سىز بۈيۈك بىرىتانىيەنى قانچىلىك بىلىسىز؟  (2)

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
سالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر!  مەن ئالدىنقى يازمامدا بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا قىسقىچە بايان قىلىپ، بۈيۈك بىرتانىيەنىڭ ساھىبخانا قۇرغۇچىسى – ئېنگلىز مىللىتىنىڭ ئاتا ۋەتىنى ئەنگلىيە كىنىزلىكىنى (England) نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدىم. ئەمدى نۆۋەتتىكى يازمامدا بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى ھەم ئەنگلىيە كىنىزلىكىنىڭ پايتەختى، دۇنياغا 1760- باشلانغان بىرىنچى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى “The Industrial Revolution” بىلەن تەڭلا “كۈن ئولتۇرماس ئىمپېرىيە” نىڭ پايتەختى بولۇپ تونۇلغان، ھازىرقى زامان دۇنيا مەدەنىيەت، پەن-تېخنىك اۋە سىياسىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان ۋە  تاكى بۈگۈنگىچە ئۆز تەسىرىنى ساقلاپ كەلگەن لوندون شەھىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئوتىمەن…….

 

لوندون شەھىرى ھەققىدە بايان

 

لوندون- بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە ئەنگلىيە كىنىزلىكىنىڭ پايتەختىدۇر. لوندوننىڭ ئەسلى نامى “Londiniu” بولۇپ، رومانلار ۋە رومان ئىمپېرىيىسى مىلادى 40-يىللىرىدا بىرىتانىيە ئارىلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن تايمىس دەرياسىنىڭ ئوتتۇر ائېقىنىغا جايلاشقان بۇ شەھەرنىڭ ئىسمىنى لوندىنىۇم دەپ ئاتىغان ۋە بۇ شەھەردە ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان.يەنە بىر مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە بۇ لوندون سۆزى ئەسلى كېلتىك (Celtic) مەدەنىيىتى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، كېلتىك تىلىدىكى يەر نام ۋە مەنىسى بويىچە «ياۋايى يەر»(Londinos – Lond = wild) دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ دەپ قارىلىدىكەن.

 

لوندون–بۇ ئاجايىپ رەڭدار، تولۇپ-تاشقان رىقابەتكە تولغان، غەرب قىممەت قارىشى، مەنتىقىسى، سانائىتى ۋە كاپتالىزىمىغا ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۈلگە بولىدىغان خەلقئارالاشقان بىر شەھەردۇر. بۇ شەھەردە دۇنيادىكى ھەممە مەدەنىيەت، ئىرىقلەر ۋە تىللار ئاساسەن دېگۈدەك تېپىلىدۇ. بۇ شەھەردە 8 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ياشايدۇ (2013-يىلىدىكى ستاتىستىكا) ۋە بۇ شەھەردىكى ئاھالىلەر ئېنگلىز تىلىدىن باشقا 300 دىن ئارتۇق يەرلىك تىللاردا سۆزلىشىدۇ. لوندون ئاھالىسىنىڭ  %59  نى ئاق تەنلىك ئېنگلىزلار قاتارلىق ياۋروپا ئىرقىدىكىلەر،  %41 نى بولسا ھىندىستان، پاكىستان، بېنگال، ئافىرقىلىق قارا كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە باشقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر تەشكىل قىلىدۇ.

 

دۇنيادا تۇنجى قېتىم يەر ئاستى پويىز مۇندىن 151 يىل ئىلگىرى يەنى 1863- يىلى لوندوندا ياسسالغان بولۇپ، لوندون يەر ئاستى پويىزى قاتناش لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 402 كىلومېتىر، 11 يول قاتنايدۇ. بۇ يەر ئاستى پويىزلار ھەر يىلى تەخمىنەن 1 مىليارد 300مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى توشۇيدۇ.

 

لوندوندا شەھەر تەۋەسىگە تەۋە جەمئىي 6 ئايرودروم بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئايرودروم Heathrow ئايرودرومى دۇنيادىكى ئەڭ كوپ يولۇچىلار توشۇيدىغان، ئاڭ ئالدىراش ئايرودروملارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

 

لوندون شەھىرىنىڭ 1- ئايدىكى ئوتتۇرىچە ئەڭ تۆۋەن ھاۋا كىلىماتى 7 گىرادۇس، 7- ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى ھاۋا كىلىماتى 19 گىرادۇس بولىدۇ. لوندوننىڭ قىش پەسلى نەم،  كۆپىنچە يامغۇرلۇق، ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرى ئىللىق ۋە سالقىن بولىدۇ. لوندوننىڭ قىش پەسىللىرىدىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە 0 دىن تۆۋەن بولمايدۇ.

 

لوندون يۇقىرى ئىختىساس ئىگىلىرى مەركەزلەشكەن بىر شەھەر، بازار ئىگىلىكى ئەركىن، خىزمەتكە قوبۇل قىلىش خەلقئارالاشقانلىغى ئۈچۈن ئىش رىقابىتى كەسكىن، ئىقتىساد ئىگىلىرىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ. ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى ياكى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ھەر قانداق بىر ئادەم – ئەگەر شۇ ئادەم ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئاسپىرانتلىق، يۇقىرى بولغاندا دوكتورلۇق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، ئۆز كەسپىدە ئۇتۇق قازانغان پەن-تېخنىكا ياكى ئىختىساس ئىگىلىرى بولسا، خىزمەتكە قويۇلغان تېخنىكىلىق تەلەپكە مۇۋاپىق كەلسە ۋە شۇ ساھەدە خىزمەت تەجرىبىسى بار بولسا لوندوندا ئىشلەش ئۈچۈن تور ئارقىلىق خىزمەتكە ئىلتىماس قىلسا، ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ. لوندوندىكى ياكى بىرىتانىيەدىكى %80  دىن يۇقىرى خىزمەتلەرگە ئادەتتە “بىرىتانىيە پۇقراسى بۆلىشى كېرەك” دېگەندەك تەلەپلەر ۋەياكى مىللىتى، جىنىسى، ياش چەكلىمىسى قاتارلىق تەلەپلەر قويۇلمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئەڭ مۇھىمى، كەسپى بىلەن بىرگە ئېنگلىز  تىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك!

 

ھۆكۈمەتنىڭ 2010- يىلىدىكى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىشىچە لوندوندا شەھەر رايونىدا ئادەتتىكى خىزمەتلەرگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا %40 ئارتۇق خىزمەتلەرگە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۆلىشى تەلەپ قىلىنغان. ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈملىرى قاتتىق بولسىمۇ ئەمما يەنىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشتا كارخانىلارنىڭ تەلەپلىرى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن بېنگال، پاكىستان، ئافرىقا ئىرقىدىكى كۆچمەنلەر ۋە باشقا ئاز ساندىكى مۇسۇلمانلار ئىشسىزلىقتىن نامراتلىق گىرۋىكىدە ياشايدۇ.

 

بۈيۈك بىرىتانىيانىڭ قانۇن قۇرۇلۇشى، قانۇننى ئىجرا قىلىش ۋە قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش ئاساسلىرى مۇستەھكەم بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە پادىشاھلىق دۆلەت قانۇنى 1189– يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاساسەن مۇشۇ قانۇنغا تەبدىقلانغان ئاساستا دۆلەت باشقۇرۇلۇپ كەلمەكتە. پۇقرالارنىڭ ئېڭىدا ھەرقانداق بىر ئىشقا قارىتا “قانۇنلۇق” ۋە “قانۇنسىز” دەپ باھا بېرىش تونۇشى ۋە مەسئۇلىيىتى ئومۇملاشقان. ئادەتتە بىر بىرىتانىيەلىكلەر ماشىنا ھەيدەپ كېتىپ بېرىپ، يولدا ياقىسىدا ماشىنىسىنى توختاتماقچى بولسا ئۇ كىشى ئەڭ ئاۋۋال ئاڭلىقلىق بىلەن شۇ يولدا ماشىنا توختىتىشنىڭ “قانۇنلۇق” ياكى “قانۇنسىز” ئىكەنلىكىنى ئويلىشىدۇ، ھەرگىزمۇ مەن بۇ ماشىنىنى توختاتسام “جەرىمانە تۆلەيمەنمۇ ياكى تۆلەيمەنمۇ” دېگەننى بىرىنچى قىلىپ ئويلاشمايدۇ.

 

ئەگەردە بۈيۈك بىرىتانىيە پۇقراسى قانۇننى بۇزسا، ئۇ كىشى باش مىنىستىر بولامدۇ، ياكى پادىشاھ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بولامدۇ، مىليونېر بولامدۇ ۋەياكى كوچىلاردىكى بىر تىلەمچى بولامدۇ، ھەممىسى ئوخشاشلا ھېچ قانداق بىر پەرقلىق ئىمتىيازغا ئىگە قىلىنماي جازالىنىدۇ.

 

بۈيۈك بىرىتانىيانىڭ مەجبۇرى مائارىپ ۋە داۋالىنىش مۇلازىمەتلىرى ھەقسىز، جەمئىيەت پاراۋانلىقى ئومۇملاشقان. بۇ دۆلەت 2- دۇنيا ئۇرشىدىن كېيىن دۆلەتلىك ھەقسىز داۋالىنىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان. ئەگەر سىز ھەرقانداق ئېغىر كېسەل بولسىڭىز، ھەتتا ئەزا ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرسىڭىزمۇ بىر تىيىن تۆلىمەيسىز. جىددىي خاراكتېرلىك بولمىغان چوڭ تىپتىكى ئوپېراتسىيە ئۈچۈن ئادەتتە خۇسۇسىي دوختۇرىڭىز سىزنى يۇقرى دوىتۇرخانىلارغا تونۇشتۇرسا 3 ئايدىن 6 ياغىچە ئۆچىرەت كۈتىسىز. بۇ ئوپېراتسىيىلەر ئۈچۈن قانچىلىك چىقىم كەتسە ھەممىنى دۆلەت ئۈستىگە ئالىدۇ. مۇنداق مۇلازىمەتكە ئېرىشىشنىڭ شەرتى سىز بۈيۈك بىرىتانىيە پۇقراسى بۆلىشىڭىز كېرەك. شۇڭا بۇ دۆلەت مېدىيالىرىدە، مەتبۇئاتلىرىدا دورا ۋە دوختۇرخانىلار توغرسىد ائېلانلارنى پەقەت كۆرمەيسىز. بۈيۈك بىرتانىيەدە بالىلارغا دۆلەت تەرىپىدىن تاكى ئۇلار 18 ياشقا كىرگىچە ھەر ھەپتىدە 20.50£ (200 يۈەن) تۇرمۇش پۇلى بېرىلىدۇ يەنى بىر ئائىلىدە ئەر-ئايالنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ بىر يىللىق كىرىمى  50،000£ دىن توۋەن بولسا.

 

لوندوندا يۇقىرى ئىش ھەققى ئومۇملاشقان. لوندون شەھەر ئاھالىلىرى مىللەت، دۆلەت، دىن ۋە باي-كەمبەغەللىك پەرقلىرى بويىچە ياشايدۇ. لوندوننىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ۋە ئوي ئىجارىسى قىممەت. لوندوننىڭ 3- چەمبىرىكىدىكى 2 خانىلىك بىر يۈرۈش ئوينىڭ بىر ئايلىق ئىجارىسى 2,500£ ئەتراپىدا بولسا ئەگەر سىز بۇ ئوينى مۈلۈك قىلىپ سېتىپ ئالماقچى بولسىڭىز، باھاسى تەخمىنەن  300,000£  ئەتراپىدا بولىدۇ (جايلاشقان ئورنى ئالاھىدەپەرق قىلىدۇ). بىر ئىستاكان چاي ياكى قەھۋەنى ئادەتتە 2,50£ ئېلىپ ئىچىسىز. بىرقاپ بولكا ناننىڭ باھاسى 1,50£ . بىر لىتىر پېترول (بېنزىن) نىڭ ھازىرقى باھاسى 1،27£. لوندون شەھەر رايونى 6 چەمبىرەككە ئايرىلغان بولۇپ، تەبىئىيكى بىرىنچى چەمبىرەك – شەھەر مەركىزى ئەڭ قىممەت. لوندوندا ئەڭ توۋەن قارا كۈچ بىلەن ئىش قىلىدىغانلارغا بېرىلىدىغان بىر سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى 8,80£. بىر قۇرۇلۇش ئارخىتېكتورنىڭ بىرسائەتلىك ئىش ھەققى 250£. بىر كوچا تازىلايدىغان ئىشچىنىڭ بىر يىللىق مائاشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 18,000£ بولسا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىر يىللىق مائاشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 90,000£ (000 ،900 يۈەن). لوندون شەھەر مەركىزىدىكى بىر بانكىدا ئىشلەيدىغان بۆلۈم باشلىغىنىڭ بىر يىللىق ئىش ھەققىتەخمىنەن 1,000,000£ ئاشىدۇ ئەمما ھۆكۈمەت باي ۋە كەمبەغەللەرنىڭ پەرقىنى ئازايتىش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر ۋە سىياسەت قوللانغان بولۇپ مۇئاشى يۇقۇرىلار مۇئاش بېجىنى كۆپ تولەيدۇ، مۇئاشى ئازلار ئاز تولەيدۇ. ئەنگىلىيەدە يىللىق مۇئاش بېجى يۇقۇرىسى ئومۇمىي مۇئاشىنىڭ %40 گىچە بولىدۇ. 2014- يىلىدىن باشلالپ ھوكۇمەت كەمبىغەللەرگە ئېتىبار بېرىپ، بىر يىللىق باجسىز كىرىمىنى 10,000£ قىلىپ بېكىتتى ۋە بۇ دېگەنلىك سىز بىر يىلدا 10,000£ كىرىم قىلسىڭىز كىرىم بېجى تۆلىمەيسىز، ئەگەر بۇ ساندىن ئېشىپ كەتسە كىرىم بېجى تۆلەيسىز.

 

ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەتتىكى باي ۋە كەمبەغەللىك پەرقىنى ئازايتىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي لوندوندا بايلار پەۋقۇلئاددە باي، كەمبەغەللەر پەۋقۇلئاددە كەمبەغەل. ئەگەرسىز دۆلەت تەستىقلىغان كەمبەغەل بولسىڭىز دۆلەتنىڭ بىر يۈرۈش پاراۋانلىقلىرىغا ئېرىشەلەيسىز. سىز ياشىغان يەرلىك ھۆكۈمەت سىزگە ياشايدىغانغا ئوي، ھەر ھەپتىدە تۇرمۇشىڭىز ئۈچۈن خىراجەت قىلىدىغان پۇل بېرىدۇ ئەمما سىز مېيىپ بولمىسىڭىزلا سىزنى ھامان بىر كۈنى ئىش تېپىشقا قىستايدۇ ياكى سىزگە ئىش تېپىپ بېرىدۇ. بۈيۈك بىرتانىيەدە پېنسىيە يېشى 68 ياش. بۇ دۆلەتتىكى ھەر قانداق بىر ئادەم بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولسىلا، يېشى 68 گە كىرگەندىن كېيىن دۆلەتلىك پېنسىيە مائاشىغا ئېرىشەلەيدۇ.

 

بۈيۈك بىرتانىيەدە 3 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمانلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ %80 ئارتۇقى لوندوندا شەھىرىدە ياشايدۇ (2013 يىلىدىكى ستاتىستىكا). بۈيۈك بىرىتانىيە ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىدىكى مۇسۇلمان ۋە باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدايدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىدۇ. بىرىتانىيەدىكى ھەرقانداق بىر پۇقرانىڭ دىنىي ئېتىقاد، يىغىلىش، ئۇيۇشۇش، تەشكىللىنىش، نامايىش قىلىش، سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكلىرى، كىيىنىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي ئادەتلىرى بويىچە ياشاش، ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ قانۇنىي توي قىلىشى قاتارلىق ئەركىنلىكلىرى ھەققىدە پارلامېنت قانۇن چىقارغان بولۇپ، بۇ ھەقلەر بىردەك قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدۇ.

 

مۇسۇلمان ئەر ۋە ئاياللارنىڭ خىزمەت ۋە مەكتەپ ئورۇنلىرىدا ئىسلامى كىيىنىشى، ئىبادەت قىلىشى چەكلەنمەيدۇ. ئادەتتە مۇسۇلمانلار ۋە باشقا دىندىكىلەر بار كۆپ ساندىكى ئىدارە، مەكتەپ ۋە كارخانىلاردا مەخسۇس دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن “ئىبادەت قىلىش ئويى” (Praying room) تەسىس قىلىنغان بولىدۇ.

 

گەرچە بۈيۈك بىرىتانىيە ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاتىزىملىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ياكى ھاكىمىيەتتە دىنىي تەسىردىن خالى بولۇش پرىنسىپىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان بولسىمۇ ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىياسىي پارتىيىلەر ئىچىدە بولۇپمۇ ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ لىدېرى باش مىنىستىر David Cameron – دەۋىد كەمىرون نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پات- پاتلا “بىرىتانىيە خرىستىئان دۆلىتى” دېگەننى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىشلار كۆرۈلۈپ كەلمەكتە ۋە مۇنداق سىياسىي بايانلارغا قارتا ئۆكتىچىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ قارشى ئاۋازىنى بېرىپ، بۇ ھەقتىكى تالاش– تارتىشلار مېدىيالاردا كۆپ ھالدا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ بولۇپمۇ خرىستىئان بايراملىرى بولىدىغان ۋاقىتلاردا. بۈيۈك بىرىتانىيە جەمئىيىتى %60 يۇقىرى ئاھالىلەر دىنسىز ۋە ياكى ھېچ قانداقبىر دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدۇ. مەكتەپلەر بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دىنىي دەرس تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار خرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنىي، يەھۇدىي دىنى، بۇددا دىنى، ھىندى دىنى قاتارلىق چوڭ دىنلار ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملەر ئۆگىتىلىدۇ.

 

ئومۇمەن بۈيۈك بىرىتانىيە ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا بولغان مۇئامىلىسى ۋە سىياسەتلىرى باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئادىل، مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار بۇدۆلەتنىڭ مۇسۇلمانلارغا تۇتقان سىياسىتىدىن مەمنۇن.

 

بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە لوندونلۇقلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرى، ھاياتىدىكى سىز بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار:

 

  1. سىز بىلەن ناتونۇش بىرى گەپلىشىشنى ئىستىسە، ئۇ كىشى ئاۋۋال بۈگۈنكى ھاۋا توغرىسىدا گەپ باشلايدۇ ياكى سىزنىڭ يېتىلەپ ماڭغان ئىتىڭىزنى ئەركىلىتىپ سۆز باشلايدۇ.

 

  1. لوندونلۇقلارنىڭ مىجەزى ئاساسەن دېگۈدەك ئېغىر بېسىق كېلىدۇ، ئالدىراپ ئۆز-ئارا ئازارلاشمايدۇ، ئازارلىشىپ قالدىمۇ، بولدى، ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ، ساقچى بىلەن ئاۋارە بولىدىغىنىڭىز ئېنىق.

 

  1. بىرى بىلەن جېدەللىشىپ قالسىڭىز ئەگەر ئىرقىي كەمسىتىش ياكى جىنسىي ھاقارەتكە ياتىدىغان  ھەرىكەت ۋە سۆزلەرنى قىلسىڭىز، ئەگەر شۇ ئازار يېگەن كىشى ئۇستىڭىزدىن ئەرز قىلسا سىزنى قولغا ئالىدۇ ياكى سوتقا چاقىرىدۇ.

 

  1. لوندوندىكى ئاسىيالىق يەنى ھىندىستان ۋە پاكىستان ئىرقىدىكىلەر بىلەن ئافرىقا ئىرقىدىكى قارۋايلار بىر- بىرلىرى بىلەن ئاسانلىقچە چىقىشالمايدۇ.

 

  1. لوندون ياكى بىرىتانىيەدىكى ئېنگلىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىرقىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئادەتتە باشقىلار بىلەن ئاسانلىقچە گەپلەشمەيدۇ. كۆرۈنۈشتە ئۇلار ھاكاۋۇر كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇنداق ئەمەس، بەلكى باشقىلار بىلەن ئاسانلىقچە زۆرۈر بولمىسا گەپلەشمەيدۇ، ئۇلار كۆپىنچە ھالدا پىرىنسىپچان كېلىدۇ. باشقىلارغا ئادىل بولماسلىقتىن ياكى ئازار بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ.

 

  1. لوندون شەھەر ئاھالىسىنىڭ تەڭ يېرىمىدىن كۆپىنى ياشلار تەشكىل قىلىدۇ. لوندوندىكى ياشلار مۇستەقىل ياشاشقا، ئىجتىمائىي ئالاقىگە، تەنتەربىيىگە ۋە دۇنياۋى سىياسىي مۇھىتقا كۆڭۈل بولىدۇ. چەتئەللەرگە ساياھەتكە چىقىشقا ئامراق. كۆپىنچە ھالدا ھۆكۈمەت سىياسىتىگە قارشى ئىش كۆرۈشنى ياكى نامايىش قىلىشنى “ئەقىللىقلىق ۋە ئادىللىق” دەپ قارايدۇ.

 

  1. لوندون ياكى بىرىتانىيەدىكى ياشلاردا قارىغۇلارچە مىللەتچىلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى يۇقىرى ئەمەس، كوپ سانلىق ياشلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى پۈتۈن دۇنيانى نەزەردە تۇتىدۇ.

 

  1. لوندوندىكى مۇتلەق كوپ ساندىكى ئادەملەرگە ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ھىندىستان ناھايىتى تونۇشلۇق ئەمما ناھايىتى كۆپ ئادەملەر قازاقىستاننىڭ قايسى قىتئەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

 

  1. بىرتانىيەدە ئادەملەر ئارا كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ئىنچىكە ۋە زىل بولىدۇ. ئادەملەردە ئاساسەن دېگەندەك “مېھمان قىلىش” دېگەن سۆز بولمايدۇ. ئەگەردە سىز بىرقانچە دوستلىرىڭىزنى تۇغۇلغان كۈنىڭىز مۇناسىۋىتى بىلەن بىر رېستوراندا بىللە تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلغان بولسىڭىز، كەلگەن مېھمانلار ھەممىسى ئۆزىنىڭ تاماق پۇلىنى ئۆزى تۆلەيدۇ.

 

  1. توي- توكۇنلەردە سوۋغا–سالاملار ناھايىتى ئاددىي بولىدۇ. ئادەتتە دوستلىرىڭىز سىزگە تەبرىك سۆزى يېزىلغان بىر كارتا ياكى بىر دەستە گۈل ۋەياكى بىر بوتۇلكا ئۈزۈم ھارىقى دېگەندەك سوۋغاتلا ئېلىپ كېلىدۇ.

 

  1. ئادەملەردە ۋاقىت ئېڭى يۇقىرى. نورمال بىر دوستلار ئارا ئۇچرىشىشمۇ ئادەتتە بىر- ئىككى ئايلار ئىلگىرى بېكىتىلىدۇ. ھەممە ئادەملەرنىڭ يىللىق، ئايلىق، ھەپتىلىك، كۈندىلىك قىلىدىغان ئىش پائالىيەتلىرىنى ئالدىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى- پائالىيەت خاتىرىسى يېزىش ئومۇملاشقان. ئەگەردە سىز بېكىتىلگەن ئۇچرىشىشقا كېچىكىپ كەلسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ مەدەنىيەتسىزلىكىڭنى، ياخشى تەربىيە ئالمىغانلىقىڭىزنى ۋە كەسپىي ئېڭىڭىزنىڭ تۆۋەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەملەر ئۆز-ئار ائۇچرىشىشتا، خىزمەتتە بولسۇن ياكى ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە بولسۇن، ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىقتىن، كېچىكىش ھەزەر ئەيلەيدۇ.

 

  1. ياشلار 16 ياشتىن كېيىن ئاساسەن مۇستەقىل ياشايدۇ. ياشلار ئەگەر ئوكىسفورد ۋە كەمبرىدج ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرەلىسە ئۆزلىرىنى ئەڭ ئىقتىدارلىق ۋە بەختلىك ھېسابلايدۇ.

 

  1. بىرىتانىيەدىكى ياشلار مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئامېرىكا ياشلىرى بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك پەرقلەنمەيدۇ.

 

  1. بىرتانىيەدە ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز – ئارا توي قىلىشىنى نورمال ئىش دەپ قارايدۇ. بولۇپمۇ لوندون شەھىرىدە ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا توي قىلىش نىسبىتى يۇقىرى.

 

  1. بىرتانىيەدە ياشلار ئاساسەن دېگەندەك دىنغا ئېتىقاد قىلمايدۇ.

 

  1. ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرىشتە پارا بېرىش ۋە ئېلىش ياكى »ئارقا ئىشىك قىلىش» بىردەك جىنايەت دەپ قارىلىدۇ.

 

بۈيۈك بىرىتانىيەلىكلەر تۆۋەندىكى بىرقانچە ئىشلارنى سوراشنى ۋە بۇ ھەقتە سۆزلىشىشنى خالىمايدۇ:

 

  1. ئادەتتە سىز كۆچمەن بولسىڭىز، ئادەملەر سىزنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىڭىزنى سورىمايدۇ.

 

  1. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەملەر مىللەتچىلىكىنى ياقتۇرمايدۇ.

 

  1. ھەرقانداق بىر ئادەمدىن شەخسىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سوراشنى تەربىيىسىزلىك، ئەدەپسىزلىك دەپ بىلىدۇ. مەسىلەن، بىرسىنىڭ مائاشىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سوراش، تۇرمۇشلۇق بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى سوراش قاتارلىقلار.

 

  1. ئىرقىي كەمسىتىشنى ئادەملەر ئەڭ ئەدەپسىز، قوبۇل قىلىنمايدىغان قىلمىش دەپ قارايدۇ.

 

  1. قارا رەڭلىك ئادەملەرنى “نېگىر” دەپ ئاتاش جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئادەملەر ئافىرقىلىقلارنى“Black” – قارۋايلار، ئۆزلىرىنى “White” –  ئاقلار دەپ ئاتايدۇ.

 

  1. ئادەملەر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە سىزنىڭ قايسى ئىدارىدە ئىشلەيدىغانلىقىڭىزغا ئەمەس، بەلكى قايسى كەسىپنى قىلىدىغانلىقىڭىزغا بەكىرەك ئېتىبار بېرىدۇ. ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئىشلەيدىغان ئىدارىسىگە ئەمەس، ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازانغان ياكى قازانمىغانلىقى بىلەن ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ.

 

  1. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە ئادەملەر ئارتۇقچە تەكەللۇپ، ماختاشلارنى، خۇشامەت قىلىشلارنى ياقتۇرمايدۇ. مۇنداق قىلمىشلارنى سەمىمىيەتسىزلىك، ياخشى نىيەتلىك ئىش ئەمەس دەپ قارايدۇ.

 

  1. كىشلەر يۇقۇرى ئاۋازدا سۆزلىگەن ئادەمنى ياقتۇرمايدۇ ۋە تەربىيەسىز دەپ قارايدۇ.

 

بۈيۈك بىرىتانىيەدىكى سىياسىي پارتىيىلەر

 

بۈيۈك بىرىتانىيە دېموكراتىك پارلامېنت تۈزۈمىدىكى كۆپ پارتىيىلىك سايلامنى ئاساس قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈلىدىغان پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەت بولۇپ، ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت 2 سىمۋۇلىققا ئىگە دۆلەت باشلىقىدۇر. بۈيۈك بىرتانىيەدە ھازىر چوڭ سىياسىي پارتىيىلەردىن Labour party  (ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى) Conservative party – Tory  (كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى) ،Liberal Democrats, Scottish National Party – SNP ( شوتلاندىيە سكوت مىللىي پارتىيىسى)، UK Independence Party – UKIP  (بۈيۈك بىرىتانىيە مۇستەقىللىق پارتىيىسى – كۆچمەنلەرگەۋە ياۋروپا ئىتىپاقىغا قارشى پارتىيە) قاتارلىق سىياسىي پارتىيىلەر بار.

 

ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە  Conservativeparty – Tory   (كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى – ئەنئەنىچىلەر پارتىيىسى )  يەنى 1980- يىللىرى ساچىر خانىم باش مىنىستىر بولۇپ  10نەچچە يىل ئۇدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن پارتىيە.

 

لوندون شەھىرى (Greater London Borough) جەمئىي 33 شەھەر بۆلگىسىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر بۆلگە ئۆزىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت سېستىمىسىنى تەشكىل قىلغان.

 
 

 
 

لوندون شەھەر باشلىقى

 

لوندون شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسى(Mayor of London) ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ئادەتتە باش مىنىستىردىن كېيىن قالسىلا بۇ دۆلەتتىكى 2- ئورۇندىكى مەمۇرىي  ھوقۇق دەپ قارىلىدۇ. ھازىرقى لوندوننىڭ شەھەر باشلىقى  Boris Johnson كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىن بولۇپ 2012- يىلىدىكى لوندون شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقىنى سايلاش سايلىمىدا سايلانغان. ئۇ شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن لوندون شەھەر رايونىدا بولۇپمۇ شەھەر مەركىزىدە شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ۋېلىسىپىت ئىجارە بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن لوندونلۇقلار ئۇنى “Boris Bike” (بورىس ۋېلىسىپىت) دەپمۇ ئاتايدۇ. ھازىر لوندون شەھىرىنىڭ 10 شەھەر بۆلگىسىنىڭ 700 نۇقتىسىدا ۋېلىسىپىت ئىجارىگە ئېلىش ئورۇنلىرى بار بولۇپ، جەمئىي 10،000 ئارتۇق ۋېلىسىپىت ئىجارىگە بېرىلىدۇ. ئىجارە ۋېلىسىپىتنىڭ بىر سائەتلىك ئىجارىسى 1£، 24 سائەتلىك ئىجارىسى 2£،  بىر ھەپتىلىك ئىجارىسى 10£. لوندوننىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت شەھەرنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ ئېلېكترونلۇق توك بىلەن ماڭىدىغان يېشىل ماشىنىلارنى قوللىنىشىنى دەۋەت قىلىپ، شەھەرنىڭ مەركەزلىرىدە بۇ خىلدىكى ماشىنىلار ئۈچۈن ھەقسىز ماشىنا توختىتىش ۋە ھەقسىز توك قاچىلاش مۇلازىمەت نۇقتىلىرىنى كۆپلەپ ئاچتى.

 

ھازىر لوندوندا بۇ خىلدىكى مۇھىتقا زىيىنى بولمايدىغان يېشىل ماشىنىلارنى ئىشلىتىدىغان ئادەم سانىمۇ يىلدىن يىلغا كۆپەيمەكتە.

 

لوندونشەھەر باشلىقى  Boris Johnson  ننىڭ ئاتا جەمەتى تۈرك بولۇپ، ئوسمانئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ژۇرنالىست ئالىي كامال بەينىڭ چەۋرىسى بولىدۇ. ئالىي كامال بەي 1922- يىلىدىكى تۈركىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان. بورىس جونسون بىر يىلدا 143،911£  مائاش ئالىدۇ. ئۇ 1964- يىلى 19 – ئىيۇن نىيۇ يورك شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ ئامېرىكا ۋە بۈيۈك بىرىتانىيە ۋەتەندىشى. Boris Johnson نىڭ 5 پەرزەنتى بار.

 

بۈيۈك بىرتانىيەدە ياشايدىغان بىر قىسىم كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە (تەخمىنەن):ھىندىستانلىقلار 1،451،862، پاكىستانلىقلار 1،173،892؛  تۈركلەر 300،00؛ جۇڭگولۇقلار 240،000؛ ئافغانىستانلىقلار 71،000، كۇردلەر 42،000، تىبەتلەر 650، ئۇيغۇرلار 500.  ئۇيغۇرلار 1999- يىلىدىن باشلاپ بۈيۈك بىرىتانىيەگە كۆچمەن بولۇپ كېلىشكە باشلىغان. (2013- يىلىدىكى ستاتىستىكا.(

 

بۈيۈك بىرىتانىيەدىكى ئۇيغۇرلار

 

ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا بۈيۈك بىرىتانىيەگە كېلىپ ئوقۇش ۋە كۆچمەن بولۇپ ياكى پاناھلىق تىلەپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز. شۇ سەۋەبتىن بۈيۈك بىرىتانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمىيەتلىشىشىمۇ كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلمىغان.

 

بۈيۈك بىرىتانىيەگە ئۇيغۇرلار پەقەت 1990- يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 2000- يىللىرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ كېلىشكە ۋە يەرلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، ھەر يىلدا تەخمىنەن 5 – 10 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار بۈيۈك بىرىتانىيەگە يەرلىشىشىدەك سۈرەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاستا-ئاستا كۆرۈنەرلىك بولماقتا.

 

بۈيۈك بىرتانىيەدە ھازىر تەخمىنەن 500 ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ، بۇ ساننىڭ تەڭ يېرىمىدىن دېگۈدەك ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بولۇپمۇ قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگلىيەگە كېلىش تارىخى ئۈستىدە توختالساق، بىزگە ھازىرغىچە مەلۇم بولغىنى ئۇيغۇرلار 1980- يىللىرىدىن باشلاپلا ئەنگلىيەگە كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئەينى يىللاردا ئوقۇشقا كېلىپ، كېيىن يەرلىشىپ قالغانلاردىن مەلىكە خانىم ۋە شۇ قاتاردا ئوقۇشقا كېلىپ، ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلەيمىز.

 

بۈيۈك بىرتانىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ساننىڭ 20-30% كۆپرەكىنى ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلىشى مۇمكىن. بۈيۈك بىرتانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ ئاز بولغاندا تەخمىنەن 100 دىن ئارتۇق. ئۇلار ئاساسلىقى ۋەتەندىن، ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچلار بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزى كەلگەن دۆلەتلەرگە قايتماقتا ۋە شۇ سەۋەبتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئەنگلىيەدە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىغا كىرگۈزۈلمىدى.

 
 

سۈرەتلەر- لوندون شەھەر مەركىزىنىڭ قىسمەن كۆرۇنىشلىرى

 
 

 

بۇيۇك برىتانىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىزمەت ئۆيى “10. نومۇرلۇق ئۆي”

 
 

 

لوندون پۇل – مۇئامىلە مەركىزى Canary Wharf نىڭ بىر كۆرۈنىشى

 
 

 

سۈرەتتە لوندوننىڭ Whitechapel بۆلگىسىدە مۇسۇلمان ئاياللار نامايىش قىلماقتا. ئۇلار كوتۇرۋالغان تاختايغا مۇنداق يېزىلغان: “برىتانىيە ساقچىللىرى دوزاققا كىرسۇن!”

 
 

 

لوندون Kings Cross پويېز ئىتانىسىسى بېكىتىنىڭ كۆرۈنىشى

 
 

 

لوندوننىڭ Stoke Newington بۆلگىسىگە جايلاشقان “ئەزىزىيە جەمەسى” – بۇ جامەنى لوندوندىكى تۈرك جەمىيەتلىرى تەپىدىن سېلنىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاساسەن دىگۇدەك يىراق- يېقىندىكى ئىمكانى بارلار بۇ جامەگە يىغىلىپ ھېيىت نامازلىرىنى ئوقۇيدۇ.

 
 

 

لوندوندىكى مۇسۇلمان مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى

 
 

 

لوندوننىڭ Plumstead بۆلگىسىگە جايلاشقان قەشقەر كوچىسىدىن بىر كۆرۇنۇش

 
 

 

لوندون شەھرىدىكى بىر مۇسۇلمان ساقچى ئايالنىڭ سۈرتى

 
 

 

لوندوندىكى مۇسۇلمانلار نامايىش قىلماقتا

 
 

 

ۋىكتورىئا ئۇسۇلۇبىدىكى لوندون ككوچىسىنىڭ بىر كۆرۈنىشى

 
 

 

لوندوندىكى مۇسۇلامانلار ئوزلىرىگە شەرىئەت تۇزۇمىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلماقتا

 
 

 

بىرتانىيەلىكلەر

 
 

 

لوندون شەھەر مەركىزىدىكى “مەركىزى مەسچىد” نىڭ كۆرۇنىشى

 
 

 

لوندون گىرىنۋىچ مۇزېيى

 
 

 

 

لوندون شەھەرلىك ھۆكۇمەتنىڭ يېڭى خىزمەت بىناسى

 
 

    

 

غەربىي ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ مەسچىد – لوندون شەھرىنىڭ شەقىدىكى Modern  دىگەن جايغا ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمانلار ئۆز ئىقتىسىادى بىلەن سالغان مەسچىد.

 
 

 

 

ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئىگىز بىنا – The Shard. لوندوننىڭ  London Bridge (لوندون كۆۋرۇكى) يېنىغا سېلىنغان.  2013- يىلى قۇرۇلۇش پۇتتۇلگەن.

 
 

 

لوندون قەلئە كۆۋرۈك. بۇ كۆۋرۈكنى قۇرۇش 1886- يىلى 22- ئاپرېل باشلىنىپ، 1894- يىلى 30- ئىيۇل تاماملانغان. 

 
 

(بۇ تېما باغداش مۇنبىرىدا  2014-4-26 05:07:39 نەشىر قىلىنغان نۇسخا ئاساسىدا  قايتا نەشىر قىلىندى)

 

مەزكۈر تېمىنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى تۆۋەندىكى ئۈلنىشتىن ئوقۇڭ:

http://www.azizisa.org/buyuk_birtaniye1

 

ئەسلى مەنبە باغداش تورى مۇنبىرى:

http://bbs.bagdax.cn/thread-24581-1-1.html

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !