تومۇزدا سېغىنغان ۋەتەن

“Istanbulئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

 

شېئىرنى ئاڭلاش: Tomuzda_seghinghan_weten.mp3

 

ئۈنچىدەك تۆكۇلۇپ تۇرغان شېئرىم،

قەلبىمنىڭ لاۋىدا كۆيۇپ كۇل بولدى.

ھۇزۇر ۋە راھەتلەر ماڭا يار بولماي،

ھەر كۈنى ھاياتقا سوئاللار قويدى!

 

مۇھەببەت سۆيگۈسىز پەقىر بۇ دۇنيا،
ئۇيغۇرغا سۆيگۈ جامى تۇتالمىدى.
شاھ مەشرەپ توقۇغان نەزمە خوتەندە،
مۇقامنىڭ مۇڭىدىن تېخى يۈتمىدى.

 

سۆيىمەن تەتۈرگە چۆگلىسىمۇ دۇنيا،
پەخىرىم سەن نامىڭدىن كەچسىمۇ ئىشان.
ياشايمەن سەن بىلەن مەن مەۋجۇت بولۇپ،
ئۈزۈلمەس رىشتىگە باغلىنىپ پىنھان!

 

يول بويى سۇۋادان كۆكلىگەن تېرەك
كۈسەننى ئۆتمىشكە باغلاپ تۇراتتى…
غايىپلىق، سىرلىقلىق بوۋاق چۈشىدەك،
ئاتىلار ئوغلىغا چۆچەك توقۇيتتى.

 

تەڭرىتاغ يامغۇردا كۆكەرگەن يۈزى،
ئانىنى سېغىنغان بالىغا ئوخشايتى.
ئۈگەننىڭ دەرياسى قۇمنى سۆيگەندە،
تارىمدا يانتاقلار قايتا كۆكلەيتتى…

 

سەن بۈيۈك چىدامدا تاۋلانغان ۋەتەن،
ئاق بايراق ئەمەسدۇر بېشىڭدىكى ئاق.
تارىمنىڭ تومۇرى تىنماي ئاقىدۇ،
دەشتى-چۆل باغرىڭنى تىلسىمۇ بىراق!

 

مىنىڭدىن ئۇزاقتا قالغان ۋەتىنىم،
ناتونۇش ھىدىڭمۇ يىللار ئۆتكەندە.
ھەر تومۇز تەكراردىن سىزەر يۆرىكىم،
باغرىڭدا لاۋۇلداپ ئاتەش كۆيگەندە.

 

سېغنىش ھەسرىتىڭ دىلىمدا ۋولقان ،
شېئرىم قەترىدە مەدھىيەڭ پۈتمەس.
سەن ئۇلۇغ شۇنداقلا ئەزىزسەن ۋەتەن،
يازساممۇ مىڭ داستان شەنىڭگە يەتمەس.

 

جەننىتىم ئوڭۇمدا ئۆزگەرمەس ۋەتەن،
نە قىلاي قەرزىمنى قىلىشقا ئادا.
ھەر نەپەس يۈرىكىم سەن ئۈچۈن سوقار،
مەن بۈيۈك چېلىشتا، جەڭگاھتا يانا!

 

ۋەتىنىم كەچمىشىڭ ماڭا داستاندۇر،
باغرىڭدا ئۆتكەن يىل بەختىمدۇر كەچمەس.
بۇرۇچۇمدۇر ئارمىنىڭ، ۋەتەن – ئىقبالىم،
ئەجدادىم روھلىرى قەلبىمدىن ئۆچمەس!

 

7 ـ ئاۋغۇست، 2017 – يىلى، دالامان، تۈركىيە.

 
 
شېئىرنى سۈرەت شەكلىدە ئوقۇش ۋە ساقلىۋېلىش ئادېرىسى:
http://www.azizisa.org/elkun_poem/Tomuzda_seghinghan_weten_s.jpg

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !