گۈلگە (2)

Gulgeئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش : Gulge2.mp3

 

جاھاندا گۈزىلىم سەندىن باشقا گۈل ھۆسنىلىك بولماس،
ئۇزلىقىڭ بۇ قەدەر بۇلبۇلنى ئاشىق بىقارار قىلماس.

 
مۇھەببىتىڭ ئاتەش بولۇپ لاۋۇلداپ دىلىمدا يانماس،
چۈنكى سەنسىز نە لەززەت، ھاياتنىڭ ھىچ مەناسى قالماس.

 
ئەلكۈن نېچۈن گۈلگە ئاتاپ بۇ غەزەلنى بۈگۈن يازماس،
زىكىر قىلىپ يۇلتۇزغا، تۈن ئىچىرە سېنى سورىماس!

 
ھىممىتىدىن مېھرى بىرلە ساڭا تەقدىمگە گۈل تۇتماس،
رەشىكلىك سالسىمۇ پىغان، ھىچ زامان ئاشىقىڭ يانماس.

 
ئېھتىمالىم سۆيەر شۇنچە، ئۆزگە يار سەندىن تېپىلماس،
گۇگۇم بىلەن تەڭ كۈتەرمەن، كۈنۈم سەنسىز ھىچ يورۇماس.

 
ئۇنتۇشقا يوقتۇر ئامال، ئەمەلگە تەدبىرىم يارىماس،
لەۋلەر يېرىلدى چاڭقىپ، كاشكى مېھرىڭگە يۈرەك قانماس!

 
*ئىزاھات: ئۇشبۇ شېئىر ياشلىق خاتىرەمگە يېزىلغان تالاي تېمىسىز قول يازمىلار ئارىسىدىن ئېلىندى. بۇ شېئىر 1994-يىلى 12-ئاۋغۇست ئاقسۇدا يېزىلغا ۋە شۇ ئەسلى يازما ئاساسىدا 2018-يلى 2-سېنتەبىر قايتا ئۆزگەرتىلىپ نەشىر قىلىندى. 



سايرا، سايراگۈل!

“Sayragul”ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش : Sayragul.mp3

 

*مەن 2018-يىلى 1-ئاۋغۇست ئەنگىلىيىدىن قازاق ئېلىگە كەلگەن كۈنۈم قازاق قىزى سايراگۈلنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇشبۇ شېئىر قەھىرمان قازاق قىزى سايراگۈلگە ئاتاپ يازدىم.
خەلىقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى باش كاتىپى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن.

 

سايرا گۈل، قازاق قىزى سايرا- سايراگۈل!
سايرا گۈل، ۋەتەن ئۈچۈن سايرا- سايراگۈل!
سايرا گۈل، ئادالەت دەپ سايرا- سايراگۈل،
سايرا گۈل، توختىما سەن، سايرا- سايراگۈل!

 

ئاۋازسىزنىڭ تىلى سەن، سايرا- سايراگۈل،
ئەركىلىك جەڭچىسى سەن، سايرا- سايراگۈل،
ھۆرلىكنىڭ ئەلچىسى سەن سايرا- سايراگۈل،
بۇركۈت بولۇپ پەرۋاز قىل، سايرا- سايراگۈل.

ئۇيغۇرۇم

“Uyghurum”ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

(لەپەر قوشىقى)

 

ئەر:
 

ئاي بولايمۇ ئۇيغۇرۇم!
كۈن بولايمۇ ئۇيغۇرۇم!
ئېيتقىن زادى نە بولاي؟!
بۇ كۈرەشتە ئۇيغۇرۇم؟!

 
ئايال:
 

ئاي بۇلسىڭىز سىز بۇلۇڭ ،
كۈن بۇلسىڭىز سىز بۇلۇڭ .
بۇ كۈرەشنىڭ مەيدانىدا ،
ھەقتە ئەمما چىڭ تۇرۇڭ!

گۈلگە (1)

Kozungdin tamche yashئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun_poem/Gulge1.mp3

 

رىشتىسى ھاياتنىڭ بالدىن تاتلىق،

ئاناردىن شىرىندۇر ئۇنىڭ تەمى.
بىلىسەن دەردىمنى سەنلا پەقەت،
ئىزگۈلۈك چۈلغىغان بۇ قەلبىمنى.

 

ياتسىرماسمەن ھىچ سەن بىلەن ئەسلا …
گۈلۈم سەن ياشنا قەلبىم قېتىدە،
ئۇنتۇمىغىن چەككەن پىغانىمنى سەن،
لاۋۇلداپ يانار سۆيگۈڭ يۈرەكتە!


ئەسلىمە بولماس بىزدە مۇھەببەت،

زىنھار مېھرىمىز ئۈزۈلمەس ئەبەد.
ئىستىقبال بولسۇن بىزگە كېلىچەك.
زىكىر قىلاي مەن ئېتىڭنى پەقەت !


ئەرۋاھتىن رەشىك كەلمىسۇن ساڭا،

ياشايلى ساداقەت بولسۇن ھەمرا.
سېغىنىش ئايرىمىسۇن بىزنى ئەمدى،
ئالەمدە يوق بەخت سەندىن باشقا !


1995-يىلى 22-ئىيۇن، ئاقسۇ

تاج مەھەل

Shujayndin bowamئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Taj_mehel.mp3

 

شاھلار سەلتەنىتىنىڭ ئۆچمەس ئىزناسى،
بابۇرنىڭ جەڭگاھتىكى يەككە قەلئەسى،
تاج مەھەل 1 مۇنارى مۇئەللەقنى سۆيگەن،
ئاستىدا ئۆركەشلەر ياممۇنا دەرياسى. 2

 
گاھ ئاڭلىنار ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازى،
مۇڭغا پاتقان بەستىدىن ئەكس ساداسى.
بۇ يەردە «بابۇرنامە» 3 يېزىپ پۈتۈلگەن،
مىڭ ھىجراندىن ئۆرتەنگەن شاھنىڭ نىداسى.

 
بابۇر 4 بىلەن تەڭ ئۆسكەن بۈيۈك دەرەخلەر،
گۇۋاھ بولۇپ تاج مەھەل ئالدىدا تۇرار.
مەرمەر تاشلار ئىچىدە شاھنىڭ قەبرىسى،
بۈگۈن بىلەن ئۆتكەننىڭ ئارىسىدا ياتار.

ئۇيغۇرلۇق ئەقىدىسى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

Uyghur_state

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Uyghurluq_eqidisi.mp3

 

مەن بۇ كۈنلەردە ئۆزۈمگە تەۋە دىلىمدىن باشقا بىر دىلغا سۆزمۇ قىلالمايمەن. شۇڭا بۇ مۇناجىتىمنى سەنلا زەڭ قويۇپ ئاڭلاپ قويغىن:

 
بىزدىكى ئەقىدە شۇنداق بىر ئەقىدىكى چولپاندىن يورۇق، ئالەمدىن بۈيۈك، قۇياشتىن ھارارەتلىك، قاردەك ئاق، سۈتتەك ساپ، قىسقىسى كائىناتتا ھىچ نەرسە بىزنىڭ ئەقىدىمىزگە تەڭ بولـمايدۇ چۈنكى بىزدە شۇ ئەقىدە بولغاچقا بۈگۈنگىچە ئۇيۇشۇپ بىللە ياشاپ كېلەلىدۇق ۋە ئەتىگىمۇ مۇشۇ ئەقىدىمىز بىلەن ئۇلىشىشقا ھەم ئىشەنچىمىز كامىلدۇر.

 
ئەقىدىمىزنىڭ ئۇ دۇنيا -بۇ دۇنيا ۋاپادارلىقى – بىز بىللە توپا كېچىپ ئوينىغان چىغىر يوللارغا، بۇغداي ئورغان ئېتىزلىقلارغا، پادا باققان جاڭگاللارغا، ئۇژمە تىرىپ يېگەن شاخلارغا، قىسقىسى بىزگە تەۋە بولغان تەبىئەتكە، بىزگە تەۋە بولغان بۈيۈك ئۇيغۇر زېمىننىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىگە يىلتىزى مەڭگۈlلۇك روھ قىلىپ تېرىۋېتىلگەن، قەلبىمىزگە ئورقۇن ئابىدىلىرىدەك قىلىپ ئۇيۇۋېتىلگەن.

چىمەنقۇش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

Chimenqush

ئەسەرنى بىۋاستە ‍ئاڭلاش: Elkun_poem/Chimenqush.mp3

 

چىمەنقۇش
قەشقەردىكى چىمەنقۇش…
تومۇز ھىدى سەندىن سوۋۇمىغان،
ئاخۇنلۇقتا سايراپ يۈرەتتىڭ تۆنۈگۈن
ئۇ يەردىن ئىزىڭ تېخى قۇرمىغان.

 

شۇڭا دەيمەن
سېنىڭ كۈزدە سۇلغىنىڭ يالغان،
سېنىڭ قەپەزگە كىرگىنىڭ يالغان!

 

مەن شۇ قەپەس قۇلۇپىنى چاقاي!
قۇرۇپ كەتسۇن قۇلۇپ دۇنيادا.
رەزىللەرنى نەپرىتىمدە كۆيدۈرەي
قىساس ئۆتى ئاسسۇن ئۇلارنى دارلارغا!

 

شېئىرىڭ پەرۋاز قىلار
ساڭا تەۋە بولغان كۆك ئاسماندا…

چۈنكى كۆك ئاسمان ئەركىن
ئۇ ساڭا ئوخشىمايدۇ
ئەمما ئۇ سېنى پەنجىرىدىن كىرىپ يوقلاپ تۇرۇدۇ
سەن گاھ مۇڭغا پاتقان چاغلاردا …

لەيلىگۈل

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
Leyligul

ئەسەرنى بىۋاستە ‍ئاڭلاش: Elkun_poem/Leyligul.mp3

 

ھەتتا ئالەم دۇم كۆمۈرۈلسىمۇ روھىم مۇشۇ لەيلىگۈلدەك، خازانغا ماتەم بولغان كەچ كۈزدىمۇ مەزمۇت چېچەكلەپ تۇرىدۇ چۈنكى ئۇنىڭ بېشىدىن پەسىللەرنىڭ تالاي بوران-چاپقۇنلىرى ئۆتكەن. ئۇنىڭ يىلتىزى يۇلغۇندەك چىداملىق، ھەتتا قەھىرتان قىشتا جىسمى ئۈششۈپ كەتسىمۇ باھار كەلگەن ھامان يىلتىزىدىن كۆكلەپ چىقالايدۇ. ئۇ يازنى ئۆزىنىڭ گۈزەل جۇلالىق گۈللىرى بىلەن نەقىشلەپ، قاتلىرىدا شوخ كېپىنەكلەرنى پەرۋاز قىلدۇرۇپ ئوينىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بوستانلىقلاردا مېھنەت سىڭدۇرۇپ ياشىغان ئەقىللىق خەلقىمىز لەيلىگۈلنى ئەڭ ياخشى كۆرگەن، ئۇنىڭ بىلەن ھويلا-ئاراملىرىنى زىننەتلىگەن، قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت ھېسلىرىنى لەيلىگۈلگە ئاتاپ، لىرىك ناخشىلارنى ئېيتقان. 

 

لەيلىگۈل ھەققىدە مېنىڭ ئېيتىدىغان ھېكايىلىرىممۇ  كۆپ، شۇنداقتىمۇ لوندوندىكى لەيلىگۈلنىڭ ھېكايىسىدىن ئازراق سۆزلەپ بېرەي. مەن دەرۋىش بولۇپ، ياشايدىغان ماكان ئىزدەپ لوندونغا يېڭى كەلگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرلىرىدە، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، ۋەتىنىمنى، شۇ لەيلىگۈل پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرىدىغان باغۇ-بوستانلىق يۇرتۇمنى بەك سېغىنىپ كەتكەن بولسام كېرەك، (بۇ يەر بىر ئارال، كىلماتى نەم، يامغۇر كۆپ ياغىدىغان بولغاچقا لەيلىگۈل ئۆسمەيدىكەن، پەقەت پەرۋىش بىلەن ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى كېيىن بىلدىم) بىر كۈنى مەن شەھەر مەركىزىدىكى بىر ھەشەمەتلىك دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسام، دېرىزە پەشتىقىدا ئەينەك شىشىدە پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغان بىر قانچە تال پىلاستىك لەيلىگۈلنى كۆردۇم دە، يۈرىكىمدە ۋىللىدە ئاچچىق بىر پىغان يانغاندەك بولدى. بۇ تەبىئيكى كەچمىشىمنىڭ شۇ ۋاقىت رېئاللىق رىئاكسىيىسى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پىلاستىك بولسىمۇ ئۆتمۈشنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە ئەشۇ ساختا لەيلىگۈللەرنى سېتىۋېلىپ، ئۆيۈمدە تاكى ئۇنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكىچە بىر قانچە يىل شىرەم ئۈستىدە ساقلىغىنىم ئېسىمدە.

مۇزىكا

Musicئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Elkun_poem/Muzika.mp3

 

بەئەينى تۈندىكى جىن غىڭشىپ ناخشا ئېيتىۋاقاندەك
غۇۋا بىر مۇزىكا قۇلىقىم تۇۋىدە ئاڭلىنىۋاتاتتى
پەرىزىمچە ئۇ كونىراپ كەتكەن بىر پىئانىنودىن كېلىۋاتىدۇ.
بەلكىم بۇ مۇزىكىنى بىر ئاق چاچلىق موماي چېلىۋاتىدۇ
چۈنكى ئۇ ياشلىقىدىكى نادامەتتە قالدۇرغان ئاشىقىنى سېغىندى …
بۇ مۇزىكا ئاستا – ئاستا پەنجىرىدىن ئۆملەپ كىرمەكتە
«خوش كەلدىڭىز» دېدىم مەن ئۆز-ئۆزۈمگە
«سىز روھىمغا چۈشكەن چۈشكۈنلۈكنى تازلىيالامسىز؟» دەپ سورۇدۇم
ئۇ جاۋابەن ئاھاڭلىرىنى تېخىمۇ لەرزان ياڭرىتىشقا باشلىدى…

 

مۇزىكىنىڭ مىسكىن قەلبلەرنى ساقايتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن
مۇڭلۇق مۇزىكا شائىرلارغا لىرىكا يېزىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ
ئۇ شۇنداق ساپ، شۇنداق بىغۇبار، شۇنداق ئاق كۆڭۈل،
ئۇ كىشلەرگە ھىسداشلىق قىلىشنىلا بىلىدۇ
ئۇ سىزنىڭ بۇرۇن يوقۇتۇپ قويغان گۈزەل ئەسلىمىلىرىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

كېچە ئەرۋاھى

“Kecheئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئاڭلاش: Elkun_poem/Keche_erwahi.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

مەن كېچە ئەرۋاھى، مېنى ئازابلىغان ۋاقىت ئوغۇرلىرىنى ئىزدەۋاتىمەن
دۇنيادىكى بارلىق ئوغرىلانغان ۋاقىتنى ھېسابلاۋاتىمەن …
خۇمالاشقان كۆزۈمگە كومپىيوتېر ئېكرانىدىكى سائەت لوندون ۋاقتى 12 نى كۆرسەتتى
بەلكىم پارىژ ۋاقتى ھازىر ئەتىگەن سائەت 1 بولدى، بېرلىن ۋاقتىمۇ ھەم ئوخشاش …
ئۈرۈمچى ۋاقتى قانچە بولدى؟ ئالتاي، قەشقەر، غۇلجا، خوتەندەك شەھەرلەرنىڭ ۋاقتىچۇ؟
بېشكەك، ئالـمۇتا، قازان، تاشكەنت، ئاشخابادنىڭچۇ؟
دۈشەنبە، ھىرات، تېھران، ئىستانبۇل ۋە رىياد ۋاقتلىچۇ؟
خوڭكوڭ، باڭكوك، توكيو، نىيۇيورك، چىكاگو چۇ؟
ئەمما بۇ دەقىقىدە، مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا
ئۇيغۇر ئۈچۈن «ئۈرۈمچى ۋاقتى» دەپ ئاتاش جىنايەت ھىسابلىنىۋاتاتتى…