سۈبھىدىكى چۇش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

مەن ئەسكە ئالمايدىغان
ياكى ئەسكە ئېلىشنى مەن خالىمايدىغان
قورقۇنۇشلۇق چۇشۇمدىن
ئازابقا چىلانغان قەدىرسىز كېچە
ئاستا – ئاستا
گۇناھلار ئىچىدە ھالسىراۋاتاتتى.

 

ئۇ
قاراڭغۇ ئۆلۇۋاتقان
يورۇق توغۇلۇۋاتقان
سۈبھىنىڭ گىرۋىكىدە
ئەزرائىلنى كۈتكەچ
ئۆتكەن كۈنگە ئايلىنىۋاتاتتى.

 

مەن
قايتىدىن توغۇلۇۋاتاتتىم
ئادەملەرنى
ئالەمنى
ھەممىنى چۇشۇنۇپ بولغاندىن كېيىن.

«جاۋابسىز قالغان تېلېفون» فىلىمى تور ئارقىلىق قويۇلىدۇ

 

كېلىۋاتقان مۇبارەك «12- نويابىر مۇبارەك جۇمھۇرىيەت بايرىمى» نى تەبرىكلەش ۋە ۋەتىنىمىزدە يۈزبىرىۋاتقان تراگېدىيە سەۋەبلىك يۈرەكلىرى پارە بولۇپ دۇنيانىڭ ھەر ئىقلىمدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرى توپلاملىرىغا خىتاينىڭ ئىسانىيەتكە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تىزپۈكمەس ئىرادە ۋە جاسارەت روھىنى تەقدىم قىلىش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلىچىكىگە، ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى قاباھەتلىك تەقدىر – قىسمەتلىرى روشەن يورۇتۇپ بېرىلگەن «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تۈجى قېتىم ئاممىۋى شەكىلدە 2020- يىلى 12-نويابىر كۈنى لوندون گىرنىۋىچ ۋاقتى 17:15 دە يۇتۇب قانىلى ئالاھىدە مۇلازىمىتى ئارقىلىق قويۇلىدۇ.

 

فىلىمنى كۆرۈش ئادرېسى:  https://youtu.be/vxmLTGlRZp4

 

فىلىم ئىشلىگۈچى:  ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 

فىلىم تىلى: ئۇيغۇر ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا 

فىلىمنىڭ قويۇلۇش ۋاقىت ئۇزۇنلىقى: 20 مىنۇت. 

 

مەزكۇر «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق بەدئىي ھۆججەتلىك فىلىم ئاۋازسىز قالغان خەلقىمىزنىڭ نىداسى بولغان، ئىشغالىيەتچى خىتاي ئىستىبدات ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تارتىۋاتقان ئىنسانلىققا يات دەرد – ئەلەملىرى، جۈملىدىن ئاۋازى بوغۇلغان سان – ساناقسىز بىگۇناھ ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ چەككەن ئاھۇ – پىغانلىرى ئىنسانلىق مەۋقەسىدىن بايان قىلىنغان. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ئۇيغۇر ۋە ئېنگىلىز تىللىرىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمنى غەرب ئەللىرى خەلقلىرىگە كۆرسىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋىژدانىنى، ئادىمىيلىك يۈرەك تارلىرىنى ئىنسانلىقنىڭ تارازىغا سېلىشقا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيادىن ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتقان كۈرىشى ئۇچۇن ھېسداشلىقىنى، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.  

 

ئەنگىلىيە ئىتون ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر كىرىزىسى


ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن  

 

دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق  ئىنسىتىتۇتلارنىڭ بىرى بولغان، 1441- يىلى خان جەمەتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان  ئەنگىلىيە ئىتون  ئىنىستىتۇتى Eton College ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەتىنىمىزنىڭ  نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى لىكىسيە سۆزلەش  مەن ئۈچۈن تولىمۇ شەرەپلىك  بىر ئىش بولدى.  

 

  ئۇيغۇر مەسىلىسى، خىتايلارنىڭ  شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان « قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرى»نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى،  لاگىرلارغا قامالغان ئۇيغۇر قازاق، قىرغىز بولۇپ ئۈچ مىلىيۇندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ 2017- يىلىدىن بىرى لاگىرلاغا قامالغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتۈم .

 

مەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزۈم ئۆتكەن يىلى ئىشلىگەن 20 مىنۇتلۇق  ھۆججەتلىك فىلىم « جاۋابسىز قالغان تىلىفۇن» نى قويۇپ بەرگەندىن كىيىن،  ئۇلارغا مۇنداق دېدىم :«   مەن ئىتون ئىنىستىتۇتىنىڭ  شۆھرىتىنى ئاڭلىغىلى نۇرغۇن يىللار بولدى.  مانا بۈگۈن مەن چارىسىز، ئاۋازسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىجاسىنى سۆزلەشكە پۇرسەت بولۇپتۇ. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارغا، ئىنسانىيلىققا كۆڭۈل  بۆلىدىغان، ئادالەتتە مۇستەھكەم تۇرىدىغان  جاسارەتلىك ۋە ۋىجدانلىق ئىتون ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرىدىن سۆيىنىمەن.  مەن يەنە كاتتا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ  بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىنى  بىلدىم.  مەسىلەن، سابىق باش مىنىستىر  دەۋىد كامىرون ۋە  نۆۋەتتىكى باش مىنىستىر بورىن جونسون  قاتارلىقلار.   

 

دىمەكچى بولغۇنۇم،  بۇ مەكتەپتىن نۇرغۇنۇڭلار كەلگۈسىدە  باش مىنىستىر ۋە سىياسىيون بولۇشۇڭلار مۇمكىن.    كەلگۈسىدە نەقەدەر كۈچلۈك ئادەم بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر،  مەن بۈگۈن ئىيىتقان سۆزلەرنى ئۇنۇتماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!    ئەگەر بۇ  دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىزىسىنى ھەل قىلمايدىكەن،  بۇ ئىنسانىيەت  ۋىجدانىغا چۈشكەن داغ بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلۋەتتە  دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتكە ئوخشاش ياشاش ھوقۇقى بار،  ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىڭ،  خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىغا قارشى  تىك تۇرۇڭ!».

بىزدە قانداق سىياسىي ئاڭ بولىشى كېرەك؟

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

بۈگۈنكى دۇنيا بىزنىڭ ھېسسىياتىمىزغا ياكى تارىختا كىم بولۇپ ياشىغىنىمىزغا ئەمەس، ھازىر كىم بولۇپ ياشاۋاتقىنىمىزغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. خىتاينىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشى، خىتاي مىليونلىغان خەلقىمىزنى تۈرمىلەرگە سولاپ، ئىسلامىي رادىكاللىق ۋە ئاشقۇنلۇققا باغلاپ، غەرب ئەللىرىدە باش كۆتۈرۈۋاتقان «ئىسلام ئۆچمەنلىكى» (Islamophobia) ئېقىمىنى سۈيئىستىمال قىلىپ جازالىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىز سۈرئەتتە خەلقئارالىشىشى، تەبىئىيكى غەرب ئەللىرىدىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، مىللىتىمىزنىڭ ھوقۇق، ئادالەت ۋە مۇستەقىللىق يولىدا باسىدىغان ئۇزاق سىياسىي مۇساپىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان زور مەسىلىدۇر.

 

ئۇنداقتا بىزدە قانداق سىياسىي ئاڭ – ئىدراك بولىشى كېرەك؟ بىز ئاۋۋال تارىختا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزدىن ساۋاق ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولىشىمىز، مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئىستىقبالىغا ھىچ بىر پايدىسى يوق، ئەكسىچە زىيان كەلتۈرگەن ۋە كەلتۈرۈۋاتقان ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ دوگمىلاشقان تۈرۈكچىلىك ۋە ئىسلمچىلىق مەپكۇرىسىنى ئارقىمىزغا تاشلىشىمىز، تارىخقا ئايلىنىپ كەتكەن سىياسىي مەغلۇبىيىتىمىزنى ئەتىدىكى سىياسىي مەقسەتلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەدبىرچانلىق بىلەن قوللىنالايدىغان، ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئەتنى تۈپ چىقىش قىلىدىغان سىياسىي ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۇرىشىمىز كېرەك.

 

بىز ئۆز كۈچىمىز بىلەن خىتايدىن ھوقۇقىمىزنى تارتىپ ئېلىشتىن مەھرۇم بولغان مەھكۇم مىللەتمىز. شۇڭا بىز دۇنيانىڭ ھازىرقى سىستېمسى بىلەن يەنى غەرب دۇنياسى بىلەن بىر يۆنىلىشتە مېڭىشتىن باشقا يولىمىز يوقتۇر. چۈنكى سىناپ باققان باشقا يوللارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرنى گۇمراھلىققا يۈزلەندۈردى. كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى خۇددى بۈگۈنكى سۈرىيە ئۇرۇشىغا ئوخشاش، چوڭ كۈچلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن كەتمەن چاپىدىغان ئېتىزغا ئوخشاپ قالماسلىقىڭ ئالدىنى ھازىردىن باشلاپ ئېلىشقا تەييار تۇرىشىمىز لازىم.

 

قىسقىسى، بىزدە چوقۇم دۇنيانى ۋە جانى – جان ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئەتنى چۈشىنەلەيدىغان، ئۇنى دادىللىق بىلەن قوغدىيالايدىغان سىياسىي ئاڭ بولىشى، خاتا قىلغانلىقىمىزدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۇنى كېلەچەك سىياسىي مەقسەتلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىق يوللار بىلەن ئىشلىتەلەيدىغان سەزگۈر ئىدراك بولىشى كېرەك. بىز دۇنياغا ئۆزىمىزنى دۇنيا بىزنى قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇلدا يەنى ھەر بىر كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە تەۋە بولغان دىنىمىز بىلەن ئەمەس، مىللىي ۋە ئىرقىي كىملىكىمىز بىلەن، گۈزەل مەدەنىيىتىمىز بىلەن تونۇشتۇرۇشىمىز، «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ مىللەتنىڭ ھازىر ئىرقىي زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى مەدەنىي دۇنيا بىلەن بىر قۇتۇپتا تۇرۇپ، دۇنيانىڭ قانۇن – پرىنسىپلىرىدا تۇرۇپ، ئىنسانىيلىقنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئاڭلىتىشمىز ئەڭ ئاقىلانىلىقىدۇر.

  

تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ شەرھلىسەك، دۇنيانىڭ بۈگۈنكى مىزانىغا ئۆزىمىزنى قوبۇل قىلدۇرالايدىغان ھەم بىز دۇنيا مىزانىنى قوبۇل قىلالايدىغان، ئۆز نۆۋىتىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى «ئۇيغۇر» ناملىق بۇ مىللەتنىڭ دۇنيادا بىخەتەر ياشاش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇشنى خەلقئارا قانۇن ۋە پرىنسىپلار بويىچە تەلەپ قىلىپ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان دۇنيا سەۋىيىسىدىكى سەزگۈر ئەقىل، ئاكتىپ دىپلوماتىيە ۋە تۈرلۈك ساھەلەردىكى ھوقۇق ھەركىتىمىزنى كەڭ دائىرىدە ئەۋجى ئالدۇرۇشىمىز زۆرۈردۇر. دۇنيا بىزگە پۇرسەتنى بەرمىسە، بىز شۇ پۇرسەتنى ئىزدەپ تېپىشىمىز، دۇنيا بىزنى ئېتىراپ قىلمىسا، بىز ئۇلارغا ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن، دەلىل- پاكىتلىرىمىز بىلەن ئېتىراپ قىلدۇرۇشىمىز كېرەك چۈنكى بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن يوقىلىۋاتقان بىر مىللەتمىز، ئىنسانىيەت قانۇنى بىزنىڭ ئىنساندەك ياشاش ۋە مەۋجۇتلۇق ھوقوقىمىزنى بىردەك ئېتىراپ قىلىشقا ۋە قوغداشقا مەجبۇردۇر.

  

بىر ئىستىبدات ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئۆتكۈزىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى توسۇش ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش – دۇنيادىكى ئىنسانلىقنى ۋە ھەققانىيەتنى سۆيگەن ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىدۇر. بىز شۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىمىزكى دۇنيا ئۆتكەن ئەسىر گېرمانىيە ھېتلىر ناتسىستلىرىدىن كۈچلۈك ۋە ئادىل بولغىنىنى ئىسپاتلىغىنىغا ئوخشاش، بۈگۈنمۇ خىتاي فاشىست ھاكىمىيىتىدىن كۈچلۈك ۋە ئادىل ئىكەنلىكىنى ھامان ئىسپاتلايدۇ.

  

2018- يىلى 1- نويابىر، لوندون.

  

مەنبە ئەلكۈن تورى

سەھەردىكى كەچ كۈز



ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئاچچىق قەھۋەگە ئارلىشىپ كەلگەن سەھەردىكى كەچ كۈزنىڭ تۇيغۇلىرىمۇ ئۆزگىچە …. تەبئىەت ئەزەلدىن رەھىمسىز، ئۇ ھىچ ۋاقىت سىزنىڭ كۆڭۇل رايىڭىزغا باقمايدۇ. ھەممىمىزنىڭ ھاياتى مانا مۇشۇ شەپقەتسىز تەبئىەت بىلەن مۇرەسسەسىز داۋالىشىپ، ئۆزىمىزمۇ تۇيمىغان ھالدا تىز ئۆتۇپ كېتىدۇ، چۈنكى ‎ھەقىقەت بىزگە شۇنى ئېنىق ئېيتىدكى ئادەمنىڭ ئۆز يوقاتقان نەرسىسىگە قايتىدىن ئېرىشىش يولىدا ئاقتۇرغان مېھنىتى ۋە قىلغان ئەجىرىدىنمۇ ئارتۇق بۇ ھايات قىممتىنى ئۆزىگە ھېس قىلدۇرۇلمايدۇ. شۇڭا ئىنسان قەلبىدىنمۇ نازۈك، بۈيۈك ۋە مۇقەددەس ئېتىقاد، مۇھەببەت ۋە نەپىرەت تېخى ئادېمىزات دۇنياسىدىن باشقا بىر دۇنياغا تەئەللۇق بولۇپ باقمىدى. 

 

مەن بۈگۈن سەھەردە، مەن بىر قانچە يىل بۇرۇن «كۈز ھىجران ئەمەس» دەپ لىرىكا يازغان ۋىسالدىن ئۇزاق، ھىجرانغا يېقن بۇ غېرىبانە چارىبېغىمغا قەدەملىرىمنى ئېغىر ئېىلپ كىرىپ كەلدىم…  بۈگۈن بۇ چارىباغ كۈزنىڭ ھەسىرەتلىك ياشلىرىغا لىق تولۇپتۇ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلغان ھىجراننىڭ مۇدھىش زەنجىرلىرى نەچچە يىلدىن بۇيان كېچە ۋە كۈندۇز توختىماي ئېقىۋاتقان ئاچچىق، ئازابلىق ۋە نەپىرەتكە تولغان ياش تەپتىدىن چاك -چېكىدىن داتلىشىپ، ئۇزۇلۇپ، رەھىمسىز زۇلـمەتنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرى پارە -پارە بولۇپ كېتىشكە ساناقلىق كۈنلەر قالغاندەكلا بىلىندى. 

 

مۇشۇ  دەملەردەك ئىنسانلار ئىچىدە ئەڭ مېھرىبان ھەم ۋاپالىق  ،ئەقىللىق ھەم سەبىرلىك خەلىقىمىزنىڭ  بىشىغا قاباھەتلىك ئېغىر  كۈنلەر  كەلگەن  يىللاردا ئېيتقان چارىسىزلىق بىلەن  نەپرەت ،كېلەچەككە بولغان ئارزۇ ۋە ئۈمۈدى گىرەلەشكەن ئۇشبۇ  قوشىغى يادىمغا كەلدى:

 

ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن،

ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى. 

كۆز يېشىم دەريا بولۇپ، 

بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى!

 

ئەي جانان، سەن چىدام ۋە غەيرەتنىڭ مىڭ كىشلىك يۇكلىرىنى سەبىرنىڭ يېڭىلـمەس كارۋان يولىدا كۆتۇرۇپ ماڭدىڭ ۋە مېڭىۋاتىسەن، ئۆمۈرۈڭدە توغۇلۇپ كۆرۇپ باقمىغان ھەممە خورلۇقلارغا چىدىدىڭ ئەمما ھىچ بىر ۋاقىت ئىنسانلىققا بولغان ئېتقادىڭنى، مېھىر – مۇھەببىتىڭنى يوقاتمىدىڭ، ھەققانىيەنىڭ ھامان رەزىللىك ئۇستىدىن غالىب كېلىدىغانلىقىغا ئىشەندىڭ ۋە ئىشىنىپ ياشىدىڭ. شۇڭا مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن گەرچە سېنى يېنىڭدا تۇرۇپ قوغداش ماڭا نېسىب بولـمىغان بولسىمۇ ئەمما سېنىڭ ئامانلىقىڭ ئۈچۈن مەن ۋە مەندەك تېنچلىق ۋە ئادالەتنى سۆيىدىغان پۈتكۈل ئىنسانلار ساڭا قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى ھەدىيە قىلىدۇ. 

 

ئۇيغۇر ئۈچۈن بۇ ھايات ئۆلۇش ئەمەس ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈندۇر، مۇھەببەت سۆيۈش ئۈچۈنلا ئەمەس سۆيۇلۇش ئۈچۈندۇر. بۇ دۇنيا مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇركى مۇھببەت ئادەملەر ئارسىدىكى جىمىكى نەپىرەت ۋە ئۆچمەنلىكنى يوقىتىغان ھاياتنىڭ مەلھىمىدۇر. 

 

ئەلكۈن. 2019-يىلى 5-ئۆكتەبىر.

 

كۈتۈش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

كۈتۈش – ئۇ نازۈك قەلىبنىڭ ئىنتىزارى، سەبىرنىڭ ئىمتىھانى، ھاياتىنىڭ ئۈمىد ئىچىدىكى ئىمكانى، ئۇنىڭ تەمى ھەم شىرىن ھەم ئازابلىق! 

 

كۈتۈش – ئۇ، ئەگەر سىز تىپ-تىنىچ كېچىدە ئۆزىڭىز يالغۇز ئىگىز قۇم بارخانى ئۈستىگە چىقىپ، ئاۋال ئادېمىزاتتىن خالى بۇ ماكاننىڭ ساپ ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەس ئېلىپ، كارنىيىڭىز يېرىلغۇچە، ئاۋازىڭىزنىڭ بارىچە «ئەركىنلىك!!!»  دەپ توۋلىسىڭىز، چەكسىز بوشلۇق ئىچىگە نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئاۋازى بولۇپ ئەكىس سادالار ئىچىدە ئاستا- ئاستا قۇمغا سىڭىپ كېتىۋاتقان ئاۋازىڭىزڭىزغا سەبىرچانلىق بىلەن قۇلاق سالسىڭىز، ئاندىن تىمتاسلىق ئىچىدىكى قاراڭغۇ كېچىگە غۇلىچىڭىزنى بولۇشىغىچە ئېچىپ، كېچىنى باغاشلاپ تۇرۇپ، بېشىڭىز ئۈستىڭىزدىكى گۈمبەزگە ئۆخشايدىغان خۇددى قاراڭغۇلۇققا يورۇقلۇق ئاتا قلىىش ئۇچۇن شاملاردەك پىلدىرلاپ يېنىۋاتقان سان-ساناقسىز جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا باقسىڭىز، روھىڭىز ھاياجاندىن خۇددى تېنىڭىزدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ، شۇ چەكسىز يۇلتۇزلار تامان ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك بىرشېرىن تۇيغۇ ھۇجۇدىڭىزنى چىرمىغان ۋاقىتتكى چەكسىز بىر لەززەتتۇر. 

ئىيۇلنىڭ گۈلى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى» دە زىيانكەشلىكە ئۇچۇرغان بىگۈناھ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاندى!

 

باغچامدىكى ئىيۇلنىڭ گۈلى-بۇ مېنىڭ ئامراق گۈللىرىمنىڭ بىر، ئەپسۇس ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئاتايمىز، بىلمەيمەن ئەمما ئېنگلىزچە «hydrangea» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ گۈللەر ياز پەسلىنىڭ كېلىشى بىلەن كىچىككىنە غۇربەت باغچامنى ئۆزىنىڭ ئوتقاش رەڭلىرى بىلەن بېزىۋېتىدۇ. بۇ گۈللەر ماڭا ھەر ۋاقىت ھاياتلىقنىڭ جەڭگىۋار روھىنى، ئۇنىڭ قەدىر -قىممىتىنى ئېسىمگە سېلىپ ئەسلىتىپ تۇرىدۇ… كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغىنى بۇ گۈل ھەر يىلى ئېچىلغاندا ئۇنىڭ رەڭگىنىڭ مۇھىت، كىلىمات ۋە تۇپراقنىڭ تەسىرىگە يارىشا ئۆزگىرىپ تۇرىشىدۇ. ئۇنىڭ گۈللىرىمۇ ناھايىتى ئۇزاق تۇرىدۇ، غۇنچە بولۇشتىن باشلاپ تاكى قىش كىرگىچە ئۇنىڭ رەڭگى، گۈل شەكىللىرى ئۆزگىرىدۇ. مەن 10 نەچچە يىللار بۇرۇن بۇ گۈللەرنى ئۆزۈم تىككەن ئىدىم، بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا بۇ گۈلنىڭ رەسىمىنى ئەينەن پەنجىرىدىن تارتىپ سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقانتىم. مەن بۈگۈن يەنە بۇ گۈلنىڭ رەسىمىنى ئوخشاش ئورۇندىن تارتىپ، سىلەر بىلەن تەكرار ئورتاقلاشتىم.

 

بۇ گۈل بىزدىن بىمەھەل ئايرىلغان قەدىردانلىرىمىز روھىنىڭ سىمۋولى بولسۇن. بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان، بىز سۆيگەن قەدىردانلىرىمىزنىڭ روھلىرى ھەر ۋاقىت مۇشۇ گۈلدەك ياشىرىپ، ئېچىلىپ، شادلىق ۋە تەبەسسۇم ئىچىدە تۇرسۇن. بىز قەدىردانلىرىمىزنى ھىچ بىر زامان ئۇنتۇمايمىز ۋە ئۇنتۇلدۇرۇلمايمىز. كەچمىشىمىز قانداقلا بولسۇن، ئۇ بۈگۈننىڭ كۆلەڭگۈسى ۋە ئەتىنىڭ ساۋىقىدۇر. ھايات ئۈمىد بىلەن داۋام قىلىدۇ…. ئەۋلاد ئەجداد باسقان يوللارنى بېسىپ يېتىلىدۇ، تاۋلىنىدۇ. شۇنداق كۈنلەر پات يېقىندا كېلىدۇكى بىزنى سەۋدا قىلغان ۋەتەن ھىجرانى ۋىسالغا ئايلىنىدۇ، قايغۇلۇق قەلبىمىز شادلىققا چۆمۈلىدۇ، قۇياش بىز ئۈچۈن پارلاپ چىقىدۇ، قاراڭغۇ كېچىنى تولۇنئاي ۋە چولپان يۇلتۇزلار يورۇتىدۇ… چۆل – جەزىرلەردە يالغۇز قالغان تالاي نامسىز قەبرىلەر يانتاق ۋە يۇلغۇنلار بىلەن ئەمەس، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەستىلەر بىلەن پۈركىلىدۇ.

 

5-ئىيۇل 2020- يىلى.

 

قۇرايلى ئۇيغۇر ئۇلۇس

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
ئۇيغۇر سەندىن سورۇشۇم.
يوقالسا گەر بۇ مىللەت،
كىم قۇرىدۇ ئۇلۇسۇم؟!

 

ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
قۇرۇق گەپ سۆز قۇرىسۇن،
ئەقىل تاپقاي بۇ مىللەت،
ئۇيغۇر ياشىسۇن ئۆلمىسۇن!

 

ئۇلۇس دەيسەن ئۇلۇسۇم،
ساڭا ئېيتاي چىن سۆزۇم.
قۇرايلى ئۇيغۇر ئۇلۇس،
قىلىپ كۈرەش، بولۇپ ئوم.

 

ئۈمىد گۈللىرى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەلكۈننىڭ ئۆيى ئالدىدا ھەمىشە ئۇنىڭ غۇربەتلىك دەقىقىلىرىگە ھەمنەپەس بولىدىغان كىچىكنە بىر خاس باغچا بار. تۆت پەسلىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بۇ مېھرى ئىسسىق باغچا، ئانا تەبىئەتنى سۆيىدىغان ئەلكۈننىڭ كۈنلىرىگە ھەر كۈنى ھەمراھ، بولۇپمۇ بۇ ۋابا كۈنلىرىدە تېخىمۇ ئايرىلماس ھەمراھ. ئەلكۈننىڭ «كۈز ھىجران ئەمەس»، «مەن شېئىر يېزىۋاتىمەن»، «قانداق كۈتەي سېنى يېڭى يىل» قاتارلىق يۈزلىگەن گۈزەل لىرىكىلىرى مانا مۇشۇ باغچىنىڭ ئىچىدە، لوندون ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغان ئەرىك قۇشلىرىنىڭ مۇڭلىرىغا، ئۇلارنىڭ كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلغان ھايات مارشىغا ئۆز پىغانلىرىنى، قەلبىدە لاۋا كەبى تېنىمسىز كۆيۈۋاتقان ئاتەشلىرىنى قوشۇپ يېزىپ چىققان ئىدى… 

 

ئەلكۈن – ئۇ، پەلەكنىڭ ئاتا قىلغان ناھەق قىسمىتىنى ھىچ قوبۇل قىلمىغان ۋە قىلـمىدى، ئەكسىچە ناھەق قىسمەتنى ھەقكە ئايلاندۇرۇ ئۇچۇن ناھەق كۈچلەرگە قارشى ئىسيان قىلدى. شۇ رەھىمسىز رېئاللىق كاشكى، ئۇنىڭ گەردىشى ھىجران بالاسىدىن باغرى قان – قان بولغان كۈنلىرى سان – ساناقسىز… 

ئۆمۈر باھارىم

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

Omur_Baharim.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

سابا چولپىنى تەبەسسۇم ئىچرە كۈلگەندە،
باھارىم ئەللىك پەسلىدىن چېچەك تۆككەندە،
مۇھەببەتكە بۇ ئۆمۈر ھىچ قانماي ئۆتكەندە،
دۇنيا بەندىگە گۈزەلكەن، ئەسلى گۈزەلكەن!

 

بولمىسا ئاشىق، بۇلبۇل گۈل شېخىغا قونماس،
بولمىسا يىگىت چوڭ، ۋىسال ئىمكانى قۇچماس،
گەر بولسا ئەر، قىلغان ئەھدىدىن ئەسلا يانماس،
مېھنەتتىن چىن ئىنسان مەنزىل تامان ئۇزاركەن.

 

يۇلتۇزم كۆز قىسار بولۇپ تۈننىڭ جۇلاسى،
تولۇنئايمۇ بولدى ماڭا ھەمراھ شولىسى،
كۈلۈپ چىقار ھەم قۇياشىم مېھرى – ئاتىشى،
سالمىساڭ يۈگەن، ئۆمۈرۇڭ شۇنداق ئۆتەركەن!