مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار: نوپۇس ۋە نوپۇز

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار: نوپۇس ۋە نوپۇز

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

«ئادەمنىڭ ماھىيىتى سىياسى ھايۋاندۇر»- ئارىستوتېل

 

غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەردە بىر مىللەت ياكى مەلۇم ئورتاق تىل ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە جەمئىيەت توپلۇملىرى نوپۇسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى، ئۇلارنىڭ شۇ دۆلەتتىكى مۇئەييەن ئىجتىمائىي سالاھىيىتىنى ۋە سىياسىي نوپۇزىنى بەلگىلەيدۇ. دېموكراتىك ئەللەر ئۆز پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرىنى بىردەك قانۇن ئارقىلىق قوغدايدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئىرقىي كېلىپ چىقىشىڭىز ياكى رەڭىگىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، سىزنىڭ بارلىق پۇقرالىق ھوقۇقلىرىڭىز قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدۇ. سىزنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلەرگە، تەشكىلات ۋە پارتىيلەرگە قاتنىشىش، بىرەر سىياسىي پارتىيىگە ئەزا بولۇپ كىرىش، جۈملىدىن سايلاش ۋە سايلىنىش قاتارلىق پۇقرالىق سىياسىي ھوقوقلىرىڭىز تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولدۇ.

 

تېخىمۇ تەپسىلىرەك  ئېيتساق، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى دىكتاتورلۇق تۇزۇم، مۇقىمسىز ھاكىمىيەت ياكى ھاكىمىيەتتىكى ھەربىي ۋە سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەر، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقلىرى، نامراتلىق، تۈرلۈك ئىنسان ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە تەبئىي ئاپەتلەر سەۋەبلىك غەرب ئەللىرىگە كېلىپ  پاناھلىق تىلىگەن ياكى كۆچمەن بولۇپ يەرلەشكەن مىللەتلەر سانىنىڭ ئاز- كۆپلۈكى، ئۇلارنىڭ شۇ دۆلەتتىكى سىياسى ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرىنىڭ ۋەكىللىك قىلىنىشىغا، مەنپئەتىنىڭ ئۆزلىرى كۆچمەن بولغان دۆلەتتە ۋە كۆچۈپ كەلگەن ئەسلى دۆلەتلىرىدە ئوخشاشلا قوغدىلىنىشىغا روشەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

 

دېمەك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى ھىمايە قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان غەربتىكى قانۇن دۆلەتلىرىدە، ھەر بىر ئادەمنىڭ سايلاش ھوقۇقى شۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي پارتىيىلىرىگە، سىياسەتچىللىرىگە ۋە سىياسىي تۈزۈملىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم ھەر بىر ئادەم بىر سىياسىي ئاۋازلىق، سىياسىي بېلەتلىك رولىنى ئوينايدۇ.

 

شۇنىڭ ئۇچۇنمۇ بۇ ھەقتە بۈگىنىمىزدىن 2400 يىل بۇرۇن تەپەككۇر قىلغان گېرك پەيلاسوپى ئارىستوتېل، مەنپەئەت ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى «ئادەم سىياسى بىر ھايۋاندۇر» دەپ شەرھىلىگەن ئىدى. بۇ قاراش 21-ئەسىردە، ئىرقى كېلىپ چىقىشى ئۇيغۇر مىللىتى بولغانلىقى ئۇچۇنلا خىتاي دۆلىتىنىڭ سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ «سىياسىي ھايۋان» ئىكەنلىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى تۇپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.

 

بۇ قاراش يەنە شۇنى تېخىمۇ ئىزاھلايدۇكى «ئۇيغۇر» دېمەك، دۇنيانىڭ نەزىرىدە ياشاش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان، دۇنيادا ئەڭ ئېغىر ئابرويسىزلاندۇرۇلغان، خورلانغان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» زىيانكەشلىكىگە ئۇچۇرغۇچى بىر مىللەت دەپ قارالسا، ئۇنىڭ زېمىنىنى، ۋەتىنىنى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك تېررىتورىيىسى قىلىۋېلىش ئۇچۇن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي فاشىست ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن ھەر بىر ئۇيغۇر سىياسەت، يەنى ئولتۇرۇپ يوق قىلىش ئوبيېكتى دىمەكلىكتۇر.

 

ئۇيغۇر ۋەتىنى ۋە ئۇنىڭ 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان، شىمالدىكى «3 ۋىلايەت» نى ئاساس قىلىپ تىكلەنگەن «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ھاكىمىيىتى، 1949-يىلى ستالىن ۋە ئۇنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ بىۋاستە ھەربىي مۇداخىلە قىلىشى، ماۋزېدوڭنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە ھەربىي ياردەم بېرىپ قوللىشى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدىكى زىددىيەتلىك مىللىي مەپكۇرە ئىختىلاپلىرىدىن كېلىپ چىققان ئۆز-ئارا ئىچكى جېدەللەر قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ۋەيران قىلىنىپ، 2-قېتىم خىتاينىڭ رەسمى بىر مۇستەملىكە قىلىنغان ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇلدى. شۇنىڭدىن بۇيان مىڭلىغان ۋە ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ چەت مەملىكەتلەردە پاناھلىق تىلەپ، سۈرگۈندە ياشاشقا مەجبۇر بولسا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تۈرمىللىرىدە، جازا لاگېرلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مەھبۇسلارغا ئايلاندى.

 

مانا شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قازاقىستان ۋە تۈركىيىدە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توپلۇملىرى شەكىللەندى. بولۇپمۇ قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى شۇ دۆلەتتە ئەزەلدىن ياشاپ كېلىۋاتقان يەرلىك يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، بۈگۈنكى نوپۇسى 5- ئورۇندا تۇرىدىغان بىر ئاز-سانلىق مىللەت سۈپىتىدە مۇكەممەل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى شەكىللەندۈردى. بۇ مىساللار يەنە قىرغىزىستان ۋە ئۆزبەكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرەت توپلۇملىرىغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

 

تۈرلۈك سىياسىي زۇلۇملار سەۋەبلىك، مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان مىللەتلەر ئۇچۇن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ موھتاجلىقتىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولۇپ كېلىشى، تەبىئىيكى ئۇلارنىڭ كۆچمەن تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقى، ئادەم سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى، ھەم ئۇلارنىڭ شۇ كۆچۈپ كەلگەن دۆلەتتىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقلىرىغا، جەمئىيىتلىشىشى قاتارلىق تۈرلۈك ئىمتىيازلىرىغا، ئۇلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ئورب- ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشى قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق ساھەلىرىگە بىۋاستە تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

 

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرەت توپلۇملىرىدىن كېيىن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇيغۇر كۆچمەنلەر توپلۇمى تۈركىيىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرنىڭ كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار سانىنىڭ تەخمىنەن 40 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى مۆلچەرلىنىدۇ.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان كۆچمەن بولۇش تارىخ ناھايىتى قىسقا بولۇپ، بىر ئەسىردىن ھالقىمايدۇ. ھازىرغا بىرقەدەر، دەسلەپكى قەدەمدە مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن، ئۇيغۇر مۇھاجىرەت جەمئىيەت توپلۇملىرىنى شەكىللەندۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ مىساللىرى سۈپىتىدە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، غەربى ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى مىسال قىلالايمىز. 

 

دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى ئاساسەن تۆۋەندىكى رايون ۋە دۆلەتلەرگە مەركەزلىك تارقالغان:

 

قازاقىستاننى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى؛

تۈركىيە ئۇيغۇر كۆچمەنلەر؛

ياپونىيە ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى؛

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى؛

ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىللاندىيە ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى؛

پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى؛

ئوتتۇرا شەرىق ۋە مىسىر ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى،

ياۋروپا ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى

شىمالىي ئامېرىكا ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى

موسكۋانى مەركەز قىلغان روسىيە فېدېراتسىيىسىدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى؛

 

دېمەك، بۇ يەردە شۇنداق بىر سۇئال تۇغۇلىدىكى، تەخمىنەن 1 مىليونغا يېقىن دەپ پەرەز قىلىنغان ئۇيغۇر ئومۇمىي مۇھاجىرەت توپلۇملىرىنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرگە سىڭىشىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتۈپ، شۇ دۆلەتنىڭ سىياسەت ۋە ھاكىمىيىتىگە قاتنىشالىدىمۇ؟ ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ شۇ دۆلەتتىكى مەنپەئەتى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىندىمۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابمۇ، خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئېنىق نوپۇسىنى ئىگىلەشتە قىيىن بولغىنىغا ئوخشاشلا، ئۇدۇل جاۋاب بېرىش تەس بولغان سۇئال بولۇپ، ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئەھۋالى، سىياسىي تۈزۈلمىسى، قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە دېموكراتىيەلىشىشىنىڭ سەۋىيىسى قاتالىق ئامىللار بىلەن ئۆلچىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دەپ قارىلىدىغان قازاقىستاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى، ھاكىمىيەتكە قاتنىشىشى، ھوقۇقتىن تەڭ ۋە ئادىل بەھرىلىنىشى قاتارلىق خەلقئارالىق ئۆلچمەلەر كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان.

 

گەرچە بەزى مەنبەلەردە قازاقىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 1 مىليون ئارتۇق دەپ مۆلچەرلەنسىمۇ ئەمما ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يەنى 2009-يىلى قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان نوپۇس ستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 224،713 بولۇپ، پۈتۈن قازاقىستان نوپۇسىنىڭ 1،4 % ئىگەللەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.[1]

 

گەرچە تۈركىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تارىخى ئەڭ ئۇزاق بولۇپ، ئۇلار يېرىم ئەسىرلىك كۆچمەنلىك تارىخىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىنىڭ سىياسىتىگە قاتنىشىش، پارتىيىلىرگە قاتنىشىپ پارلامېنت ئەزاسى بولۇشى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئەمەلگە ئاشمىغان.

 

يۇقىردا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمدەك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى ھىمايە قىلىش ئۇستىگە قۇرۇلغان غەربتىكى قانۇن دۆلەتلىرىدە سىياسەتكە قاتناشماقچى بولغان كۆچمەنلەر ياكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا نىسبەتەن، ئەگەر سىياسىي رىقابەتكە چۈشەلىسە، شۇ شەخىسنىڭ كىشىلىك ئىقتىدارى ھەممىنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىرقىي كېلىپ چىقىشى ۋە رەڭگى بىر مەسىلە سۈپىتىدە قارالمايدۇ ۋە شۇنداق قارالسا «ئىرقىي كەمسىتىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىدۇ ۋە ھوقۇقى قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدۇ. ئەگەر بىر كۆچمەن ئۆزى ياشاۋاتقان شۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولسا، ئۇنىڭ سىياسىي ھوقۇقى، سىياسى پارتىيىلەرگە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى شۇ دۆلەتنىڭ سىياسەتچىلىرىگە ۋە سىياسىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

 

قىسقىسى، ئۇيغۇر مۇھاجىرلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان، ئۇيغۇرلار بىلەن ئىرقىي، مەدەنىي ۋە دىننىي ئورتاقلىقى بار تۈركى خەلقلەر دۆلىتى قازاقىستان بىلەن تۈركىيىنى غەربتىكى ئۇيغۇر بىلەن ھىچ بىر ئىرقىي ۋە مەدەنىي باغلىنىشى بولمىغان دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىن ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلۈشىدىكى پەرقلەرنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

 

بۇنىڭ دەلىللىرى سۈپىتىدە ئەنگلىيەنى مىسال قىلىپ كۆرەيلى. 

 

تۆۋەندە بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ، ئۆز دۆلىتىدىكى كۆچمەنلەرگە ۋە ئۇلار كۆچۈپ كەلگەن دۆلەتنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇش كۈنىنى قۇتلۇقلاپ ئېيتقان سۆزلىرى كىشىنى ئويلارغا سالىدۇ. بۇمۇ ئەلۋەتتە نوپۇسنىڭ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان نوپۇزىدۇر.

 

ئىنسانىيەتنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا 300 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىي جەمئىيەت تۈزۈلمىسى ۋە قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرگەن «قۇياش پاتماس ئىمپېرىيە» نىڭ ۋارىس دۆلىتى بولغان بۈيۈك بېرتانىيىنىڭ باش مىنىستىرى بورىس جونسون 2021-يىلى 26-مارت كۈنى بېنگالنىڭ پاكسىتاندىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت بولغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلىدى ۋە مۇنداق دېدى «بۈگۈن بېرتانىيىدە ئالتە يۈز مىڭدىن ئارتۇق بېنگاللىق بېرتانىيىلىكلەر ياشايدۇ. ئۇلار بېرتانىيە جەمئىيىتى ئۇچۇن ھەر كۈنى ناھايىتى كۆپ قىممەتلەرنى يارىتىدۇ. بولۇپمۇ بىزنىڭ دۆلەتلىك سەھىيە ۋە ساغلامىلىق ساھەلىرىمىزدە خىزمەت قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان دوختۇر ۋە سېستىرالار دۆلىتىمىز ئۇچۇن ناھايىتى كۆپ ھەسسىنى قوشۇۋاتىدۇ…»

 

دېمەك پۈتۈن بېرتانىيەدە ئالتە يۈز مىڭدىن بېنگال پۇشتىدىن بولغانلار بېرتانىيىىكلەر ياشايدۇ. يەنە بىر يېرىم مىليون ئەتراپىدا پاكىستانلىق بېرتانىيىلىكلەر ياشايدۇ. جۈملىدىن لوندوندا 2000 دىن ئارتۇق سانى ئاز مىللەتلەر ياشايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەت 2000-يىلىدىن كېيىن بۇ مىللەتلەرنىڭ ئارىسىغا قوشۇلدى[2] ۋە 2019-يىلىدىن بۇيان بېرتانىيىدىكى سانى ئەڭ ئاز ئەمما 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كىشىلەر بىلىدىغان، ئۆلۇم ئالدىدا جان قايغۇسىدا تىترەۋاتقان بىر بىچارە خەلققە ئايلاندى. خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان «ئۇيغۇر» ناملىق مىللەت نەسلىدىن بولغان ئۇيغۇرجانلار بېرتانىيىدە ئەڭ كۆپ ھېسابلانسىمۇ چوڭ-كىچىك بولۇپ 500 ئەتراپىدا چىقىشى مۇمكىن.

 

بۈيۈك بېرتانىيىنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى، خان جەمەتىنىڭ سىمۋوللۇق پادىشاھلىق ۋارىسلىق قىلىش ئەنئەنىسى ئاساسىدىكى كۆپ پارتىيە ۋە پارلامېنتلىق، لىبېرال ۋە كونسېرۋاتىپلىق ئۇنۋېرسال قىممەت قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە پادىشاھلىق (خاندانلىق) بولۇپ، ئەنگلىيە، ۋەلىس، شىمالىي ئېرلاندىيە ۋە شوتلاندىيە قاتارلىق تۆت كىنەزلىكتىن تەركىپ تاپقان.[3]

 

بۈيۈك بېرتانىيىنىڭ 2020-يىلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 68 مىليون 150، 730 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيە كىنەزلىكىنىڭ نوپۇسى 56 مىليون بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت نوپۇسىنىڭ 84.3% نى تەشكىل قىلىدۇ. شوتلاندىيىنىڭ نوپۇسى 5.46 مىليون، ۋەلىسنىڭ نوپۇسى 3.15 مىليون، شىمالىي ئېرلاندىيىنىڭ نوپۇسى 1.89 مىليون. بۇ نوپۇس سىتاستىكىسىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن بىرتانىيىدە 500 مىڭدىن ئارتۇق تۈركلەر ياشايدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 1974-يىلى يۈز بەرگەن تۈركىيە ۋە قىبرىس ئۇرۇشىدا ئەنگلىيىنىڭ قىبرىستىكى ھەربىي تېررىتورىيىسىگە كېلىپ پاناھلىق تىلەپ، تەخمىنەن 300 مىڭدىن ئارتۇق تۈركلەر شۇ يىللاردا ئەنگلىيىگە كەلگەن ئىكەن. سان جەھەتتىن تۈركلەردىن كېيىن تۇرۇدىغىنى خىتايلار نوپۇسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقىنى خوڭكوڭدىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئىگىلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سانى 433.15 كىشى ۋە پۈتۈن بېرتانىيە نوپۇسىنىڭ 0.7% تەشكىلى قىلىدىكەن.[4]  دۆلەتنىڭ 2019-يىللىق ستاتىستىكىسىدا، بېرتانىيىنىڭ ئەنگلىيە ۋە ۋەلىس كىنەزلىكىدىكى ئاق تەنلىك بولمىغان سانى ئاز ئاسىيا، ئافرىقىلىق، ئەرەب ۋە بارلىق ئاز سانلىق ئېتنىك مىللەتلەر، ئارىلاشما قانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ پۇشتىدىن بولغانلار سانىنىڭ 8 مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئاق تەنلىكلەرنىڭ نوپۇسى 48 مىليوندىن ئارتۇقراق ساننى تەشكىل قىلىدۇ.[5]

 

ئەنگىلىيە ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ 2019-يىلىدىكى ستاتىستىكىسىدا، ئەنگلىيە ۋە ۋەلىس كىنەزلىكىلىرىدىكى ئاق تەنلىك بولمىغان سانى ئاز ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئاز سانلىق ئېتنىك مىللەتلەر پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ سىياسەتكە ئارىلىشىشى، يەرلىك پارتىيىلەرگە ئەزا بولۇپ قاتنىشىپ، پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغانلار سانىنىڭ 78 ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بېرتانىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشدىن كېيىن دۆلىتىنى قايتا قۇرۇش دولقۇنىدا «ئەنگلىيە ئىتتىپاقى» (The Commonwealth)  غا ئەزا بولغان- (يەنى سابىق بېرتانىيە ئىمپىرىيىسىگە تەۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر) كارىبىئان ئارال دۆلەتلىرى (Caribbean)، پاكىستان (Bangladesh) ۋە ھىندىستان قاتارلىق دولۆتلەردىن ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن ئىشچى كۆچمەنلەر قوبۇل قىلغان ۋە شۇ يىللاردا نەچچە مىليون كۆچمەنلەر بېرتانىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن.

 

ئەپسۇس، ئۆتكەنكى ئىككى ئەسىردىن بۇيان خىتاي ۋە روس ئىمپىرىيىلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىي كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلالماي، روھى تەكلىماكانغا دۈملىنىپ ياشىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ مۇبارەك مىللەت نامى «ئۇيغۇر» كىملىكى ۋە ئۆزلۈك ئىپتىخارىنىمۇ تونۇپ يېتىشكە قادىر بولالمىغان، 21-ئەسىردىكى خىتاينىڭ ئەڭ قەبىھ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ناملىق مىللەتكە، ھىندىستان ۋە پاكىستانلىقلارغا ئوخشاش تەرەققىي قىلغان غەربكە كۆچۈش، پەرزەنتلىرىنى يوقىرى مائارىپ تەربىيىسى بىلەن تەربىيلەپ چوڭ قىلىش، دۇنيانى چۈشىنىش ۋە ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش پۇرسەتلىرى نېسىپ بولمىغان ئىكەن.

 

دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلار ناھايىتى تەقۋادار «مۇسۇلمان» بولغانلىغى ئۇچۇن، تارىختىن بۇيان سەئۇدى، تۈركىيە ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىگە ھىجرەت قىلىپ تۇرغان ۋە شۇ دۆلەتلەردە ياشىغان. ئەپسۇس، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە غەرب “مۇسۇلمان” دۆلەت بولمىغانلىقى ئۇچۇن، ئۇنداق ئەللەرگە بېرىشقا ۋە ئۇلارنىڭ  ئىلغار مائارىپ تەربىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشقا رايى بارمىغان. مانا بۇ خىلدىكى، تاكى بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە دۇنيانى پەقەت «مۇسۇلمان ۋە كاپىر» دەپلا ئىككى مىللەت ۋە قۇتۇپقا ئايرىپ چۈشىنىۋېلىشتەك سەۋەبلەر تۈپەيلى، يەنە بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، خىتاي ئىستىبدات ئىشغالىيەتچى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ چېگرىسىنى 30 يىلدىن ئارتۇق تاقىۋېتىشى سەۋەبلىك، ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىشى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئاندىن باشلانغان بولسىمۇ، 2000-يىللىرىدىن باشلاپ تاكى 2016-يىلىغىچە سانى بىر قەدەر تىز سۈرئەتتە ئېشىپ ماڭغان.

 

ئەمما، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان كۈچلۈك ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 30 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنسىمۇ، ئەمما بۇ ساننى ئەنگلىيىدە ئالتە يۈزمىڭ مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى ۋە مۇئەييەن سىياسىي نوپۇزى بار بولغان بېنگال كۆچمەنلىرى بىلەن ياكى بىر يېرىم مىليون نوپۇسى بار بولغان پاكىستان كۆچمەنلىرى بىلەن، ھەتتا 80 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار قوشنىمىز ئافغانىستاندىن كەلگەن ئافغان كۆچمەنلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

 

غەرب دېموكراتىك ئەللىرىدە نوپۇس- شۇ كۆچمەن مىللەتنىڭ مەزكۇر دۆلەتتىكى ئىجتىمائىي، ئىقتسادىي ۋە سىياسىي نوپۇزلىرىنى بەلگىلەيدۇ. ئەقەللىي ياشاش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىنسانىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىنىپ، ئەڭ قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن خارلىنىۋاتقان  ئۇيغۇر مىللىتنىڭ بۈگۈنكى كۈندە، ئەڭ ئاز بولغاندا 100 مىڭ، كۆپ بولغاندا 1 مىليون نوپۇسى ئامېرىكا ياكى ئەنگلىيەدەك غەربتىكى بىرەر كۈچلۈك ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشىغان بولسا، «خىتاي بۈگۈنكى “ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى” نى قورقماي ئېلىپ بارالاتتىمۇ؟» دېگەن سوئالنى قويماي تۇرالمايمىز. بۇ رېئاللىق تەبىئىيكى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر مىللەت توپلۇملىرى نوپۇسىنىڭ ئاز- كۆپلۈكى، ئۇلارنىڭ شۇ دۆلەتتىكى نوپۇزىنى تىكلەشتە «ئادەم ئامىلى بىرىنچى» لىك رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەردە بىزنىڭمۇ كۇردلەردەك ياۋروپا دۆلەتلىرىدە 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسىمىز، كەسپىي سىياسەتچىلىرىمىز ۋە ئون نەچچىلىگەن پارلامېنت ئەزالىرىمىز بولسا ئىدى، نەتىجە قانداق بولار ئىدى؟ شۇڭا، ئەگەر تۈركىيىدە ياكى سۈرىيەدە كۇردلەرگە قارشى بىرەر ئىش بولسا، ئۇلار ياۋروپانى بېشىغا كىيىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازىنى تولۇق ئاڭلىتىشقا قادىر بولالايدۇ. بۇ دېمەك نوپۇسنىڭ سىياسىي نوپۇز بولۇپ رول ئوينىشىدۇ.

 

ئۇنداقتا، ماڭا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ئەنگلىيىدىكى كۆچمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ بېرتانىيە سىياسىتىدىكى تەسىرى ۋە رولىغا قاراپ باقايلى. ئەگەر بىز ئۇيغۇرنىڭمۇ ئەنگلىيىدە بېنگاللىقلارغان ئوخشاش يېرىم مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسىمىز بولغان بولسا، ئەڭ ئاز بولغاندا ئۇيغۇردىن 10 ئەتراپىدا پارلامېنت ئەزالىرىمىز بولغان بولسا، 2017-يىلىدىن بۇيان كۆپ ھەركەتلەرنى ئېلىپ بارغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق چۆچۈتكەن بۈگۈنكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى نۇسىرەت غېنىدەك نەچچىلىگەن سىياسەتچىللىرى بولغان بولاتتى. ئۇلار «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى قاتتىق ئەيبلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش ئۇچۇن، ئەنگلىيە پارلامېنتىدا نەچچە قېتىم سۆزلىگەن، پارلامېنتتا نەچچىلىگەن «ئۇيغۇر قانۇن» لىرىنى ماقۇللىتىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇشقا ئالاھىدە ھەسسىلەر قوشۇقان بولاتتى.

 

مۇھاجىرەتتە ياشىغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇس ۋە سىياسىي نوپۇزىنىڭ يەنە بىر مىسالى سۈپىتىدە ئامېرىكىلىق يەھۇدىلارنى كۆرسىتەلمەيمىز. قىسقا قىلىپ ئېيتساق، ئامېرىكىلىق يەھۇدىلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىگە، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن مەسىلىسىگە، ئىسرائىلىيە ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر سىياسەتلەر بەلگىلەشلەردە قانچىلىك كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقى، پۈتۈن دۇنياغا ھىچ بىر سىر ئەمەس.  

 

خوش، ئۇنداقتا مەزلۇم ئۇيغۇرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرىنى توختىتىش ئۇچۇن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ 22- ئاپرېل ئەنگلىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلىرىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن ئەڭ كۆپ ھەسسىسىنى قوشقان ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى نۇسرەت غېنى خانىم كىم بولىدۇ؟ ئۇنداقتا بىز نۇسرەت خانىمنىڭ ھاياتى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇش ئارقىلىق، بۇ تېمىمىزغا ئائىت بىر قىسىم سۇئاللىرىمىزغا جاۋابلار تاپالايمىز.

 

نۇسرەت غېنى (Nusret Ghani)، تولۇق ئىسىم- فامىلىسى نۇسرات مۇنىر ئۇ ئى-غانى بولۇپ (Nusrat Munir UI-GHani)، ئۇ ھازىر ئەنگلىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، شەرقىي سۇسسەكس بۆلگىسى ۋىلدېن رايونىغا ۋەكىللىك
( (Wealden in East Sussesxقىلىدۇ. ئۇ 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بۈيۈك بېرتانىيە پارلامېنتى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تارمىقىدىكى ئاۋىئاتسىيە ۋە دېڭىز قاتناش ئىشلىرىغا مەسئۇل پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

 

نۇسرەت خانىم 1972-يىلى 1-سېنتەبىر پاكىستان كونتروللىقىدىكى ئازات كەشمىردە بىر كەشمىرى ئائىلىسىدە توغۇلغان. نۇسرەت غېنى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئىچىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى پارلامېنتتا تەنقىدلەش ۋە جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۇچۇن كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزۈلگەن جىنىسىي خورلۇقلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ھەم بېرتانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئومۇمى يۈزلۈك ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشى ئۇچۇن ئەڭ كۆپ ھەركەت قىلغان بىر مۇسۇلمان پارلامېنت ئەزاسى ۋە سىياسەتچى  بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.[6]

 

بۈيۈك بېرتانىيىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش سىياسىي تۈزۈلمىسىدىكى ئادىللىق، ئوچۇق-ئاشكارىلىق، دېموكراتىك ۋە لىبېرالىزملىق سىياسىي مۇھىتى ئاستىدا، نۇسرەت غېنى خانىمغا ئوخشاش بىر يېرىم مىليوندىن ئارتۇق پاكىستان نەسلىدىن بولغان بېرتانىيىلىكلەر ئىچىدىن 10 نەچچە پارلامېنت ئەزاسى ھاكىمىيەتكە قاتنىشىشىپ، ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن ۋە بۇنىڭ مىساللىرى سۈپىتىدە يەنە لوندون شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى سادىقخاننى، سابىق مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ھۆكۈمەتنىڭ 2- نومۇرلۇق باشلىقى Chancellor ساجىد جاۋىد ئەپەندىلەرنى كۆرسىتەلمەيمىز.

 

يۇقۇرىدىكى مىساللار مۇھاجىرەت توپلۇملىرىنىڭ نوپۇسى ۋە ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيىتى پەقەت ئەنگلىيىگىلا قارىتىلغان بىر سېلىشتۇرما بولماستىن بەلكى مۇتلەق كۆپ سانىدىكى غەرب دېموكراتىك ئەللىرى نەزەرگە ئېلىنغان. بۇ، يەنى مەلۇم بىر مىللەتنىڭ كۆچمەن نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكىدىن كېلىپ چىققان ئىجابىي سىياسىي نوپۇز بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇقى ۋە تەشكىلى قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرەت توپلۇملىرىغا سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ئۆزىمىزنىڭ نەقەدەر سىياسىي نوپۇزسىز ئىكەنلىكىمىزدەك رېئاللىق بىزنى ئاچچىق ئويلارغا چۆمدۈرىدۇ. غەربتە كۆچمەن بولۇپ يەرلەشكەن مىللەتلەرنىڭ قانداق ئۇسۇلدا ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇش ئۇچۇن ئېلىپ بارغان جەسۇرانە ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ئۆتكەنكى يىللاردىن بۇيان باشلاپ ئەۋجى ئېلىۋاتقان ئامېرىكىلىق قارلارنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىدە «ساقچىلارنىڭ زوۋاۋانلىقى» قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ھوقۇق ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان نيۇيورك كوچىللىرىنى زىلزىلگە كەلتۈرۈۋاتقان «ئاسىيالىقلارغا قارشى ئۆچمەنلىكىنى توختىتىش» ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى بىزگە نوپۇس ۋە نوپۇستىن ھاسىللانغان سىياسىي نوپۇزنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تونۇتىدۇ، بىزنى ئۇلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش جەريانلىرى، قوللانغان ئۇسۇللىرى ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشىمىز، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكىگە ئايلانغان ئۆز ۋەتىنىدە بولسۇن، ياكى مۇئەييەن سالماقتىكى نوپۇسقا ئىگە بولغان ئەمما تېخىچە ئۆزىنىڭ سىياسىي نوپۇزىنى تىكلىيەلمىگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرەت توپلاملىرى ئۇچۇن بولسۇن، بۇ خىلدىكى ئەھۋاللادىن ئۆزىمىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتلەرگە ئىگە.

 

ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاندىن ھەر كۈنى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان شۇم خەۋەرلەر، ئىنسانلىق ۋە ئادىمىيلىكتىن مەھرۇم بولغان، ھايات قېلىش، بىر جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۇچۇن بىر بۇردا نانغا زار بولۇپ قاراڭغۇ جازا لاگېرلىرىدا ياشاۋاتقان مىليونلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، خەلقىمىزنىڭ ئۆتكەنكى ئەسىردە ئۆتكۈزگەن نادانلىق ۋە جاھىللىقى، ۋە شۇنىڭ ئۇچۇن بۈگۈنكى ئەۋلادلار تۆلەۋاتقان بەدەللەر يۈرەكلىرىمىزنى نادامەت ئوتلىرىدا كۆيدۈرىدۇ. بەزىدە ئاچچىق نىدا ۋە ھەسرەتلەر ئىچىدە تولغىنىپ تۇرۇپ شۇنداق ئويلاردىمۇ بولىمىزكى كاشكى، «ئەگەر بىز ئۇيغۇرلار 1950-يىللىرىدا مۇسۇلمان دۆلەتلەر دەپ تۈركىيە ۋە سەئۇدى قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە بارماي، پاكىستان ۋە بېنگالىقلاردەك، ھەتتا ئافىغانلاردەك غەربكە يۈرۈش قىلغان بولساق، بۈگۈنكى مۇھاجىرەتتىكى ئەھۋالىمىز باشقىچە بولار ئىدى…» دەپ ئۆكسىنىمىز.

 

دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توپلۇملىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يەنە بىر سەزگۈر مەسىلە خىتاي كۆچمەنلىرى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2017- يىلى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە خىتايدا تۇغۇلغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن 10 مىليوندىن ئارتۇق ئىكەن ئەمما تەيۋەن خىتاي مۇھاجىرلار ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئومۇمى كۆچمەن نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 45 مىليون ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئۇلار ھەتتا سىنگاپوردەك خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاساس قىلغان، نوپۇستىن بەرپا بولغان سىياسىي نوپۇزى، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلىتىنى قۇرۇشقىمۇ مۇۋەققەت قىلغان. خىتاي كۆچمەنلىرى ئاساسلىقى شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كۆچۈپ بارغان بولۇپ، شۇ دۆلەتلەردە بىر مۇكەممەل ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۇچ سۈپىتىدە جەمئىيەت بولۇپ شەكىللەنگەن.

 

بۇ يەردە خىتاي كۆچمەنلىرى توغرىسىدا توختىلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، گەرچە ئۇلار ئەسىرلەر بۇرۇن غەرب ئەللىرىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىپ يەرلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرى ياشىغان شۇ دۆلەتتىكى دېموكراتىك ۋە ئىنسان ھەقلىرى قىممەت قارىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ھەل قىلغۇچلۇق پەيتكە كەلگەندە خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ ئالدىغا قويۇپ ھىمايە قىلىدىغانلىقى كىشىنى چۆچىتىدۇ. يېقىندا ھوللاندىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن تۈرلۈك زۇلۇم-سىتەملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر دۆلەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە تەۋە 20 دىن ئارتۇق جەمئىيەتلەر بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمىگەنلىكىنى، شۇڭا ھوللاندىيە پارلامېنتنىڭ بۇ قارارىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلىپ بايانات ئېلان قىلغان ۋە بۇ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىنسانلىققا قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى ئاقلىغان ئىدى.

 

دېمەك بىز، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنى تەبىئىيكى نەزىرىمىزدىن ھىچ بىر ۋاقىت ساقىت قىلالمايمىز. خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» سەۋەبىدىن كۈنسايىن خەلقئارالىشىۋاتقان ئۇيغۇر كرىزىسى نېگىزلىك پەللىدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، بىۋاستە چەتئەللەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» رەت قىلىش ئۇچۇن دۇمباق چېلىشىدەك پاسسىپ تەسىرىدىن خالى بولالمايدۇ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا دۆلىتى بولغان خىتاي دۆلىتىنىڭ كۈچلىنىشىنى، خەلقئارادىكى ئىناۋەت ۋە ئابرويىنىڭ ئېشىشىنى ئارزۇ قىلسا قىلىدۇكى ھەرگىزمۇ غەرب ئەللىرىدەك ئىنسانلىق مەۋقەسىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقنى قوغداشتا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ ۋە بىلدۈرگەن تەقدىردىمۇ بۇ خىلدىكى جەمئىيەت ۋە شەخىسلىرى كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. بۇمۇ نوپۇستىن شەكىللەنگەن سىياسىي نوپۇز ۋە ئىمتىياز بولۇپ، ھەر بىر ئۇيغۇر مۇھاجىرەت توپلاملىرىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ.

 

قىسقىسى، ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن (يەنى ئورتاق تىل ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشايدىغان خەلقى ۋە دۆلىتىدىن) ئايرىلىپ كۆچمەن بولغان مىللەتلەردە، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت، تىل ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى ساقلاپ قېلىشىدا، ھەم شۇ كۆچمەن بولغان دۆلەتتە مۇكەممەل بىر «ئاز سانلىق مىللەت» سالاھىيىتىگە ئىگە جەمئىيەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە، ئۇلارنىڭ نوپۇسى- شۇ دۆلەتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ بەلگىلىنىشىدە ئەڭ ئاساسلىق ئامىل بولىدۇ. غەربتىكى دېموكراتىك قانۇن-تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولۇپ، جۈملىدىن ھەر بىر پۇقرا سىياسەتتە بىر سىياسىي ئاۋاز، بىر سىياسىي بېلەتلىك رولىنى ئوينايدۇ.

 

بىز ئۆزىمىزمۇ ئانچە ياخشى چۈشۈنۈپ كەتمەيدىغان بېنگال ۋە پاكىستانلىق مۇسۇلمانلار، بۇ نۇقتىنى بىزدىن ياخشى بىلىپ يەتكەن بولغاچقا، ئالاھەزەل يېرىم ئەسىر بۇرۇنلا ناھايىتى كۆپ ساندا غەرب ئەللىرىگە كۆچۈشكە باشلىغان ئىكەن. گەرچە ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلاردەك مۇسۇلمان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ كېلەچەك تەرەققىياتىنى ۋە شۇ دۆلەتتە ئېرىشىدىغان ئەۋزەل پۇرسەتلەرنى، بولۇپمۇ پەرزەنتلىرىنى ياخشى مائارىپ تەربىيىسىدە تەربىيىلەشنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن ئىكەن. ئەپسۇس، ئۇيغۇرلاردەك «بىز مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەرگە بارمايمىز…»  دېمەستىن، نەچچە يۈزمىڭلاپ ھەتتا مىليونلاپ ئەنگلىيىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىپ يەرلىشىپتىكەن.

 

خۇلاسە:

 

ھالبۇكى، 72 يىل ئۇيغۇر ۋەتىنىنى مەستەملىكە قىلغان خىتاي كوممۇنىست مىللەتچى ۋە ئىرقچى ھاكىمىيىتى، ئۆزىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكىسىنىڭ ئۇزاققا قالماي گۇمران بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەنلىكى ئۇچۇن، ئۇ زېمىننىڭ ھەق ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ۋەتىنىدە مەجبۇرى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن يوقۇتۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ زېمىننى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك تېررىتورىيىسىگە ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ زۇلۇملارنى سېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر زېمىنىدا 2000 دىن ئارتۇق جازا لاگېرلىرنى قۇرۇپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ئاز ساندىكى تۈركى خەلقلەرنى بۇ جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، مېڭە يۇيۇش ۋە ئۇلارنى ئەقلىي، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن خورلاش، ئۆلتۈرۈش جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مىللىتىمىزگە سېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ قەبىھلىكىنى نەچچە ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.

 

گەرچە، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار، مىللىتىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ زۇلۇمنى، بولۇپمۇ ئۆز ئائىلىسىگە كېلىۋاتقان قورقۇنۇچلۇق تراگېدىيىلەرنى غەرب ئاخباراتلىرىغا ۋە ھۆكۈمەتلىرىگە ئاڭلىتىش ئۇچۇن ناھايىتى كۆپ جاسارەت ۋە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، دۇنيا، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرى خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇپ يەتتى ۋە خىتاينىڭ ئىنسانلىققا قارشى ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى توختىتىش ئۇچۇن تەدىرىجىي ھالدا جازا تەدبىرلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدى.

 

بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا، كانادا، ھوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» دەپ ئېتىراپ قىلىشىدەك زور نەتىجىلەر يارىتىلدى. بۇنىڭدا تەبىئىيكى غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرەت توپلۇملىرىنىڭ نوپۇسى ۋە سىياسىي نوپۇزلىرى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

 

ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ خىتاي زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۆز ئاۋازىنى چىقىرىش ئىمكانىيەتلىرى پۈتۈنلەي بوغۇلغان ئەھۋالدا، ئاز سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارنى ئاڭلىتىشى ۋە ئۇنىڭدىن بارلىققا كەلگەن نەتىجىلەر بىزگە شۇنى چۈشەندۈردىكى، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھۆر ۋە ئەركىن غەرب دۆلەتلىرىدە ياشىشىنىڭ ئۆزىلا، ئۆز نۆۋىتىدە مىللىتىنىڭ مەپەئىتى ۋە مۇنقەرز قىلىنغان ۋەتىنى ئۇچۇن ھەر بىرسىنىڭ ۋەتنىدىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئاۋازىنى چىقىرىشتىن مەھرۇم قىلىنغان خەلقىنىڭ سىياسىي ئاۋاز بولالايدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە بۇ ئاۋازنىڭ نەچچە ھەسسىلەپ كۈچىيىشى ئۇچۇن ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشىمىز ھەممىمىز ئۈمىد قىلىدىغان بىر ئەمەلىيەتكە ئايلانغۇسى.

 

بۇ دۇنيا مەنپەئەت دۇنياسىدۇر. خىتاي ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيا سىياسىي بازىرىدىكى باھاسىمۇ كۈنسايىن ئۆرلىمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن بۇيان، ئەڭ ئەقەللىسى، گەرچە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈركى مىللەت بولسىمۇ، ئەمما دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئاھالىلىرى كۆپ سانلىققا ئىگە «مۇسۇلمان» دۆلەتلەر بولسۇن ياكى بىز ئىرقىي قېرىندىشىمىز دەپ بىلگەن تۈركى دۆلەتلەر بولسۇن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، قانداق تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ياكى ئۇنىڭ ئىرقىي كېلىپ چىقىشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ۋەياكى تارىختا قاندا مىللەت بولۇپ ياشىغانلىقلىرىنى ئويلىشىش ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئاۋال خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنى ئويلىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىگە شېرىك بولۇپ سۈكۈتتە تۇرۇش يولىنى تاللىدى. ئۇلار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا سۈكۈتتە تۇرسا ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىن قانداق مەنپىئەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئەگەر قارشى تۇرسا قانداق مەنپىئەتلەردىن قۇرۇق قالىدىغانلىقلىرىنى نەچچە مىڭ قېتىملاپ مەنپەئەت تارازىلىرىغا سېلىپ، ئاندىن ئۆز مەۋقەسىنى بىلدۈردى ۋە بىلدۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىرچە ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارىتا ئىنسانلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. 

 

بىز ئۇيغۇرلار شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئۇيغۇر بۈگۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ، بىر مىللەت سۈپىتىدە يەر يۈزىدىن يوق بولۇپ كېتىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقاندا، «خىتاي، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختات!» دەپ ئۇيغۇر بىلەن ئىنسانلىقتا ۋە ئادالەتتنىڭ سېپىدە تۇرغان غەرب ئەللىرىدىن باشقا ئۇيغۇرنىڭ دوستى يوقتۇر. ئەلۋەتتە، كىمدە كىم، قايسى دۆلەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇيغۇرنىڭ ھەققىنى قوغدىسا، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىگە قارشى ئېنىق مەيداندا تۇرسا، ئۇلار بىزنىڭ دوستىمىز چۈنكى ئۇيغۇرنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتنى قوغداش، ھىمايە قىلىش ۋە بۇ دۇنيادا ئۆز ئىززىتى، غۇرۇرى بىلەن ئۆز ۋەتىنىدە ھور ياشاش ھوقۇقى بار. بۇ ھەق-ھوقۇقلار ئۇيغۇر ئۇچۇن مۇقەددەسدۇر.

 

شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ، خىتاينىڭ قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ خورلانغان ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، مۇستەملىكە قىلىنغان ۋەتىنىدە ھۆر ۋە مۇستەقىل ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىپ بىخەتەر ياشىشى ئۇچۇن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى تاللاشى لازىم. بىز دەپسەندە قىلىنغان ھوقۇقىمىزنى، ئىشغال قىلىنغان ۋەتىنىمىزنى خىتايدەك بىر دۆلەتتىن قايتۇرۇپ ئېلىش كۈرىشى قىلىۋاتىمىز. شۇڭا بىز غەربنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ سېپىدە بىللە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن قوللاشلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىللە غەرب دېموكراتىك قانۇن ۋە پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا  ئۆز ھەق ۋە ھوقۇقلىرىمىز ئۇچۇن كۈرەش قىلىش يولىنى تاللاشتىن باشقا تاللاش يولى يوق ۋە بۇ يول ئۇيغۇرلار ئۇچۇن بۈگۈنكى دۇنيا سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى توغرا بولغان تاللاشلارنىڭ بىرىدۇر.

 

جۈملىدىن، ئامېرىكا ۋە كانادا يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىستېمىلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە ۋە تايلاندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن كۆچمەن قىلىپ قوبۇل قىلىش ھەققىدە بەزى ئىجابىي قەدەملەرنى ئېلىنىشقا باشلىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا مەيلى تايلاندىكى تۈرمىلەردە ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى ئىستانبۇلنىڭ كوچىلىرىدا سەرسانلىقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ۋە كانادادەك بىخەتەر دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولۇپ قوبۇل قىلىنىشى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى بىر مائارىپ تەربىيىسىگە ئېرىشىشى، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر مۇھاجىرەت توپلۇملىرىنىڭ نوپۇسى ۋە نوپۇزىنى كۈچلەندۇرۇشتە ئىجابىي روللارنى ئوينايدۇ.

 

شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى غەربكە قارشى خاھىشتىن ۋە ئىسلام دىنى سۇيىئىستېمال قىلىنغان «سىياسىي ئىسلام» دىن، تۈرلۈك ئاشقۇنلۇق ھەرىكەتلىرىدىن ئۆزلىرىنى يىراق تۇتۇشى، خانىم قىزلىرىنىڭ بولسا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خاس كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىگە يارىشا كىيىنىشى، گۈزەل بولغان قەلب ۋە تاشقى كۆرۈنىشىنى نامايان قىلىشى، ئوخشاشلا شۇ شەخىسنىڭ ۋە شەخىس تەۋە بولغان پۈتۈن ئۇيغۇر مىللەتنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازى ۋە جانىجان مىللىي مەنپەئەتىگە باغلىق مەسىلىدۇر.

 

شۇنى ئېنىق قىلىپ ئېيتىش كېرەككى، ئۇيغۇر مەسىلىسى دىنىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى مىللىي ۋە سىياسىي مەسىلە يەنى خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش، ئىنسانىيەتكە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆتكۈزگەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇش، ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدە مۇستەقىل ئۆ‍ز دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق بىخەتەر ۋە ھۆر ياشاشتىن ئىبارەت ھوقۇق كاپالىتىنى خەلقئارا قانۇن – پرىنسىپلار بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسىدۇر. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار بۇ بۈيۈك ئارمانلىرىمىزنى ئەمەلگە ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىمىزدە دۇنيا بىلەن بىر سەپتە تۇرىشىمىز، بولۇپمۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ھەركەت قىلىشىمىز، بىزنىڭ نۆۋەتتە ۋە كەلگۈسىدە تايىنىدىغان ۋە تاللايدىغان ئاقىلانە بولغان سىياسىي رىئاللىقىمىزدۇر.

 
 

2021-يىلى 9-ماي لوندوندا قەلەمگە ئېلىندى.

مەنبە ئەلكۈن تورى.

 
 


پايدىلانغان مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر:


___________________________________

[1] «خەلقئارا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققى مۇنبىرى» – قازاقىستن ئۇيغۇرلىرى. 2015- يىلى نەشىر قىلىنغان
https://minorityrights.org/minorities/uyghurs-2

 [2]  ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇرلار تەخمىنەن 300 ئەتراپىدا دەپ پەرەز قىلىنىدۇ. ئەنگلىيىدىكى-ئۇيغۇرلار
http://www.azizisa.org/engilyediki-uyghurlar
https://elkitab.org/wp-content/uploads/2020/05/ئەنگىلىيەدىكى-ئۇيغۇرلار-.pdf

[3] سىز بۈيۈك بىرىتانىيەنى قانچىلىك بىلىسىز؟  (1)
http://www.azizisa.org/buyuk_birtaniye1

سىز بۈيۈك بىرىتانىيەنى قانچىلىك بىلىسىز؟  (2)
http://www.azizisa.org/buyuk_birtaniye2

 [4]  بۈيۈك بېرتانىيىنىڭ 2019 – يىللىق نوپۇس ستاتىستىكىسى
https://www.bbc.co.uk/news/election-2019-50808536

[5] ئەنگلىيە ۋە ۋەلىس كىنەزلىكىنىڭ 2019-يىلىللىق نوپۇس ستاتىستىكىسى
https://www.ethnicity-facts-figures.service.gov.uk/uk-population-by-ethnicity
 
https://www.bbc.co.uk/news/election-2019-50808536

[6] نۇسرەت غېنى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى
https://www.nusghani.org.uk/about-nus
http://www.uyghurnet.org/ug/نۇسرات-گانى-ۋە-ئۇيغۇر-قىرغىنچىلىقى

   


___________________________________

ماقالىنىڭ PDF نۇسخۇسى:
www.azizisa.org/Uyghurlar_Nopus_we_Nopuz_Elkun.pdf

 
 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !