ئاتامنىڭ كونا ۋېلىسىپىتى
-
سەھىپە:Elkun heqqide، Elkun ocherikliri، Elkun yazmilliri
باھا:0 دانە
29-12-2018
[Father’s old bicycle]
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش : Atamning_kona_welisipiti.mp3
ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى
ئۆتتى ھاياتىڭ ئەلگە مېھنەت تۆكۈپ ئاتىجان.
تارالدى ۋېلىسىپىتتىڭدىن بۇ يۇرتتا بىر داستان.
بولدۇڭ سەن خەستىلىك يۈرەككە خالىس شىپاگەر،
چۆلدە قەبرەڭ بولۇر ھامان بىر كۈنى گۈلىستان.
ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بولۇپمۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 20 يىلىدا ئۆسۇپ چوڭ بولغانلار ئۈچۈن ۋېلىسىپىت بىر ئۇنتۇلغۇسىز قاتناش قۇرالى ھىسابلىنىبلا قالماستىن، يەنە ئۇنڭغا دۈگىلەپ ماڭىدىغان ئىككى چاقىغا ئەشۇ يىللاردىكى بىغۇبار ھاياتنىڭ تالاي ھېكايىلىرى يوشۇرۇنغان. ئۇنداقتا ۋېلىسىپىت ئۇ قانداق بىر قاتناش قۇرالى؟ قېنى ئاۋۋال ۋېلىسىپىتنىڭ ئىنسانلار ھاياتىغا سىڭىپ كىرىش تارىخىغا بىر نەزەر سالايلى. يېقىنىقى زامان ئىنسان تارىخىدىكى تۈنجى ۋېلىسىپىتنى گېرمانىيىلىك ئورمان ئەمەلدارى ۋە كەشپىياتچى Karl Freiherr von Drais كارل فرەيھېر فون درەيس 1817-يىلى كەشىپ قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ۋېلىسىپىتنى ئادەملەرنىڭ قوللىنىشىغا قولايلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتۇپ، بۈگۈنكى كۈندىكى بىز ئىشلىتىۋاتقان زامانىۋى ۋېلىسىپىت مەيدانغا كەلتۇردى.
دېمەك 200 يىللىق تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە ۋېلىسىپىت، ياۋروپا سانائەت ئىنقىلابىدىن تارتىپ رەقەم دەۋرگىچە بولغان ئۇزاق مۇساپە داۋامىدا ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. دۇنيا بانكىسىنىڭ بىر سىتاتىستىكىسىدە كۆرسىتىشىچە، ھەر يىلى دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 مىليون ۋېلىسىپىت ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بولۇپ، ھازىر دۇنيادا ئادەملەر 2 مىلياردتىن ئارتۇق ۋېلىسىپىت ئىشلىتىدىكەن. بۇ سان 2050-يىلىغا كەلگەندە 5 مىلياردقا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
ۋېلىسىپىت 1930- يىللىرىغا كەلگەندە غەربى ياۋروپا ئەللىرىدە ئومۇملاشقان بىر قاتناش قۇرالىغان ئايلانغان بولسا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 1980-يىللىرىدا ئومۇملاشقان قاتناش قۇرالىغان ئايلانغان. بەلكىم باشقا ئەل خەلقلىرىگە ئوخاش ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى ئۇچ تاغ، ئىككى چوڭ چۆللۈك ئارىسىدا دۇنيادىن بىخەۋەر تەركى دۇنيا بولۇپ ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ۋېلىسىپىت ھەققىدىكى ئاجايىپ ھېكايىلىرى بار. ۋېلىسىپىت ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شۇ دەۋىردە ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاقلىققا ئىگە ئەسلىمىلىرىدىكى بىر ماددىي يادىكارلىقنىڭ سىموۋۇلى قىلىنىپ ياد ئېتىلسە، ئۇ يەنە شۇ يىللاردىكى كىشىلەر ھاياتىنىڭ ئاددىي ساددىلىقى ۋە ئاق كۆڭلىكىنىڭ سۈپەتلىرى قاتارىدا ياد ئېتىلىپ، ئادەملەر شۇ ۋاقىتلاردىكى ئاددىي – ساددا ھايات ئىچىدىمۇ ئۆزلىرىگە يېتەرلىك مەنىۋى روھ ۋە خوشاللىققا ئېرىشىپ ياشىغانلىقىدىن ئىبارەت ئادەم تەبئىتى ۋە ئىززىتىنىڭ ماددىي ئېھتىياجنىڭ قۇلىغا ئايلانمىغانلىقىدەك ئادىمىيلىك پەزىلەتلەرنى كۈنىمىزدىكى ئادەملارنىڭ مېھرى مۇھەببەت، ھايات مىزانلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەسۋىرلىشىدۇ.
جۈملىدىن مېنىڭ ۋە ئاتامنىڭمۇ ئۆزگىچە ۋېلىسىپىت باغلانغان ھايات ھېكايىلىرى بولغان ئىدى.
مەن بالىلىقىمنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى خاتىرىسى سۈپىتىدە كىچىكىنە ئۆيىمىزدىكى بارى يوق ئۇچ بىساتنى ئېسىمگە ئالالايمەن. ئۇلارنىڭ بىرى ئاخشاملىرى تاماقنى يەپ بولۇپ، جىن چىراقنىڭ غۇۋا نۇرىدا ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا ئولتۇرۇپ پاشا ئىشاننىڭ «ئازاد زامان» دېگەن ناخشىنى ئاڭلايدىغان رادىئو، يەنە بىرسى بولسا ئاتامنىڭ يېرىم يىل يىغقان ئىش ھەققىگە ئالغان «ئۇچار كەپتەر» (飞鸽) ماركىلىق ۋېلىسىپىت ئىدى. يەنە بىر بىساتىمىز بولسا ئاپام كوممۇنادا ئېتىزلىققا توپا، قىغ توشۇيدىغان، ئۆينىڭ ئوتۇن ۋە تۇزلىرىنى تارىمنىڭ جاڭگاللىقىدىن ئەكىلىدىغان كالا – ھارۋا ئىدى.
ئۇ زامانلاردا بىزنىڭ ئۆيدىن مەكتەپكە بارىدىغان ئارلىق 4-5 كىلومېتىرچە كېلەتتى. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئاپام مېنى كالا ھارۋىسىدا كۈن چىقماستىن ئىشقا ماڭغاندا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتەتتى ۋە مەكتەپنىڭ ئالدىغا بارغاندا ھارۋىدىن چۈشۈرۈپ قويۇپ ئىشىغا راۋان بولاتتى. رەھمەتلىك ئاتاممۇ ھەر كۈنى كۈن يورۇماستىن بۇرۇن «ئۇچار كەپتەر» ماركىلىق ۋېلىسىپىتنىڭ ئارقسىغا يالىڭاياق دوختۇرلارنىڭ دورا ساندۇقىنى تېڭىپ، ئىشىغا ماڭاتتى. مەن چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قايتقاندا ئاپامنىڭ ئېيتقىنى بويىچە بەزىدە ئاپامنىڭ ئىش قىلىۋاتقان ئېتىزلىقىغا بارسام، بەزىدە خوشنىلارنىڭ ئۆيىدە بالىلار بىلەن ئوينىغاچ تاكى ئاپام مېنى كەچتە قاراڭغۇ چۈشكەندە ئالغىلى كەلگەنگە قەدەر تۇراتتىم.
ھاياتىمىزغا ئەڭ كۆپ خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ھېيت-بايراملار كەلگەندە ئاتام ۋېلىسىپىتىنى مىنمەي، ئىشقا بارماي ئۆيدە بىر قانچە تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا مەن ئاتامغا ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگىتىپ قوي دە جېدەل قىلاتتىم. بەلكىم ئۇ ۋاقىتلار مەن 6-7 ياشلاردا بولسام كېرەك. كېيىن ئاتامنىڭ ۋېلىسىپىتى ئۆيدە بولسىلا، ئۆزۈمدىن يېرىم مېتىرچە ئېگىز تۇردىغان ۋېلىسىپىتنى يولغا يۆتلەپ ئېلىپ چىقىپ، مەھەللىدىكى ئاداشلىرىم بىلەن بىللە ۋېلىسىپىتنىڭ رولىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ، ئوتتۇرسىدىن پېدالنى ئايلاندۇرۇپ مېنىپ قانغۇچە ئوينايتتۇق. شۇ توپا يوللاردا ئاتامنىڭ ۋېلىسىپىتنى مېنىپ، ئاداشلىرىم بىلەن بىللە ئوينىغان دەقىقىلەر ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل بالىلىق ئەسلىمىسى بولۇپ، خاتىرەمدىن مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.
مەن «يېڭى چىمەن» دەپ ئاتىلىدىغان كەنتىمىزدە باشلانغۇچ مەكتەپنى 1982-يىلى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سىنىپىمىزدىكى 32 نەپەر ساۋاقدىشىمىز ئارىسىدىن ئوقۇشى ياخشى، ئائىلە شارائىتى ياخشى دەپ قارالغان 6 نەپەر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا مەنمۇ قوشۇلۇپ، شۇ يىلى سېنتەبىردە بىزنىڭ كەنتىمىزدىن 10 كىلومېتىرچە كېلىدىغان يېزا بازىرى مەركىزى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ياتاقلىق سىنىپىغا ئوقۇشقا باردىم. ئاتام ۋە ئاپاممۇ مېنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇشۇمنى ئارزۇ قىلاتتى. مەن بۇ ياتاقلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن شەنبە كۈنى باشقا كەنىتتىكى بالىلار بىلەن قوشۇلۇپ، مەكتەپتىن ئۆيگە بىر سائەتتەك پىيادە يول يۇرۇپ باراتتۇق ۋە يەكشەنبە كۈنى يەنە پىيادە يۇرۇپ مەكتەپكە قايتاتتۇق. مەن ئىككىنچى يىللىققا چىققان يىلى كۈزدە ئاتامغا ماڭا ۋېلىسىپىت ئېلىپ بىرىشنى، سىنىپىمدىكى باشقا دوستلىرىمنىڭ ئاتا -ئانىلىرى ئۇلارغا ۋېلىسىپىت ئېلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئەگەر ۋېلىسىپىت ئېلىپ بەرمىسە، مەكتەپكە بارمايمەن دەپ جېدەل قىلدىم. ئاخىرى كۆڭلى يۇمشاق ئاتام بىلەن ئاپام مېنىڭ گېپىمنى رەت قىلماي، بەرگەن ۋەدىسى بويىچە كېيىنكى ھەپتىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئاتام ناھىيە بازىرىدىن ئىشلەتكىنىگە بىر قانچە يىل بولغان، سەل كونىرىغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان ئەمما ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش «ئۇچار كەپتەر» ماركىلىق ۋېلىسىپىتتىن بىرنى ئېلىپ بەرگەن ئىدى. ئاتا- ئانامنىڭ شۇ چاغدا ماڭا ئېلىپ بەرگەن ۋېلىسىپىتى شۇ ۋاقىتتا، ھەتتا ھازىرمۇ ئېسىمدىن پەقەت چىقمايدىغان ئەڭ قىممەت سوۋغات بولۇپ ئەسلىنىپ تۇرىدۇ.
مەن ئاتام ئېلىپ بەرگەن ۋېلىسىپىتنى مىنىپ ئۇزاققا ئۆتمەي ئۇنىڭ بىر چاقىدىن يەل كەتتى، زەنجىرى بۇزۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاتامدىن ۋېلىسىپىتنىڭ چاقىنى قانداق ياماش، زەنجىرىنى قانداق ئۇلاشتىن تارتىپ، ۋېلىسىپىت رېمونتچىلىقىنى ئۆگنىشكە باشلىدىم. ھەر يەكشەنبە كۈنى ئاتام بىلەن بىللە ئىككىمىز ئۆيىمىزنىڭ تەۋەررۈك قاتناش قۇرالى بولغان ۋېلىسىپىتلىرىمىزنى رېمۇنىت قىلاتتۇق. ئاپام بىزنىڭ يانمۇ – يان ئولتۇرۇپ، پۈتۇن زېھنىمىز بىلەن ۋېلىسىپىت رېمۇنىت قىلىۋاتقىنىمىزنى كۆرگىنىدە، سۆيۈنۈپ كېتىپ « پاھ، پاھ، ئوغلۇم ئاتىسىنى دوراشقا باشلاپتۇ ئەمدى …» دەيتتى مېنى ئەركىلىتىپ تۇرۇپ.
يىللارنىڭ ئۆتۇشى بىلەن ئاتامنىڭ يېڭى ۋېلىسىپىتمۇ كونا ۋېلىسىپىتكە ئايلىنىشقا باشلىدى. مېنىڭ كونا ۋېلىسىپىتىم بولسا تېخىمۇ كونىراپ كەتتى. مەن 1988- يىلى ئۈرۈمچىگە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغىلى كەتكەندىن كېيىن، كۆڭلۇم قىيمىغان ھالدا ئۇ تەۋەررۈك ۋېلىسىپىتىم بىلەن ۋىدالاشقان ئىدىم. (مېنىڭ ۋىدالاشماسلىققىمۇ ئامالىم يوق ئىدى چۈنكى ۋېلىسىپىتىم شۇ قەدەر كونىراپ كەتكەن ئىدىكى، ئۇنىڭ پېداللىرى ئۇپراپ كەتكەنلىكتىن ھەيدەپ مېڭىشمۇ ئاسانغا چۈشمەيتتى، شۇڭا ئۇنىڭ نۇرغۇن زاپچاسلىرىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك ئىدى.)
مەن شۇ يىلى قىشتا، يېرىم مەۋسۈملۈك ئوقۇشنى سوغۇق ئۈرۈمچىدە مىڭ تەستە چىداپ تۇرۇپ تاماملاپ، قىشلىق تەتىلدە ئاتا-ئانامنى يوقلاش ئۈچۈن يۇرتقا كەلدىم. ئۇ چاغدا ئاتام ئۆيىمىزنىڭ يېنىغا كىچىككىنە بىر قازناق ئۆي سېلىپ، ئۇنى مەخسۇس ۋېلىسىپىت رېمۇنىت قىلىدىغان ئۆي قىلىۋاپتۇ. ئاتامنىڭ ۋېلىسىپىتمۇ كونىراپ كەتكەنلىكتىن، رېمۇنىت قىلىپمۇ ئوڭشىيالمىغاندىن كېيىن، ۋېلىسىپىتنىڭ ئىگەر، چاق، زەنجىرلىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇپتۇ. ھەم مېنىڭ ۋېلىسىپىتىمنىڭ پېدال، ئىگەر ۋە چاقىلىرىنىمۇ يېڭلاپ، ۋېلىسىپىتنى مىنگۈدەك قىلىپ قويۇپتۇ.
مەرھۇم ئاتام ئۆمۈر ۋايەت ۋېلىسىپىت مىنىپ ئۆتكەن ئاددىي بىر ئىنسان ئىدى. بەلكىم ئاتام ھاياتىدا 50 يىلدىن ئارتۇق ۋېلىسىپىت مىنگەندۇ. بالىلىقىمنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى خاتىرىلىرىدە ئاتامنىڭ ئوبرازى ۋېلىسىپىت بىلەن كۆز ئالدىمغا نامايان بولىدۇ. ئاتام «مەينەت ئىنقىلابى» يىللىرىدا يېزىمىزدا ›يالاڭ ئاياق دوختۇر‹ بولۇپ، ۋېلىسىپىت مىنىپ، مەھەللىمۇ – مەھەللە ئايلىنىپ يۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ پوقاق، تاز، تەمرەتكە قاتارلىق يەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالايدىكەنتۇق.
مەن باشلانغۇچنىڭ 4-يىللىقىغا چىققاندا، بىزگە سىنىپ مەسئۇلى بولغان ۋە ھېساب دەرسى بېرىدىغان، بويى ئانچە ئېگىز ئەمەس، سىمىز، دوغىلاققىنا كۆرۇنىدىغان ئەمما قاپىقى ھەمىشە تۇرۇلۇپلا تۇرىدىغان، پەقەت چىرايىدىن كۈلگىنىنى كۆرگىلى بولمايدىغان پاتەمخان مۇئەللىم (مەرھۇم ئۇستازنىڭ ئاخىرەتلىكى جەننەت بولسۇن) بىر ئەتىگەندە، ھېساب دەرسى ۋاقتىدا، ھەممىمىزنىڭ ھېساب تاپشۇرۇق دەپتىرىنى بىرقۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ، ھەممىمىزنى ئورنىمىزدىن تۇرۇشقا بۇيرۇق قىلىپ، پارتىغا قولىدىكى يۇلغۇن تايىقى بىلەن قاتتىق ئۇرۇپ، بىزنى قورقۇتۇپ، مۇنداق دېگىنى ئېسىمدە « ھەر قايسىڭ نېمىشقا تاپشۇرۇقنى ئىشلىمىدىڭ؟ سەنلەر مۇشتۇمدەك تۇرۇپ منىڭ تومۇرۇمنى تۇتۇشنى ئۆگنىشتىڭما؟ ئېسىڭدە بولسۇن، سەن ھەرقانچە ياما بولۇشساڭمۇ تومۇر تۇتۇشتا ئەيسا دوختۇرنى بېسىپ چۇشەلمەيسەن؟!». شۇ چاغدا مۇئەللىمنىڭ ئاغزىدىن ئاتامنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ، نېمە دەۋاتقىنىنى دەرھال ئاڭقىرىيالماي، ›ئەمدى مۇئەللىم مېنىڭ ئەدىۋىمنى بېرىدىغان بولدى‹ دەپ بەك قورقۇپ كەتكەن ئىدىم. ئەمما كېيىن يېشىم چوڭ بولغاندا ئاتامنىڭ يۇرتىمىزدا تونۇلغان دوختۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىشكە باشلىدىم.
دېمىسىمۇ ئاتام پۈتۇن يېزىمىز بويىچە سەييارە يوقۇملۇق كېسەل داۋالايدىغان دوختۇر بولۇپلا قالماستىن، ئاتام يەنە ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى بويىچە بىمارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كېسەل كۆرەتتى، بىمارنىڭ مىجەزىنى ئىسسىق – سوغۇققا ئايرىپ داۋالايتتى. قىسقىسى مەھەللىمىزدە چىشى ئاغرىقىدىن تارتىپ قورساق ئاغرىغىغىچە، ھەممە دېھقانلار خالىغان ۋاقىتتا بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ داۋالىناتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىزنىڭ ئۆي مەھەللىمىزدىكى كىچىك بىر شىپاخانىغىمۇ ئوخشايتتى. 1980-يىللىرىدىن باشلاپ، يېزا-كەنىتلەردىكى «يالىڭاياق دوختۇر» لار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاتام قەشقەر ۋە خوتەن تېببىي مەكتەپلىرىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر يىل تۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتىنى ئۆگۈنۈپ كەلگەندىن كېيىن، شايار ناھىيسىنىڭ تويبولدى يېزىلىق دوختۇرخانىسىدا ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە دوختۇر بولۇپ تاكى پېنسىيەگە چىققىچە شۇ يەردە ئىشلىگەن ئىدى.
شۇڭا بىزنىڭ يۇرتتا ئاتامنى «ئەيسا دوختۇر» دېسە تونۇمايدىغان ئادەم يوق. ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە يۇرتتا ھەممە ئادەم موتوسىكلىت ھەيدەشكە باشلىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە مەن شۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانامنى يوقلاپ يۇرتۇمغا كەلگەندە، ئاتامدىن «- ئاتا، سىز ئەمدى مەھەللىدىكى باشقا ئادەملەردەك، ۋېلىسىپىتنى تاشلاپ موتو مىنمەمسىز؟!» دەپ سورىسام، ئاتام تەمكىنلىك بىلەن ماڭا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن «ـ ئوغلۇم، مەن بۇ يېشىمغا كەلگىچە مۇشۇ ئۆزى ماڭىدىغان تۆمۈر جانىۋارنىڭ يېنىغا كېلىپ باقماپتىمەن. بۇرۇن مىنىپ كۆنمىگەندىكىن قورقىدىكەنمەن. ۋېلىسىپىتكە بەكلا كۆنۈپ قاپتىمەن، بىر كۈن مىنمىسەم، بىر يىرىمنى كەم قالغاندەكلا ھېس قىلىمەن. بىزدە مۇنداق گەپ بار – كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەن يامان دېسە، كۆنگەن يامان دەيدىغان. مەن ئۈچۈن ۋېلىسىپىت مىنىش تەنھەرىكەت قىلغاننىڭ ئورنىدىكى ئىش، ئۇنى مىنمىسەم تېنىمنى ئېغىرلاپ كەتكەندەك سېزىمەن بالام ….».
ئاتام ياشانغان ۋاقتىدا ۋېلىسىپىت مىنگۈدەك كۈچ ماغدۇردىن قالغاندىن كېيىن، كونا ۋېلىسپىتىنى تاشلاپ، ئامال يوق ئۇچ چاقلىق توكسىكلىت ھەيدەپتۇ. مەن ھەر ۋاقىت ئاتامنىڭ بۇ رەسىمگە قارىسام، ئۇ ماڭا بالىلىقىمنىڭ سەبى كۈنلىرىدە ئاتامنىڭ ۋېلىسپىتىنىڭ ئالدىدا ئۇلتۇرۇپ، بازاغا بارغان خۇشال دەقىقىلەرنى غۇۋا ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.
1999-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئاتىنىڭ بىرتال ئەتىۋارلىق يالغۇز ئوغلى چەتئەلگە بىر چىقىپ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمىگەندىن كېيىن، بۇ كۆيۈمچان ئاتىنىڭ يۈرىكى ئوغلىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولغان، تىرىك تۇرۇپ ئايرىلغان 20 يىلدىن بۇيان كۆپ ئازابلارنى تارتقان ئىدى.
ئەلمىساق، زامان 2017-يىلىغا كەلگەندە تەقدىرنىڭ مۇدھىش قەھرى بۇ كىچىكىنە يۇرتىمىزنىڭ ئاسمىنىنى قاپلىدى. مۆھتىرەم ئاتام ئەيسا ئابدۇللا شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 4- كۈنى 78 يېشىدا بىزنى نادامەتتە قالدۇرۇپ، بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشتى. شەپقەتلىك ئاللاھ ئىگىمىز ئاتامنىڭ ئۇ دۇنيالىقى ئۈچۈن جەننەت ماكان ئاتا قىلسۇن، ئامېن!
ئاتامنىڭ مۇسىبىتىدىن كېيىن مېنىڭ بىر تال يالغۇز ئانام ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى تېلېفوندا ئاڭلاشتىنمۇ مەھرۇم قالدى. مەن بۈگۈنگە قەدەر يالغۇر قالغان مېھرىبان ئانامنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق بىر خەۋەر ئالالمىدىم …
پەرزەنت ئۈچۈن ئاتا بىر تاغ، ئانا بىر باغدۇر. پەرزەنت ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ئاتا-ئانىسىنى ھايات ۋاقتىدا ئۇلانى قەدىرلەشتىن، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا قادىر بولۇشتىن، ۋاپات بولغاندا نامىزىنى بېشىدا تۇرۇپ چۈشۇرۈپ، ئۆز قولى بىلەن ئاخىرەتكە ئۈزىتىشتىنمۇ ئۇلۇغ پەرزەنتىلىك مەسئۇلىيەت، ئادىمىيلىك پەزىلەت ۋە شەرەپلەر بولماس!
مىڭ مەرتە ئەپسۇس، ئاۋۋل ئاللاھ ئىگەم كەچۈرسۇن، كەمىنە ئەلكۈن زامان زورىنىڭ قىسمەتلىرى بىلەن مەرھۇم ئاتىسىنىڭ تاۋۇتىنى مۆرىسىدە كۆتۇرۇپ، ئۆز قولى بىلەن ئاخىرەتكە ئۇزىتىشقا قادىر بولالمىدى. شۇڭا ئاتا -ئانىسى بارلارغا شۇنى ئىلتىجا قىلىمەنكى ئاتا-ئاناڭلارنى ئۆلگەندىن كېيىن ئەمەس، ھايات ۋاقتىدا قەدىرلەڭلار، قولۇڭلاردىن كەلگىچە خىزمىتىنى قىلىۋېلىڭلار، بولمىسا كەچۈرگىلى بولمايدىغان ۋىجدان سورىقى سىلەرنى بىر ئۆمۈر ئازابلايدۇ….. ئاتىسى بارلار تاغدەك تىك تۇرۇپ، ئانىسى بارلار باغدەك، گۈل-چىمەن ئىچىدە مېھرى-مۇھەببەتكە تولۇپ بەختلىك ياشىسۇن!
بۈگۈن سەندىن ۋىدالاشقىنىمغا بىر يىل ئىككى ئاي بوپتۇ ئاتىجان. روھىڭ شاد بولسۇن! ئامىن!
2018-يىلى 27- دېكابىر، لوندون
مەنبە ئەلكۈن تورى