ئۇنۇتقان دۇنيا

“Unutqanئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

ئېسىۋالدىم ئۆيۈمگە، كۈندە كۆرەي دەپ،
سىرلىرى كۆپ، بىلەلمىگەن دۇنيانى.
ئىزدەيمەن دېڭىزدىن، ئارالدىن ئۆتۈپ،
ئاۋارە تاپالماي خىلۋەت ماكاننى…

 
نىمجانلار كۆرۈندۈڭ خەرىتەمدە سەن،
پايانسىز قۇم بولۇپ، گىياھسىز قاقاس.
چاڭقىغان ئەزىم تارىم، تولغىنىپ ھالسىز…
ئۇيقۇدا تەكتى-ماكان شەپىسىز تىمتاس.

 
ئەسىرلەر ئۇخلاپمۇ قانمىغان چېغى،
سېھىرلىك ئۇيقۇسىدىن تۇرمىغان چېغى.
شۇ سەۋەب ئۇنۇتقان دۇنيا ئۆزىمۇ،
رەڭلىرى زاماننىڭ چۈشمىگەن چېغى…

 
قىستايمەن گاھىدا ئۆزۈمنى زارىقىپ،
سىزسام باشقىچە قىلىپ دۇنيانى.
قالدىممۇ ئەقلىمدىن مەن ئادىشىپ،
كۆرمەيلا كېتەيمۇ مۇشۇ ئالەمنى …

 
بولماپتۇ قىلغىنىم ئېسىپ ئۆيۈمگە،
سېلىشتۇرۇپ مېنى تۇغقان تۇپراقنى.
ئوخچىدى يۈرەكتىن زەرداب كۆزۈمگە،
ياشايمۇ يوشۇرۇپ كۆيگەن پىراقنى…

 
تەڭ ئەمەس ھېچ بىر يەر ئانا تۇپراققا!
ھېچكىم ھەم بولالماس ئوخشاپ ئانامغا!
كۆرىمەن سېنى ھەر ۋاق ئەقىل كۆزۈمدە.
ئوغلۇڭمەن تۇنۇتاي سېنى دۇنياغا!

 
 

*ئۇشبۇ شېئىر «ئۇيغۇر ئەزىزى» قەلەم نامىدا 2000- يىلى10-ئايدا مىيۇنخېن شەھرىدە يېزىلغان ۋە شۇ ئايدا «ئىستىقلال گېزىتى» نىڭ 10- سانىدا نەشر قىلىنغان.


 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !