‎ئېلىخان تۆرە ساغۇنى كوچىسىدا

Elixan Tore Saguniy kochisiئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئاڭلاش: Elixan_Tore_Qebrisi_Ziyaret.mp3

ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

ۋەتەندىن ئۇزاقتا ياشاۋاتقان بۇ يىللاردا دۇنيانىڭ قەيېرىگە بارماي ياكى قەيىرىدە ياشىماي، يۈرىكىم ئۆز كىملىكىمىزكگە، ۋۇجۇدۇم يەككە ئۇيغۇرلىقىمىزغا مۇجەسسەملىشىپ يانغىن بولۇپ ياناتتى. بولۇپمۇ كيىنكى يىللاردا ئۆزۈمنى دۇنيادا ئىپادىلەش تەس بولغان سىياسىي ۋە مىللىي كىملىك كىرزىسى بىلەن بىللە ۋەتىنىمىزدە، خەلقىمىز بېشىدا كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان زۇلۇم مېنى ماڭا تېگىشلىك بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تەقەززاسى بىلەن مۇساپىرلىق ھايات رېتىمىنى قايسى نىشانلارغىدۇر ئالدىرىتاتتى، گاڭگىرىتاتتى ۋە ئۇيغۇرلۇق غورۇر، نومۇس تۇيغۇلىرىم بىلەن رەھىمسىزلەرچە ئازابلايتتى. چارىسىزلىق ۋە كۈچسىزلىكىم ۋە ۋەتىنىمگە بولغان مۇقەددەس مۇھەببىتىمنىڭ ھارارىتىدىن قەلبىمنىڭ قات – قېتىدىن ئوخچۇپ كۆيۈۋاتقان بۇ ئوت گۈلخان بولۇپ يېنىشقا باشلىدىكى ئۆزۈمنى خۇددى ئۆزىنى ئوتقا تاشلاپ كۆيۈشكە ھازىر بولغان بىر پەرۋانىدەك ھېس قىلاتتىم.

«ئەل – يۇرت قەدرىنى مۇساپىر بولغاندىن سورا» دېگەندەك ئۇيغۇرلۇق سۆيگۈسى ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇر تۇپرىقىدىن يىراقتا ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەنىۋى مەۋجۇتلۇقى ۋە بىباھا بايلىقىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىز بۇ بىر ئەۋلاد ۋەتەندە توغۇلۇپ ئۆسكەنلەر ئۈچۈن مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلۇق بىلەن يۇغۇرۇلغان ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن ياشاش – ئۆزىمىزنىڭ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن مىللى مەۋجۇتلۇقنىڭ دەسلەپكى ھۈلى ھېسابلىناتتى.

 

مانا شۇ ھەممىدىن كۈچتۇڭگۇر ئۇيغۇرلۇق ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىنىڭ كۈچى بىلەن ئۆتكەنكى ئەسىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىلىم سۆيەر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەرىپەت بۇلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ئوچىقى بولغان تاشكەنت شەھرىنىڭ تار كوچىلىرىدىن چامىمنىڭ يېتىشىچە كۆمۈلۈپ قالغان تارىخىي ئىزلىرىمىزنى ئىزدەپ يۈرۈپتىمەن.

 

ئەنە شۇ ئىزگۈ ئىستەكلىرىمنىڭ بىرلىرى سۈپتىدە 1944 – يىلى 12- نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، مەرھۇم ئېلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ پەرزەنتلىرىنى يوقلاپ كېلىشكە باردىم. مەقسىتىم بولسا رەھبىرىمىز 1946 – يىلى 7 – ئاينىڭ 13 – كۇنى غۇلجىدىكى سوۋېت جاسۇسلىرى تەرپىدىن يوشۇرۇن تۇتقۇن قىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ئۆمۈرنىڭ 30 يىلىنى نەزەربەنتتە ئۆتكۈزگەن تاشكەنتتىكى سوۋېت ھۆكۈمىتى بەرگەن ئېلىخان تۆرە ساغۇنى ياشىغان ئۆيىگە بېرىپ پەتىلەش، قەبرىسىنى يوقلاپ روھىغا دۇئالار قىلىش ئىدى.

 

شۇنداق قىلىپ، 2016-يىلى 3 – سېنتەبر جۈمە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېلىخان تۆرەمنىڭ تاشكەنت شەھرىنىڭ كۆچە دەرۋازىسىغا جايلاشقان شەيخ زەينىدىن بابا قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، مەرھۇم رەھبىرىمىزنىڭ قەبرىسىگە گۈل قويدۇم ۋە روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدىم. دۆلەتسىز قالغان ئۇيغۇرغا دۆلەت تىلىدىم.

 

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تاشكەنتتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمىدە ئېلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ ئۆينى مىڭ تەستە كىشىلەردىن سوراشتۇرۇپ يۇرۇپ ئاخىرى تاشكەنت شەھرىنىڭ كونا شەھەر بۆلگىسىدىن تاپتۇق. بىز كىرىپ كەلگەن بۇ كوچىنىڭ تاملىرىغا ئېسىلغان مۆھتەرەم زاتنىڭ نام شەرىپىگە بېرىلگەن «ئېلىخان تۆرە ساغۇنى كوچىسى» دېگەن كوچا بەلگىسى ئالدىمىزدا كۆرۈنۇپ تۇراتتى. بىز كوچىدىكى كىشلەردىن بۇ كوچا ئىسمىنىڭ قاچان قويۇلغانلىقىنى سورىغان بولساقمۇ كوچا نامى سوۋېت ۋاقتىدا بېرىلدىمۇ ياكى ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بېرىلدىمۇ، بۇ ھەقتە قانائەتلىنەرلىك مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدۇق.

 

بىز ئېلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ ئۆيىنى سۈرىشتە قىلىپ تاپقاندىن كېيىن ئۆينىڭ دەرۋازىسىنى ئۇرغان، قوڭغۇرىقىنى باسقان بولساقمۇ بەختىمىزگە قارشى ھويلا ئىچىدىن ھىچ بىر سادا چىقمىدى. كېيىن قوشنىسىدىن سورىساق، بۇ ئۆيدە ئېلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ چوڭ ئوغلى ئائىلىسى بىلەن تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىر قانچە كۈن بۇرۇن باشقا بىر شەھەرگە كەتكەنلىكىنى، ئۆيىدە ھىچ بىر كىشىنىڭ يوقلىغىنى ئېيتىشتى.

 

مەن ئېلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ ئۆيى ئالدىدا غالتەكتە تۇخۇم سېتىۋاتقان بىر ئايالدىن سورىدىم.

 

– سىز بىلەمسىز، بۇ كوچىنىڭ نامى نېمىشقا ئېلىخان تۆرە ساغۇنى دەپ ئاتالغان؟

 

– ئۇ كىشى كاتتا زات بولۇپ ياشاپتىكەن.

 

مەن تېخىمۇ ئوچۇقراق جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن يەنە سورۇدۇم.

 

– سىز تۇرغان بۇ يەرنىڭ شەرقىدە، ئۆزبېكلەر «ئاخۇنلار» دەپ ئاتايدىغان ئۇيغۇر دېگەن خەلقىنىڭ ۋەتىنى غۇلجا شەھەردە 1944 – يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دېگەن بىر دۆلەت قۇرۇلغان ئىدى. بۇ مۆھتەرەم زات بۈگۈن تارىخ بېتىدىن غايىب بولغان شۇ دۆلەتنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان …. سىز بۇ ھەقتە ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

 

تەققى تۇرقىدىن ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىغانلىقى بىلىنىپ تۇردىغان بۇ ئۆزبېك ئايال قىسقىلا جاۋاب بېرىپ، «- ياق، مەن بۇ گەپنى ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن» دېدى

 

ئېلىخان تۆرە ساغۇنى مانا مۇشۇ ئۆيدە 30 يىل نەزەربەنتتە ياشاپ، ئىلمىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئەخمەت دانىشنىڭ «نەۋادىرۇل ۋاقىئە»، دەرۋىش ئەلى چاڭىنىڭ «مۇزىكا رىسالىسى» ۋە «تۆمۇر تۇزۇكلىرى» گە ئوخشاش نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىدۇ. «تارىخى مۇھەممىدى» (مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخى) دىگەن ئەسەرنى 1959-يىلى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ يەنە «دىۋانى ساغۇنى» دېگەن شېئىرلار توپلىمى بارلىقىمۇ مەلۇم.

 

ئېلىخان تۆرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقتىدا بىللە ئىشلىگەن غاپپارخان، ئاسارخان، ئەخمەتيار، مۇھەممەتيار ئىسىملىك بالىلىرى بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بولۇپ سابىق سوۋېت ئىتتپاقىغا كەتكەن. ئېلىخان تۆرە 1976- يىلى 91- يېشىدا تاشكەنتتە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ھايات چېغىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، ئۇ تاشكەنتتىكى شەيخ زەينىدىن بابا قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان ئىكەن.

 

بىز ئېلىخان تۆرە ساغۇنى كوچىسىدىن چىقىۋاتقىنىمىزدا بۇ كوچىنىڭ دوقمۇش – دوقمۇشلىرىغا «ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز»، «ئۆزبېكىستاننىڭ كېلەچىكى بۈيۈك بىر دۆلەتتۇر»، «ۋەتەن سەجدىگاھ كەبى مۇقەددەستۇر» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان، بايرام تەنتەنىسى قىلىۋاتقان ئۆزبېكلەرنىڭ رەسىملىرى سىزىلغان تاختايلار دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتىپ تۇراتتى.

 

بۇ چاغ كۈن پېشىم بولغان، مەھەللىدىكى مەسچىتتىن ياڭراق ئەرزان ئاۋازى ئاڭلىناتتى. كوچىدا چىرايدىن تەبئىي شادلىق جىلۋىسى تۆكۈلۈپ تۇرغان، مۇستەقىل ئۆزبېكىستان دۆلىتىدە تۇغۇلغان بۇ بەختىلىك بالىلار كۈلكىلىرىنى بولۇشىغىچە قويۇۋېتىپ ئويناپ ئويناپ يۇرەتتى. شۇ دەقىقىدە يۈرىكىم «پىژ» قىلىپ خۇددى بىرسى پىچاق ئۇرغاندەك ئاچچىق ئاغرىۋاتقىنىنى سەزدىم….

 

ئەقىل تەسەۋۋۇرۇمدا ۋەتەننىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ھالى كېلىۋاتاتتى. ئۈرۈمچىنىڭ يامانتاغدا لاي- توپىلارغا مىلىنىپ، ئەخلەتلەر ئارسىدا ئويناۋاتقان بوينى قىسىق، بىغۇبار سەبىي چىرايلىرىدىن غېرىبلىق، مىسكىنلىك تۆكۈلسە، نۇرسىز كۆزلىرىدىن ياش سىرغىپ تۇرىدىغان، تۇغۇلۇشىدىن تارتىپلا بەختسىزلىكنىڭ مۆھرى بېسىلىپ كەتكەن، مۇستەقىل ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئەمەس ھەتتا ئۆز ۋەتىنىنىڭ ھەققى نامىنىڭ نېمە دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى.

 

ئۆزبېكىستان سوۋېتلەر ئىتتىپاقى گۈمران بولۇپ مۇستەقىل دۆلەتكە ئېرىشىپ ياشاۋاتقىلى 25 يىل بولدى. ئەلۋەتتە، ئەمدى ئۇلار نېمە دەپ توۋلىغۇسى كەلسە شۇنى توۋلىسا بولۇۋېرىدۇ. ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ۋەتىنىدە ئوڭدا ياتسىمۇ، دۇم ياتسىمۇ، نېمىلا قىلسا يارىشىۋېرىدۇ چۈنكى ئۇلار بىر دۆلەتنىڭ ساھىبى. «ئۆز ئۆيۈمنىڭ خوشلۇقى، پۇت -قولۇمنىڭ بوشلۇقى» دېگەن گەپ شۇ دە!

 

يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۆمۈرى قىسقا بولغان ئۇيغۇرنىڭ دۆلىتىنى ئەسلەش، ئەشۇ دۆلەت قۇرغان 1944 – يىلىدىكى تارىخىمىزنىڭ ئىزنالىرىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزگەچ، ئۆزبېكىستان دۆلىتىنىڭ تارىخى مەنبەلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنىڭ بارلىقىغا، ئۇيغۇر بىلەن ئەڭ يېقىن قېرىنداش بولغان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق مىللىتى بولغان ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئېتنىك مىللىي كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخىنى قانداق بايان قىلىدىغانلىقىغا ھەم قىزىققان ئىدىم.

 

مەن بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى بۇ ياش دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتمائىي ھاياتىغا، مائارىپ ۋە مەدەنىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەقىياتىغا ئىزچىل دىققەت قىلاتتىم چۈنكى نۆۋىتى كەلگەندە ئۆزبېكىستاندىكى ھەر قانداق بىر سىياسسىي ۋاقىئە ۋە ھەرىكەتلەر ئۇيغۇر ھاياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسىتەلەيتتى. مانا ھەم شۇ مەقسەتلەر بىلەن مەن تاشكەنتتىن خىۋاغىچە، بۇخارادىن سەمەرقەنت،پەرغانە، قوقەند ۋە نەمەنگەنلەرگىچە بىر ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ماشىنا بىلەن ئايلىنىپ چىققان ئىدىم. 29- ئاۋغۇست كەچ تاشكەنتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شەھرىنىڭ مەركىسىدىكى «ئەلشىر ناۋايى» نامىدىكى دۆلەتلىك كۈتۈپخانىسىنى ۋە كوچىلاردىكى كىتاپخانىلارنى، چارسۇ بازىرىدىن تارتىپ، شەھەر سىرتىدىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا» بازارلىرىنى دېگەندەك ئايلىنىپ يۇرۇپ، ئارىدىن 10 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزبېكىستان ۋە ئۆزبېك مىللىتى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان كىتاپقا يېزىلماي قالغان بىلىملەرنى ئۆگىنىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن ئىدىم.

 

مەن ئېلىخان تۆرە ساغۇنى قەبرىسى ۋە كوچىسىنى زىيارەت قىلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن يەنى 31 – ئاۋغۇست ئەتىگەندە تاشكەنت شەھرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، مىللي بىناكارلىق سەنئىتى تولۇق نامايان قىلنىغان، ئەڭ ھەشەمەتلىك ساراي «تۆمۈرىلەر تارىخى مۇزېيى» نى زىيارەت قىلىشقا باردىم. تومۇز ئېيىنىڭ ئاخىرى بولۇشىغا قارىماي تاشكەنتنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ئىسسىق ئىدى. ئادەتتە چۈشلەردىن كېيىنكى ئىسسىق 40 گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

 

بۇ ھەشەمەتلىك مۇزېيغا كىرىش بىلەن تەڭ ئەمىر تۆمۈر دەۋرى ئەكس ئەتتۇرۇلگەن گۈزەل بەدىئي تام رەسىملىرى كىشىنىڭ كۆزنى قاماشتۇراتتى. بۇ مۇزېيغا سەمەرقەندىكى ئەمىر تۆمۈر گۆرىدىن ۋە باشقا تۆمۈرىلەر دەۋرىگە ئائىت بايقالغان نۇرغۇنلىغان ئاسارە – ئەتىقىلەر قويۇلغان ئىكەن. بۇ مۇزېيدە تۆمۈرىلەر خانلىقى بىلەن تەڭ ئۆزبېك تارىخى ئالاھىدە گەۋدىلەندۇرۇپ چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ تارىخلارغا مۇناسىۋەتلىك يەرلەردە «ئۇيغۇر» كەلىمىسى قوللىنىلماي ئاتلاپ ئۆتۇپ كېتىلگەن ياكى «تۈركى» دېگەندەك ناملار بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن ئىدى. ئەمما مەن مۇزېينى كۆرۈپ كېتىۋاتقىنىمدا، بىر ئورۇنغا ئەينەك رامكىغا ئېلىپ قويۇلغان، بىر پارچە تاشقا يېزىلغان خەت رەسىمى دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتتى. بۇ رەسىمنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرپىگە ئۆزبېك ۋە ئېنگلز يېزىقلىرىدا تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرۈشلەر يېزىلغان ئىدى.

 

«ئۇلۇغ تاغدىكى قىيا تاشقا ئەسكى ئۇيغۇر تىلىدا ئويۇپ يېزىلغان يۈزى:

 

›بىسمىللاھ ئەل راھمان ئەر رەھىم‹

 

›ھىجىرىيە 793 يىلىنىڭ جۇماد ئۇل – ئاۋۋال ئايىنىڭ 23 – كۈنىدە (1391 – يىلى 28 ئاپرېل) تۇران سۇلتانى ئەمىر تۆمۈر كوراگان توختامىشخانغا قارشى 200 مىڭلىق لەشكەرلىرى بىلەن بۇ يەردىن ئۆتتى‹ «

 

(ئۆزبېكىستان تۆمۈرىلەر تارىخى مۇزېيى)

 
 

 
 

ئەلمىساق 1390 – يىلى مۇتلەق ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۈكۈمرانلىق تىكلىگەن قۇدرەتلىك تۆمۈرىلەر دۆلىتى يېزىقىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى بولغانلىقىنى مەرمەر تاشلارغا ئويۇلغان ۋەسىقىلەر ھىچ نەرسىنى يوشۇرماي سۆزلەپ تۇراتتى.

 

بۇ پاكىت يەنە ئۆزبېكلەرنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنىمۇ دەلىللەپ تۇراتتى. ئەنە شۇ تاشقا ئويۇلغان مۇبارەك ئۇيغۇر يېزىقى ئارىدىن 626 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە تارىختا كۆپلىگەن ئىمپېرىيە ۋە خاندانلىقلارنىڭ دۆلەت تىلى ۋە يېزىقى بولغانلىقىدا شەك يوق ئىدى …

 

ۋەھالەنكى ئالتە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلى تاشقا ئەمەس، شۇ تىلنىڭ ساھىبى بولغان ۋەتەندە قەغەزگە ئۈستىگە سەبىيلىرىمىزنىڭ قۇللىرى بىلەن يېزىلىش سالاھىتىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاجىئەنى ئويلىغىنىمدا گەرچە ئۆزۈم مۇزېيدا ئايلىنىپ يۈرىۋاتقان بولساممۇ ئۆز ئانا تىلىنى ئەمەس، خىتاي تىل – يېزىقىنى ئۆگنىشكە مەجبۇرى زورلىنىۋاتقان، ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش ھوقوقى تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىنىڭ ئاھۇ – نىدالىرى قۇلۇقۇم تۈۋىدە ئاڭلىنىۋاتاتتى … بۈگۈنكى مەدەنىي دۇنيادا ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش ھوقوقى زورلۇق كۇچ بىلەن تارتىۋېلىنغان بىر مىللەتنىڭ كېلەچەكتىكى ئىستىقبالىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قورقۇنۇچلۇق ئىدى!

 

بۇ مۇزېيدىكى دەلىللەر ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك دۇنياسىدىلا ئەمەس، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتلەر قۇرۇپ كەلگەن قەدىمي مەدەنىيەتلىك بىر خەلق ئىكەنلىكىنى بۈگۈنكى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن تاشقا پۈتۈلگەن مۆھۈرلەر تارىخىي دەلىل بولۇپ ئىسپاتلاپ تۇراتتى.

 

بۇ كۈنلەردە تاشكەنت شەھىر ناھايىتى سىرلىق ۋە جىددىي بىر كەيپىياتتا ئىدى چۈنكى ئۆزبېكىستان 1991- يىلى 31- ئاۋغۇست كېڭەشلەر ئىتتىپاقىدىن (سوۋېت ئىتتىپاقى) مۇستەقىل بولغان ئۆزبېكىستان رېسپوبلىكىسى ئۆز مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن كوچا-كويلارغا ئۆزبېكىستان بايراقلىرىنى ئېسىپ جىددىي بايرام تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان بلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزبېكىستان مۇستەقىلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان بۇ دۆلەتنى دىكتاتورلۇق تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىسلام كېرىموفنىڭ ئۆلۇم سەكراتىدا ئىكەنلىكى، بەزى خەۋەرلەردە ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى سۆز – چۆچەكلەر تاشكەنت كۇچىلىرىدا ئېقىپ يۇرەتتى. ئەمما ھۆكۈمەت رەسمى دائىرلىرى بۇ ھەقتە ھېچقاندا مەلۇمات بەرمەي كېلىۋاتاتتى.

 

ئىشقىلىپ بۇ بىرقانچە كۈنلەردىن بۇيان ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ناھايىتى جىددىي كۆرۈنەتتى. دائىرلەر ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىق بايرىمىنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنمۇ ياكى ئىسلام كېرىموفنىڭ ئۆلۇمى سەۋەبىدىنمۇ ئەيتاۋۇر ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ تاشكەنت شەھرىگە كىرىپ-چىقىدىغان بارلىق يوللارنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان ئىكەن. مەن ئالدىنقى كۈنى بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم، شۇ كۈنى ئەگەر مەن پاسپورتۇمنى كۆرسۈتۈپ، ئۆزۈمنىڭ چەتئەللىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىمىغان بولسام، مېھمانخانىدا تۇرىدىغانلىقىمنى ئىسپاتلىمىغان بولسام، شۇ كۈنى مېنىڭ شەھەرگە كىرەلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ تاشكەنت شەھرىنىڭ كوچىلىرىدا ئادەملەر شالاڭلىشىپ قالغان ئىدى.

 

مەن تۆمۈرىلەر تارىخى مۇزېيىنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تومۇز ئىسسىقتىن بىرئاز سالقىنداش ئۈچۈن مۇزېينىڭ قارشى تەرپىدىكى ئەمىر تۆمۈر باغچىسىغا كىرىپ بىر بوش ئورۇندۇقنى تېپىپ ئولتۇراتتىم. شۇ مىنۇتلاردا 20 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، تۇرقىدىن ناھايىتى ئورۇق كۆرۇنىدىغان، سول يېنىغا ئاقساپ ماڭىدىغان بىر ياش مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇققا كېلىپ يېنىمدىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇردى. ئۇ ماڭا سالام بەرگەندىن كېيىن مەندىن «- ئەكاجان، سىگارىتىڭىز بارمى؟» دەپ سورىدى. مەن خۇش پېئىل قىياپەتتە «- كەچۈرسىز ئۇكەجان، مەن تاماكا چەكمەيمەن!» دەپ جاۋاب قايتۇردۇم. شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ بۇ ناتونۇشلارچە باشلىغان سۆھبىتىمىز داۋام قىلدى. بۇ يېگىتنىڭ ئىسمى قەدىردان بولۇپ، مىللىتى قاراقالپاق ئىكەن.

 

قەدىرداننىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۆزبېكىستاننىڭ غەربىدىكى قارقالپاغىستان رېسپوبلىكىسىدىن تۇنجى قېتىم پايتەخىت تاشكەنت شەھرىگە كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ياتاققا تۆلىگۈدەك پۇلى بولمىغاچقا باغچىدا ۋە كوچىلاردا يېتىپ قوپۇپ كۈن ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ماڭا ئۆزىنىڭ قىشلاغىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكى، كېيىن ئاتىسىغا ياردەملىشىپ چارۋا باققانلىقى، ئۆيلەنگەندىن كېيىن بولسا ئايالى بىلەن چىقىشالماي ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى دەپ بەردى. ئۇ ئەمدىلىكتە بولسا بېشىنى ئېلىپ مەدىكارلىق قىلىش ئۈچۈن تاشكەنتكە كەلگەن ئىكەن. ئۇ گېپىنى توختاتقاندىن كېيىن مەن ئىمكان بار ئۆزبېكچە تەلەپپۇزغا يېقىن قىلىپ سۆزلەشكە ئۇرۇنۇپ، ئۇنىڭدىن « – ھازىر كوچىلاردا ھەممە ئادەم پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفنى ئۆلدى دېيىشىۋاتىدۇ. سىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورۇدۇم. ئەمما بۇ يىگىت شۇ ھامان ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «ئۇلۇغ ئاتىمىز ھايات ….. مەن تۇغۇلغاندىن بۇيانقى دۆلەت ئاتىمىز … يالگان، يالگان خابار!» دېگىنىچە ھۆكۈرەپ يىغلاشقا باشلىدى. بۇ كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدىن مەن ئۆزۈمنى ئوڭايسىز ھېس قىلدىم – دە، ئۇنىڭ قولىغا 10 دوللار پۇلنى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ «ئۇكە، يىغلىماڭ، سەبىرلىك بولۇڭ!» دەپ بۇ بەخىتسىز يىگىت بىلەن خوشلاشتىم…

 

چارچىغان، قىسىلغان ۋە ئۇھسىنغان خىياللىرىم يېشىلمەس تۈگۈنلەر ئىچىدىن ئۆزىگە نىجاتلىق ئىزدەيتتى. مەن باغچىدىن چىققاندىن كېيىن، يول بويىدا خىياللار ئىلكىدە ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم ئەمما ئۆزۈمنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقىنىمنىمۇ بىلمەيتتىم…

 

مەن ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئۆيىگە يوقلاپ بارغان 83 ياشقا كىرگەن، ئۆزبېكىستان بويىچە تۇنجى قېتىم ئايال كومپوزىتور بولغان، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن كۆپلىگەن شەرەپلەرنى قازانغان قەشقەر قىزى شاھىدە مەردانوۋا خانىمنىڭ ۋەتەن مېھرى مۇھەببىتىنى سېغىنىشتىن تۆككەن ئىسسىق كۆز ياشلىرىنى يوشۇرماي تۇرۇپ ماڭا ئېيتقان «بىز ئۇيغۇرلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن خەلقىمىز. شۇڭا ئاللاھ نېسىپ قىلغان تەقدىر بىزنى ئازابلار بىلەن سىناۋاتىدۇ. بىز بۈگۈن ۋەتەنسىزلىكتىن دۇنيانىڭ ھەر يېرىگە چېچىلىپ كەتكەن بولساقمۇ يەنىلا ئۆز ئورنىمىزنى تېپىپ ياشاۋېتىپتىمىز. ھامان بىر كۈنى بىزنىڭمۇ مۇستەقىل ئۆز دۆلىتىمىز بولدۇ. بىزنىڭمۇ ئۆزبېك، قىرغىز، قازاقلادەك ھۆر، مۇستەقىل ئۇيغۇرىستانىمىز بولىدۇ. بىزمۇ ئۆز دۆلىتىمىزدە كۈلۇپ ياشايدىغان زامان كېلىدۇ …» دېگەن سۆزلىرى قۇلۇقۇم تۇۋىدە تەكرار ياڭرايتتى.

 

ۋەتەنسىزلىك ۋە دۆلەتسىزلىكتىن ئۇيغۇر قىسمىتى ۋە روھىيىتى ئەڭ خەتەرلىك ھەلقۇمدا تۇرۇۋاتقان بۇ يىللاردا ئېنىقكى ئۇيغۇرلارغا ئەڭ قېرىنداش مىللەت ئۆزبېك خەلقىنىڭ دۆلىتى ئۆزبېكىستان بۈگۈن تەشۋىق قىلىۋاتقان «ۋەتەن سەجدىگاھ كەبى مۇقەددەستۇر!» دېگەن كەلىمىسى ئەلۋەتتە ھەر بىر ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر قەلبگاھ سۆزى بولىدىغانلىقى تەبىئىيدۇر!

 

2016-يىلى 4- سېنتەبر، تاشكەنتتە يېزىلدى.

 

مەنبە «ئەلكۈن» تورى.

 
 

 
 

 
 

 
 

 
 

 
 
 


 
 

ئېلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ قەبرىسىگە زىيارەت

 

كەمىنە ئەلكۈن 2016-يىلى 3 – سېنتەبر جۈمە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەرھۇم رەھبېرىمىز ئېلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ تاشكەنت شەيخ زەينىدىن بابا مازارلىقىدىكى قەبرىسىنى يوقلۇدۇم . ئاللاھ مەرھۇم داھىمىزنىڭ روھىغا ئاتاپ قىلغان دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىسۇن، مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى جەننەت ماكان قىلسۇن، ئامىن!

 

 
 

 
 

VIDEO سىن – كۆرۇنۇش >>

 

 

www.azizisa.org/video/Elikhan_Tore_Saguni_Qebrisi.mp4

 
 

___________________________

قوشۇمچە مەنبەلەر:
 

1- «ئوتتۇرا ئاسىياغا لەغمەن بىلەن تونۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق ماقالىدىكى «ئۆزبېكىستاندا لەغمەن بىلەن تونۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار» بۆلىگى  34-بەتتىن 42-بەتكىچە.
http://www.azizisa.org/Uyghur_Leghmen_Ottura_Asiya.pdf
http://www.azizisa.org/uyghur_leghmen_ottura_asiya

 

2-مەرھۇم مەرىپەتچىمىز ھاكىم جاپپار يازغان «ئېلىخان تۆرە ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى» ناملىق ماقالە-
http://qamus.okyan.com/iphone/show.php?id=6116

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !