇنۇتماسلىق ئۇچۇن باشقىلارغا قولۇمدىن كەلگەن ياخشىلىق ئارقلىق ھامان قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن…. مەن شۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن، ئادەم قەلبىدە مۇھەببەت بىلەن نەپرەت دائىم ئورۇن ئالمىشىپلا تۇرىدىكەن. ئەگەر ھەر ئىككىلىسى ئورۇن ئالماشماي بىللە تۇرسا ياكى مۇھەببەت نەپرەتكە ئورۇن بەرمىسە، بەلكىم بىز ھازىرقىدىن بەكرەك خوشال ياشاش ئىمكانلىرىنى تاپالىغان ئىدۇق.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(ھېكايە)
ئاڭلاش: Elkun_Essay_Audio/Uyghurche_sozlishish.mp3
ھېكايىنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
ئىش ئورنۇمدىن مىڭ تەسلىكتە ئىككى سائەتلىك رۇخسەت سوراپ بىرىنچى ئەۋلاد كىملىكىمنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن نوپۇسۇم تۇرۇشلۇق ساقچى پونكىتىنىڭ نوپۇس بېجىرىش بۆلۈمىگە ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىككە ئىلتىماس قىلىشقا باردىم. شۇنچە ئەتىگەن بارغىنىمغا قارىماي نوپۇس بېجىرىش ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا ئادەملەر ئالىممۇ بۇرۇن ئارغامچىدەك ئۇزۇن ئۆچىرەتتە ئۆز نۆۋەتلىرىنى تەخىرسىزلىك بىلەن كۈتۈشنى باشلىۋېتىپتۇ. نە ئامال، شەھىرىمىزدە ئادەم كوپ، مەنمۇ ئالدىراش بۇ ئۇزۇن سەپكە قوشۇلدۇم ………