«دىئاسپورا» مۇ ياكى «مۇھاجىرەت» مۇ؟
-
سەھىپە:Elkun yazmilliri، Uyghur dunyasi
باھا:0 دانە
16-01-2019
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى رابىيە ئوقۇدى
Diasporamu_yaki_muhajiret.mp3
مەلۇم بىر جۇغراپىيىلىك رايونلاردا قوشنا بولۇپ ياشىغان، بىر- بىرلىرىدىن پەرىقلىق مەدەنىيەت ۋە تىلغا ئىگە مىللەتلەر ئۈچۈن، تىل ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە بىر- بىرلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى ئىنسانىيەتنىڭ جەمىيئەت تەرەققىياتىدىكى بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچلاردىن بىرى بولسىمۇ ئەمما بۇ باسقۇچتا ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تىلى كۈچلۈك بولغان مىللەتلەر باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيىسىدىن ئۆزلىرىنى قوغداپ قالالايدۇ بىراق مەدەنىيەت ئاساسى ئاجىز مىللەت ۋە خەلقلەر بولسا كۈچلۈكلەرگە ئاسانلا ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ تارىختىن يوقايدۇ.
ئۆزلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تۈۋرۈكى ھېسابلايدىغان مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇرلارمۇ تارىختا مۇشۇنداق باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرغان بولسىمۇ ئەمما مەدەنىيەت ۋە تىل ئاساسىي پۇختا بولغانلىقى ئۈچۈن گەرچە سانى ئاز بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كېلەلىدى.
دۇنيادا ھىچ قانداق بىر مىللەتنىڭ تىلى ۋە ئىرقى ساپ بولمايدۇ، يەنە كېلىپ مەلۇم بىر مىللەتنىڭ تىلىغا باشقا بىر يات مىللەت تىلىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بۈگۈنكى ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ تەدىرىجىي تەرەققىياتىدىكى دەۋرىي خاراكتېرلىق ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ، بىز ياخشى بىلىدىغان يېقىنىقى 10 نەچچە ئەسىرلىك تارىخىمىزغا نەزەر سالساق ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر 10-ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «قۇرئاننىڭ تىلى» دەپ قارالغان ئەرەب تىلى ۋە ئۇنىڭدىكى ئاتالغۇلار ئۇيغۇر تىلىغا سەلدەك ئېقىپ كىردى. ئوتتۇرا ئەسىردە بولسا فارس تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا كەڭ دائىرىدە كىرگەنلىكىنى تارىخى يازمىلاردىن ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز لوغىتىدىن بىلدۇق. 15-ئەسىردە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى تىللىق خەلقلەر ئارسىدا فارس تىلى قىزغىنلىقى كۆتۇرۇلۇپ، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ فارس تىلىنى قوبۇل قىلىشى ۋە فارس تىلىدا ئەسەر يېزىشى ئەۋج ئالغاندا، بۇ خاھىشنى دادىللىق بىلەن تەنقىد قىلغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر مۇتەپپەككۇرى، ئەدىب، شائىر ئەلشىر ناۋايى بوۋىمىز «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» (ئىككى تىل توغرۇلۇق مۇھاكىمە) ناملىق رىسالە يېزىپ، فارس تىلىنى ئۇلۇغ بىلگەنلەرنى تەنقىدلەپ، تۈركى تىلىنىڭ ھىچ بىر يەردە فارس تىلىدىن كەم ئەمەس باي ۋە گۈزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتى «سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقى» ئاپئاق غوجا ۋە ئۇنىڭ سوپى – ئىشانلىرى تەرپىدىن مۇنقەرىز قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان تۈنجى قېتىم 1759-يىلى مانجۇ-چىن ئىشاغالچىلىرى تەرپىدىن مۇستەملىكە قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇيغۇر تىلى 3- قېتىملىق يات تىلنىڭ تەسىر قىلىشىغا، ئاخىرىدا بولسا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك خىتاي تىلىنىڭ مەجبۇرى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىشىدەك قىسمەتلەرگە ئۇچۇردى. بىز بۇ دەۋىرنى خىتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە خىتاي تىلىدىن ئەڭ كۆپ ئاتالغۇلارنى ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى رەۋىشتە قوبۇل قىلغان بىر دەۋىر دەپ قارايمىز.
ئۇنداقتا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان، دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تىلى بولغان ئېنگىلىز تىلى ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟ – شۇنداق تەسىر كۆرسەتتى. بىز ھازىر ئۈجۈر دەۋرىدە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، دۇنيانىڭ بىر قۇتۇپلىشىشى تىزلىكتە كېڭىيىۋاتقان بۇ ئەسىردە بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تىلىغا خەلقئارالىق ئاتالغۇلارغا ئايلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم ئېنگىلىز تىلىدىكى ئاتالغۇلار سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. ئەلۋەتتە، بۇمۇ يوقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك ئىنسان جەمىيىتىنىڭ مۇئەييەن بېسىپ ئۆتىدىغان تەرەققىيات باسقۇچى بولسىمۇ ئەمما بۇ باسقۇچىدىمۇ ئوخشاشلا تىلى ۋە مەدەنىيىتى كۈچلۇك مىللەتلەر ئۆز تىلىنى قوغداپ قالالايدۇ، ئاجىزلىرى بولسا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ يوقۇلىدۇ.
مەسىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ سىتاتسىتىكا قىلىشىچە ھازىر دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 7000 خىل تىل بولۇپ، بۇ تىللار ئارىسىدىن 2000 دىن ئاتۇق تىلنىڭ سۆزلىشىدىغان ئادەم سانى 1000 دىن ئاز بولۇپ، ھەر 14 كۈندە بىر تىلنىڭ يوقۇلىۋاتقانلىغى تەخمىن قىلىنماقتا.
گەرچە دۇنيا بويىچە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ نوپۇس سانى 20 مىليوندىن ئارتۇق دەپ پەرەز قىلىنسىمۇ ئەمما ھىچ بىر دۆلەتتە بۇ تىل رەسمىي دۆلەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلمايدىغانلىقى ياكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى مائارىپتا قوللۇنۇلمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ھازىر خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقان تىللار ئىچىدىكى بىر تىل ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا كانساس ئۇنۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى ئارئىېننې م.دۋيېر (Arienne M. Dwyer) «خىتايدىكى خەتەر ئاستىدا قالغان تۈركى تىللىرى» ناملىق ماقالىسىدا بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتلارنى بېرىدۇ.
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ تېمىسىغا كەلسەك، يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزگە ناھايىتى كۆپ ئەمەلىي خىزمەتلەرنى قىلىش بىلەن تونۇلۇۋاتقان «مەشئەل» گۇرۇپپىسىنىڭ نامىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن «دىئاسپورا ئۇيغۇر جامائىتىگە NPO تەشكىلاتلىرىنى كۆپەيتىپ قۇرۇش ھەققىدە» نامىلىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. مەن شەخسەن خەلقىمىزنى تەربىيلەشنى مەقسەت قىلغان بۇ ساۋات خاراكتېرلىق ماقالىنىڭ يېزىلغانلىقىدىن سۆيۈندۈم ۋە مەزكۇر ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۇرگەن قېرىنداشلارغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
ئەلۋەتتە، مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنى، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنى تەربىيلەشنى، غەرب ئەللىرىدىكى بار ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ، ئاسارەتتىكى خەلقىمىز ئۈچۈن تېخمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بىرىشنى نىشان قىلغان مۇنداق بىر ئېسىل ماقالىنىڭ ئالدىدا بىرە ئاتالغۇ ياكى سۆزلەرنىڭ ناتوغرا ئىشلىتىلىشى چوڭ مەسىلە ئەمەس ئىدى ئەمما بىزدەك ئۆز تىلىنى دۆلەت دەرىجىدە ئىشلىتىش، مائارىپىدا ۋە كەسپىي ساھەلەردە قوللىنىش ئىمكانلىرىدىن مەھرۇم بولۇۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن، ئانا تىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا توغرا ۋارىسلىق قىلىش، كېلىچەك ئەۋلادلىرىمىزغا ئامان – ئېسەن مىراس قىلىپ يەتكۈزۈش، مۇشۇ مىللەتنىڭ تىلىدا سۆزلىشىدىغان، مۇشۇ مىللەتنىڭ ئورتاق ۋە بىرلىككە كەلگەن يېزىقىنى قوللىنىدىغان بىز ھەممىمىز ئۈچۈن بەخىتسىزلىككە ئىگە بىر بۇرۇچدۇر.
مانا مۇشۇ بۇرچىمىزنى نىشان قىلىپ سۆزلىسەك، مېنىڭ بۈگۈن نېمە ئۈچۈن ‘«دىئاسپورا» مۇ ياكى «مۇھاجىرەت» مۇ‘ ناملىق بۇ قىسقا يازمىنى يازغانلىقىمنى چۈشۈنىش تەس ئەمەس دەپ قارايمەن. مەن چەتئەلدە ياشاۋاتقان 20 يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇرچە گېزىت، ئاخبارات ۋە تاراتقۇلاردا ئىشلىتىلىشىنى ئىزچىل كۈزىتىپ كېلىۋاتىمەن.
ئېسىمدە قېلىشىچە مۇندىن 15 يىللار ئىلگىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىغا «لىدېر» (leader)، «كونفىرېنس» (conference)، «فېستىۋال» (festival)، «تېندېنسىيە» (tendency) قاتارلىق ئېنگىلىز تىلىدىكى ئاتالغۇلار ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە تۈركىيىدە ياشاۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان «پېشقەدەملىرىمىز» تەرپىدىن شۇ دۆلەتلەر تىلىدىكى ئۇشبۇ ئاتالغۇلارنى ئۇدۇل ئۇيغۇر تىلىغا ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەش ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق ئاخبارات تاراتقۇلىرىدىمۇ غەيرى رەسمىي قوبۇل قىلىشلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرنىڭ تىلىدىكى ھەممە بىلىدىغان ئاتالغۇلارغا ئايلىنىپ كەتتى.
مىلادى 2010- يىلىدىن كېيىن بولسا «كۈلتۇر» (culture)، «كۆڭگرېس» (congress)، «ئىماگ» (image)، «پېتىشىن» (petition)، «دىئاسپورا» (diaspora) قاتارلىق ئاتالغۇلار ئېنگىلىز تىلىدىن ئوغۇرلاپ، ئۇيغۇرنىڭ قىلىۋالدۇق.
بىز مۇلاھىزە قىلىۋاتقان «دىئاسپورا» مۇ ياكى «مۇھاجىرەت» مۇ ئاتالغۇ مەسىلىسىگە كەلسەك، مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ئۆزىمىزدە يەنى ۋەتىنىمىزدە ئاللىبۇرۇن ئومۇملىشىپ بولغان، ئىستىمالىمىزدا قوللىنىۋاتقان ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا ئېنگىلىز تىلىدىن مەجبۇرى ئاتالغۇلارنى سۆرەپ ئەكىرشىمىزنىڭ ھىچ بىر زۆرۈرىيىتى يوق دېمەكچىمەن. مەن ئېنگلىز ۋە ياكى باشقا تىللاردىكى يېڭىدىن پەيدا بولغان پەن – تېخنىكا ۋە باشقا خەلىقئارالىق ئومۇملۇققا ئىگە ئىسىملارنى قوبۇل قىلىشقا قارشى ئەمەسمەن ئەمما بۇ خىل قوبۇل قىلىش چوقۇم ئۆز تىلىمىزدا پەقەت يوق بولغان ئاتالغۇ ۋە سۆزلەرنى بىز ۋاقتىدا يېڭى سۆز (ئاتالغۇ) ياسىيالمىغان ۋە ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن ئەھۋال بىلەنلا چەكلەنسەك. بىز شۇنداق قىلساق تىلىمىزنىڭ قايتىدىن ئەبجەشلىشىپ كېتىشىنى ئاز تولا ئازايتالايمىز. مەسىلەن، تىلىمىزدىكى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئەرەب ۋە فارس تىللىرىدىن قوبۇل قىلغان بىر قىسىم سۆز ۋە ئاتالغۇلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەدەبىي ۋە كۈندىلىك جانلىق ئىستىمالدىكى ئۆز تىلغا ئايلىنىپ كەتتى، جۈملىدىن «مۇھاجىرەت» سۆزى شۇنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. ئەمما «دىئاسپورا ئۇيغۇر جامائىتىگە NPO تەشكىلاتلىرىنى كۆپەيتىپ قۇرۇش ھەققىدە» ناملىق بۇ ماقالىدا ئىشلىتىلگەن «دىئاسپورا» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى مۇتلەق ئۇيغۇرلار بىلمەيدۇ، بولۇپمۇ ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئەسلا قوللانمايدىغان ئېنگىلىز تىلىدىكى diaspora سۆزنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ، ئۆز تىلىمىزدىكى «مۇھاجىرەت» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىشنى مەن چۈشەنمىدىم ھەم شەخسەن قوبۇل قىلالمايمەن. بۇ ھەقتە مەلۇم قېرىندىشىمىزنىڭ كۆز قارىشىنى يەنى نېمە ئۈچۈن «دىئاسپورا» دېگەن ئېنگىلىزچە ئاتالغۇنى قوللانغانلىقى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. ئۇ قېرىندىشىمىزنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇر تىلىدا بار بولغان «مۇھاجىرەت» ئاتالغۇسى ئېنگىلىز تىلىدىكى «دىئاسپورا» ئاتالغۇسىدا ئىپادىلىنىدىغان مەنىلەرنى، بولۇپمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سىياسىي مەنىلەرنى تولۇق ئىپاىلىيەلمەيدىكەن، شۇ سەۋەپتىن ئېنگىلىز تىلىدىكى diaspora ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپتۇ.
خوش، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار مىڭ يىللاردىن بۇيان قوللۇنۇپ كەلگەن «مۇھاجىرەت» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسى نېمە؟ «مۇھاجىرەت» – ئەرەبچىدىن قوبۇل قىلىنغان «مۇھاجىر» دېگەن خاس ئىسىمنىڭ سۈپەت شەكلى بولۇپ، بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىدا «ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، باشقا دۆلەتتە ئولتۇراقلاشقان ياكى باشقا دۆلەتتە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان كىشىنى كۆرسىتىدۇ» .
«دىئاسپورا» ئاتالغۇسى بولسا ئېنگىلىز تىلىدىكى diaspora سۆزى بولۇپ، بۇ سۆز ئەسلى گىرېك تىلىدىكى Diaspeirein چېچىلىش، تارقىلىپ كېتىش دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ يەنى بىر جۇغراپىيىلىك رايون ياكى دۆلەتتە ياشىغان خەلقلەر توپلىمىنىڭ باشقا رايون ۋە دۆلەتكە چېچىلىپ كېتىشىنى ئىپادىلەيدۇ. ئېنگىلىز تىلىدا بۇ ئاتالغۇ يەھۇدىلارنىڭ تارىختا پەلەستىندىن كۆچۈپ، دۇنيانىڭ ھەممى يېرىگە مۇساپىر بولۇپ چېچىلىپ كەتكەنلىكىگە تەقلىد قىلىنىدىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ھەرقانداق بىر ئورتاق تىل ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە خەلقلەرنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە كۆچمەن بولۇپ بېرىپ، شۇ يەردە بىر توپلۇق بولۇپ ياشاۋاتقان كۆچمەن ئاھالىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداقتا ئۆزىمىزدە ئەسلىدىن بار بولغان «مۇھاجىر» ئاتالغۇسى ئېنگىلىز تىلىدىكى «دىئاسپورا» ئاتالغۇسىدا ئىپادىلىنىدىغان مەنىلەرنى ئىپادىلىيەلمەمدۇ؟ – ئەلۋەتتە ئىپادىلىيەلەيدۇ. مۇبارەك ئۇيغۇر تىلىمىز سۆز بايلىقلىرىغا خېلە باي تىل بولۇپ، بىزدە «مۇھاجىر» ئاتالغۇسىدىن باشقا يەنە «سۈرگۈن» ئاتالغۇسىمۇ بار. ئەگەر بىز «مۇھاجىر» ئاتالغۇسىنى سىياسىي مەنىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە كەملىك قىلىدۇ دەپ قارىساق، «سۈرگۈن» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ. يەنى « سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى» ، «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى»؛ دېگەندەك.
مەن بۇ يىل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا مىليۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى «جازا لاگېرلىرى» غا سولىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇستىدىن شىكايەت قىلىپ، ئىمزا قويۇش ھەركەتلىرى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئېنگلىزچىدىن «petition» يەنى شىكايەت / ئەرز قىلىش دېگەن يېڭى بىر سۆزنى قوبۇل قالغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم. دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىز خۇددى ئۇيغۇر تىلىدا بو سۆز يوقتەك ياكى ئېنگىلىزچە ئېيتىلسا ھەيۋەتلىك ۋە جەلىپقىلارلىق ئاڭلىنىدىغاندەك بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچە قىلىۋالدى. مەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل يات تىللارغا ئالاھىدە دوستانە مۇئامىلىسىدىن بىئارام بولدۇم.
خۇلاسە شۇكى يېقىندا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىنىڭ تېمىسىنى «دىئاسپورا ئۇيغۇر جامائىتىگە NPO تەشكىلاتلىرىنى كۆپەيتىپ قۇرۇش ھەققىدە» دەپ ئاتىغاندىن كۆرە ئۆز تىلىمىزدىكى بار بولغان ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپ، «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىدە ›تاپاۋەتسىز تەشكىلاتلار‹ (NPO) نى قۇرۇش ھەققىدە تەكلىپلەر» ئالساق تامامەن بولىدۇ ۋە بىر پۈتۈ ئۇيغۇر خەلقى ئاسانلا چۈشۈنىدۇ دەپ قارايمەن.
ئەگەر مۇھاجىرەتتىكى ناھايىتى ئاز ئۇيغۇر توپلاملىرى ۋەتىنىمىزدىكى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قېلىپلىشىپ بولغان ئۇيغۇر تىلىغا ھۆرمەت قىلمىساق، ئۇنىڭ ئالىبۇرۇن قېلىپلاشقان سۆز، ئاتالغۇ ۋە ئىملا قائىدىلىرىدىن بىلىپ – بىلمەي كۈنسايىن يىراقلاشساق، ئەسلىدىنلا مەجبۇرى خىتاي تىلى ئاسمىلاتسىيىسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان، ھەر ۋاقىت يوقۇلۇش خەۋپىدە جان تالىشىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىشتا ئۆزىمىز پايدىسىز ئەھۋالنى ھازىرلاپ قويىمىز. بۇ رېئاللىق ھەممىمىزنىڭ، بولۇپمۇ قەلەم تۇتىدىغان زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى بىز ئۆز تىلىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك، باشقىلار بىز ئۈچۈن قەدىرلەپ بەرمەيدۇ.
2019-يىلى 16-يانۋار. لوندون.