ئادەملەر، ئۇرۇشماڭلار!
-
سەھىپە:Elkun maqaliliri، Elkun yazmilliri
باھا:0 دانە
04-12-2015
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
(! Adam’s children, stop fighting )
شېئىرنى ئاڭلاش: Ademler_urushmanglar.mp3
ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم، ھېلىمۇ ئېسىمدە، 2003- يىلى 16- فېۋرال بۇ شەھەردە ئۇرۇشقا قارشى تەخمىنەن بىر مىليونغا يېقىن ئادەملەر قاتناشقان ناھايىتى داغدۇغۇلۇق بىر يۈرۈش بولغان ئىدى. بۇ يۈرۈشكە بۇ جەمىيەتتىكى ئادەملەر توپىنىڭ ھەر ساھەلىرىدىكى كىشىلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ھەتتا جىنسىي مۇلازىمەت خىزمىتى قىلىدىغان خانىملارمۇ سەپلەر توزۇپ “ئۇرۇش قىلماي، ئىشقىۋازلىق قىلايلى” دېگەن تاختايلارنى كۆتۇرۇشۇپ كوچىلاردا يۈرگەن ئىدى. ئۇ چاغدا مۇنداق ئىشلارنى تۇنجى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ ئاز- تولا غەلىتىلىك ھېس قىلغان ئىدىم. ئەمما ئۇرۇش بولدى، بولغاندىمۇ قانلىق بولدى… ئۇرۇش رەھىمسىز، يۇز مىڭلىغان ئىنسانلار، بىگۇناھ ئادەملەر، جۈملىدىن ئاياللار، ياشانغانلار، سەبىي بالىلار بۇ دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى كۆرمەي ياساش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاز ساندىكى مەلۇم ئادەملەرنىڭ قىلغان بۇ ئۇرۇشى سەۋەپلىك بىگۇناھ ئادەملەر ئۇرۇش قۇربانلىرى بولغان ئىدى…….
شۇ قېتىمقى “سادام ھۆسەيىن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئىراقنى ئەل قائىدە تېرورىستلىرىدىن ئازات قىلىش” ئۇرۇشىنىڭ جىنايەتكارى سۈپىتىدە تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئەينى ۋاقىتتىكى بىرتانىيەنى ئامېرىكا بىلەن بىللە ئۇرۇشقا ئېلىپ كىرگەن تونىي بىلايېرنىڭ ئۇرۇش جاۋابكارلىقى تەكشۇرۇلىۋاتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئارىدىن ئون نەچچە يىللار ئۆتتى، ئەمما ئۇرۇش توختىماي داۋام قىلدى، بۇ دۆلەت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ بومباردىمان قىلىۋەردى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مەركىزى بولغان ئوتتۇرا شەرقتە بۇ ئۇرۇشنىڭ ئەڭ كەسكىن فرونتى ئېچىلدى. كىچىككىنە سۇرىيە ۋە ئىراق ئاسمىنىدا غەربنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى بىر بىرلىرى بىلەن “ئىسلام دۆلىتى” نى بومباردىمان قىلىپ يوقىتىش مۇسابىقىسىگە چۈشتى جۈملىدىن بۈيۈك بىرتانىيەمۇ بۇ مۇسابىقىنىڭ سىرتىدا قالماي تۆنۈگۈن كەچ بۇ سەپكە قوشۇلۇشقا ئۈلگۈردى……
ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش يەنى ياخشى ئادەملەر بىلەن يامان ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشلەر ئەزەلدىن توختىغىنى يوق. بۇ ئادەملەر دۇنياسى ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئوتتۇرىسىدا چۆگىلەپلا تۇرىدۇ. ئادەملەرنىڭ يامانلىقى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندە دۇنيانى ئاپەت باسىدۇ. ئادەملەرنىڭ ياخشىلىقى دۇنيادا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندە ئادەملەرنىڭ يۈزىدە كۈلكە پەيدا بولىدۇ. سەبىي بالىلار كۇلۇپ ئوينايدۇ، ئۇلارنىڭ بىغۇبار چېھرىدە مۇھەببەت نۇرى ئەكىس ئېتىدۇ.
ئادەملەر بىلەن تەبىئەت بىر – بىرلىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان، سېلىشتۇرما قىلسا ئىككلىسىنىڭ مىجەز – خۇلقى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، تەبىئەتنىڭ قار – يامغۇرى، بوران – چاپقۇنى، ئىللىق ئاپتىپى بولغىنىغا ئوخشاش ئادەملەرنىڭمۇ غەزەپ، نەپرىتى، خۇشاللىقى، مېھرى مۇھەببىتى بولىدۇ. نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇرۇشقا قارشى غەزەپلىرىنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلىرى سايلىغان ھۆكۈمىتىگە ئۆز نارازلىقلىرى ۋە تەلەپلىرىنى بىلدۇرۇۋاتقان نەچچە يۈزلىگەن بىرتانىيە پۇقرالىرى پارلامېنت مەيدانىدا “سۇرىيەنى بومباردىمان قىلما!”، “بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرمە، بالىلارنى ئۆلتۈرمە! بىزگە ئۇرۇش كېرەك ئەمەس!” دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختايلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاۋازلىرى پۈتۈپ قالغۇچە توۋلاپ، سوغۇققا، يامغۇرغا، چىقىۋاتقان شاماللارغا پەرۋا قىلماي ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى، جۈملىدىن ئادەملىكىنى، ئادەملىك ۋىجدانىي بۇرچىنى ئادا قىلىش كۈرىشىنى داۋام قىلماقتا ئىدى……
مىلادى 1295- يىلى دىن باشلاپ ئادەملەر دۇنياسىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى قانۇن ئارقىلىق ئادەم (دۆلەت) باشقۇرۇشنىڭ سىموۋول بولغان بۇ ھەيۋەتلىك ۋە ھەشەمەتلىك ۋېستمىنستېر پارلامېنت بىناسىنىڭ ئىچىدە ئۇرۇشخۇمارلار بىلەن ئۇرۇشقا قارشى تېنىچلىقپەرۋەرلەر ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن كۈرەش داۋام قىلماقتا. پارلامېنت بىناسى سىرتىدا چىشىدىن تىرناقلىرىغىچە قوراللانغان نەچچە يۈزلىگەن ساقچىلار بۇ ئوخشاشمايدىغان ئادەملەرنى بىر – بىرلىرىدىن ئايرىپ تۇرۇش، مۇنداقچە ئېيتقاندا “ھۆكۈمەت خىزمىتى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش” ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلماقتا… بۇ يەر تۆنۈگۈن كەچتىكى لوندون پارلامېنت بىناسى، دۆلەت بولسا بۈيۈك بىرتانىيەدۇر. تۆنۈگۈن پارلامېنتتا پۈتۈن بىر كۈن مارافونچە داۋام قىلغان سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى “ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنى بومباردىمان قىلىش” مۇنازىرلىرى قاتتىق تالاش – تارتىشلار ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىپ كەچە سائەت 10 دا پارلامېنتتىكى بارلىق پارتىيە ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئەركىن ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى قوللىغۇچىلار غەلىبە قىلدى ۋە بىر سائەتتىن كېيىن بىرتانىيە پادىشاھلىق ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمچى ئايروپىلانلىرى سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى “ئىسلام دۆلىتى” نى بومباردىمان قىلىشنى باشلىۋەتتى…
ئادەملەر ئۈچۈن “ئۇرۇش ۋە تېنىچلىق” – يېقىنى ئەسىردىن بۇيان توختىماي ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان سىمفونىيەدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئادەملەرنىڭ جۈملىدىن روس دېگەن دۆلەتنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى ل. تولستوي بۇ ھەقتە رومان يازغان. تارىختا ئىسلام بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۈچ قىتئەدە ئىمپېرىيە قۇرغان ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ بۈگۈنكى ئىزباسارى بولغان تۈرك دۆلىتى تارىختا ئوخشاشلا بۈيۈك ئىمپېرىيە قۇرغان كېڭەيمىچى روس دۆلىتىنىڭ بىر ھۇجۇمچى ئايروپىلانىنى ئۆتكەن ھەپتە“تۈرك دۆلىتى ھاۋا بوشلۇقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى” دېگەن سەۋەپ بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر – بىرلىرىنى ئەيىبلەشلەر كۈندە بۇيان ئۈزەلمەي داۋام قىلىپ دۇنيا ئەھلىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى چۈنكى بۇ ئەيىبلەشلەر يەنە بىر بالداق ئۆرلىسە ئۇلار بىر – بىرلىرىگە قارشى قانغا قان، جانغا – جان ئېلىش ئۇرۇشىنى باشلايدۇ دېگەن گەپ!
ئۇرۇشنى ئەلمىساقتىن تارتىپ مۇتلەق ئەھۋالدا ئەرلەر قىلىپ كەلگەن. ھەي ئادەملەر… ئادەملەر توپى ئەر ۋە ئاياللاردىن ئىبارەت ئىككى پەرقلىق جىنسنىڭ ھوسۇلىدۇر، شۇڭا ئاياللار كۆپىنچە گۈزەللىك، مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىقنىڭ سىموۋول بولۇپ كەلسە ئەرلەر كۈچتۈڭگۈرلۈك، دۆلەت، ھاكىمىيەت، ھوقۇق ۋە بايلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىپ كېلىدۇ. ئۇرۇش دېمەك ئادەملەر بىر – بىرلىرىنى ئۆلتۈرۇش دېمەكتۇر. ئۇرۇشنىڭ ياخشىسى بولمايدۇ. ئەي ئادەملەر، سىلەر ئۇرۇشقا بىرەر قېتىم تويۇپ باقتىڭلارمۇ ؟! كەلگۈسىدە ئەر بولىدىغان بالا، سېنى ئاناڭ ئاق سۈتىنى ئايىماي بېرىپ مېھرى – مۇھەببەت بىلەن چوڭ قىلدى، ئەمما سېنىڭ ئۆملەشتىن تارتىپ ئايغىڭ چىقىپ يۈگۈرۈشكە باشلىغاندىن تاكى خوتۇن ئالغۇچە ئەتراپىڭدىكى بالىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ چوڭ بولدۇڭ. ئەمدى خوتۇن ئېلىۋىدىڭ، خوتۇنۇڭ بىلەن بۇ ئۇرۇشۇشنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتىسەن، سەن قاچان ئۇرۇشۇشتىن ۋازكەچىسەن؟ بىلىمەن، بۇنى ئۆزۈڭمۇ بىلمەيسەن، بەلكىم ئۇچ پۇتلۇق بولغان ۋاقتىڭدا ئۆزۈڭگە «ئەلەكمۇللا» دەپ ۋاي بېرىپ ئۇرۇشۇشتىن توختارسەن؟!
ئادەملەر ئاجايىپ بىر مەخلۇق چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، قەيەردىن كەلگەنلىكى ۋە قەيەرگە قاراپ كېتىپ بارىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ياق، بىلىدىغانلىرىدىن بىلمەيدىغانلىرى مۇتلەق كۆپ. گەرچە بۇ دۇنيادىكى جانلىقلار ئىچىدە ئادەملەرنىڭ مېڭىسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئاۋاز ئارقىلىق مەقسەتلىرىنى ئۆز- ئارا ئېنىق بىلدۈرۈش ھەم ئەقىل -پاراسەتلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىقتىدارى بىلەن ئون نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرى ياشاۋاتقان بۇ پلانېتىنىڭ يەككە ھالدا مۇتلەق خوجايىنىغا ئايلانغان بولسىمۇ ئەمما روھى قەھەتچىلىكتىن يۈرىكى ھالسىرماقتا…. بۇ بەلكىم ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى بولسا كېرەك. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئادەملەر ئەسىرنى – ئەسىرگە ئۇلاپ ئۆزلىرىگە روھىي ئەمىنلىك بېرىدۇ دەپ قارىغان تۈرلۈك – تۈمەن دىنلارنى ياراتتى، ھىچ ئىلاجى بولماي ئوتقا، تاغقا، دەرياغا، چاقماققا، ئاسمانغا، ھەيكەلگە، بۆرىگە، ئىتقا، كالىغا، مايمۇنغا… ئىشقىلىپ بارلىق مەۋجۇت ۋە مەۋجۇتسىز نەرسىلەرنى خۇدا بىلىپ، ئۆزلىرىگە مەنىۋى مەدەت بەرگۈچى يۆلەنچۈك قىلىپ ئىشىنىپ باقتى. تۈرلۈك ئىپتىدائىي ۋە زامانىۋى ئېتىقادلارنى ياراتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ روھىيەت ئاجىزلىقىغا تەسەللىي تېپىشقا، ئۆزلىرى ئۇچۇرغان تەبىئەتنىڭ بالايى – ئاپەتلىرىگە، دۆلەت سورىغانلارنىڭ ئادالەتسىزلىكلىرگە ياكى كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى بوزەك قىلغان نائىنسانىي قىلمىشلىرىغا قارشى جاسارەت تېپىشقا، تەسەللىي تېپىشقا ئىنتىلدى. كېيىنچە ئادەملەر چىرايلىق قىلىپ بۇنى «دىن» دەپ ئاتىۋالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن بارلىق خوشاللىق ۋە ئازابلىرىنى مۇشۇ ئېتىقاد چۈشەنچىسىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ كەلدى. ھەم يەنە ئۆزلىرى بىلەن بىر ئېتىقادقا چوقۇنمىغانلارنى دۇشمەن كۆردى ۋە شۇ ئۆزلىرى ئىشەنگەن ئېتىقادىنى قوغداش نامىدا تالاي غازات ئۇرۇشلىرىنى قىلدى. قىزىق يېرى شۇكى ئەزەلدىن قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا مەنپەئەت تالىشىش سەۋەبىدىن باشلىنىدىغان ئادەملەرنىڭ بۇ ئەنئەنىۋىي ئۇرۇشىغا يېڭى بىر ئۇقۇم قوشۇلدى. جەمىيەتسشۇناسلار بۇنىڭغا «تەدىرىجىي تەرەققىيات» دەپ ئېنىقلىما بەردى. كېيىن بۇ ئېتىقادنىڭمۇ شاخلىرى كېڭىيىپ، ھەر كىم ئۆز مەنپەئەتىگە يارىشا چۈشىنىدىغان سىياسى دىنىي ئېتىقاد ئېقىمىنىمۇ پەيدا قىلدى. ئىمتىيازلىق ياكى ئاۋام خەلق بولسۇن “تەقدىر” دېگەن ناھايىتىمۇ شىپالىق بىر كەلىمە ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى بەخىتسىزلىكلىرىگە تەسەللى تېپىش چارىسىنى تېپىپ چىقتى. كېيىن تەقدىرگە يانداش يەنە بىر سۆز “شۈكرى” كەلىمىسىنى تولۇقلىما قىلىپ ئىشلىتىپ ئۆز ئاجىزلىقلىرىنى يوشۇرۇدىغان پەرداز ئورنىدا قوللاندى. يەنە بەزى ئادەملەر ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرماي ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن “مىلتىقنىڭ تۆشۈكىدىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ” دېگەندەك پەلسەپەلەرگە ئىشەندى ۋە ئاخىر بىر ئادەمنىڭ كاللىسى بىلەن قانچىلىك قانلىق ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىشتىن قەتئىي نەزەر بىر جەمئىيەت ئادەملەر توپىنىڭ ئارمىنىنى ئەمەلگە ئاشۇردى… بۇنداق مىساللار ئادەملەرنىڭ تارىختا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئادەملەر توپى ھەر يېرىم ئەسىردە بىر قېتىم يېڭىلىنىپ تۇرغىنىدەك ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى مەپكۈرەسىمۇ تەڭ يېڭىلىنىپ، ئالمىشىپ تۇردى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئادەملەر مونوپوللىقىدىكى بۇ دۇنيا شۇنداق مۇرەككەپلىشىپ كەتتىكى باي بىلەن كەمبەغەل، ھوقۇق بىلەن ھوقۇسىزلار، دىندارلار بىلەن دىنسىزلار، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ماماتلىقنىڭ قۇلۋىقىدا ئولتۇرۇپ، ئۆلۈك دېڭىزىدا رىقابەتكە چۈشتى…. گاھىدا بىرلىرى يەڭسە گاھىدا يەنە بىرلىرى يەنە نامەلۇم بىرلىرى تەرىپىدىن يېڭىلىدى. ئىنسانلىق مېھرى – مۇھەببەت قايارلارغىدۇ ئادەملەر خاتىرىسىدىن ۋاقىتلىق كۆتۈرلۈپ كەتسە يەنە قاياقلاردىندۇر تۇيۇقسىز ئادەملەر ئارىسىغا قايتىپ كەلدى. قىسقىسى بۇ ئادەملەر دۇنياسىدا تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈشنىڭ، كۈلكە بىلەن يىغىنىڭ ئورنى دائىم ئالمىشىپ تۇردى.
بۈگۈنكى زامانىمىزدىكى بۇ بىر تالاي ئايىغى چىقمايدىغان ئۇرۇش – جەدەللەرنى ئادەملەرنىڭ ئەسلىدىلا كەمتۈك قالغان روھى ئاجىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېسەك خاتا بولماس چۈنكى ئادەملەر ئەلمىساقتىن تارتىپ مۇشۇ روھىيەت ئاجىزلىقىنى ساقايتىپ قانداق قىلغاندا “ياخشى ئادەم بولۇش، ئادەمدەك ياشاش” تىن ئىبارەت ياشاش مىزانى قۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلدى. بۇ ھەقتە ئۇلۇغ پەيغەمبەرلىرىمىزدىن تارتىپ بۈيۈك پەيلاسوپلىرىمىزغىچە كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ ئوقۇپ ياخشى ئادەم بولىشى ئۈچۈن تەۋەرۈك كىتابلارنى،ئەقلىيەتلەرنى، پەند-نەسىھەتلەرنى قالدۇردى. ئەمما بۇ كۈرەشلەر كىمنى، نېمىنى يەڭدى، ئاخىرى نېمىگە ئېرىشتى، بۇنى ئادەملەر تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆزلىرىمۇ بىلەلمەي كەلدى.
ئادەملەرنىڭ ھاياتى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا يەنە شۇ روھىيەت قەھىتچىلىكىدە كېتىۋەردى. دۆلەت سورىغان شاھلارمۇ كەتتى، كۆيدۈرۈپ جاننى ئالغان ئاي – پەرى نازىنلارمۇ، كۈندىلىكىنى كوچىدىن تىلەپ يەيدىغان قەلەندەر – دىۋانىلەرمۇ كەتتى…. شەھەر سورىغانمۇ كەتتى، شەھەر يوقاتقانمۇ كەتتى… يىغلىغانلارمۇ كەتتى، كۈلگەنلەرمۇ كەتتى! بىز بۈگۈندە ياشاۋاتقانلار بۇ ھەقتە ئۆزىمىزگە نۇرغۇن قېتىم «ئادەم ھاياتىنىڭ ھەقىقى مەنىسى نېمە؟» سوئاللارنى تەكرار قويدۇق، تارىخىي چېگىشلەرگە بۈگۈنىمىزدىن جاۋاپ تېپىشقا ئۇرۇندۇق. بىراق بىز سۇئال سورىغۇچىلارنىڭمۇ ئوخشاشلا ئېنىق بىر جاۋابقا ئېرىشەلمەي بۇ دۇنيادىن كېتىدىغانلىقىمىز مۇقەررەر ئەمما بىز ئۇ سوئاللارنى ئۆز بالىللىرىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن سورايمىز. بالىلىرىمىز بىزنىڭ شۇنداق بىر سوئاللارنى سورىغىنىمىزنى ھازىر بىلەلمىسىمۇ كېيىن ھامىنى بىلىدۇ، ھەم ئۇلارنىڭمۇ شۇنداق سوئاللارنى ئۆزلىرىدىن سورىشى مۇمكىن….. ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا خۇددى ئىككى مايمۇن ئورمانلىقتا بىر تال بانانىنى يېيىشنى تالىشىپ بىر كۈن ئۇرۇش قىلغىنىغا ئوخشاش ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئېيتساق دۆلەت بىلەن دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مەنپەئەت ئۇرۇشلىرىمۇ توختىماي داۋام ئېتىدۇ چۈنكى ئادەملەرنىڭ ئادەم بولۇشىدىكى روشەن بىر ئالاھىدىلىك شەخسىيەتچىلىكدۇر ۋە بۇ ھالەت دۆلەتچىلىكتە تېخىمۇ روشەن ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
گەرچە ئادەملەر ياشايدىغان بۈگۈنكى بۇ پلانېتتىكى 7 مىليارد 300 مىليون نوپۇسنىڭ نىڭ كۆپ سانلىقى ماددىي ئېھتىياجقا ئاساسەن تويۇنغان بولسىمۇ ئەمما مەنىۋىي ئېھتىياجى ئاچ قالدى. ئادەملەرنىڭ نەپسانىيەتچىلىكى ئادەملەردە ئەسلى بار بولغان گۈزەل ئادەمىي ئەخلاقلارنى بۇزۇۋەتتى. ئۇلار ئۆزلىرىمۇ بىلىپ – بىلمەي ماددىي مەشئەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا بىز دەيمىز، ئادەملەر ئاجىز بىر مەخلۇقتۇر. بۇ چەكلىك دۇنيادا ئۇلار ئۆز-ئارا بىر – بىرلىرى بىلەن ئوم – ئىناق بولۇپ، بىر ئادەم ۋە بىر ھاۋانىڭ بالىلىرىدەك بۇ دۇنياغا قانداق تۆرەلگەن بولسا شۇنداق پاكلىق بىلەن ياشاشنى بىلمەيدۇ. ئادەملەر ئەقىللىق بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەقىلسىز تەرەپلىرىمۇ كۆپ. تارىختىن بۇيان ئادەملەرگە بالايى قازالار تەبىئەتتىن ياكى شىر – يولۋاسلاردەك يىرتقۇچى ھايۋانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىدىن كەلگەن، كېلىدۇ ۋە كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئادەملەر بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر بارىلىق ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاتۇم بومبىسى (ئاتوم يادرو ئوق بېشى) ياساپ چىققان بولۇپ، بىر كۇنۇپكىنى بېسىش بىلەنلا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان بۇ گۈزەل يەرشارىنى پۈتۈنلەي كۈلگە ئايلاندۇرۇپ يوق قىلىۋېتەلەيدۇ…
بىز بەندىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئاجىز بىر مەخلۇقمىز، شۇ ئاجزلىقىمىز سەۋەپلىك ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن قوغداش ئۇچۇن “دۆلەت” دېگەن بىر نەرسىنى قۇرۋالدۇق. بۇ نەرسە بىر توپ ئادەملەرگە ۋەكىللىك قىلىپ ئۇلارنىڭ مەنپەئەتنى قوغدايدىغان بىر قورغانغا ئايلىنىپ قالدى. ئادەملەر بۇ قورغانلار ئۈچۈن تالاي – تالاي جەڭلەرنى قىلدى، ئۆلگىنى ئۆلدى، ئۆلمىگىنى ياشىدى، كېيىنكىلەر بۇ قورغان ئۈچۈن ئۆلگەنلەرنى ياد ئېتىپ “قەھرىمان” دەپ ئاتىدى. رەقىبلىرى بولسا ئۇلارنى «قاتىل» دېدى. ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت خۇددى كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇردىغىنىغىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. بىر كۈندىكى ئوخشاش بىر ۋاقىت باشقا بىر جايدىكى ئادەمگە قۇياشلىق، يورۇق كۈندۇزى بولغان بولسا يەنە باشقا بىر جايدىكى ئادەملەر توپىغا قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك كېچە بولۇپ تۇيلۇدۇ. بۇ دۆلەتچىلىك ئۇقۇمى نەپسانىيەتچى ئادەملەر نەزىرىدە ئاجايىپ بىر ئېسىل نەرسە، ئۇنى ئادەملەر كۈچنىڭ، غورۇرىنىڭ سىمۋولى قىلىشىدۇ. بۇ دۆلەت دېگەن نەرسە ئارقىلىق ئۆز- ئۆزىنى، ئۆزىدىن ئاجىزلارنى، ھەم بۇ دۆلەت دېگەن ئاجايىپ- غارايىپ نەرسىگە ئېرىشەلمىگەنلەرنى بوزەك قىلىدۇ. ئەگەر ئۆزلىرى بوزەك بولسا ئۇرۇشىدۇ ۋە بۇنى «ئۆزىنى قوغداش ئۇرۇشى» ياكى بولمىسا «ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇرۇشى» دەپ ئاتايدۇ. بۈگۈن مانا شۇنداق ئۇرۇشلار داۋام قىلىۋېتىپتۇ…..
ئادەملەر توپى يەنە چۆل – جەزىرىلەرنى ماكان تۇتۇپ ياشايدىغان بىر توپ چۈمۈلىگىمۇ ئوخشاپ قالىدۇ، راست، ئادەملەر چۈمۈلىگە ئوخشايدىكەن، ئۇلار بىر توپ بولسا ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ئەگەر يالغۇز بولسا ئۇنىڭ قىممىتى سېسىق تاپ بىلەن باراۋەر، شۇڭا ئۇلار توپ -توپ بولۇپ بىرلىكتە رەقىبلىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟! ھەي بىچارە ئادەملەر، سەن بىر – بىرلىرىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟!
سۆزلىسەك گەپ تولا، بىز بەندىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلار ئىنتايىن كوپ… ئەتە ھاياتىمىزدا يەنە نېمە ئىشلار بولىدۇ، ئۇنى سىز ۋە بىز بىلمەيمىز. ئاسان بولغان يول – ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ تەسەۋۋۇر قىلىشتىن كۆرە “خۇدايىم بىلىدۇ…” دەپلا ئىشىمىزغا راۋان بولىمىز. بىز ئادەملەر ئۆزىمىزنى بەزلەشكىمۇ، تەسەللىي تاپقۇزۇشقىمۇ، ئۆزىمىز بىلمەيدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاتالمىش «تەقدىر» گە دۆڭگەپ، تومۇقىمىزنى كۆزىمىزگە كېيىپ، بىلمىگەن، ئاڭلىمىغان بولۇپ ياشاپ كېتىۋەرىشكىمۇ ئۇستىمىز…”ئادەم” دەپ ئاتالغان بۇ ئەقىللىق ۋە ئەقىلسىز مەخلۇقنىڭ نەيرەڭلىرى تولىمۇ كوپ. ئادەملەرنىڭ ھاياتى مانا مۇشۇنداق تاكى ئۇلار ئۆلگىچە كرىزىس، ئۇرۇش، تېنىچلىق، نەپرەت، مۇھەببەت ۋە قىساس ئىچىدە كەسكىن كۈرەش قايناملىرىغا تولۇپ كېتىۋېرىدۇ!
ھەي ئادەملەر، بىز سىلەردىن تىلەيلى، ئۇرۇشماڭلار، ئۆز -ئارا نەپرەتلەنمەڭلار! بىزگە ئۇرۇش ئەمەس ئادىمىيلىك مېھرى – مۇھەببەت كېرەك! سۇرىيەدىكى ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ بارلىق جايلىرىدىكى بىغۇبار سەبىي بالىلارنىڭ، مېھرىبان ئانىلارنىڭ، ئاتىلارنىڭ، بارلىق بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى نابۇت قىلماڭلار! ئادەملەر بىر -بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار، ئادەملەر ئۇلۇغ، ئۇلار ھەر جايدا بولسا بولسۇن، تەنلىرى ئامان بولسۇن!
3- دېكابىر، 2015 يىلى، لوندوندا يېزىلدى.
مەنبە باغداش ۋە بوزقىر تورى مۇنبەرلىرى:
http://bbs.bagdax.cn/thread-40182-1-1.html
http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=8359&fromuid=1823