چېگىش چۈش

“Dream
D.H.Lawrence
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمىسى
 
دېرىزىدە قىزغۇچ ئاي
چىقىپ كەپتۇ يوغناپ
ئۆي ئىچىدە كىم بار؟
مەن كارۋاتتا ئىزتىراپ؟
 
جانان ئاياق تىۋىشى
پەلەمپەيدىن ئاستا كېلەر
دېرىزىگە ئۇرۇلغىنى
قۇش قانىتمۇ تۈندە كېزەر؟
 
ئانچە ئۇزاق ئۆتمەستە تېخى
ئۇ لېۋىمگە شېرىن سۆيگەن
ئاي كۈنگەيدە جىلۋە تۆكۈپ
بىز بىر چۈپقا بەخىت تىلىگەن
 
ئاي يۈزىنى بۇلۇت قاپلىغان
قەلب چېگىشى چۈشۇنۇلمىگەن
ئېزگۈلۈك قانلىرىمغا سىڭىشىپ
كەلكۈن بىزنى چۆكتۇرگەن
 
ئەسلى بىز ئۆزۈمىزنى خاتا چۈشەنگەن!
 
1921 – يىلى.
 
________________________________
بىرتانىيىنىڭ 20- ئەسىردىكى ئاتاقلىق يازغۇچىسى ۋە شائىر D.H.Lawrence نىڭ 1958 – يىلى لوندون E.HULTON AND COMPANY LIMITED نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان D.H.Lawrence نىڭ «مۇھەببەت شېئىرلىرى» (Love Poems) ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.

 

بۇ دۇنيانىڭ سەھنىسىدە

W_Shakespeare

ۋىلىئام شېكسپېر

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئېنگلىسچىدىن تەرجىمە قىلدى

 

بۇ دۇنيانىڭ سەھنىسىدە ـ
پۈتكۈل ئەر ۋە ئاياللار رول ئالغان
ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بۇ سەھنىنىڭ
كىرىش ۋە چىقىش ئىشىكلىرى ئېچىلغان.

 

بىر ئەر ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن روللارنى ئوينايدۇ
ئۇ ھازىر ھاياتنىڭ يەتتە مۇساپىلىق رولىنى ئالماقتا
ئۇ بىرىنچى مۇساپىسىدە بوۋاقنىڭ رولىنى ئالغان چاغدا ـ 
بالا باققۇچىنىڭ قۇچىقىدا يىغلاپ،
بەرگەن سۈتنى قۇسىۋەتكەن  ئىدى.


مۈرىسىگە سومكا ئېسىپ، مەكتەپكە بارىدىغان ـ
بىر چىرماش ئوغۇل بالا بولغان چاغدا –
سەھەردە يۈزىدىن نۇر چاقنايتتى ئەمما –
قۇلۇلىدەك ئارام تاپماي ئۆمىلەيتى،
بەزىدە مەكتەپكە بېرىشنى خالىمايتتى،
سۆيگىنىنى ئويلاپ خىيالغا پاتاتتى ………