‫ياشقا تولغان شەھلا كۆز‬ - ئەلكۈن تورى

‫ياشقا تولغان شەھلا كۆز‬

“Yashqaئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئاڭلاش: Yashqa_tolghan_shehla_koz.mp3

ئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدى
 

‫بەدۆلەت زامانىدىن تارتىپ باشقا يۇرتلارغا تونۇلۇشقا باشلىغان، تارىم بويلىرىدىكى بۈك-باراقسان توغراقلىقلار ئارىسىغا جايلاشقان بۇ خىلۋەت يۇرت، ئۆزىنىڭ تەبئىي ئالاھىدىلىكى بىلەن “تاللىق”1  دەپ ئاتالغان ئىدى. بۇ تاللىق يېزىسىغا تەۋە بىر قانچە مەھەللە كەنتلەر پەقەت پەسىللەر بويلاپ كۆچۈپ يۇرىدىغان قۇم بارخانلىرى بىلەن بىر-بىرلىرىدىن ئايرىلىپ تۇراتتى. بۇ يۇرتتىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلىرى بىلەن تۇغقان . بۇ يۇرتتا بىر-بىرلىرىنى تونۇمايدىغان ياكى ياقا يۇرتلاردىن كۆچۈپ كېلىپ قالغانلار يوق دىيەرلىك. ئاسىماخۇن مانا مۇشۇ يۇرتتا كاتتا ئەمەلدار ۋە باي بولۇپ ئوتكەن قاسىم شاڭيونىڭ2  كەنجى ئوغلى بولۇپ، يۇرت چوڭلىرىنىڭ دەپ بېرىشىچە مۇشۇ يۇرتنىڭ ئايىقىدا “ئازات زامان” ئۆستىڭى چېپىلغان يىلى 1950-يىلى “پومىشچىك”، “باي دېھقان”، “ھاكىمىيەتكە قارشى ئۇنسۇر” دېگەندەك قالپاق كەيدۇرۇلۇپ، سازايى قىلىنىپ، كېيىن ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىلىپ قاسىم شاڭيونى ئوننەچچە بايلار بىلەن بىللە ئېتىۋەتكەن ئىكەن. ئاۋۋال ئاتىسىدىن، كېيىن ئاپىسىدىن كىچىك يىتىم قالغان ئاسىماخۇننى كىچىك ئاپىسى بېقىپ قاتارغا قوشقان. ئاسىماخۇن يېتىملىكنىڭ، ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىسىز كۆپ يۇقسۇزلىقلارنى تارتىپ چوڭ بولىدۇ. ئۇ پەننىي مەكتەپتە ئوقۇيالمايدۇ ئەمما مەھەللىنىڭ موللىسىدا ئۇچ يىل “ھەپتىيەك”3  ئوقۇپ پەنسىردىن ساۋاتىنى چىقىرىدۇ. ‬

 

‫مەھەللىلەردە داشقازان تۈزۈمى “كوممۇنا”4  قۇرۇلغان يىللاردىن باشلاپ تاكى بۇ تۈزۈم 1980-يىللىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىچە ئۇ 4-مەھەللىنىڭ “ماخوچىسى”5  بولۇپ ئىشلىگەن ئىدى. شۇڭا مەھەللىدىكىلەر ئۇنى بەزىدە “ئاسىم ماخو” دەپمۇ چاقىرىشاتتى. ئاسىماخۇن كوممۇنادا ئۇزۇن ۋاقىت كەنىتنىڭ ئات-ئۇلاقلىرىنى باققانلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئومۇمنىڭ مۈلكىدىن باشقىلار قاتارىدا بىر ئېشەك ھارۋىغا، بوزلۇقتىن ئون مو يەر تەقسىماتىغا ئېرىشكەن ئىدى.‬

 

‫ئاسىماخۇن 18 ياشقا كىرگەن يىلى مەھەللە مۆتىۋەرلىرىنىڭ، كەنىت كادىرلىرىنىڭ غەمخورلۇقىدا قوشنا مەھەللىدىكى قەمبەرخان ئىسىملىك بىر نامرات ئائىلىنىڭ قىزى بىلەن “كەمپۈت تويى”6  قىلىپ بىر ياستۇققا باش قويىدۇ. “ئىنەكنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغا كەپتۇ” دەپ ئۇنىڭ بەختى ئۇزۇنغا بارمايدۇ، قەمبەرخان ئىككىنچى پەرزەنتىنىڭ تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ ئەمما بوۋاق ساق قالىدۇ. بۇ مۇسىبەت بولۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئاسىماخۇن مەھەللىنىڭ ئىمامىنى چاقىرىپ، ئامان قالغان يۈرەك پارىسىغا “ئامان” دەپ ئىسىم قويىدۇ. شۇ چاغدا قىزى رەيھان تۆت ياشقا كىرگەن ئىدى. ‬

 

‫ئاسىماخۇننىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ئۇنىڭغا، بولۇپمۇ قىزىغا بەك ئېغىر كېلىدۇ. ئۇ يىللاردا رەيھان ئاداشلىرىغا «ئاپام ئۆلمىدى، ئۇ پەرىشتە بولۇپ ئاسمانغا ئۈچۈپ كەتتى. مەن ئۇخلاپ قالغاندا ئۇ مېنى ھەر كۈنى كېچىسى كۆرگىلى كېلىدۇ …» دەيتتى. ئاسىماخۇن شۇنىڭدىن كېيىن قايتا ئۆيلەنمىدى. بالىلىرىنى مىڭ مۇشەققەتلەردە بېقىپ چوڭ قىلدى. بۇ جاپاكەش ئاتىنىڭ قىزى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يىلى كوممۇنا تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى. ‬

 

‫جاھان بىر ئاز ئوڭشۇلۇپ، يەرلەر دېھقانلارغا ھۆددىگە بېرىلىپ، ھەممە ئادەم پۇل تېپىشنىڭ كويىغا چۈشكەن بۇ يىللاردا ئاسىماخۇنمۇ بوش كەلمەيدۇ. ئۇ ئىككى بالىسىنى بېقىش ۋە ئەتىيازدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولسا، قىش كىرگەندە جاڭگالدا قاپقاق قويۇپ توشقان، قىرغاۋۇل تۇتۇش، بىردىن بىر مۇلكى ھېسابلىنىدىغان ئېشەك ھارۋۇسى بىلەن تارىمدىن يۇلغۇن كۆتىكى كولاپ بازارغا ئاپرىپ سېتىش، تۇز سېتىش بىلەن ئائىلىسىنىڭ قىشلىق ئۇزوق-تۈلۈك ئېھتىياجلىرىنى قامدايتتى. ‬

 

‫مىجەزى يوۋاش-يۇمشاق، كىشىنىڭ ھەققىنى يېيىشتىن، باشقىلارغا زەررە ئازار بېرىشتىن قورقىدىغان، راس سۆزلۈك ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن، كۆرگەن كۈنىگە قانائەت قىلىپ، مۆمىنلىك بىلەن ئىككى پەرزەنتىگە ھەم ئانا ھەم ئاتا بولۇپ ياشاپ كەلگەن ئاسىماخۇننىمۇ رەھىمسىز يىللار مۈكچەيتىپ قويغان ئىدى. ‬

 

‫كەمبەغەللەر ئۈچۈن “بۇ ئالەمدە نېمە قاتتىق-يوقسۇزلۇق”. باللىرىنىڭ يېشى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچىكىنى پۈتۈن قىلىش، ئۇلارنىڭ قورسىقىنى بېقىش – بۇ كۈنلەردە بۇ جاپاكەش ئاتا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىش ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا ئۆزى قانچىلىك جاپا تارتسا تارتسۇنكى ھەممە ئىشنى قىلىشقا رازى ئىدى. ئۇ بىر كۈننىمۇ بوش ئۆتكۈزۋەتمەيتى. مەھەللىدە كىمنىڭ ئىشى بولسا، ئىش ھەققى ئۈچۈن بىر نان بەرسىمۇ ياق دىمەي قىلاتتى. كۈنلەر ئايلارنى قوغلۇشۇپ، ئايلار يىللارغا ئۇلۇشۇپ ئاخىرى بۇ ئاتىنىڭ ئىككى يۈرەك پارىسى خېلىلا قاتارغا قوشۇلۇپ قالغان ئىدى. قىزى رەيھان كۈندىن كۈنگە ئاپىسىغا ئوخشاش ناھايىتى ئۇز قىز بولۇپ چوڭ بولۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆينىڭ تاماق ئېتىشتىن تارتىپ، كىر-قاتلىرىنى يۇيۇشقىچە بارلىق ئىشلىرىنى رەھمەتلىك ئاپىسىنىڭ ئورنىدا ئۆز زىممىسىگە ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. ئاسىماخۇن قىزىنىڭ كۆيۈمچانلىقىدىن، چېۋەرلىكىدىن تولىمۇ رازى ئىدى ئەمما قىزىدىن كۆپ ئەندىشە قىلاتتى چۈنكى ئۇ كۈن، يىل بويلاپ ئۆزىگە ھۆسن قوشۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ بويىغا يېتىشىگە باشلىغان بۇ كۈنلەردە، يىراق-يېقىن مەھەللىدىكى ھەممە خەقنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا، ھەتتا ئەلچىلەر قىز سوراپ كېلىشكە باشلىغان ئىدى. ‬

 

‫*  *  *  *  *‬  ‫*  *  *  *  *‬

 

‫“- ئۆيدىن چىق قانجۇق! كۆزۈمدىن يوقال!” – ئەسەت بۈگۈن كۆپىرەك ئىچىۋەتكەن ھاراقنىڭ كەيپىدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ خۇي پەيلى ئەسەبىيلەشكەن ئىدى ئەمما ئېرىنىڭ چالۋاقاپ ساراڭدەك ۋارقىراشلىرىدىن چۆچىگەن رەيھانمۇ بوش كەلمىدى. ‬

 

‫“-مەن نېمىشقا چىقىمەن، مەن ساڭا نېمە يامانلىق قىلدىم، ئېيتە؟ “ ‬

 

‫رەيھان ئۆزىمۇ بىلمىدى، ئۇنىڭ بىر جۇپ چىۋەر قولى ئەسەتنىڭ ياقىسىنى قاماللاپ تۇتۇشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى. ‬

 

‫ئەسەد شۇ ھامان ئارقىسىغا داجىدى- دە “-ھۇ ئەقلىدىن ئازغان ساراڭ، قەلەندەرنىڭ قىزى، ئېزىپ قالدىڭمۇ، مەن سېنى بۇ ئۆيدىن چىق، سەھرايىڭغا كەت، مەن سېنى يوقال دەۋاتىمەن! ئاڭلىدىڭمۇ قانجۇق؟!” ‬

 

‫ئەسەت ئايالى رەيھاننىڭ قولىدىن ئۆزىنى بوشتىشقا ئۇرۇندى ۋە ئاخىرى بار كۈچى بىلەن ئۇنى ئارقىغا ئىتتەردى. بۇ خۇددى سەھنىگە چۈشكەن ئىككى چېلىشچىنىڭ بىرسى يەنە بىرسىنى يېقىتىپ، ئاستىغا بېسىۋېلىش ئۈچۈن كۈچ سىنىشۋاتقاندىكى بىر كۆرۈنىشنى نامايان قىلاتتى. ئەمما رەيھان ئاخىرى ئاجىز كەلدى. ئۇ بۇ كۈچ سىنىشىشقا ئۇزاق بەرداشلىق بېرەلمىدى، خۇددى بىرسى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تارتىۋاتقاندەكلا يەرگە يېقىلدى. ئەسەت ئاچچىقتىن توختىماي ۋارقىراپ سۆزلەيتتى… ‬

 

‫“-سەن مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن قانجۇق! سەھرايىڭغا بېرىپ قانداق يامان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىڭ؟ مەن ئويدا يوق بۇ بەش كۈندىن بىرى سەن نازىم بىلەن نېمە بۇزۇقچىلىقلارنى قىلدىڭ، ھەممىنى ماڭا ئىقرار قىل؟”‬

 

‫رەيھان يەردە ئوڭدا ياتقاچ ئۆينىڭ تۇرۇسىغا قاراپ سۈكۈتكە پاتقان ئىدى ئەمما بىر جۇپ شەھلا كۆزىدىن خۇددى سەھەردىكى ئەتىرگۈل بەرگلىرىدىن يەرگە تامچىپ چۈشۈۋاتقان شەبنەمدەك، ئىسسىق ياشلار مەڭزى ئۇستىگە دانە-دانە بولۇپ چۈشۇپ، زىڭاقلىرىغا يېيىلىۋاتاتتى. رەيھان يېقىلغان پېتى يەردە ئۇزاق يېتىۋېرىشنى خورلۇق ھېس قىلدىمۇ، ئۇ كۈتۈلمىگەن شۇنداق بىر جاسارەت بىلەن ئورنىدىن دەس تۇردى.‬

 

‫“-ماقۇل، سەن مېنى ھىچ سەۋەپسىزلا نازىمدىن كۈنلەپ خورلىدىڭ، مەن گۇناھسىز، بىراق سەن ئۆزۈڭچۇ؟ ئۆزەڭنىڭ مېنى بىلمەيدۇ دەپ قىلىۋاتقان بۇزۇقچىلىقلارنى قانداق قىلىسەن؟ مەن ساڭا ئاڭلىغىنىمنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟” ‬

 

‫رەيھاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرۇشقا تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان ئەسەت “-ئاغزىڭنى يۇم، قانجۇق! سەن مەن بىلەن گەپ تالىشىشتىن باشقىنى بىلمەيسەن!” دېدى دە- ئايالىنىڭ ئالدىغا يوپۇرلۇپ كەلدى، ئۇ ئوڭ قولىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ، رەيھاننىڭ ياش يۇقى كۆرۇنىدىغان ئەمما ئالمىدەك قىزىرىپ كەتكەن مەڭزىگە شاپىلاق بىلەن بىر قانچىنى ئۇردى … ‬

 

‫“-مەن بىلەن تاكاللاشقىنىڭغا تويە مانا!” ‬

 

‫بۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ پۇتىمۇ جىم تۇرمىغان ئىدى. رەيھان بۇ زوراۋان كۈچنىڭ زەربىسىدىن ئارقىسىغا پۇرلىشىپ يەنە بۇرۇن يېقىلغان يەرگە يېقىلدى. ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە ئاتىسىنىڭ مۇھتاجلىقى سەۋەبىدىن مەجبۇرى توي قىلغان ئېرىنىڭ مۇشتلىرى نەشتەردەك تېگىۋاتاتتى… بۇ ھۇجۇمدىن بەدەنلىرىمۇ قۇرۇق قالمىغان ئىدى. توختىماي ئۇرۇلۇۋاتقان مۇشت ۋە تېپىكلەرنىڭ زەربىسىدىن ئۇ ھۇشىنى يوقاتقان ئىدى. رەيھان ئېرىدىن كەلگەن بۇ خورلۇق ۋە ئاھانەتكە قارشى جان تالىشىۋاتاتتى.‬

 

‫ئۇنىڭ يەردە قانچە ئۇزاق ھۇشسىز ياتقانلىقى ئۆزىگىمۇ نامەلۇم. رەيھان بىر چاغدا كۆزىنى ئاچتى. ئوي ئىچى قاراڭغۇ ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا مۇشۇ تاپتا ھەممە نەرسە قاراڭغۇ كۆرۈنەتتى. پەقەت ياندىكى ياتاق ئۆينىڭ دەرىزىدىن كىرگەن غۇۋا كۈن نۇرى مېھمانخانا ئۆينىڭ ئىچىگە قانداقتۇر بىر يەردە يورۇقلۇقنىڭ بارلىغىدىن بېشارەت بېرەتتى. ‬

 

‫رەيھاننىڭ تال-تال ئۇزۇن كىرپىكلىرى ئاستىدىكى بىر جۇپ نۇر يېغىپ تۇردىغان شەھلا كۆزلىرى نۇرسىزلشقان، توختىماستىن ئېقىپ چۈشىۋاتقان ياشلار مەڭزىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك قىزارتىۋاتقان، ھەتتا كۆتۈرۈلۇپ تۇرغان كۆكسىمۇ ياشلار بىلەن ھول بولۇپ چىپ-چىىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئانچە ئېگىز بولمىغان زىلۋا بويى، ھىلال ئايدەك ئىنچىكە قارا قاشلىرى، ئىشقىلىپ ئۇنىڭ جىسمىغا تەۋە بولغان ھەممە نەرسىلەر بۇ ياش قىزنىڭ ناھايىتى گۈزەل ئىكەنلىكىگە گۇۋاچى بولۇپ تۇراتتى.‬

 

‫*  *  *  *  *‬  ‫*  *  *  *  *‬

 

‫رەيھان بىر چاغلاردا يىغىسىنى توختۇتۇپ ئۆي ئىچىگە قارىدى. ئۆيدە ئەسەت كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ئېرىنىڭ ئۆيدىن قاچان چىقىپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەيتتى. رەيھان “ئۇھ!” دېگىنىچە كۆكرىكىنى بوشۇتۇپ تۇرۇپ چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى دە، بىر قولى بىلەن يەرگە تاينىپ، ئورنىدىن ئاستا سۇغۇرلۇپ تۇردى. ئۇ قەدەملىرىنى ئېھتىيات بىلەن يۆتكىدى. ئۇنىڭ پۇتى ساق ئىدى ئەمما بېشى، پۇتى، يۈرىكى … بەدىنىڭ ھەممە يەرلىرى تېڭىزىپ ئىچ-ئىچىدىن ئاغرىۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتاتتى. رەيھان سوغۇق چىقىپ تۇردىغان ياتاق ئۆيىگە ئۆز ئىختىيارىسىز كىردى ۋە ئۇدۇل شىرە ئۈستىدىكى ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. “توۋا، مەن 17 ياشلىق بىر قىز، ئەمدى بىر بالىنىڭ ئانىسىمۇ؟ ماڭا مۇشۇنداق خورلۇقلارنى كۆرۈپ ياشاش نېسىپ بولغانمىدى؟ مەنمۇ ئادەم ئىدىمغۇ، مېنىڭمۇ كۆڭلۇم، رايىم بار ئىدىغۇ؟ مېنىڭ مۇھەببىتىم، ياشلىق ئىستەكلىرىمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ نىجاسەت پۇل ئۈچۈن سېتىۋېتىلدىمۇ؟ بۇ دۇنيا نېمە دېگەن تەڭسىز، بۇ دۇنيا نېمە دېگەن مېھىر-شەپقەتسىز ھە؟ مەن چوقۇم بۇ خورلۇقتىن ئۆزۈمنى قۇتۇلدۇرشۇم كېرەك! مەن بىچارە ئاتام ئۈچۈن ئۆز بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ بولدۇم، مەن ئەمدى ئۆز ئەركىنلىكىمگە ئېرىشىشىم كېرەك … مېنىڭ مېھرىبان ئاپام، سەن قايەردە؟ ” دەپ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ يىغلايتتى. ئىككى قولى بىلەن ياش يۇقى مەڭزىنى سىقىپ تۇتۇپ نالە قىلاتتى. ‬

 

‫رەيھاننىڭ پۇتى ماغدۇرسىز تىترەيتتى. بىر پەس جىم-جىتلىقتىن كېيىن ئۇ كارۋىتىغا بېرىپ ئاستا ئولتۇرۇۋالدى ئەمما  بۇ مىنۇتلاردا ئۇ ئۆزىگە ئۆزى تەۋە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئەس-ھۇشىنى نۇرغۇنلىغان ئايىقى چىقمايدىغان خىياللار چىرمىۋالغان. ئۇ ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا كارۋاتتا يانپاشلىنىپ يېتىپ قالدى…  رەيھان ئۆزىنى توغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللىسىدە ھېس قىلدى. ئەنە كۆزىگە نازىم كۆرۈندى. ئۇ مەھەللىنىڭ ئايىغىدىكى ئېتىزلىقتىن مۇرىسىگە كەتمىنىنى سېلىپ، “خانلەيلۇن” ناخشىسىنى ئۈنلۈك توۋلىغاچ ئۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ نازىمنىڭ ئوچۇق چىرايىدىن ھىچ كىشىدىن ھېس قىلالمايدىغان مۇھەببەت سەزدى…  راست، بۇ ھەقىقەت ئىدى، ئۇ نازىمنى ياخشى كۆرەتتى. نازىم بىلەن رەيھان بالىلىقىدىن باشلاپ بۇ كىچىك مەھەللىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، بىللە ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى قىلغان. ئۇلار ئەتىگىنى مەكتەپكە بىللە بارسا، چۈشتىن كېيىن بىللە قايتاتتى. ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپنى بىر سىنىپتا ئوقۇپ تۈگەتكەن. ئۇلار كىچىكىدىن تارتىپ بىر-بىرلىرىگە ئېجىل دوستلاردىن ئىدى.  كېيىن بۇ دوستلۇق ئۇلارنىڭ يېشى چوڭىيىشقا ئەگىشىپ، ئاستا -ئاستا ئۆزلىرىمۇ بىلمىگەن بىر رەۋىشتە مۇھەببەتكە ئۆزگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. رەيھان نازىمنى بۇ دۇنيادا ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئادەم دەپ بىلەتتى، قىز قەلبىنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرى سۈپىتىدە كەلگۈسىدىكى بىللە ئۆتىدىغان ھاياتى ھەققىدە ئۇنىڭ غايىبانە مۇڭدىشاتتى، ئەمما تۇرمۇشنىڭ قىسمەتلىرى، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئۇلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولمىغان ئىدى. ‬

 

‫ئۇ كۈنلەردە ئاسىماخۇن يىل بويى قاتتىق ئىشلىسىمۇ نامراتچىلىق قۇتۇلالمايۋاتاتتى سەۋەبى بۇ ھۆددىگە ئالغان  يەردىن ئېرىشىدىغان بۇغداي بىلەن قوناق ھەر يىلى تۆلەيدىغان يەر پۇلى، سۇ پۇلى، كەنىتكە تاپشۇرىدىغان ئاشلىق بېجى قاتارلىق ئالۋاڭ-ياساقلارغا ئاران-ئاران يېتەتتى. ھۆكۈمەت ئامبىرىغا ھوسۇلنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، كۈزدە بولسا ئۆزىگە ھېچنىمە قالمايتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلە كېلەر يىللىق ھوسۇلنى ئالغىچە خۇلۇم-قوشنىلاردىن، كېيىن مەھەللىدە پات-پات پەيدا بولۇپ قالىدىغان شەھەردىن كەلگەن جەزخورلار7 يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ جېنىنى جان ئېتىپ قىشنى ئۆتكۈزۈۋالاتتى. ئادەتتە جەزخورلاردىن قەرز ئېلىش ئاددىي ئىدى. پۇل قەرز ئېلىشنىڭ شەرتى-جەزخورلار ئاۋۋال قەرز پۇل ئالغۇچىلارنىڭ پۇلغا يارىغىدەك ئۆيى -بىساتلىرىنى كۆرۈشى كېرەك ئىدى. قەرز بېرىدىغان پۇلنىڭ بىر يىللىق ئۆسۇمى بولسا 100 يۈەنگە %20 تىن %30 كە قەدەر بولاتتى. جەزخورلاردىن قەرز ئېلىش رەسمىيىتى ئاددىي بولۇپ، بىر پارچە قەرز ئالغانلىق ھۆججەتكە قىزىل سۇرۇغ بىلەن باش بارماقنى بوياپ، بېسىپ بەرسىلا ئىش پۈتەتتى. ‬

 

‫رەيھان 14 ياشقا كىرگەن يىلى ئاسىماخۇن ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلىشىشقا باشلىدى سەۋەبى بولسا ئۆتكەن يىلى كۈزدىن باشلاپ تاكى ياز بولغىچە ئاسىماخۇن كىزىك كېسىلى بىلەن قاتتىق ئاغرىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. رەيھان ئاتىسىنى شۇنچە ياخشى بېقىپمۇ كېسىلىنى ساقايتالمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەھەللە چوڭلىرىنىڭ مەسلىھەتى ۋە ياردىمىدە شەھەرلىك جەزخور ئەسەتبايدىن 1000 يۇئەن قەرز ئېلىپ، ئاسىماخۇننى ناھىيە بازىرىدىكى چوڭ دوختۇرخانىغا داۋالىتىشقا ئاپاردى. ئاسىماخۇن ئەسلى جىگەر كېسىلىگە گىرىپتا بولغان ئىكەن. ئۇ دوختۇرخانىدا بىر ئايدىن ئارتۇقراق يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن، كېسەل ئازابىدىن سارغىيىپ، تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قان يۈگۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ قولتۇقلىسا ماڭالايدىغان بولغاندا دوختۇرخانىدىن چىقتى. دوختۇرخانىدىن چىققاندا داۋالاش ھەققىنى تۆلەيدىغانغا پۇل يەتمىدى. رەيھان تاغىسىنىڭ ياردىمى بىلەن جەزخور ئەسەتبايدىن يەنە 1000 يۇئەن قەرز ئېلىپ دوختۇرخانىنىڭ پۇلىنى تۆلىدى. بۇ كۈنلەردە رەيھان ئاتىسىنى ۋە ئۇكىسىنى بېقىش ئۈچۈن كۆپ جاپالارنى تارتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىز-ئېرىقنىڭ بارلىق ئىشلىرى، كەنىتنىڭ قىشلىق ھاشار-سېلىقلىرى ئۇنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ئىدى. بۇمۇ كەملىك قىلغاندەك، بۇ يىل قۇرغاقچىلىق يۈزبېرىپ، ئەزەلدىن سۇغۇرۇپ دېھقانچىلىق قىلىدىغان بۇ كەنىتنىڭ ئېرىقلىرى قۇرۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ئەتىيازدا تېرىلغان كېۋەزلەر ۋاقتىدا سۇغىرىلماي، يازنىڭ كېلىشى بىلەنلا قۇرۇپ كەتتى. ‬

 

‫*  *  *  *  *‬  ‫*  *  *  *  *‬

 

‫بىر كۈنى كەچلىك غىزادىن كېيىن ئاسىماخۇن قىزى رەيھانغا ناھايىتى بىر مۇھىم ئىش توغرىسىدا سۆز ئاچتى.‬

 

‫“-قىزىم، بۇ دۇنيادا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ بەختىلىك تۇرمۇش كەچۈرىشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئاتا-ئانا يوق. تۆنۈگۈن ھاممائاچىڭىز سىزگە ھەممە گەپنى ئېيتقاندۇ، ئەمدى ماڭىمۇ ئامالسىز قىزىم … ئاتىڭىزغىمۇ ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، ھەر ئىش بولسا ئاللانىڭ تەقدىرى بىلەن بولغاندۇ. شۇڭا مۇشۇ توينى ئارقىغا سوزماي ئىمامنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ۋاقتىدا قىلىپ تۈگىتىۋېتەيلى. ئەسەتبايمۇ شەھەردە مەرتىۋىسى بار، قول-ئىلكىدە بار كاتتا باي خەقنىڭ بالىسىكەن. مەن دوختۇرخانىدا ئاغرىپ يېتىپ قالغاندا، ئۇ بىزگە كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلدى. ئۇ بىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمىزغا تاكى بۈگۈنگىچە ياردىمىنى ئايىماي قىلىپ كېلىۋاتىدۇ قىزىم. ئۇ ماڭا كۈيئوغۇل بولسا ‘مەن ئالغان 6 يىللىق قەرزلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆتۈرىۋېتىمەن’ دەپ سۆز بېرىپتۇ. مەنمۇ ئاپاڭلار يوق سىلەرنى يالغۇز چامىمچە بېقىپ چوڭ قىلدىم. مانا ئەمدى مەن كېسەلچان بولۇپ قالدىم، مېنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش كەتمەن چاپقۇدەك ھالىم قالمىدى. بۇ قەرز بەك كۆپ، بۇ ئۆمرۈمدە مېنىڭ ئۇ قەرزلەرنى قايتۇرالىشىم مۇمكىن بولمايدۇ… مەن يەنە قانچىلىك ياشايمەن، بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ. قىزىم، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ياخشى چۈشىنىمەن ئەمما ئاتىڭىزمۇ ئامالسىز. مەن ئەلچىلەرگە ماقۇل دىدىم…. خەقلەر بىكاردىن ‘نىكاھ غايىب’ دېمەيدۇ قىزىم، بۇ ئىش بىزدىنلا قالغان ئەمەس، قىز-ئوغۇل چوڭ بولسا تۇرمۇشلۇق بولىدۇ. ئاللاھ رىسقىڭلارنى بىر قىلىپ پۈتۈۋەتكەن ئوخشايدۇ. بۇمۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن تەقدىرى قىزىم…”. بويىغا يېتىپ قالغان بۇ ئەتىۋارلىق قىزىنىڭ ياتلىق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاتا ھاياجانلاندىمۇ ياكى قىزىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي كۆڭلى يېرىم بولدىمۇ، بۇ ئېنىق ئەمەس ئىدى ئەمما ئاسىماخۇننىڭ ئاۋازى ئىچ-ئىچىدىن يىغا ئارىلاش تىتىرەپ چىقىۋاتاتتى. ‬

 

‫ھەممە ئىش خۇددى ئونبەش كۈنلۇك تولۇن ئاي چىققان ئايدىڭ كېچىدەك بۇ سەگەك سەھرا قىزى رەيھانغا ئوچۇق ئىدى. ئۇ كاتنىڭ قىرغىقىدا ئولتۇرۇپ، ئىككى قولىنى ئېتىكىگە قويۇپ، بېشىنى تۆۋەن سالغاچ ئاتىسىنىڭ گېپىنى زەڭ قويۇپ ئاڭلاۋاتاتتى. ئاسىماخۇننىڭ گېپى تۈگىگەندىن كېيىن ئۆي ئىچىنى سۈكۈتكە تولغان ئېغىر جىمجىتلىق باستى. رەيھان ئاتىسىنىڭ گېپىگە جاۋاب قايتۇرمىدى. بۇ ئارىدا داۋام قىلىۋاتقان سۈكۈتنىڭ سەۋەبى ئاتا بىلەن قىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى. شۇ مىنۇتلاردا ئاماننىڭ ئىشىكنى، ئېچىپ ئۆي ئىچىگە كىرىپ كېلىشى بىلەن تەڭ بۇ ئۆيدە ئادەم باردەك، ھايات قايتىدىن ئۆز ئەسلىگە كەلگەندەك، ھېلىدىن بىرى ھۆكۈم سۈرگەن جىمجىتلىق بۇزۇلدى. رەيھان ئورنىدىن دەسسىدە تۇرۇپ قازان بېشىغا ماڭغاچ ئىنىسىدىن سورىدى.‬

 

‫ “-ئۇكام، نېمە ئانچە ھۈمىدەپ كەتتىڭ، نەگە بېرىپ ئويناپ كەلدىڭ؟ قورسىقىڭ ئاچتىمۇ؟“ ‬

 

‫“-بالىلار بىلەن مۆكىلەڭ ئوينىغانتۇق. مېنىڭ قورسقۇم ئېچىپ كەتتى. شۇڭا ئاش يېگىلى كىردىم ئاچا !” دەپ جاۋاب قايتۇردى ئامان ئاچىسى رەيھانغا ئەركىلەپ تۇرۇپ. رەيھاننىڭ شۇ مىنۇتلاردا كۆڭلى تولىمۇ يېرىم ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئوماق ئۇكىسىدىن باشقا بۇ دۇنيادا ھىچ بىر قېرىندىشى يوق ئىدى. “ئەگەر مەن ئاتامنىڭ تەلىپى بىلەن ياتلىق بولۇپ كەتسەم ، ئاتام بىلەن ئۇكام تامىقىنى قانداق قىلىدۇ؟ ئۇكام مەن يوق قانداق چىدايدۇ…. ئاھ خۇدا، سەن مېنى بۇ قورقۇنۇچلۇق قىسمەتتىن  قۇتۇلدۇرغايسەن!” دەپ ئۆز-ئۆزىگە ئۇن-تىنسىز نىدا قىلاتتى. ‬

 

‫“-قىزىم، ناماز ۋاقتى بولۇپ قالدى، ماڭا تاھارەت سۇيى تەييارلاپ بېرىڭ” دېدى ئاسىماخۇن ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىپ. ئۇ ئىككى پارىسىنى ئۆيدە قالدۇرۇپ، تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن قولىدا ئىۋرىقنى كۆتۇرۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.‬

 

‫شۇ كۈنى كەچ رەيھان كۆزىنى يۇمۇپ باقتى ئەمما ئۇخلىيالمىدى. ئۇ چېگىش، يېشىلمەيدىغان خىياللارغا غەرق ئىدى. پەنجىرىدىن ھۇجرا ئىچىگە چۈشۈۋاتقان ئاي نۇرى ئۇنىڭ قىز قەلبىنى تېخىمۇ مۇڭلاندۇراتتى. ئۇنى قانداقتۇر ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر تۇيغۇلار ھاياجانلاندۇراتتى، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ھەۋەس ۋە ھەسرەتنىڭ ئوتلىرى ياناتتى ئەمما ئۇ تۇيغۇلار شۇنداق شىرىن، شۇنداق تاتلىق ئىدى. ئۇ قەلبىدىكى يوشۇرۇن سۆيگىنى نازىمنى ئويلىدى. رەيھان ئۆزىنى ئۇنىڭ مەشۇقى ھېسابلايتتى ئەمما نازىمنىڭ ئۆزىگە ئاشىقلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلىمەيۋاتقانلىغىنى ئويلىغىنىدا كۆڭلى يېرىم بولاتتى. “جېنىم ئاپا، بۇ كېچە پەرىشتىلەردەك ئۇچۇپ مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن. ماڭا ياردەم قىلغىن جېنىم ئاپا! مەن بەك قورقۇۋاتىمەن، مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بىچارە ئاتام ئۈچۈن، ئاتامنىڭ قەرزىنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن نازىمغا بولغان پاك مۇھەببىتىنى قۇربان قىلىشىم كېرەكمۇ؟ ئۆزۈمدىن 15 ياش چوڭ، بىر قېتىم خوتۇن ئالغان، بىر بالىسى بار ئەسەتبايغا خوتۇن بولۇشۇم كېرەكمۇ؟ ياق، ياق، ياق …. مەن قورقىمەن، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن….. ئاھ خۇدا، ماڭا ياردەم قىلغىن!!!” ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ پەرياد چېكەتتى. قولىنى دۇئاغا كۆتۈرەتتى… چاچلىرىنى بارماقلىرى ئارىسىغا ئوراپ كۈچ بىلەن تارتاتتى… ‬

 

‫ئاتا ۋە قىز ئوتتۇرسىدىكى جاۋابسىز قالغان شۇ قېتىمقى سۆھبەت بولۇپ 20 كۈندىن كېيىن ئاسىماخۇننىڭ ئۆيىدە رەيھاننىڭ تويى بولۇپ ئۆتتى. ‬

 

‫*  *  *  *  *‬  ‫*  *  *  *  *‬

 

‫ئەسەتباي بۇ كۈنلەردە شەھەردىكى تەڭ تۇشلىرىنىڭ ئىچىدە غادىيىپ يۇرەتتى چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەنمۇ پۇلنىڭ كۇچىنى كۆرگەن ئىدى. ئۇ سەھرادىن تاللاپ تۇرۇپ ئۆزىدىن 15 ياش كىچىك، گۈزەل بىر قىزىغا، ئۇنىڭ ئاتىسىغا قەرز بەرگەن 8 مىڭ يۇئەن پۇلنىڭ ھىسابىغا ھىسابلاپ ئاسانلا خوتۇنلۇققا ئېلىۋالغان ئىدى. ئۇ رەيھاننى ئەمرىگە ئېلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەسەتباينىڭ بۇ ياش خوتۇنىغا بولغان ھەۋسى سوۋۇشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ بۇرۇنقى كونا كېسلى بويىچە يەنە ‘خوتۇنپۇرۇشلۇق’ نىڭ ھەۋەس كوچىلىرىغا كىرىپ كەتكەندى. ئۇ ئۆيىدە كوپ تۇرمايدىغان، ھە دىسىلا “يېزىلارغا بېرىپ قەرز بېرىمەن، قەرز يىغىمەن” دەپ نەچچە كۈنلەپ يوقاپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. گەرچە رەيھان ئاتىسىنىڭ دىگىنىگە ئىشنىپ “ئاللاھ ماڭا بۇ نىكاھنى نېسىپ قىلدى” دەپ بىلىپ، “نىكاھنىڭ مېھرى ئىسسىق” دېگەندەك گەپلەرگە ئىشىنىپ، ئېرىگە ئىتائەتمەن خوتۇن بولۇۋاتاتتى. بىراق ئوغلى ئەلىنى تۇغقاندىن كېيىن ئېرىنىڭ تالاغا قاراشقا باشلىغانلىقى، بۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىغا سوغۇچىلىقنىڭ كۆلەڭگىسىنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى تۇنۇشقا باشلىغان ئىدى. ‬

 

‫ياندىكى ئۆيدىن 8 ئايلىق بولغان ئوغلى ئەلىنىڭ توختىماي يىغلاۋاتقان يىغا ئاۋازى بۇ بەختى كۈلمىگەن ياش ئانىنى ئويغاتتى. ئۇ ياستۇقتىن چۆچىگەندەك بېشىنى كۆتەردى دە- ئۇدۇل يۈرەك پارىسىنىڭ يىغىسى ئاڭلانغان ئۆيگە قاراپ يۈگۈردى. رەيھاننىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان، كىيىملىرى ئەرۋاڭ-سەرۋاڭ كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزارغان، قول بېغىشلىرىنىڭ بىر قانچە يەرلىرى شۇدۇر بولۇپ، قان ئىزلىرى قېتىشىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ھازىر بۇ ھالى خۇددى جاڭگالدا يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچۇرغان، قېچىپ يۇرۇپ ئامان قالغان بىر ئادەمنىڭ ھالىتىنى ئەسكە سالاتتى.‬

 

‫بوۋاق بۆشۈك ئىچىدە ئاۋازى بىر چىقىپ، بىر چىقماي خىرقىراپ ئىزىلىپ-ئىزىلىپ يىغلايتتى. كېلىنى بىلەن ئوغلىنىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان مۇشۇنداق پات-پات بولۇپ تۇرىدىغان جېدەللەرگە كۆنۈپ قالغان رەيھاننىڭ قېيىنئانىسى بۆشۈكنى تەۋرىتىپ، نەۋرىسىنى بەزلەۋاتاتتى. ‬

 

‫رەيھان قېيىنئانىسىغا گەپ سۆز قىلمايلا بۆشۈكنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى دە ئوغلىنى يېشىشكە باشلىدى. كېلىنىنىڭ بۇ سوغۇق ھالىتىنى كۆرگەن قېيىنئاتا چۆچۇپ كەتتى. ‬

 

‫“-قىزىم، نېمە ئىش بولدى سىزگە؟ خېلە بولدى، ئەسەتمۇ گېپىمنى ئاڭلىماي، ناھايىتى خاپا ھالدا ئارقىسىدىكى ئىشكىنى قاتتىق ياپقىنىچە ھويلىدىن چىقىپ كەتتى. سىلەر مېنىڭ بالىلىرىم، ماڭا مۇنداق مۇئامىلە قىلماڭلار” دېدى ئانا كۆڭلى پەرىشان ھالدا. ‬

 

‫“-كەچۈرسىلە ئانا، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئوغۇللىرى ياخشى بىلىدۇ، ماڭا نېمە بولغانلىغىنى سىلىگە ئېيتمىساممۇ مېنىڭ باش-كۆزۈمگە قاراپلا بىلىۋالالايلا، ئەمدى ئىش تۈگىدى. بۇ يەر ئەمدى ماڭا ھارام! مەن بۇ قېتىم ئاجراشقىنىم ئاجراشقان! مەن ئۆيۈمگە كېتىمەن!” دېدى رەيھان ئوغلىنى ‘يىغلىما قوزام، يىغلىما…’ دەپ بەزلەپ تۇرۇپ. ‬

 

‫رەيھانغا قېيىنئانىسىنىڭ يالۋۇرۇشلىرىمۇ كار قىلمىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇ بىر قولىدا ئوغلىنى، يەنە بىر قولىدا كىيىم-كېچەكلىرى ئورالغان بىر بوخچىنى كۆتۇرۇپ، ئەسەتباينىڭ ئۆيىدىن قېيىنئانىسغا خوشمۇ دېمەي، ئارقىسىدا ئوچۇق قالغان دەرۋازىنىمۇ ياپماي كېتىپ قالدى.‬

 

‫رەيھان بۇ شەھەرنىڭ ئۆزىگە تونۇشلۇق تار كوچىلىرىدا بىر ئاش پىشىمچە ماڭغاندىن كېيىن، يېزىسىغا بارىدىغان قاتناش بېكىتىگە يېتىپ كەلدى. يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاپتوبۇسنىڭ ماڭىدىغانلىقىنى بىلگەن رەيھان، قاتناش بېكىتىنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى ياغاچ ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. ئاندىن، ئاۋۋال بوۋىقىنىڭ زاكىسىنى ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە ياتقۇزۇپ تۇرۇپ ئالماشتۇردى، ئارقىسىدىن يانچۇقىدىن بىر پارچە قېتىپ كەتكەن ناننى ئېلىپ، يۇمشاق چايناپ ئوغلىغا يىگۈزدى، كېيىن سوسكىدا سۇ بەردى. ئاپتوبۇسنىڭ تاللىق يېزىسىغا ماڭىدىغانلىقى كارنايدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇ ئاپتوبۇسقا چىقىشقا قاراپ ئىتتىك يۇرۇپ كەتتى. ‬

 

‫رەيھان ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئاپتوبۇسنىڭ توپلۇق يولدا ئىككى تەرەپكە توختىماي سىلكىنىپ مېڭىشى بىلەن تەڭ، بۆشۈكنىڭ رىتىمىدەك يىنىك سىلكىنىشتىن بوۋاق ئانىنىڭ قۇچىقىدا تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتى. رەيھان بۇ دەقىقىلەردە ئاپتۇبوس دەرىزىسىدىن كۆز يەتمەيدىغان ئۇپۇقلارغا ھەسرەت ۋە ئاچچىق نىدالىرى بىلەن كۆز تاشلايتتى. بۇ ياش ئانا ھەر بىر تىنىقىنى ئېغىر ئالاتتى. رەيھان ھازىر ئاپىسى ئۆلۈپ كەتكەن ۋاقتىنى ئەسلىيەلمەيدۇ ۋە ئەسلەشنىمۇ، ئاپىسىنىڭ بولغانلىغىنى بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ چۈنكى ئانا مېھرىگە قانالماي چوڭ بولغىنىغا قارىماي بۇ دۇنيا ئۇنىڭغا تەڭسىز، رەھىمسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ مىجەزى جىمغور ئىدى. كۈن پېشىم بولۇشقا ئاز قالغان بىر چاغ، ئىيۇن ئايلىرىدىكى ئوتتەك پىژغىرىن ئاپتاپنىڭ تەپتى خېلىلا كۈچلۇك ئىدى ئەمما ئاپتوبۇسنىڭ دەرىزىلىرى ئوچۇق بولغاچقا ئادەمگە راھەت بېغىشلايدىغان غۇر-غۇر شاماللار توختىماي كىرىپ تۇراتتى. مەھەللىنىڭ تېرەكلىرى، توغراقلىرى، قارياغاچلىرى، مايماق ئۈجمە دەرەخلىرى، بوستانلىق باغلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. يىراقتىن قارىماققا يول بويلىرىدىكى ئېتىزلاردا سارغىيىپ پىشقان كۈزگە بۇغدايلار خۇددى پۈتۈن تاللىق مەھەللىسىنىڭ ئەتراپىنى ساغۇچ رەڭدە بوياپ قويغاندەك بىر مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان ئىدى. ‬

 

‫رەيھان خېلە ئۇزاقتىن ئېتىزدا بۇغداي ئورۇۋاتقان ئاتىسىنى، ئارقىسىدىن بۇغداي ئۈنچىللرىنى باغلاۋاتقان ئىنىسى ئاماننى كۆردى. ئاپتۇبوس مەھەللىنىڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، يول بويىدا ئاستا توختىدى. رەيھان شوپۇرغا “رەھمەت!” دەپ مىننەتدارلىق بىلدۇرۇپ ئاپتۇبۇستىن چۇشۇۋالدى. ‬

 

‫مەيىن شاماللاردا ئېتىزلاردىكى بۇغداي باشاقلىرى خۇددى رەيھانغا “يۇرتىڭىزغا خوش كەلدىڭىز!” دېگەندەك باش ئېگىپ تازىم قىلاتتى. رەيھان ئوغلىنى، بوخچىسىنى قۇچاقلىغان ھالدا ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن سۆيۈنگەچ، ئاسمىنى كەڭ ساپ ھاۋاسىىدىن ھۇزۇرلانغاچ، ئېتىز قىرلىرىنى بويلاپ ئاتاسى ئىشلەۋاتقان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. رەيھان ئەسلى بۇ گۈزەل يۇرتقا تەۋە ئىدى چۈنكى بۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قەلبى پاك كىشىلەر ياشايتتى. ئۇنىڭ چىن مۇھەببىتى مۇشۇ يۇرتتا تۇغۇلغان ۋە مۇشۇ يۇرتتا قالغان، شۇڭا ئۇ شۇ مۇھەببەتنىڭ چەكسىز كۈچى بىلەن مۇشۇ يۇرتقا قايتىپ كەلگەن. رەيھان بۇ دەقىقىلەردە خۇددى ئۆزىنى ئۆزى قايتىدىن بايقىغاندەك، قانداق ياشاشنىڭ يېڭى بىر قانۇنىيىتىنى تېپىۋالغاندەك ئاجايىپ بىر كۆتىرەڭگۈ روھلۇقا چۆمگەن ئىدى. يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئېتىزدىن ئۆزىگە تولىمۇ تونۇش بولغان ناخشا غۇر-غۇر ياز شاماللىرغا قوشۇلۇپ، بىردە پەس، بىردە كۈچلۇك ئاڭلىنىشقا باشلىدى:‬

 

‫ئورمىنى تولا ئۇرۇپ،‬
‫بىلىكىڭ تالدىمۇ يايرىم.‬
‫ئاز كۈن ئويناپ ئايرىلدۇق، ‬
‫يۈرىكىڭ قاندىمۇ يايرىم؟!‬

 

‫ئورمىنى تولا ئۇرۇپ يايرىم …‬

 

‫رەيھان كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئوينىتىدىغان بۇ ناخشىنى ئاڭلىغاچ نازىمنى ئەسلىدى. ئۇلار بىر زامانلاردا مۇشۇ ناخشىنى بىللە ئېيتىپ ئورما ئۇرغان ئەمەسمىدى. “نازىم ناخشىنى ياخشى ئېيتاتتى، ئۇمۇ ھازىر ئېتىزدا ئورما ئۇرۇۋاتامدىغاندۇ؟ ئۇ مېنى ئەسلەمدىغاندۇ؟ ” دېدى رەيھان ئۆزىدىن سوئال سورىغان بىر قىياپەتتە. رەيھان ئەسەتباي بىلەن توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن نازىمنىڭمۇ قوشنا مەھەللىدىكى مارىيەم ئىسىملىك قىز بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ تونۇشتۇرىشى ئارقىلىق توي قىلغانلىقىنى، ئۇلار يېرىم يىل بىللە ئوي تۇتقاندىن كېيىن چىقىشالماي، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارنى ئاجراشتۇرۋەتكەنلىكىنى مەھەللىدىكى قىز دوستلىرىدىن ئاڭلىغان ئىدى. ‬

 

‫يىراقتىن ئامراق ئاچىسىنى تونۇۋالغان ئامان “-ئاچام كەلدى، ئاچام كەلدى!” دەپ چۇقۇرغىنىچە بۇغدايلىق ئارىسىدا گاھى بېشى كۆرۈنۇپ، گاھى كۆرۈنمەي رەيھانغا قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. ‬

 

‫“- ئامراق ئاچىسىنى تازىمۇ سېغىنىپتۇ دە – بۇ بىچارە ئوغلۇم. ئانا مېھرىنى كۆرمەي چوڭ بولغان ئوغلۇم…” دەپ ھەسرەتلەنگەن ئاتا قولىدا ئورغاقنى تۇتقاچ، ئوغلى يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ قالدى. ‬

 

‫“-ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاتا! ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟” دېدى رەيھان ئاتىسىغا ئىگىلىپ سالام بىرىپ. ‬

 

‫“-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قىزىم. ھە ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇردىڭىزمۇ بالام؟ نەۋرەم قانداق، ئۇ ئويغاقمۇ؟” دېدى ئاتا قولىنى بوۋاقنى ئېلىشقا سۇنۇپ. ئاتا نەۋرىسىنى قولىدا كۆتەرگەچ قىزىغا قارىدى.‬

 

‫“-قىزىم، ھالىڭ يامان تۇردىغۇ، بىرەر ئىش بولدىمۇ ساڭا ؟” دەپ سورىدى ئاتا قىزىدىن. شۇ دەقىقىدە قانداقتۇر بىر كۈچ رەيھاننىڭ ۋۇجۇدىدىن پارتىلاپ چىققان ئىدى. ئۇ “ئاتا!” دېگىنىچە ئاتىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ  يىغلاشقا باشلىدى. بۇ ئىشتىن نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان ئامانمۇ ئاچىسىنى قۇچاقلاپ تەڭلا يىغلىدى. بېشىغا ھەر قانداق ئېغىر كۈنلەر كەلسىمۇ ئەزەلدىن كۆز يېشىنى بالىلىرىغا كۆرسەتمەي كەلگەن بۇ يۈرىكى سۇنۇق ئاتا، قىزىنىڭ ئاھۇ -زارىغا ئەمدى چىدىماي قالغان ئىدى. ئۇنىڭ نۇرسىز پىلدىرلاپ تۇرغان كۆز چاناقلىرىدىن ئىسسىق ياشلىرى سىرغىيتتى. ئەمدى بۇ ئېتىزلىقتا رەيھان ئۈچۈن ئاتىسىغا ھىچ نەرسىنى چۇشەندۇرۇش زۆرۇر ئەمەس ئىدى. ئاتىمۇ قىزىنىڭ بۇ قېتىم نېمىشقا كەلگەنلىكىنى، ئەمدى قىزىنىڭ بۇ يۇرتتىن قايتىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ بولغاندى. رەيھان، ئۇ بېشىغا قانداق كۈنلەر كەلسە كەلسۇن، ئۆتكەنكى ئىككى يىلدىن بۇيان چىشىنى – چىشىغا چىشلەپ چىداپ كەلگەن، ئاتىسىنىڭ بوينىنى قۇچاقلاپ ھازىرقىدەك يىغلاپ باقمىغان ئىدى. قىسقىسى ئاتا بۇ قېتىم قىزىنى ئېرىنىڭ ئۆيىگە يەنە قايتىپ كېتىشكە زورلىيالمايدىغىنىنى بىلىپ يەتكەن ئىدى.‬

 

‫ئېتىزلىقتىكى جىم-جىتلىقنى بوۋاق بيىغىسى بىلەن بۇزدى. رەيھان بوۋاقنى ئاتىسىنىڭ قولىدىن ئاۋايلاپ ئالدى دە- ئېتىزنىڭ يول تەرپىگە ياسسالغان ساتمىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ بوخچىسىنى قويۇپ، بالىسىنى ئېمىتىپ بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن “-ئامان ئۇكام، سەن ساتمىغا كېلىپ ئۇكاڭغا قارا، مەن ئاتام بىلەن ئورما ئورىمەن!” دېدى ئىنىسىنى چاقىرىپ. ‬

 

‫رەيھان ئاتىسىنىڭ ئالدىدا سول ئېچىپ، بېشىنى بۇغداي باشاقلىرى ئارىسىدىن كۆتۈرمەي ئورما ئۇرۇۋاتاتتى. شۇ دەقىقىدە “-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!” دېگەن بىر تونۇش ئاۋازنى ئاڭلىشى بىلەن تەڭ بېشىنى كۆتەرگەن رەيھان “ۋايجان!” دەپ ۋارقىراپ تاشلىدى. ئۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن قولىدىكى ئورغاقنى توختىتالماي، سول قولىنىڭ سىنچىلاق بارمىقىنى خېلە ئوبدانلا كېسىۋالغان ئىدى. بۇ تونۇش ئاۋازنىڭ ئىگىسى نازىم ئىدى. نازىم يۈگرەپ رەيھاننىڭ ئالدىغا كەلدى دە- چاققانلىق بىلەن كۆينىكىنىڭ پېشىنى يىرتىپ، بىر پارچە رەخت ھازىرلىدى، ئاندىن ئۇ رەيھاننىڭ قان تامچىپ تۇرغان قولىنى چىڭ تۇتتۇپ، كېسىلگەن بارماقنى ئاۋايلاپ تاڭدى. نازىم رەيھاننىڭ كۆزىگە خۇددى ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك سىنچىلاپ قارىدى. ھەر ئىككىسىنىڭ يۈزلىرى قىرىپ، يۈرەكلىرى تىز-تىز سوقاتتى. بۇ قېتىم رەيھاننىڭ شەھلا كۆزىدىن ۋىسال ياشلىرى سىرغىۋاتاتتى. بۇ ياشنىڭ مەنىسىنى ئاتىمۇ، نازىممۇ، ئامانمۇ، پۈتكۈل تاللىق يېزىسىدىكى تەبىئەتمۇ چۈشىنەتتى! ‬

 
 
 
‫(بۇ ھېكايە 1988-يىلى شاياردا يېزىلغا ۋە ئەسلى قول يازما ئاساسدا قايتا تەھرىرلىنىپ، 2018-يىلى 16-مارت  لوندوندا ”ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى“ دا نەشر قىلىندى.)

 

 

ئەسكەرتىش: ”ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى“ دا نەشر قىلىنغان بارلىق ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى قوغدىلىدۇ. ئەگەر بۇ ھېكايىنى ئنتېرنېت تورلىرىدا نەشر قىلماقچى ياكى پىرىنت قىلىپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، ئاپتۇرنىڭ ئىجازىتىنى سوراڭ ياكى ئاپتورنىڭ ئىسمى بىلەن كېلىش مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ. رەھمەت! ‬

 

———————————————

 

‫ھېكايىدىكى سۆزلۈكلەر ئىزاھاتى: ‬

 

‫1. «تاللىق» – يەر نامى. بۈگۈنكى شايار ناھىيىسى تويبولدى بازىرىنىڭ تاللىقبۇلۇڭ كەنتىنى كۆرسىتىدۇ.‬

 

‫2. «شاڭيو» – مانجۇچە ۋە خەنچە ئىسىم. 1949- يىلىدىن بۇرۇن مەمۇرىي ئەمەل نامى قىلىپ قوللۇنۇلغان. بۇ ئەمەلگە ئادەتتە يەرلىك خەلىقنىڭ ئابرويلۇق كىشىلىرى قويۇلاتتى. شاڭيو بىر يېزىنى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن باشقۇراتتى. يېزا باشلىقى ئەمىلىنى كۆرسۈتىدۇ.‬

 

‫3. «ھەپتىيەك» – ئىسىم، پارىسچە سۆز، مەنىسى قۇرئاننىڭ سۈرىلىرىدىن تاللانغان، قۇرئاننىڭ يەتتىدىن بىر قىسمىغا تەڭ ھەجىمدىكى ئېلىپبەدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان كىچىك كىتاب. ‬

 

‫4. «كوممۇنا» – ئىسىم، فرانسۇزچە commune دېگەن سۆزدىن روسچە ئارقىلىق تىلىمىزغا كىرگەن. مەنىسى باشلانغۇچ جەمىيئەت كىشىلىرىنىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ۋە بىرلىكتە ياشاش ئۇسۇلى. مۇشۇ مەنىدىن بۇ سۆز يەنە كوممۇنىزىم، پىرۇلېتارىيات ھاكىمىيىتىنىڭ بىر خىل تۈزۈم شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. ‬

 

‫5. «ماخوچى» – كوممۇنا -گۇڭشې زامانىدىكى كەنىتنىڭ – كوللېكتىپنىڭ دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغان ئات-ئۇلاغلىرىنى باقىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. ‬

 

‫6.«كەمپۈت تويى» – مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋىرلىرىدە كەمبەغەل ياشلار كەنىت زالىدا كەنىت كادىرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن كەلگەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تويغا كەلگەن مېھمانلارنى گازىر -كەمپۈتلەر بىلەن كۈتۈۋالاتتى. كېيىن يېڭىچە ئاددىي – ساددا توي قىلىش كەمپۈت تويى دەپ ئاتىلىپ قالغان.‬

 

‫7. «جەزخور» – سۈپەت. قىمار ئويۇنىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەز قىلغۇچى دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. كۆچمە مەنىدە باشقىلارغا پۇل قەرز بىرىپ، يۇقىر ئۆسۈم بىلەن قايتۇرۇپ ئالىدىغان كىشىلەرنى كۆرسۈتىدۇ. ‬
‫ ‬

 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !