ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش

“ئۇيغۇرچەئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

(ھېكايە)

 

ئاڭلاش: Elkun_Essay_Audio/Uyghurche_sozlishish.mp3

ھېكايىنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

ئىش ئورنۇمدىن مىڭ تەسلىكتە ئىككى سائەتلىك رۇخسەت سوراپ بىرىنچى ئەۋلاد كىملىكىمنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن نوپۇسۇم تۇرۇشلۇق ساقچى پونكىتىنىڭ نوپۇس بېجىرىش بۆلۈمىگە ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىككە ئىلتىماس قىلىشقا باردىم. شۇنچە ئەتىگەن بارغىنىمغا قارىماي نوپۇس بېجىرىش ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا ئادەملەر ئالىممۇ بۇرۇن ئارغامچىدەك ئۇزۇن ئۆچىرەتتە ئۆز نۆۋەتلىرىنى تەخىرسىزلىك بىلەن كۈتۈشنى باشلىۋېتىپتۇ. نە ئامال، شەھىرىمىزدە ئادەم كوپ، مەنمۇ ئالدىراش بۇ ئۇزۇن سەپكە قوشۇلدۇم ………

 

 

ئالدىمدا بېشىغا دوپپا كىيگەن، ئىشتىنىنىڭ پۇشقىغىنى تىزىغىچە تۈرۈۋالغان، ساقال بۇرۇتلىرى قاملاشقان ۋە بۇ تۇرقىدىن شەھەرگە تەۋە بىرەر يېزىدىن كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇرغان 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئاكىمىزنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ نۆۋىتىنى كۈتۈپ تۇردۇم. 

 

ۋاقتىمنى بىكار ئۆتكۈزۈۋېتىشكە كۆڭلۈم قىيماي يانفونۇمنى ئېلىپ تور خەۋەرلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدىم… ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي ئالدىمدا تۇرغان ئاكىمىزنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سوئالى دىققىتىمنى ئۆزىگە تارتتى.

 

– ئۇكام، مەن سەي دادۈيدىن ئەتىگەندە سەنلودا سەي ساتقىلى كەگەن. ئىشنى تۈگىتىپ يى دەي شەن فەنجىمنى ئەر دەي شەن فەنجىگە خۇئەنلە قىلاي دىگەنتىدىم. بۇ ئىشنى مۇشۇ پەيسودا بەنلا قىلامدىغاندۇ؟

 

بۇ شالغۇتلاشقان سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئويلىنىپىراق سۆز باشلىدىم:

 

-ئاكا، سىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭىزگە گۇمانىم يوق ئەمما بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ سىزنىڭ ماڭا ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتامسىز ياكى خىتايچە سۆزلەۋاتامسىز، پەرقىنى ئايرىيالماي قالدىم…

 

-ئۇكام ئۆزلە نەدە چوڭ بولغان خو خەنزە؟ دېگىنىچە قاش-قاپاقلىرىنى تۇرۇپ ئۇستى-بېشىمغا ئىنچىكىلەپ قاراشقا باشلىدى. 

 

مەن تەمكىنلىك بىلەن ئاكىمىزنىڭ بۇ سۆزىگە جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدىم:

 

-ئاكا، سىلىنىڭ گەپلىرىنى تازا چۈشىنەلمىدىم، ئەگەر خاتا چۈشەنمىگەن بولسام سىلە ئەسلى مۇنداق دىمەكچىمىدىلە – مەن كۆكتاتچىلىق مەھەللىسىدىن ئەتىگەندە ئۇچ چاقلىق موتوسىكلىتتا كۆكتاتلىرىمنى ساتقىلى كەلگەن. ئىشىمنى تۈگىتىپ قايتىشىمدا بىرىنچى ئەۋلاد كىملىكىمنى ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىككە ئالماشتۇراي دېگەن ئىدىم. بۇ رەسمىيەتلەرنى مۇشۇ ساقچىخانىدا بېجىرەمدىغانمىدۇ؟

 

مەن سۆزۈمنى تۈگىتىپلا ئاكىمىزدىن سورۇدۇم:

 

-ئاكا مەن سىلىنىڭ گەپلىرىنى توغرا چۇشنپتىمەنمۇ؟

 

-ئۇكام، سىلە مېنى سەھرالىق كۆرۈپ ئەتىگەندىلا شاڭخو قىلاي دەملا؟

 

مەن ئۆزۇمنى كۇلۇمسىرگەن بىر قىياپەتتە تۇتۇپ جاۋابەن مۇنداق دىدىم:

 

ياق ئاكا، مېنىڭ سىلىنى مەسخىرە قىلىش نىيىتىم يوق، ھەرگىز خاتا چۈشىنىپ قالمىسا. مەن سىلىنى ئۇيغۇر دەپ بىلگەنلىكىم ئۈچۈن سىلە بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشنى ئىستىدىم شۇ….

 

شۇ دەقىقىدە يەنە قانداقتۇر بىر گەپلەرنى قىلاي دەپ ھازىرلىنىۋاتقىنىمدا ئۆچىرەت نۆۋىتى كېلىپ قالغان بۇ ئاكىمىز مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاشنى خالىمىغاندەك، ئۈن-تىنسىزلا مېنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ئالدىراش ئىش بېجىرىش كۆزنىكىگە يۈرۈپ كەتتى…

 

  • 2012- يىلى، ئىيۇل يېزىلدى.

 

مەنبە:  

http://bbs.bagdax.cn/thread-19196-1-1.html

http://www.azizisa.org/uyghurche_sozlishish

 



1 باھا يېزىلىپتۇ. سىز تېخى باھا يازمىغان ئوخشايسىز... بۇ تېمىغا ئ‍ۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك پىكىرىنى يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىڭىشنى ئارزۇ قىلىمىز!

  • ئۇيغۇرئاي | 22:04 | 2015.10.18 جاۋاب

    رەھمەت! ياخشى يېزىلغان بىر قىسقا ھېكايىكەن، ياق، ئۇيغۇر ھاياتىدىكى بىر راست بولغان ۋە بولۇۋاتقان ئىش ئىكەن. قەلىمىڭىز مول ـ ھۆسۇللۇق بولغاي. خەلقىمىزگە مۇشۇ تىپتىكى تەربىۋىي ھېكايەتلىرىڭىزنى كۆپلەپ ئاتا قىغايسىز.

    بىر دوستىڭىزدىن.

سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !