غوجىمۇھەممەد، سەنمۇ كېتىپسەن!

“Ghojamuhammed“ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئاڭلاش: Elkun_poem/Ghojamuhammed.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

(مەرسىيە)

 
غوجىمۇھەممەد، سەنمۇ كېتىپسەن،
بەلكىم ۋىسالغا ئەمدى يېتىپسەن …
بەلكىم مۇھەببەت كۆيدۈرمەس سېنى،
جەننەت پەرىسىگە جور بولۇپسەن!

 

غوجىمۇھەممەد، سەنمۇ كېتىپسەن،
قەدىردان شائىر، بىزدىن يۈتۈپسەن.
ئەلۋىدا دېيەلمىدۇق بىز ساڭا،
جۇدا ئوتىغا بىزنى سېلىپسەن.

 

غوجىمۇھەممەد، سەنمۇ كېتىپسەن،
شېئىرىڭنى ئەبەد يادىكار ئېتىپسەن،
مەشرەپتەك ھەقنىڭ كۈيچىسى بولۇپ،
ئۆلمەس روھلارغا روھلار قېتىپسەن!

 

غوجىمۇھەممەد، سەنمۇ كېتىپسەن،
ئاخىرقى قۇرنى قاندا يېزىپسەن،
مۇھەببەت – نەپىرەت ئالىمدە كۆيۈپ،
مىسكىن دىلغا مۇسىبەت سېلىپسەن !

 

غوجىمۇھەممەد، سەنمۇ كېتىپسەن،
ئاخىر جەننەتتە ئەركىن بولۇپسەن،
شئېرىڭ مەشئەل بوپ يانار چوغدەك،
ئەلكۈن قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپسەن!

 

2018-يىلى 12- ئىيۇل، لوندوندا يېزىلدى.

 

كۆڭلۈم

“Ghojamuhammed“

ئۆزىنى ۋە روھىنى شېئىرغا يۇغۇرىۋەتكەن، شېئىرنى ھاياتنىڭ تۈگۈنى ھېسابلايدىغان، دۇنيانى قىرلىق روجەكلەردىن كۈزىتىپ، ئىسيانكارلىق روھى بىلەن خىتابىنى جاھانغا ئاڭلاتقان ياش، تالانتلىق شائىرىمىز مىلادى 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 3:40 ئۆتكەندە خوتەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە 47 ياشتتا بىز بىلەن ۋىدالاشتى. تالانتلىق شائىرىمىزنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن فىردەۋىز جەننەت ماكان، ئائىلىسىگە سەبىر تىلەيمىز. مەرھۇمنىڭ 2007-يىلى يازغان بىر پارچە شېئىرى ھوزۇرۇڭلاردا:

 

كۆڭلۈم

 

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

 

گۈلزاردا كىپىنەك، سەيلانە كۆڭلۈم،
بۇلبۇلى غەزەلخان، مەستانە كۆڭلۈم.
ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا دېدى،
يارغا ياماشتى مەردانە كۆڭلۈم.

 

بىر جاننىڭ ئىچىدە مىڭ جان بار دېدى،
ھەر جاننىڭ ئىچىدە زىندان بار دېدى.
زىنداننىڭ ئىچىدە جانان بار دېدى،
ئىىشققا قۇل بولۇپ بىچارە كۆڭلۈم.

 

كۆزلەر ئاھۇسىغا چۆكتۈردى زۇلمەت،
كىرپىكلەر جادۇسى چانىدى دەھشەت.
چاچلارنىڭ دارىغا ئېسىلدى رەت- رەت،
ئۆلۈكى ئىتلارغا سازايى كۆڭلۈم.

 

رەستىگە چىقسا گەر بولدى ئەەل قاچ- قاچ،
چۈنكى ئۇ كىيىمسىز ئىدى يالىڭاچ.
جەندەيۇ- كۇلاھنى كىيدى نائىلاج
ئاشىقى قەلەندەر، دىۋانە كۆڭلۈم.

 

تاش كىردى زۇۋانغا، سايدا مۇساپىر،
ئايلاندى تاشقا ھەم بىر يالغۇز شائىر،
تاشنىڭ ھەمراھى يالغۇزلۇق ئاخىر…
يالغۇزلۇق ئىچىدە نۇرانە كۆڭلۈم.

 

2007- يىلى. گۇما

 

‏ كۈرەش ئۇيغۇر!

“Kureshئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى ئاڭلاش: Kuresh_Uyghur_Elkun.mp3

ئەلكۈن ئۆزى ئوقۇدى

 

شېئىرنى ئاڭلاش: Kuresh_Uyghur_Rabiye.mp3

رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

يىگانە بولدۇم سەنسىز ئەي ۋەتەن،

بىگانە بولدۇم سەنسىز ئەي ۋەتەن،

ھۆرلۈك ۋەسلىڭگە يەتمەي ئەي ۋەتەن،

ئۆرتەندى پىغاندىن بۇ يۈرەك ۋەتەن!

بولدى خار بۇ جان ئەرزىمەس ۋەتەن!

 
بولدۇق بىز سەك پارە ساڭا قانماي،
ياشايمىز سەندىن مەڭگۈگە تانماي،
ماڭىمىز بىز ئالغا يولدىن يانماي،
قۇتقۇزۇش بۇرچىمىز سېنى ۋەتەن،
قەرزىمىز قوغداش سېنى ئەي ۋەتەن!

 
ئۆتمەكتە ئۆمرىمىز ساڭا قىيماي،
كۈرەشچان ئەۋلادمىز سەپتىن قالماي،
ئاھىڭغا بۇ جان قانداق چىدىغاي؟
بولايلى يانارغا گۈلخان ۋەتەن،
بولايلى ياۋغا ئوق ئېتىلىپ ۋەتەن!

بۇرۇن …

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى ئاڭلاش: Elkun_poem/Burun.mp3

رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 
بۇرۇن …
سېغنىش سەۋدالىقىغا مۇپتىلا بولۇشتىن بۇرۇن
ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكىنى ھېس قېلىشتىن بۇرۇن
چاچلىرىڭ ئاقرىپ كېتىشتىن بۇرۇن
نەۋرىللىرىڭ توي قىلىشتىن بۇرۇن
نېمىنىڭ توغرا ۋە خاتالىقىنى بىلىشتىن بۇرۇن
چىشلىرىڭ پۈتۈنلەي چۇشۇپ كېتىشتىن بۇرۇن
سەن ئۆزۈڭگە يەنە بىر پۇت قوشۇۋېلىشتىن بۇرۇن
توك ھارۋۇسىدا يول يورۇشكە كونۇشتىن بۇرۇن
بۇرۇن …
بۇرۇن …
بۇرۇن …
ھەممىدىن بۇرۇن
ئۆزۈڭ ۋە ئۆزلىكىڭگە ياتسىراپ كېتىشتىن بۇرۇن
ئۆزۈڭ ئۆز ۋەتىنىڭگە يات بولۇپ قېلىشىتىن بۇرۇن
ئوتنىڭ ئىچىدە ئەمەس تېشىدا كۆيۇپ كېتىشتىن بۇرۇن
ئەگەردە قولۇڭدىن كەلسە كەت –
كەت!
كەت!
كەت!
ئومرۇڭ نادامەت ۋە قايغۇغا غەرىق بولۇشتىن بۇرۇن
بۇ دۇنياغا سەن خوش دېيىشتىن بۇرۇن
سەن تەۋە بولغان ۋەتىنىڭگە كەت!

 
2018-يىلى 20- ئىيۇن، لوندون

 
 
*بۇ شېئىر ئەسلى ئېنگىلىزچە يېزىلغان ۋە شۇ ئاساستا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى.  
ئېنگىلىزچىسىنى ئوقۇش ئۇلنىشى:  http://www.azizisa.org/en/before

كەچۈر مېنى، كەچۈر ۋەتەن!

“Kechurئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئاڭلاش: Elkun_poem/Kechur_weten.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

يۇلتۇزلۇق ئاسمىنىمدىن سېنى سورايمەن،
تاڭ سەھەر ھاۋاسىدىن سېنى پۇرايمەن،
ھەر كۈنى سېنى كۈيلەپ غەزەل توۋلايمەن،
كەچۈر مېنى، كەچۈر مېنى، كەچۈر ۋەتەن!

 
سېغىندىم ۋەتىنىم، ساڭا قىيالمىدىم …
ئېقىپ سۈيىڭدە، ئوتۇڭدا يانالمىدىم،
زار بولدۇم مېھرىڭگە، بىر كۈن قانالمىدىم،
كەچۈر مېنى، كەچۈر مېنى، كەچۈر ۋەتەن!

ئىسىم ماجىراسى

“ئىسىمئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
(ھېكايە)
 

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun_Essay_Audio/Isim_majirasi.mp3

 

ھېكايىنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 
چوڭلارنىڭ دەپ بېرىشىچە بۇرۇنقى زامانلاردا بۇ مەھەللىنىڭ سىرتىدا ناھايىتى سۇيى مول بىر دەريا بولغان ئىكەن. ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشى، زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئېقىنى مول دەريا ئېقىشتىن توختاپ، ئاستا-ئاستا قۇرۇپ كېتىپتۇ. يۇز كېلومىتىرلەرچە خۇددى يىلان تولغانغاندەك ئىز قالدۇرغان بۇ ئەزىم دەريادا سۇ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دەريا بويلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاشلا ماكان تۇتۇپ ياشاپ كەلگەن كىيىنكى ئەۋلادلار تەرىپىدىن «قۇرۇق دەريا» دەپ ئاتىلىپتۇ. بۇ قۇرۇق دەريا ھايات ۋاقتىدا ئىككى قاسنىقىغا قالدۇرۇپ كەتكەن لاي-لاتقىلار شاماللارنىڭ ئۇچۇرتۇپ كۆچۈرۈشى بىلەن دەريا قېشىنى بويلاپ چوڭ-كىچىك دۆڭلەر پەيدا بولۇپتۇ. بۇ دەريا قېشىدا ياشاپ كەلگەن ئەل ئۆز يۇرتلىرىنىڭ ناملىرىنى بۇرۇن «چوڭ دەريا قاش»، «ئورتا دەريا قاش» ۋە «كىچىك دەريا قاش» دەپ پەرقلەندۈرۈپ ئاتاپ كەلگەن بولسا، دەريا قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن يۇرتلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئاستا ـ ئاستا «چوڭ دوڭ مەھەللە»، «ئورتا دوڭ مەھەللە» ۋە «كىچىك دوڭ مەھەللە» لەرگە ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ. سىز ئوقۇۋاتقان بۇ ھېكايە مانا مۇشۇ «كىچىك دوڭ مەھەللە» يېزىسىدا يۈزبەرگەن ئىدى.

ئۇنۇتقان دۇنيا

“Unutqanئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

ئاڭلاش: Elkun_poem/Unutqan_dunya.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 
ئېسىۋالدىم ئۆيۈمگە، كۈندە كۆرەي دەپ،
سىرلىرى كۆپ، بىلەلمىگەن دۇنيانى.
ئىزدەيمەن دېڭىزدىن، ئارالدىن ئۆتۈپ،
ئاۋارە تاپالماي خىلۋەت ماكاننى…

 
نىمجانلار كۆرۈندۈڭ خەرىتەمدە سەن،
پايانسىز قۇم بولۇپ، گىياھسىز قاقاس.
چاڭقىغان ئەزىم تارىم، تولغىنىپ ھالسىز…
ئۇيقۇدا تەكتى-ماكان شەپىسىز تىمتاس.

 
ئەسىرلەر ئۇخلاپمۇ قانمىغان چېغى،
سېھىرلىك ئۇيقۇسىدىن تۇرمىغان چېغى.
شۇ سەۋەب ئۇنۇتقان دۇنيا ئۆزىمۇ،
رەڭلىرى زاماننىڭ چۈشمىگەن چېغى…

 
قىستايمەن گاھىدا ئۆزۈمنى زارىقىپ،
سىزسام باشقىچە قىلىپ دۇنيانى.
قالدىممۇ ئەقلىمدىن مەن ئادىشىپ،
كۆرمەيلا كېتەيمۇ مۇشۇ ئالەمنى …

 
بولماپتۇ قىلغىنىم ئېسىپ ئۆيۈمگە،
سېلىشتۇرۇپ مېنى تۇغقان تۇپراقنى.
ئوخچىدى يۈرەكتىن زەرداب كۆزۈمگە،
ياشايمۇ يوشۇرۇپ كۆيگەن پىراقنى…

 
تەڭ ئەمەس ھېچ بىر يەر ئانا تۇپراققا!
ھېچكىم ھەم بولالماس ئوخشاپ ئانامغا!
كۆرىمەن سېنى ھەر ۋاق ئەقىل كۆزۈمدە.
ئوغلۇڭمەن تۇنۇتاي سېنى دۇنياغا!

 
 

*ئۇشبۇ شېئىر «ئۇيغۇر ئەزىزى» قەلەم نامىدا 2000- يىلى10-ئايدا مىيۇنخېن شەھرىدە يېزىلغان ۋە شۇ ئايدا «ئىستىقلال گېزىتى» نىڭ 10- سانىدا نەشر قىلىنغان.


 

سادا

“Issiq_kolرابىيە داۋۇت

 

شېئىرنى ئاڭلاش: Rabiye Dawut: Sada.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

ئۈمىدلىنىپ قۇياشىمغا باقتىم،
قارا بۇلۇت ئاسماننى توسۇپتۇ.
ئاينى ئىزدىدىم ئاخرقى قېتىم،
ئۇ بالدۇر تاغ كەينىگە مۆكۈپتۇ!

 

دېڭىز دېدىم ئۇسسۇزلۇقتا مەن چاڭقاپ،
ئۇ ماڭا سوغۇق ھۆمىيىپ بېقىپتۇ.
زېمىن دېدىم باغرى ئۇنىڭ كەڭرى دەپ،
ئۇمۇ ماڭا ۋاپا قىلماي يېتىپتۇ!

 

ھەسرەتتە دېدىم تەنھا ئۆزۈمگە:
«تاشلاپ مېنى ھەممىسى كېتىپتۇ –
قېنى سۆيگۈ، قېنى بەرگەن ۋەدەڭ؟»
يۈرىكىم ئەلەمدە دەرتكە پېتىپتۇ!

 

ئەمما مەن ئارقىغا ئەمدى يانمايمەن،
تۇغلار يېڭى قۇياش ھايات يولۇمدا.
تاۋلىنار چىن ئىنسان مۇشاققەت بىلەن،
ۋەتەن مۇھەببىتى بولسا قېنىڭدا!

 

 

ۋىسال مارىشى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

شېئىرنى ئاڭلاش: Wisal_marishi.mp3

 
سۆيىمەن چىن دىلدىن سېنى جان ئانا،
كۆپ يەتتىم قەدرىڭگە ۋەسلىڭىسىز مانا.
سەن ئۈچۈن پەرۋانە، بولدۇم كېچە – تۇن،
كۆيۈشكە تەييارمەن بىر ئۆمۈر يانا !

 
ئايرىلىپ سېنىڭدىن مەن يېتىم ئانا ،
چۈشۇم ۋە ئوڭۇمدا بىرلا سەن ئانا.
ياشايدۇ سەن بىلەن كۈرەشچان ئوغلۇڭ،
تاپىدۇ بىر ۋىسال ئەتەڭگە ئانا !

 
نە مەيلىم ياشاشقا سەنسىز يىگانە،
يوقتۇر بۇ ھاياتىم سەنسىز ھېچ مەنە.
بۇرچدۇر قۇتقۇزۇش سېنى جان ئانا.
تەسسەددۇق بۇ جېنىم ساڭا پىدانە !

 
بىز كۈتكەن شۇ كۈننى ئۇنتۇما ئانا،
كېلىدۇ ئاز كۈندە بۇ كۈنمۇ ئانا.
بولىدۇ ۋەتەن ھۆر، كۈلىمىز ئانا!
قۇچىمىز بىز ۋىسال ئەبەدىي ئانا!

 

 

___________________________

شېئىر ھەققىدە ئىزاھات:

ئۇشبۇ شېئىر گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىي» نىڭ نەشر ئەپكارى بولغان “شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى” ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىلى 1- سانىنىڭ 34- بېتىدە ئېلان قىلىنغان. شۇ ۋاقىتتا بۇ شېئىرنىڭ ئەسلى مەۋزۇسى «بولىدۇ ۋەتەن ھۆر، كۈلىمىز ئانا!» بولۇپ، «ئۇيغۇر ئەزىزى» قەلەم نامىدا نەشر قىلىنغان ئىدى. ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە سىز ئوقۇۋاتقان بۇ شېئىر ئەينى يىللاردا يېزىلغان شۇ ئەسلى نۇسخىسى ئاسسىدا شېئىرنىڭ تېمىسى «ۋىسال مارىشى» غا ئۆزگەرتىلىپ، مەزمۇنى قىسمەن تەھرىرلىنىپ، ئەلكۈن تورىدا قايتا نەشر قىلىندى.

2018-يىلى، 19-ئاپرېل، لوندون . مەنبە «ئەلكۈن تورى».

 

بولساڭمۇ سەن تۈلكە …

ئۇيغۇر ئەزىزى (ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن)
 

ئاۋاز ئۈلنىشى: Bolsangmu_sen_tulke.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

قۇتۇلارمىز قاچان زۇلمەت – كىشەندىن،
يېسە تويماس بالا قورساق بىشەمدىن.

 
يېشىم ئاقتى، قېنىم ئاقتى، چىقماس جېنىم،
كۆرمەي ۋەتەن ھۆر كۈنىنى “ئۆلمەس” تېنىم!

 
ئىسمىم بار نامىم “ئۇيغۇر”، ئەمەس مەن خىتاي،
ئىگىلمەس ھەرگىز بېشىم “ئۇيغۇر” ھۆر بولماي!

 
ئوخشىماس بەرىبىر ساڭا ھىچ يېرىم،
ئاتساڭمۇ، چاپساڭمۇ يەنە شۇ دىلىم!

 
بولساڭمۇ سەن تۈلكە ياكى باشقىسى …
ئەزەلدىن بىز ئوۋچى، سەندىن ئاشقۇسى.

 
قىلما غەم بېشىڭ قاشلاپ، بىزنى كۆپ ئويلاپ،
بېرىدۇ ئاز كۈندە “ئۇيغۇر” ساڭا خوپ جاۋاپ!

 
1999-يىلى 24- ئاۋغۇست، بىشكېك

 

“شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى” ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىلى 1- سانى، 50-بەتتىن ئېلىندى.