ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى ئاڭلاش: Din_we_kesip.mp3
بىر ئادەمنىڭ ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازىنىشى ۋە كەسىپلىشىشى بولسا ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزچىللىقا ئىگە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ۋە مېھنەت تۆكۈش ئارقىلىق ئۆزىگە، ئۆزىدىن ھالقىغىنىنى مىللىتىگە، جۈملىدىن ئىنسانىيەتنىڭ بەختى – سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ. ھەر – بىر شەخىسنىڭ ئىلاھىي ئېتىقادىغا تەۋە بولغان دىن ئۆز پىنھانلىقىدا دۇنيانى بىلىش ئېڭى بىلەن تەڭ يۈكسىلىدۇ ئەمما بىر كەسىپ ئىگىسى ئۈچۈن ئۇ ئومۇمىيلىققا تەۋە بولۇپ ئىپادىلەنمەيدۇ. دىن بىلەن كەسىپ، مىللەت بىلەن مېھنەت، ئىلىم بىلەن تەقدىرچىلىكلەرنىڭ ھەممىسى رىيالىزىم ۋە ئىدىيالىزىملىق بىلىشكە تەۋە بولغان باشقا – باشقا ئۇقۇملارغا مەنسۇپدۇر.
دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇر ھاياتىدا مۇبارەك دىنىمىزنى بۇ دۇنيانىڭ كۈندىلىك بەندىچىلىكىدىن ئايرىپ چۈشىنىۋالغان، پانىي دۇنيادىكى ئادەم ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىنى دىندىن ئىبارەت بۇ بىرلا ئارغامچىغا باغلىۋالغان قېرىنداشلىرىمىز ئارىمىزدا كۈنسايىن كۆپىيىشكە باشلىدى. خۇسۇسەن مەن بۇ يۆلىنىشتىن مۇستەسنا ئەمەسمەن چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىلاھىزىملىق بىلىش بويىچە دىنىمىز ئەڭ ئاۋال ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇيغۇر دەپ يارىتىلغان مىللەت (قوۋم) نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى، زامان ۋە دەۋىرگە يارىشا تەرەققىي قىلىپ گۇللىنىشىنى، ئاندىن ئۇنىڭ بىر مىللەت ۋە ۋەتەندە بولۇشقا تېگىشلىك زۆرۈر بولغان ھەممە شەرتلەرنى ھازىرلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دىمەكچىمەنكى بىر يىتۈك مىللەتنىڭ دىنلا بولۇشى ئەمەس، بەلكى ئۇنڭ تىلى، مىللىي مەدەنىيىتى، تارىخى، ئۆزىگە خاس ئۆرىپ – ئادەتلىرى دىن بىلەن تەڭ، بىر -بىرلىرىنى ئىنكار قىلمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى، راۋاجلىنىشىنى شەرت قىلىدۇ.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆزگىلەرنى چۈشىنەلىگەن ئەقىل ئىدراك بىلەن ياشىشىمۇ زور بىر بەخىتتۇر. ئادەملەر دۇنياسىنى ئالىمىدىن نادىنغىچە، دەھرىسىدىن سۇپىسىغىچە، ئاشىقىدىن مەشۇقىغىچە، بېيدىن گادىيغىچە، ھەتتا شاھىدىن بىر بۇردا ناننى تىلەپ ئارا تېپىپ يېيەلمەيدىغان قەلەندىرىگىچە گۈزەل دەپ تەرىپلىشىدۇ. بەلكىم بۇ راستۇر، بەلكىم بۇ يالغاندۇر ۋەياكى ھەر ئىككىلىسىدۇر ئەمما ھىچ بىر مۇنازىرە تەلەپ قىلـمايدىغان بىر ھەقىقەت شۇكى ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇ دۇنيانى ئۆزى ئۈچۈن گۈزەل ياكى دەشتى چۆل قىلىپ يارىتىشى شۇ كىشىنىڭ ئۆز مېھنىتىدىن سورىلىدىغان سوراقتۇر.
گاھىدا ھايات مۇساپىمىزدە زاماننىڭ زارى بىلەن خوشاللىق ۋە قايغۇنىڭ نۆۋىتى ئالمىشىپ قارا كۆزىمىزدىن سىرغىپ چۈشۈپ تۇرىدىغان ياشلار يۈركىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا بىزگە ھىچ يوشۇرماستىن نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى پىچىرلاپ تۇرىدۇ. ئۇنى سىزدىن باشقا ھىچ بىر كىشى سېزەلمەيدۇ ياكى تارتىپ ئالالمايدۇ. دېمەك بۇ يەردىكى گەپ دەل سىزدە شۇنداق پىچىرلاپ، يۈركىڭىزدىن ئېيتىلىۋاتقان ئىنسانلىقنىڭ چىن ھەقىقىتىنى ئېنىق ئاڭلىيالىغىدەك سەزگۈر بىر جۈپ قۇلاقنىڭ بار ياكى يوقلىغىدۇر چۈنكى بىز ئادەملەر ھەرقانچە ياۋايىلاشمايلىكى، ھەرقانچە رەھىمسىزلەشمەيلىكى، ھەر قانچە شەرمەندىلەشمەيلىكى بىز ھەممىمىزنىڭ بۇ دۇنياغا ئادەمىي مېھرى ـ مۇھەببەت بىلەن كەلگەنلىكىمىزدەك، بىئولوگىيىلىك گېىن تارىخىمىز قەلبىمىزدە ھەر دەقىقىدە بىزگە يۈرىكىمىزنىڭ سوقۇش رېتىمى بىلەن تەڭ خاتىرلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا بىز دەيمىز شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىز ئادەمدۇرمىز.
2016 ـ يىلى 5 ـ ئۆكتەبىر.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
تۆنۈگۈن كەچ ۋە بۈگۈن ئەتىگەندە ئىستانبۇل ئاسمىنىدىن تۆكۇلگەن شىددەتلىك يامغۇر بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ كوچا – كويلىرىنى يۇيۇپ، تازلاپ تېخىمۇ گۈزەل قىلىۋەتكەن ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك قېرىندىشى بولغان تۈركىيە تۈركلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان ئاجايىپ جەڭگىۋارلىقى ۋە باتۇرلۇقى بىلەن ئۇچ قىتئەنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بۇ قەدىمىي گۈزەل شەھەردە تالاي قەھرىمانلىق داستانلىرىنى يارتىپ كەلگەن بولسا، بۇ داستانلارنىڭ داۋامى بۈگۈنمۇ ئۈزۇلمەي ئېيتىلىۋاتاتتى. مانا بۇ غالىبىيەت شەھەرنىڭ ئەشۇ پىداكار خەلقى مۇندىن دەل بىر يىل ئىلگىرىكى 15- ئىيۇل كېچىسىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتىنى بىر تۈركۈم ھەربىي توپىلاڭچىلارنىڭ ئەكسىل ئىنقىلاب قوزغاپ، ئاغدۇرۇپ تاشلىشىغا قارشى ئاۋام خەلىق ھەركەتكە كېلىپ، كوچىلارغا چىقىپ تانكىلارنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئىسسىق قانلىرى بىلەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قالغان ۋە بۇ غالىبىيەت كۈنىنى داغ- دۇغلۇق خاتىرلەۋاتقان، غەلبە تەنتەنىسىنىڭ يۇقۇرى پەللىگە چىققان ھارارىتىگە ئىيۇل ئېيىدىكى قايناق ئىسسىق ھاۋاغا قوشۇلۇپ يانغىن كەبى يېنىۋاتقان بۇ شەھەرنىڭ ئۈستىگە تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ غەزەپ بىلەن قۇيۇلغان يامغۇر كىشىگە ۋەتىنى ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلغان 250 نەپەر شېھىتلەر شەنىگە ياش تۆكۈلىۋاتقاندەك تۇيغۇلارنى بېرەتتى….
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(Visiting a book shop in Baku)
بۈگۈن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ شەھرىنىڭ مەركىزىدىكى «ئاكادېمىيە كىتاپ مەركىزى» كىتاپخانىسىغا كىردىم. بۇ كىتاپخانىنىڭ ئادەملەر بىلەن تولغان قايناق شەھەر مەركىزىگە جايلاشقىنىغا، كىلاسسىك سوۋېت ئوسۇلىبىدا ھەشەمتلىك سېلىنغان، مىللىي نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن ۋە كۆلىمىنىڭ زۆر بۇلىشىغا قارماي، مەن كىتاپخانە ئىچىگە كىرگىنىمدە ئىچىدە كىتاپ ساتىدىغان بىر قىز ۋە بىر ياش بالىدىن باشقا ھىچ بىر كىشى كۆرۈنمەيتتى. دەسلەپتە سەل شۆھبىلىنىپ «مەن كىرگەن بۇ يەر كىتاپخانىمۇ ياكى باشقا بىر يەرمۇ؟» دەپ ئۆزۈمدىن سورىغاچ كتاپخانە ئىچىدىكى كىتاپلارنى كۆرۈشكە باشلىدىم …. بۇ يەردىكى كىتاپلارنىڭ تەڭدىن كۆپى روسچە ، قالغىنى سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئەزەرچە، يەنە بىر قىسمى ئەزەر لاتىن يېزىقىدىكى كىتاپلار، قالغانلىرى ، بولۇپمۇ تىببى ۋە پەن تېخنىكا ھەققىدىكى كىتاپلار بولسا تۈرۈكچە ئىدى. كىتاپخانىنىڭ تارىخ يايمىسىدىن ئەزەر ياكى تۈركى خەلىقلەر ھەققىدە يېزىلغان كىتاپلارنى ئىزدەپ يۇرۇپ ئەزەر لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان بىر تارىخ كىتاپىنى تاپتىم. ئۇ كىتاپنى ئوقۇپ كىتاپخانىدا بىر سائەتتەك تۇردۇم ئەمما كىتاپخانا ئىچىدە مەن يالغۇز ئىدىم، كىتاپخانە ئىچىگە ھىچ بىر كىشى كىرمىدى. كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرۇپ ئۈرۈمچىدىكى، لوندوندىكى ئادەملەر بىلەن لىق ـ لىق تولۇپ تۇردىغان ئاۋات كىتاپخانىلار ئېسىمگە كەلدى. بۇ ئاجايىپ خىياللارنىڭ تۈرۈتكىسىدە بىر قانچە يىللار بۇرۇن تۈركى مىللەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان غەرىبلىك جەمىيەتشۇناس ئاكادېمىكنىڭ بىر ماقالىسىدا مۇنداق دېگىنى ئېسىمگە كەلدى «پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى دۆلەت ۋە خەلىقلىرى ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇرلار ئەڭ كىتاپ ئوقۇيدىغان خەلىق بۇلۇپ، جۈمىلىدىن ئۇيغۇر تىل يېزىقىدا ئۆتكەنكى 10 يىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ كىتاپ نەشىر قىلىنغان».

ئۇيغۇر ئۈچۈن يەنە بىر خوش خەۋەر:
The London Uyghur Ensemble performs at the Kellaway Concerts in St Catharine’s College, University of Cambridge, Friday 26 February 2016.
دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دەرىجىسى بويىچە 2- ئورۇندا تۇرىدىغان شۆھرىتى دۇنياغا مەشھۇر بولغان بۈيۈك بېرتانىيە ئەنگلىيە كىنەزلىكى كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى (St Catharine College, University of Cambridge) سەينت كەسېرىن ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2016- يىلى 26- فېۋرال سائەت 18دىن 19 غىچە مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر سائەت ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرنىڭ نادىر ئەنئەنىۋىي ناخشا – مۇزىكىلىرىدىن مەخسۇس كونسېرت بېرىدۇ.
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2004- يىلى لوندوندا قۇرۇلغاندىن بۇيان بۈيۈك بېرتانىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا غەربىي ياۋروپا ئەللىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان يىرىك مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئەنئەنىۋىي ناخشا – مۇزىكىلىرىنى سەھنىلەردە جانلىق نامايان قىلىش ئارقىلىق بۈگۈنكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن غەرب خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت دىئالوگى قۇرۇش، مەدەنىيەتلەر ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزلىرىگە تۇپ نىشان قىلىپ

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى ئاڭلاش: Men_Shi’er_Yazmidim_Elkun.mp3
“ئەگەر سىز بىر ئادەمگە چۈشىنىدىغان تىلدا سۆزلىسىڭىز، قىلغان گېپىڭىز ئۇنىڭ كاللىسىغا بارىدۇ. ئەگەر سىز بىر ئادەمگە ئۇنىڭ ئانا تىلدا سۆزلىسىڭىز، سىزنىڭ گېپىڭىز ئۇنىڭ يۈرىكىگە بارىدۇ.”
– نېلسىن ماندىلا
“بىز چەتئەلگە بارغاندا ئاندىن ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ نەقەدەر بىر گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.”
– جېئورج بېنارد شوۋ
بۈگۈن قۇتلۇق 21 – فېۋرال “دۇنيا ئانا تىل كۈنى” دۇر!
بۈگۈن پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئانا تىلىنىڭ دەردىنى تارتقان مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى سۆيۈش كۈنىدۇر!
بۈگۈن مەن تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئانام ماڭا ئۆگەتكەن ئانام تىلنىڭ قۇتلۇق بايرام كۈنىدۇر!
بۈگۈن 10 ئەسىر ئىلگىرى ئۇلۇغ بوۋام مەھمۇد قەشقەرى“دىۋانى لۇغەتتىن تۈرك” قامۇسىنى پۈتكەن ئانا تىلىمنىڭ بايرام كۈنىدۇر!

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Baharni_seghindim.mp3
چۈشۈمدە قەلبىم يەنە باھارنى سېغىنىپ نالە قىلىپتۇ ….. ئوڭۇمدا، قىشنىڭ ئادەم كۆڭلىنى غەملىك قىلىدىغان مۇشۇ سەھەردىكى دەملەردە لاي ـ لاتقىلار، غازاڭلارنى ئۇستىگە يېپىنچە قىلىپ توڭلاپ ياتقان مۇشۇ ئالقاندەك تۇپراقتىن تېخى بىر قانچە ئايلار ئىلگىرىلا ئەلكۈن ئۆز قولى بىلەن ئىللىق باھارنىڭ چىرايلىق گۈللىرىنى ئۆستۈرگەن ئەمەسمىدى؟! خۇددى ئادەم ھاياتىدا خوشاللىق بىلەن غەم قايغۇ دائىم ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرغىنىدەك تەبىئەتنىڭ ھاياتلىق رېتىمىمۇ بۇ تەبئىي دەۋرىيلىكنىڭ سىرتىدا ئەمەسكەن. ئىنسانلارنىڭ بىردىن بىر ھاياتلىق بۇلىقى تەبىئەت بولغىنى ئۇچۇن ئادەملەر ئۆزلىرىدىن كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن تەڭسىزلىكلەرگە ئۇچۇرغاندا، ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغاندا، تۈرلۈك نائىلاجلىقلارغا مەجبۇرى قىلىنغاندا «ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق»، «دۇنيادا كۈن پاتمايدىغان قۇياش يوق» دېگەندەك تەبىئەتكە بېغىشلانغان ئەقلىيە سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئادالەت، ھەققانىيەت، ئىنسانلىق ۋە مەدەت تىلەش ئارزۇ ـ ئىستەكلىرىدە بولىدىكەن …….

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
لوندون شەھرى ئىنسانىيەتنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىلىم پەن، تەرەققىيات، كەشپىيات، قانۇن، دۆلەتچىلىك، دېڭىزچىلىق، پويىز، ئايروپىلان…. سودا، بانكا، ھەربىي سانائەت قاتارلىق تۈرلۈك زامانىۋى ئىجادىيەت مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن ھەم «كۈن ئولتۇرماس» بۈيۈك بىرتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى بولۇش سۈپىتى پۈتۈن دۇنياغا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان بىر شەھەر بولسا، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى مەدەنىي دۇنيادىكى جەلىپكارلىقى، رەڭدارلىقى، دادىللىقى، ئىنسان پەرۋەرلىكلىكى، ئادەملىرىنىڭ كەڭ قورساقلىقى، قانۇنىنىڭ ئادىل ۋە زىللىقى بىلەن دۇنيا كەڭ تونۇشلۇق بىر شەھەردۇر. مانا مۇشۇ شەھەرنىڭ شەرقىدە گىرنىۋىچ مېردىئان دۇنيا ۋاقىت نۇقتىسىنىڭ باشلىنىش قوڭغۇرقىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر خىلۋەت كوچا بار. بۇ كوچا ئىككى ئەسىر ئىلگىرى دۇنيا تارىخ بېتىدىن ئۆچۈرۈلۈپ، مەغلۇب بولغان ئەللەر قاتارىغا قوشۇۋېتىلگەن بىر ئەلنىڭ پايتەختىنىڭ نامى بېرىلگەن، ئۇ كوچىنىڭ ئىسمى بولسا «قەشقەر كوچىسى» دۇر! …….
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى ئاڭلاش: Zaman_shairliri2.mp3
ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
بۈگۈن كۈنگە يەكشەنبە، 2015 – يىلى 6 – دېكابىر، لوندون.
مەن بۈگۈن ئۈندىدار شېئىرىيەت توپىدا «زامان شائىرلىرىمىز» نىڭ يەنە بىر «نادىر» شائىرى يەنى ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلاۋبىي شائىر ل . مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو» ناملىق شېئىرىسىنى ئۇقۇپ قېلىپ قايتىدىن ھېزى ئويلارغا پاتتىم….
خەلقىمىز مەنىۋىيەت قەھىتچىلكدە ئۆتكۈزگەن ئۆتكەنكى يېرىم ئەسىرلىك ھاياتىدا «زامان شائىرلىرى» نى مەدھىيىلەپ تالاي قەسىدە، داستان، شېئىر ۋە مەرسىيەلەرنى يېزىپ بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بۇمۇ يەتمەي ناخشا ـ غەزەللەرىمىزگە قوشۇپ كارنىيىمىز يىرتىلغۇچە توۋلىدۇق. ئاتاقلىق «ئوت يۈرەك، ئىنقىلابىي شائىرىمىز» ل . مۇتەللىپ مانا شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
شۇڭا بىز ل . مۇتەللىپنى ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ بۈيۈك بىر قەھرىمانى دەپ تەرىپلەپ ھىچ ھېرىپ قالمىدۇقكى ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك شېئىرلىرى ھەققىدە تېخىچە بىردەملىك بولسىمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلۇنۇپ باقمۇدۇق. مەن ھەر قېتىم ل . مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو» دېگەن شېئىرىنى ئوقۇغىنىمدا ئۇنى لۇشۇننىڭ ياراتقان ئوبرازى «ئاQ» گە ئوخشىتىمەن. ىسەبىيلىكىم بىلەن ئويلاپ باقسام بىز بۇ قوۋم تېخى ئۆزۈمىزنى نادانلىقىنڭ زەنجىرىدىن تولۇق ئۈزۈپ بولالماپتۇق. ئۆز مىللى مەپكۈرىمىزنى قۇرالـماپتوق، ئەقلىمىزنى تېخى قولىمىزغا ئېلىپ چوڭ بولۇشتىن يىراقتا ئىكەنمىز……. !
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
2015 – يىلى 7 – نويابىر. لوندون

بۈگۈنكى كۈن شېكەر شەنبە، بىر ھەپتىلىك ئىش ئالدىراشلىقى تۈگەپ ئارام ئالىدىغان كۈن. مەھەللىمىزنىڭ ئەتراپنى ئۈستىدىكى يېشىل يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ چۈشۈپ يېرىم يالىڭاچ ھالغا كېلىپ قالغان ئورمان قاپلىغان. قارىماققا بۇ كۆرۈنۇش كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلسىمۇ ئەمما كۈز كۈنلىرىنىڭ سەھەردىكى ساپ ھاۋاسى ئېلىكترونلۇق رەقەملەر بىلەن تولۇپ خامۇش بولۇپ كەتكەن بېشىمىزنى سەگىتىپ ئاز ـ تولا راھەت بېغىشلايدۇ. مەن ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى كىچىك باغچىغا چىقىپ ھېچكىم ھەق تەلەپ قىلـمايلىغان ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەس ئېلىۋاتىمەن…
قەدەملىرىم ئاستىغا سارغايغان يۇپۇرماقلار پايانداز سالغان…مەن ھەر يىلى كۆز ئالدىمدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بۇ شەپقەتسىز مەنزىرىگە سۈكۈت ئىچىدە سوغۇق نەزەر تاشلايمەن. جانغا بەخىش باھاردىن، راھەت پەيزى يازدىن كېيىن تەكرار كېلىپ تۇرىدىغان زىمىستان قىشتىن بۇرۇنقى مېنىڭ بۇ كىچىك باغچامدىكى تەبىئەتنىڭ ھايات ـ ماماتقا تولغان ئېچىنىشلىق ئورۇن ئالـمىشىشلىرى، ماڭا ياپ ـ يېشىللىقتىن رەڭگى سارغىيىپ ۋاقىتسىز يەر باغاشلىغان، خۇددى مۇشۇ خازانلارغا ئوخشاش ئۆز مەيلىمسىز كېتىپ بارغان ئۆمۈر باھارىمنى ئېسىمگە سالسا، بۇ كۆرۈنۇش ماڭا يەنە بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا بوۋام ئېيتىپ بېرىدىغان زەپەر شادلىقىدىن كېيىن تراگېدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان قەھرىمانلىق قىسسەلىرىنى ياد ئەتكۈزۇدۇ …..