ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بايرىمى: نورۇز - ئەلكۈن تورى

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بايرىمى: نورۇز

“Noruz_Elkun.jpg"ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ناخشىنى ئاڭلاش: Noruz_naxshisi.mp3

 
نورۇز – ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەش مىللىي بايرىمىدۇر. نورۇز – ئۇ يىلنىڭ بېشى، زىمىستان قىشنىڭ قوغلىنىپ، يېڭى بىر پەسىلنىڭ ئالمىشىشى، ئىللىق باھارنىڭ كېلىشى، ۋەتەنگە، ئانا تۇپراققا بولغان مۇھەببەتنىڭ، يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ مۇقەددەم باشلىنىش كۈنىدۇر. نورۇز بايرىمى كۈنى قەدىمكى شەمسىيە (كۈن) كالېندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرىش كۈنى (مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەنكۈنگە توغرا كېلىدۇ.

 
ئۇيغۇر مىللىتى نورۇز بايرىمىنى مەزمۇنى مول بولغان ھەر تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن تەبرىكلەيدىغان بولۇپ ئاساسلىقى تەنتەربىيە ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، ئائىلىلەردە نورۇزنىڭ خاسىيىتى سۈپىتىدە نورۇز مايسىسى ئۆستۈرۈش، دالا -تۈزلەردە نورۇز ئېشى ئېتىش، نورۇز ناغرىسى چېلىش، مەھەللىلەردە قاپاق كۆيدۈرۈپ ئايلىنىپ، سوغۇق قوغلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، ئۆز-ئارا يوقلاش، نورۇز سەيلىسى قىلىش ۋە نورۇزلۇق ئارزۇ- تىلەكلەرنى بايان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «نورۇز» دېگەن سۆز ئەسلىدە پارسچە سۆز بولۇپ، «نەۋ» (يېڭى) سۆزىگە «زور» (كۈن) سۆزىنىڭ قوشۇلۇشىدىن تەركىب تاپقان. ئۇ «يېڭى كۈن»، «يىل بېشى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز «قەدىمكى سوغدى تىلى ئارقىلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئۆزلەشكەن. «نورۇز» قەدىمكى تۈركىيە تۈرۈكچىسىدە ئاينىڭ ئېتى بولۇپ، قەدىمدىن باشلاپ مۆچەك ھېسابىدىمۇ يىلنىڭ بېشى ھەمەل (نورۇز) ئېيى بىلەن باشلانغان. نورۇز بايرىمى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزى، جەنۇبى ۋە غەربىدە ياشايدىغان ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلاردىن تارتىپ، پاكىستانلىق مۇسۇلمانلارغىچە، ئىرانلىقلار، كۇردلار ۋە بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش بايرىمىدۇر.

 
بۇ بايرام يەنە كاۋكاز تاغ تىزمىلىرىدىكى گىروزىيەدىن تارتىپ بالقان ئاراللىرىدىكى ئالبانىيەگىچە بولغان 20 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مىللىي ۋە ئاممىۋىي بايرىمىدۇر. نورۇز بايرىمى 2009- يىلى 2-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن – مەدەنىيەت مەھكىمىسى رەسمى «قوغدىلىدىغان مەنىۋى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» دەپ ئەنگە ئالىدۇ ۋە 2010-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمى مەجلىسى تەرپىدىن «نورۇز بايرىمى خەلىقئارالىق بايرام» دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ كېلىۋاتىدۇ. 1

 
نورۇز بايرىمىنى ئۇيغۇرلار تەخمىنەن 2000 يىلدىن بۇيان تەبرىكلەپ كېلۋاتقان، ئىسلامدىن بۇرۇنقى مىللىي ۋە ئەنئەنىۋىي بايرىمى بولۇپ كەلگەن. شۇڭا نورۇز بايرىمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قۇربان ۋە روزا ھېيتىدىن ئىبارەت ئىككى دىنىي بايرىمىدىن كېيىن تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر مىللي بايرىمىدۇر!

 
«قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇرلارنىڭ (نورۇز بايراملىرىدىكى) كېچىلىك ئولتۇرۇش زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، توي – مەشرەپ ئۇيۇشتۇرىدىغان ئويۇنخۇمارلىق ئادىتى بار ئىدى. ئۇلار (نورۇزلاردا) بىر يەرگە جەم بولغاندا ئادەم سانى ھەتتا نەچچە مىڭغا، نەچچە ئون مىڭغا يېتەتتى، ئۇلار ئوۋلىغان ھايۋانات ۋە قۇشلارنىڭ گۆشلىرىنى ئوتتا پىشۇرۇپ، كاۋاپ قىلىپ، گۈلخان ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينايتتى، ناخشا ئېيتاتتى، ئەتراپنى سەيلە قىلاتتى» («ئوغۇزنامە»).

 
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، جەمشىت زامانىسىدىلا نورۇز قىلىش مەۋجۇت ئىكەن. پارسچە يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كىتابى «شەمسىل لۇغەت» نىڭ 312 – بېتىدە مۇنداق خاتىرە قالدۇرۇلغان: «نورۇزنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن خەلق ياخشى كۆرىدىغان رەسمىي ئۆرپ – ئادەتلەر يولغا قويۇلغان، ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان. مەسىلەن، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، ئەلنەغمە قاتارلىقلار. بۇ كۈنلەردە ھەپسە – زىنداندىكى مەھبۇسلارمۇ كۆڭۈل ئېچىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. قىزلار يېڭى كىيىملىرىنى كىيىشىپ گۈلەڭگۈچ ئۇچۇشىدۇ، ئوغلاق تارتىشىدۇ، قالۇن چېلىشىدۇ.» 2

 
نورۇز بايرىمى ھەققىدە بۈيۈك شائىرىمىز ئەلشىر نەۋايى مۇنداق نەزمە يازىدۇ:

 
“مۇئافىق كىيدىلەر بولمىش مەگەر نەۋرۇز ئىلە بەيرەم،
چىمەن سەرۋى ياشى خىلئەت مېنىڭ سەرۋى رەۋانىم ھەم.

– ”فەۋائىدۇل كىبەر“ دىن

 
ۋەسىل ئارا كۆردۈم، تەڭ ئىمىش بوييۇ ساچى،
تۈن، كۈن تەڭ ئىكەن زاھىر ئولۇر بولدى چۇ نەۋرۇز.
ئەي يۈزۈڭ باغى نەسمىدە ھەۋايى نەۋرۇز،
لەئلى تاجىڭ بولۇپ ئول باغدا بوستان ئەفرۇز.
زۇلفۇ رۇخسار ئىلە كامىمغا مېنى يەتكۈزسەڭ،
ھەر تۈنۈڭ قەدر ئولۇبان، ھەر كۈنۈڭ ئولسۇن نەۋرۇز.”

– ”بەدائىيۇل ۋەسەت“ دىن

 
ئەمدى ئۆز زامانىمىزدىكى نورۇز ھەققىدە گەپ قىلساق، ئەپسۇس، يېقىنىقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى» ئۈچۈن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىسە بىدئەت بولىدىغانلىق توغرىسىدا غەيرى-رەسمى پەتىۋالار پىچىلىپ، قېرىنداشلىرىمىز ئارسىدا ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان دە-تالاش ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرگە پىلتە بولۇپ كەلمەكتە. نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى ھەققىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ئېتىقادىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان زىيالىيلىرىمىزدىن ھېيتاخۇن مەمتىمىن مۇنداق دەپ شەرھىلەيدۇ:

 
«بىدئەت دىن نامىدىن يېڭى بىر ئىشنى پەيدا قلىش بولۇپ،باشقىچە ئىپادىلىسەك دىننىڭ گېنى بىلەن ھەپىلەشكەنلىكتۇر. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا نورۇز دىنى ئىبادەت دەپ قارالسا،ئۇچاغدا بىئەت. رېئاللىق شۇكى نورۇزنى قۇتلۇقلىغانلار ئىبادەت دەپ قۇتلۇقلىمايدۇ، دىنى ئىبادەت ياكى دىنى قائىدە يوسۇن ئەمەس بەلكى مىللى ئۆرپ – ئادەت سۈپىتىدە تەنتەنە قىلىپ باھارنى كۈتۈۋالىدۇ. ئاللاھ ھارام قىلمىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوچۇق تىلغا ئېلىپ چەكلىمىگەن بىرەر ئىشنى ھارام دېيىش ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئالدىدا ئالدىپەشلىك قىلغانلىقتۇر.نورۇز پائالىيىتى جەريانىدا مەيلى ھاراق- شاراب ئىچىش بولمىسۇن مەيلى شەھۋانىيلىققا ياتىدىغان ، ئاللاھ ھارام قىلغان ھەرقانداق قىلمىشتىن ساقلانغان ئاساستا مىللى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ مىللەتنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ ئەزالىرىنىڭ بىرلىك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكىلىك رول ئوينىسا بۇ مۇباھتۇر. ئەگەر نورۇز پائالىيىتىنى دىنى بىر مۇراسىم دەپ بىلىۋالسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ھارام..»3

 
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا نورۇز توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ: «نورۇزدىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئېيىنى ئوغلاق ئاي دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاينى ئۇلۇغ ئوغلاق ئاي دەيدۇ. چۈنكى بۇ ئايدا ئوغلاق چوڭ بولىدۇ….» (1 – توم 452 – بەت)

 
مەھمۇد كاشىغەرى يەنە نورۇز بايرىمى كۈنلىرىدە كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولۇپ سورۇن تۈزۈپ، ناخشا – مۇزىكا، ئۇسسۇللار بىلەن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ كۆڭۈل ئېچىپ ئوينايدىغان ئادەتلەرنى ئەسلىتىدىغان مۇنداق قوشاقلارنى يازغان:

 
كۈيلەر تولۇق تۈزۈلدى،
ئىۋرىق – ئىدىش تىزىلدى.
سەنسىز ئۈزىكىم ئۈزۈلدى،
كەل، خاتىرجەم ئوينايلى. (3 – توم 181 – بەت)

 
ئوتتۇز (ئۈچ قېتىم ئوندىن) ئىچىپ قىرقىرايلى،
يۇقىرى قوپۇپ سەكرەيلى،
ئارسلاندەك ھۆركىرەيلى،
قايغۇ قاچتى، سۆيۈنەيلى. (1 – توم 193 – بەت)

 

نورۇز بايرىمى قەدىمدىن باشلاپ كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باھارنىڭ 1-كۈنىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن، جەمئىي تۆت ھەپتە داۋاملىشىدۇ. بۇ تۆت ھەپتە سۇ ھەپتىسى، ئوت ھەپتىسى، تۇپراق ھەپتىسى ۋە ئاخىرقى ھەپتىسىدىن تەركىب تاپقان.

 
سۇ ھەپتىسى- قار-مۇزلار ئېرىپ، باھار ئەلچىسىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى؛
ئوت ھەپتىسى- كۈننىڭ ئىللىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر؛
تۇپراق ھەپتىسى- پۈتكۈل جان – جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىپ، يەر يۈزىنىڭ قۇرۇپ، ئوت-چۆپلەر ئۈنۈپ، ھەقىقىي باھارنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر؛ ئاخىرقى ھەپتىسى- بۇ نورۇز بايرىمى ھەپتىسى.

 
بۇ ھەپتىلەردە كىشىلەر ھويلا-ئاراملىرىنى تازىلاپ، نورۇزنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىشىدۇ. ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلەشكەن كۈنى يەنى 3- ئاينىڭ 21-كۈنى كىشىلەر دالاغا چىقىپ نورۇزنى كۈتۈۋالىدۇ، نورۇز ئېشى تەييارلاپ، يېڭى بىر يىلنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىنى تىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نورۇز بايرىمى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئاخىرقى ھەپتىسى نورۇز بايرىمى ھەپتىسى بولۇپ، بۇ ھەپتىدە ھەممە ئۆيلەر تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، بۇ ھەپتە، نورۇز مايسىسى، نورۇز ناغرىسى، سوغۇق قوغلاش، يوقلاش، نورۇز ئېشى، نورۇز سەيلىسى، نورۇز يارىشىغى، نورۇزلۇق تىلەك مەزمۇنلار بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 
1. نورۇز مايسىسى: ھازىر قۇمۇل دېھقانلىرى ئارىسىدا بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، كىشىلەر قىشتا بۇغداينى ئۈندۈرمە قىلىپ، باھاردا ئۇنى مايسا ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ. ئاخىرقى ھەپتىسى ھەر كىم ئۆز ئۆيىدە ئۆستۈرۈلگەن بۇغداي مايسىسىنى ئېلىپ چىقىپ باشقىلارغا كۆرسىتىپ باھالايدۇ، كىمنىڭ ئۆستۈرگەن بۇغداي مايسىسى ئەڭ بولۇق بولسا شۇ ئائىلىنىڭ بۇغداي مايسىسى نورۇز مايسىسى قىلىپ تاللىنىدۇ. بۇغداي مايسىسى ئارقىلىق كىشىلەر شۇ يىلى ھەممە كىشىگە توقلۇق نېسىپ بولۇشىنى تىلىشىدۇ.

 
2. نورۇز ناغرىسى: «ئارىغت توقۇ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ گەپنىڭ مەنىسى «ئېرىقداش» (تازىلىق قىلىش) بولۇپ، كىشىلەر نورۇز ناغرىسى چېلىنغاندىن باشلاپ، ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى تازىلاپ، مەھەللىگە پاكىز سۇ ئېلىپ كېلىدۇ. ھەممىلا ئۆيلەردە تازىلىق پائالىيەتلىرى ئەۋج ئالىدۇ. تازىلىق ھەرىكىتى ھارپا كۈنىگىچە تاماملىنىشى كېرەك.

 
3. سوغۇق قوغلاش: بۇ پائالىيەت ئاخىرقى ھەپتىسى ھارپا ئاخشىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ كۈنى شۇ مەھەللە ياشلىرى، يىگىتلەر ساغانغۇنى (ياغ قاچىلىنىپ پىلىك چىقىرىلغان قاپاق) كۆيدۈرۈشۈپ، 9 دانە داپنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن كېچىچە مەھەللىنىڭ ئېتىز-قىرلىرىنى ئارىلاپ قىشنى ھەجۋى قىلىدىغان قوشاقلارنى ئېيتىشىپ سوغۇق قوغلايدۇ. تاڭ ئاتقاندا، ھەر بىر ئائىلە ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا غىزا تەييارلاپ، ئىشىك ئالدىغا شىرە قويۇپ، سوغۇق قوغلاپ يېنىپ كەلگەن يىگىتلەرنى كۈتۈۋالىدۇ.

 
4. يوقلاش: بۇ بايرام كۈنى ئەتىگەنلىكى ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت بولۇپ، كىشىلەر نورۇز كۈنى چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا بىر-بىرىنى يوقلىشىدۇ. ئۆي-ئوچاقلىق بولغان بالىلار ئاتا-ئانىلارنى، يۇرت جامائىتى يېتىم-يېسىر، قېرى-چۈرىلەرنى، تىرىكلەر ئۆلۈپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلىشىدۇ.

 
5. نورۇز ئېشى: نورۇز ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئومۇمى نامى بولۇپ، كىشىلەر نورۇز ئۈچۈن ئۆز ئۆيلىرىدە «قۇتلۇق»، «توقلۇق»، «ساغلاملىق» مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلىشىدۇ. مەسىلەن، باش ھەرپى «قۇتلۇق» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان يېمەكلىكلەردىن، قايماق، قېتىق، قۇرت، قۇيماق، قاتلىما، قوزا گۆشى، قۇيرۇق-بېغىر، قورداق دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى 9 سانىنى بىرلىك قىلغان ئاساستا تەييارلاش ئارقىلىق شۇ يىلنىڭ كىشىلەرگە توقلۇق ۋە قۇتلۇق ئېلىپ كېلىشىنى تىلىشىدۇ. ئۇندىن باشقا ساغلاملىق مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان «س» ھەرپى بىلەن باشلانغان يېمەكلىكلەرنىمۇ يېيىش ئادىتى ئومۇملاشقان، مەسىلەن، سېرىق-باش، سېرىقماي، سۇ يېغى، سۆك-تېرىق، سىركە، سامساق. بايرام كۈنى چۈشتىن كېيىن كىشىلەر خامان ياكى دالاغا چىقىپ شۇ جايدا «نورۇز كۆجىسى» (توققۇز خىل دانلىق زىرائەتتىن تەييارلانغان نورۇز ئېشى) ئىچىشىپ، شۇ يىلنىڭ ئۆزلىرىگە «توقلۇق»، «قۇتلۇق»، «ساغلاملىق»، «بەرىكەت» ئېلىپ كېلىشىنى تىلىشىدۇ. «نورۇز كۆجىسى» يەنە «تۇتماق» (بىزنى ئاچ تۇتماق)، «خېلىسە» (خېلى يېسە)، «سۇمۇلەك» ناملىرى بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. 4

 
6. نورۇز سەيلىسى: نورۇز كۈنى چۈشتىن كېيىن شۇ يۇرت جامائىتى دالادا ئېلىپ بارىدىغان سەيلە پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر ھاممامغا ياكى بوستانلىقلارغا يىغىلىشىدۇ. بۇ جايدا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بولىدۇ. نورۇز سەيلىسى ئادەتتە 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، سەيلە پائالىيىتىدە كىشىلەر ئوغلاق تارتىش، بەيگە، چېلىش، دارۋازلىق، سارغايدى قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى، بېيىت-قوشاق ئېيتىپ مۇشائىرە قىلىش، سورۇن تۈزۈپ مەشرەپ ئويناش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋالىدۇ.

 
7. نورۇزلۇق تىلەك: نورۇزنىڭ 4-كۈنى شۇ يۇرت ئاقساقاللىرى، ئاخۇن-موللىلارنىڭ باشچىلىقىدا يۇرت ئەھلى خامان ياكى ئېتىز قىرىدا «زاراخەتمە» ئۆتكۈزۈپ، ياراتقان ئاللاھتىن شۇ يىلى كىشىلەرگە ئاسايىشلىق بېرىشنى تىلەيدۇ. ئومۇمەن نورۇز پائالىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن زىچ باغلانغان قەدىمى بايراملىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار باشقا تۈركىي خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ قۇتلۇق بايرامنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

 
گەرچە بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋاقتىنچە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۆز خەلقىمىز بىلەن بىللە سەلتەنەتلىك ھالدا بۇ مىللىي نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىدىن مەھرۇم بولغان بولساقمۇ ئەمما بىزنىڭ يۈرىكىمىزنىڭ تومۇرى خەلقىمىز بىلەن بىر تۇتاش، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ پۈتۈن دۇنيادا ئۇيغۇرنىڭ خوشاللىقى ۋە غەم قايغۇسى بىردۇر!

 
«ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار» دېگەندەك بۇ مۇھاجىرەتلىك ھاياتتا ئۆتۈۋاتقان ھەر بىر دەقىقىدە ھاياتلىقنىڭ نىشانى بولغان ئەتىنىڭ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا، ئۇيغۇرنىڭ ھۆرلىكىگە، ۋەتىنىنىڭ ھامان مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ۋە شۇ ئۈمىد بىلەن ياشاش، ئەلۋەتتە بىر – بىر-بىرىمىزگە ئۇيغۇرلۇق مېھرى – مۇھەببىتىمىزنى يەتكۈزۈش، ئۆز – ئارا ئىتتىپاقلىقىمىزنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىللە مىللىي ئەنئەنىمىزگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بولۇپمۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت مىللەت مەۋجۇتلۇقىمىزنى جانلىق نامايان قىلىپ تۇرۇشىمىز، ياش ئەۋلادلىرىمىزغا مىللىي ئاڭ سىڭدۈرۈشتە مۇھىم بولغىنىدەك، يەنە زۇلمەتتە ياشاۋاتقان ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىتىمىزنى ياد ئېتىپ، بارلىق ئىمكانلىرىمىز بىلەن شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلمەتنى يەگىللىتىشتە كۈچىمىزگە ھەسسىلەپ مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلىدۇ. مىللىي بىرلىك سېپىمىزنى، غورورىمىزنى، ئىپتىخارىمىزنى ۋە جەڭگىۋارلىقىمىزنى ئاشۇرۇشتا مەنىۋى ئوزۇق بولىدۇ. بىز بۇ مۇبارەك مىللىي بايرىمىمىزنى تەبرىكلەش ئارقىلىق، كۈچنى كۈچكە قوشۇپ، ئازاب- ئوقۇبەت ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئامانلىقىنى تىلەش بىلەن بىرگە ۋەتىنىمىزدىن، خەلقىمىزدىن ئايرىلىشتىن ئىبارەت قاتتىق ھىجران دەردىدىن كۆيۈۋاتقان مىسكىن قەلىبلىرىمىزگە بىر دەقىقە بولسىمۇ سەبرى – تاقەت ۋە تەسەللى تېپىشقا مۇۋەققەت بولالايمىز.

 
ئاخىردا پۈتۇن دۇنيادىكى قېرىنداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى يەنى يېڭى يىل بايرىمىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن! بۇ يېڭى يىل- نورۇز بايرىمىنىڭ مىللىتىمىزگە خەيرىلىك بولۇشىنى، جۈملىدىن ھەر بىرىمىزگە ئامانلىق، ئاسايىشلىق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلىدىغان بىر يىل بولىشىنى تىلەيمەن!

 
 


————————————————————————

پايدىلانغان مەنبەلەر:

 
Nowruz .1
https://en.wikipedia.org/wiki/Nowruz

2. ئابلىز مۇھەممەد سايرامى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى نورۇز تەنتەنىسىگە دائىر بايانلار
http://www.akademiye.org/ug/?p=8170

3. نورۇز ئۆتكۈزۈشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى
http://www.azizisa.org/noruz_otkuzushning_islamdiki_hokumi

4. بىزدىكى نورۇز تەنتەنىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى
http://www.akademiye.org/ug/?p=8159

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !