ئۇيغۇرلۇق ئەقىدىسى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

Uyghur_state

 
مەن بۇ كۈنلەردە ئۆزۈمگە تەۋە دىلىمدىن باشقا بىر دىلغا سۆزمۇ قىلالمايمەن. شۇڭا بۇ مۇناجىتىمنى سەنلا زەڭ قويۇپ ئاڭلاپ قويغىن:

 
بىزدىكى ئەقىدە شۇنداق بىر ئەقىدىكى چولپاندىن يورۇق، ئالەمدىن بۈيۈك، قۇياشتىن ھارارەتلىك، قاردەك ئاق، سۈتتەك ساپ، قىسقىسى كائىناتتا ھىچ نەرسە بىزنىڭ ئەقىدىمىزگە تەڭ بولـمايدۇ چۈنكى بىزدە شۇ ئەقىدە بولغاچقا بۈگۈنگىچە ئۇيۇشۇپ بىللە ياشاپ كېلەلىدۇق ۋە ئەتىگىمۇ مۇشۇ ئەقىدىمىز بىلەن ئۇلىشىشقا ھەم ئىشەنچىمىز كامىلدۇر.

 
ئەقىدىمىزنىڭ ئۇ دۇنيا -بۇ دۇنيا ۋاپادارلىقى – بىز بىللە توپا كېچىپ ئوينىغان چىغىر يوللارغا، بۇغداي ئورغان ئېتىزلىقلارغا، پادا باققان جاڭگاللارغا، ئۇژمە تىرىپ يېگەن شاخلارغا، قىسقىسى بىزگە تەۋە بولغان تەبىئەتكە، بىزگە تەۋە بولغان بۈيۈك ئۇيغۇر زېمىننىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىگە يىلتىزى مەڭگۈlلۇك روھ قىلىپ تېرىۋېتىلگەن، قەلبىمىزگە ئورقۇن ئابىدىلىرىدەك قىلىپ ئۇيۇۋېتىلگەن.

شۇڭا مەيلى بىز پاقا ياشايدىغان قۇدۇقنىڭ ئىچىدە ياكى تېشىدا بولايلى، يۇلتۇزلارنىڭ قاراڭغۇ كېچىلەردە جىمىرلىغىنىنى بەر – بىر كۆرۈپ تۇرالايمىز. كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ مەنزىرە بۇ مەيۈسلۈك دىللىرىمىزغا ھامان ۋىسالنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە شەپىسىنى بىرىپ تۇرىدۇ.

 
بىز مەيلى قانچىلىك ياشىمايلى ياكى بىز بۇ ئالەمدە ۋەياكى ئۇ ئالەمدە ياشايلى، شۇ يىمىرىلمەس ئۇيغۇرلۇق ئەقىدىمىز بىزنىڭ روھىمىزدا ئىلى دەرياسىدەك دولقۇنلىنپ، زەرەپشان دەرياسىدەك ئۆركەشلەپ تۇرسا، ھاياتلىق شىجائىتى يالقۇنتاغدەك ئاتەش كەبى يېنىپ تۇرسا، جىسمىمىز روھىمىز بىلەن تەڭ پولاتتەك ھەر ۋاقىت تاۋلىنىپ تۇرسا، ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇرلۇق مەۋجۇتلۇقىمىز توپان بالاسىدىمۇ لەھەڭلەرگە يەم بولۇپ كېمىدىن چۈشۈپ قالمايدۇ بەلكى قاتتىق ياغقان يامغۇردىن كېيىن چۆل-جەزىرىدە نەچچە يىل نەم كۈتۈپ ياتقان قامغاق ئۇرۇقىدەك بىخ سۇرۇپ كۆكلەپ چىقالايدۇ. بۇ خۇددى قەدىمكى مۇ قىتئەسىدىكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەپسانىلىرىغىمۇ ئوخشاپ قالىدۇ.

 
بىزنىڭ ئابىھايات چوڭقۇر ھاياتلىق يىلتىزىمىز تەكلىماكاننىڭ سىرلىق تىلسىملىرىغا قوشۇلۇپ مەڭگۈ تەۋرەنمەي قۇم – بارخانلاردا يىلتىز تارتىپ ياشنايدۇ چۈنكى تەڭرى بەرگەن تەڭرىتېغى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ھىمايىچىسى ۋە قوغدۇغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ مەزمۇت پالۋان كەبى بەستىدىن سىرغىپ چۈشكەن كۆلەڭگىسىدىنمۇ دۇشمەنلەر مىڭ يىللارچە قورقۇش ئىچىدە ياشىغىنى پۈتۈكلەرگە يېزىلغان ئەمەسمىدى؟!

 
شۇڭا مەن دەيمەن، جۇت قىشتا ياكى پىژغىرىن ئىسسىقتا، ئەسلىمىزگە، ۋەسلىمىزگە، ئاتا-بوۋىمىز بىزگە تۇغۇلۇشتىن تارتىپ سىڭدۇرگەن ئەقىدىمىزگە ۋاپاسىزلىق بىز ئۈچۈن ئۆلۈمدىنمۇ نومۇسلۇقدۇر. يېڭىلـمەس ئۇيغۇرلۇق روھى بىزنىڭ تىلىمىز چىقىشتىن بۇرۇن بۆشۈكتىكى ۋاقتىمىزدىلا بىزگە ئانىمىز ئېيتقان ئەلەي ناخشىلىرى ئارقىلىق قان- قېنىمىزغىچە سىڭىپ بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن كىمدىن كىمكى بۇ ئۇلۇغ مىللەتكە، بۇ مىللەتنىڭ يېڭىلمەس ئەقىدىسىگە، بۇ ئەقىدىنى مەھكەم ساقلاپ كەلگەن ساداقەتلىك روھلىرىغا ساداقەتسىزلىك قىلمىسۇن ۋە قىلىش نېيتىدە بولمىسۇن، ەگەر شۇنداقلار ئارىمىزدىن چىقسا، ئېنىقكى ئۇلار بىزنىڭ نەسىبىمىزدىن ئەمەسلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

 
2018-يىلى 27-نويابىر، لوندون. 


 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !