تاھىر ھامۇت شېئىرلىرى

تىكىلگەن كۆز

 

تاسادىپ ئۆتىدۇ ئۆمرىمىز بىزنىڭ،
ئۇنىڭغا كار قىلماس ئۇلۇغۋار سۆزلەر.
تۇغۇلۇپ ئۆلۈمگە يېتىپ بارغۇچە،
تۇيۇقسىز پۇرسەتتە تىكىلەر كۆزلەر.

 

ئۆزىگە تەئەللۇق مۇھەببەت دېگەن،
تىكىلگەن شۇ كۆزلەر ياتقا خاس ئەمەس.
بەرمىدىم ساڭىمۇ باشقا نەرسىنى،
قىسىندىم ئازغىنا بېقىشنىمۇ تەس.

 

دۇنيانى پاتقۇزۇپ بولالماس باغرىم،
ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن سانسىز يىقىلىش.
بىر-بىرلەپ جەملىدىم تەنە گېپىڭنى،
ئويلاپ باق، ئەرزىمدۇ ماڭا تىكىلىش!؟

 
 
* * * * *
 
 

دەريادىكى ئەسلىمە


بىز چۈشكەن قېيىقلار باغلاغلىق بۈگۈن،
شولىلار بېرەلمەس چالغىتىلغان سۇ.
ئاققۇلار ئۆتىدۇ يىغلاپ، بوغۇلۇپ،
يىراقنى كۆزلىمەس، ئاھ دەرتلىك ئاشۇ.

 

كۆكرەكتەك كەڭرى بۇ قېيىقسىز دەريا،
بىز ئىدۇق كۆكرەككە ئىزلارنى سالغان.
قېيىقنىڭ سۇدىكى ئىزى ئۆچمىگەن،
ئاققۇلار قانىتى چىلىنىپ ماڭغان.

 

قۇياشنىڭ سايىسى چۈشتى بېشىمغا،
شۇندىمۇ رەڭلەرنى توسالمىدى ئۇ.
زەڭگەررەڭ سرغىنىش بېلىقلارغا يەم،
كۆزۈمنى ئۇنتۇلغان ناخشاڭ باغلايدۇ.

 
 
* * * * *
 
 

دېكابىر كېچىسى

 

سىڭىدۇ ئاق قارنىڭ ئاچچىق سوغۇقى،
ئازابلىق سۆيگۈ بوپ كۈتۈشلىرىمگە.
ياقامنى كۆتۈردىم، غۇۋا كوچىدىن
قار گۈلى قونىدۇ ئۆتۈشلىرىمگە.

 

زېرىكتىم تۈندىكى مۇڭلۇق ناخشىدىن،
كۈيلەردىن ئاپئاق قار توزىدى دەرتمەن.
ئىشىكلەر مۇزلىدى ئىڭراشتا ھەر بىر،
چىققاندا ئېسەدەش غۇۋا ئۆيلەردىن.

 

ئۇششاق قار قاپلىغان تۈننى تامامەن،
ئويلاپ باق: ئەتراپلار خىيال ئىچىدە.
ئىزلارنى كۆمۈشكە بارمىدىم يىراق،
ئەسەبىي كۈلكىلەر يۈتكەن كېچىدە.

 

قار ياغقان ئاھ ئاشۇ مۇھەببەتسىز تۈن،
كۆز ياشسىز يىغىدەك ئۇلۇغ، مۇقەددەس.
مۇزلىغان تامچىلار بوشلۇقتا ھازىر،
يوقالغان ناخشىدەك ئازاب بېرەلمەس.

 
 
* * * * *
 
 

بۇ يەردە

 

بۇ يەردە تىكلەكلىك قىرلىق ياغاچلار،
قىپقىزىل پەردىلەر توسار يەتكۈچە.
يوشۇرۇن يورۇقلار سىلكىپ قويىدۇ،
پەردىلەر كەينىدىن مارايدۇ كېچە.

 

ئادەملەر تىزىلغان ئۈستى-ئۈستىگە،
ئېقىن سۇ ئالدىغا ئۆتكەن ئۇلارنىڭ.
كۆك ئاسمان مىخلاغلىق قىرلىق ياغاچقا،
كۆكسىدىن سۈت تامار قاتقان قىزلارنىڭ.

 

ئەينەككە سۇ بەرگەن تەشتەكتىكى گۈل،
يېقىنلا ئارىدا سوۋۇيدۇ پات-پات.
بېغىررەڭ ئىسقىرتىش چوقۇپ مۇزلارنى،
تەشتەكنىڭ ئاستىغا قويىدۇ قات-قات.

 

ئۇخلىغان سىم كارۋات خورەك تارتمايدۇ،
كۆرپىسى پاخشە خىش، يوتقىنى ئادەم.
پەردىنى سىلكىگەن يوشۇرۇن يورۇق،
شۇ ياقتىن ئېسىدۇ بىردەم-يېرىم دەم.

 

جىرىڭلاپ قويىدۇ كونا قەغەز پۇل،
لامپىلار ئۆچكەندە ئۈنى چىرقىراق.
غۇۋالىق چاينايدۇ يېتىم بىنانى،
توشقۇزۇپ قويىدۇ شەھەرنى لىقراق.

 
 
* * * * *
 
 

ﺟﻪﻧﯘﭘﻘﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭ

 

ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ،
ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻧﻪﻡ ﺋﯩﺰ.
ﺷﺎﻣﺎﻝ ﻳﺎﻻﭖ ﻫﻪﯞﻩﺳﻠﻪﺭ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﻼﻧﺴﺎ،
ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﻗﺎ ﻳﯘﺭﺗﻠﯘﻗﻼﺭﻻ ﻫﯩﺠﺮﺍﻥ ﯪﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ.

 

ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭ يېزىلار
ﯴﻣﺪﻧﻰ ﯴﺯﮔﻪﻥ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭ
ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.

 

ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﯪﺳﻤﺎﻥ.
ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﺯﯦﻤﯩﻦ.
ﯰﻳﻘﯘ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ.
ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﯪﻟﻤﯩﺸﯩﺪﯗ.
ﺳﯘﺱ ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻳﻮﻝ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﮕﻪ ئېقىپ ﻛﯩﺮﯨﭗ،
ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﯬﺳﯩﺮ ﺗﻪﻧﻬﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.

 

ﯪﺩﻩﻡ ﯪﺩﻩﻡ ﯲﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ،
ﯪﺩﻩﻡ ﻫﻪﻡ ﯲﻟﺘﯜﺭﯨﻠﯩﺪﯗ،
ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺟﻪﻧﯘﭖ ﯮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ،
ﯰ ﻏﯘﯞﺍ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ،
ﯪﻧﺪﯨﻦ ﯰﺯﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.

 
 
* * * * *
 
 

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ

 

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ﺗﯘﺭﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ
ﯴﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﯪﺧﺸﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﻫﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ تېنىم ﺷﯜﺭﻛﯩﻨﻪﺭ.
ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ، ﯲﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ، ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﺎﻫﺎﺭ.
ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻤﺪﯨﻢ ﺗﻮﭘﺎ ﻛﯚﺯ ﺩﯦﮕﻪﻥ:
ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭ، ﻣﻮﺧﯘﺭﻛﺎ، ﻛﯩﺮ ﭘﺎﻳﭙﺎﻕ، ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﯪﺭﮔﯩﻨﺎﻟﻰ.
ﻛﯚﻙ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﯞﻩ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺧﯩﺮﻩ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ،
ﺳﯚﯕﻪﻛﺴﯩﺰ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺘﻪﻙ ﻳﺎﺗﺘﯩﻢ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﭖ،
ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻢ ﯪﭺ، ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻢ ﻗﺎﺭﺍ، ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﻗﯘﭘﻘﯘﺭﯗﻕ!
ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻳﯩﺮﺍﻕ ﯴﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻣﯘﺯﺩﻩﻙ ﺗﺎﺷﻨﻰ ﭼﺎﻳﻨﺎﻳﺪﯗ ﺑﯩﺮﺳﻰ،
ﻛﯚﺯﻯ، ﻳﯜﺯﻯ ﻧﻪﻡ ؛ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﮔﯘﻧﺎﻫ، ﯪﺭﻗﯩﺪﺍ ﺧﯘﺩﺍ.

 

ﻗﻪﻧﺖ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﯰﻣﺎﭼﺘﯩﻦ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﻫﻮﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭ،
ﺗﻮﻙ ﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﯪﺳﺘﺎ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﻗﯘﭼﻘﺎﭼﻼﺭ ﻳﯜﺭﻩﺭ،
ﭘﺎﻛﺎﺭ ﯪﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺩﻫﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ،
ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﻗﯧﺮﯨﻼﺭ، ﯪﻟﺠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭ، ﻫﯧﺮﯨﺴﻤﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ،
ﯴﭺ ﻳﯩﻠﺪﯨﻼ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﯧﺮﯨﭗ ﺳﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ _ ﻗﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﭘﯩﻚ ﯪﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﻗﯩﻘﻪ،
ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﭼﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯ، ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻗﺎﺭﺍ ﺳﯩﻴﺎﻫ ،
ﻛﻮﻧﯩﺮﯨﻐﺎﻥ، ﺷﻪﻟﯟﻩﺭﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍ ، ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ.

 

ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺳﯩﺰ
ﺷﺎﻣﺎﻟﻨﻰ ﭘﻮﻣﻼﭖ ﯪﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﭗ،
ﯪﻧﺪﯨﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﯨﯖﯩﺰ،
ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺗﻪﯕﮕﯩﺪﻩﻙ ﺗﯚﺷﯜﻛﺘﯩﻦ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺗﺎﻣﭽﯩﻼﺭ.

 

1998-يىلى مارت ، قەشقەر

 
 
* * * * *
 
 

 مەن بىلدىم

 

(1)‏

 

ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن سەھەردە
چۈشۈمدە كۆرگەن تاغ ئوت بولۇپ يانغان شەھەردە
خامخىيال يەنە ساقىپ چۈشتى ئورۇق يۈزۈمدىن
كۈلكىلىك ئەپسانە-رىۋايەتلەر ئۇچتى كۆزۈمدىن
ساختىلىققا كۆنگەن قولۇمدا تۇتۇۋالدىم قىزىل لەۋلەرنى
توسىۋالدىم خۇما كۆزلەرنى، شۇ چاغ يىغلاپ تاشلىدىم
مەن بىلدىم، ‏
بەلكىم خۇدا قەلبىمدە ئايلاندى تۇزغا
كارۋات-ۋەتىنىمدەك قاتتىق،بىئارام ۋە‎‎كونىراپ كەتكەن ‏
تورۇستىن كۆردىم: تۇمان ئويغانماقتا بىر قىز قوينىدىن

 

(2)‏

 

مەن بىلدىم
يىراقلاردا سەن بار سەرگەردان
بۇرۇنقى زاماندىكى بىر گۈزەل چوكان ‏
ئۈرۈمچىنىڭ ئۇزۇن قىشىدا،مېنىڭ بىلەن ياتقۇڭ كېلەمدۇ؟
بەدىنىڭدە زاغرا پۇرىقى، سۇمبۇل چېچىڭنى ئۆرۈپ بولالماي
سۆيگىنىڭنى سۆيۈپ بولالماي، ئۆلگۈڭ كېلەمدۇ؟
يۇلتۇز تەشكەن كۆزلىرىڭنى تىكىسەن ماڭا
مەن بىلدىم
ئازابلانغۇڭ يوق، ئۆلۈمدىن قورقىسەن، ئۆلگۈڭ بار ئەمما
ئاسان ئۆلۈم تىلەيسەن دائىم:‏
ئىبادەتتە ئولتۇرغان پېتى ئۆلۈپ كەتسەڭچۇ!؟
تاتلىق ئۇخلىغان پېتى ئۆلۈپ كەتسەڭچۇ!؟
مەن بىلەن ياتقان پېتى ئۆلۈپ كەتسەڭچۇ!؟
خۇددى ئاشۇ ئوقۇغۇچى قىز ناشتىلىق تاماققا خېمىر يۇغۇرۇپ
تاڭ ئاتاردا جىمجىتقىنا ئۆلۈپ كەتكەندەك ‏

 

(3)‏

 

1947-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىماتتا ئوقۇغان بىر قىز
ئۆلۈپ كەتتى تېخى يېقىندا
ئۇنىڭ ئېسىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن باشقا ھېچكىم قالمىغان
چالا-پۇچۇق بىر مۇھەببەت ھېكايىسى بار
تۇرۇپ ئويلايمەن: ياشىسامچۇ ئاشۇ يىللاردا
ئۇ چاغلاردا چوقۇم كۈندە يېڭىلىق، كۈندە ھاياجان
كۈندە جان قايغۇسى، كۈندە ئۆلۈم ، كۈندە مۇھەببەت! ‏
مەن بىلدىم ‏
تارىخنىڭ بىزگە يېقىنلىقىنى،بىز بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنى
مەن بىلدىم
دوستلۇقنىڭ ئېغىر يۈكىنى، مۇھەببەتنىڭ كېسەللىكىنى
ئاتا-ئانىنىڭ‎‎بىمەنىلىكىنى، بالىلارنىڭ ئاجىزلىقىنى  ‏
قېرىلىقنىڭ مەينەتلىكىنى، ياشلىقنىڭ كالۋالىقىنى
ئەرلەرنىڭ ساختىلىقىنى، ئاياللارنىڭ ئازابلىقىنى
مەن بىلدىم
بارلىق ئەسلىمىلەرنىڭ بەرھەق راستلىقىنى!‏

 

(4)‏

 

مانا ئاشۇنداق بىر سەھەردە
بېلىگە قىزىل، سېرىق،كۆك، يېشىل لاتىلارنى
باغلىغان دەرۋىش يېتىپ كېلەر ھېيىت بولغان يەرگە
كۆزلىرى خىرە، بەدىنى قاسماق، تۇرقى كۆرۈمسىز
لېكىن، كۈچى قۇدرەتلىك، گېپى ئىلاھىي، قىلىقى سىرلىق
ئۇنىڭ ئالقانلىرى تەڭلىنەر ماڭا:‏
 ـــ ھەق دوس، ئىللەللا! ‏
مەن نېمە دەي؟ نېمەمنىمۇ بېرەي ئۇنىڭغا؟!‏
ئەگىشىپ كېتەيمۇ بىللە چۆللەرگە
مازارلارغا، بازارلارغا، تاغلارغا، باغلارغا؟!‏
تۇتۇپ بېرەيمۇ ئۆزۈمنى‏
يىلانلارغا ،چايانلارغا، پىتلارغا، بۈرگىلەرگە؟!‏
مەن قانداق قىلاي؟!‏
ئۇ دۇنيانى ئويلايمۇ، بۇ دۇنيانىمۇ؟!‏
مەن بىلدىم ‏
چوقۇم ئۆلۈشىمىز كېرەكلىكىنى!‏

 

(5)‏

 

مەن بىلدىم
قىيامەت كۈنى قۇرام تاشلار ئەتىۋارلىشىپ
قولدىن قولغا ئۆتۈپ يەرگە تەگمەسمىش
قىيامەت كۈنى جاھان ئوت بولۇپ يېنىپ
بىر تۈپ بۇيا سايىسىدا سايىدارمىش قىرىق ئەركەك
قىيامەت كۈنى ئەڭ مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئېيتىپ
ئېشەك مىنىپ كېلەرمىش جەددال
قىيامەت كۈنى قۇتقۇزارمىش ئېلىۋەتكەن تىرناقلار بىزنى

 

(6)‏

 

مەن بىلدىم،
مېنىڭ ئايشەم ئابدۇۋاھىت دېگەن ھاممام شۇنداق دېگەن:‏
ــ خۇدا ئۆزى چىگكەن تۈگۈننى ئۆزى يېشىدۇ!

 
 
* * * * *
 
 

ئۈرۈمچى

 

بىر شەھەر.
ئۆلۈك مۇزلار ئىچىدە
ئېلىپ كەتكەن قەدرىنى ئۇنىڭ
ئۇزاق زامانلاردىن قالغان سوغ شامال.
چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن
يۇلتۇزلارنىڭ سۇدىكى ئەكسى؛
يەر تېگىدىن ھور چىققان يەردە
ئېسەدەشنى كۆردۈم كۈندۈزى.

 

بىر شەھەر–
تەكرار سۆزلەنگەن قالايمىقان بىر ھېكايە،
لېكىن،بۇ ھېكايىنىڭ ئىچىدە مەن يوق.
ھەتتا
ئۇزۇن يىل بۇرۇنقى ئاپتاپلىق كۈنى،
مۇھەببەتتىن قورققان پېتى
بۇ شەھەردىن يوقاپ كەتكەن كېسەلمەن بىر قىز،
چۈشەنگىلى زادى ئۇنىماي
”سىزنى سۆيىمەن!“ دېگەن ئۇيغۇرچە گەپنى.

 

بىر شەھەر،
ماڭا ئوخشاش ھارغىنلىق يەتكەن؛
بىر شەھەر،
باھار ۋە كۈزنى تەرك ئەتكەن؛
بىر شەھەر،
تۇمان ئىچىدە يىراقلاپ كەتكەن.

 

2007 -يىل 30-مارت

 
 
* * * * *
 
 

ئاغرىق

 

«مېنىڭ باغرىم سىلەر بىلەن.»
 ــ ئۇيغۇر شامانلىرىنىڭ «ئازايىم قوشىقى» دىن

 

1

 

كېچىدە كېيىمىنى سالمايلا ئۇخلاپ قالغانلار
چىغىر يولغا خەتەرلىك كۈلنى تۆكۈپ ماڭغانلار
پۇتى بىلەن قۇمنى جىجاپ شېئىر يازغانلار
قىزىل رەڭدىن سېرىق رەڭنى ئايرىۋالغانلار
تاڭ سەھەردە يۈزىنى يۈيماي ناشتا قىلغانلار
زاۋال پەيتى خۇدانى سۆيۈشتىن قۇتۇلالمىغانلار
ئۆلۈم يېنىڭلاردىن ئۆتۈپ كەتتى، كۆردۇڭلارمۇ؟!

 

بىر چاغلاردا، تىنىش بەلگىلىرى يوق جايلاردا ياشىغان ئىدىم
قەغەزدىكى قوڭۇر داغلارنى تۈكرۈكىمدە سۈرتكەن پېتى
ئاشۇ كونا قەغەزنىڭ ۋە جان تالىشىۋاتقان قارا سىياھنىڭ سۆيۈملۈك پۇرىقى نەقەدەر يۇمشاق!
لېكىن، ئىچىم ئاغرىيتى، تىنىش بەلگىلىرى يوق جۈملىلەردىكى بابۇر مىرزا ۋە باشقىلارغا
(سەلتەنەت دەردىدە ساراڭلارچە غەرق مەست بولغان)
مانا بۈگۈن، سۇنغان سول قولۇمنى ئاق لاتا بىلەن مەھكەم تېڭىپ، ئاغرىقنى سەزمەي
ئوڭ قولۇمدىكى ئۆزۈمنىڭ رەسىمىگە قاراۋاتىمەن، رەسىم كەينىدىكى خەنزۇچە خەتنى ئوقۇۋاتىمەن
دەپ بېرەيمۇ بۇنى
يول بويىدىكى تاش ئۈستىدە ئولتۇرغان جىمجىت جۇۋانغا
(كۈن نۇرى ئۇنىڭ بوينىغا چۈشۈپ تۇراتتى، ئاستىدىكى قۇرام تاش قاتتىق ئەمەس چىڭ ئىدى)

 

مەن سىلەرنى كۆرۈشكە شۇنچە كۈچىدىم، تومۇرلىرىم چىڭقالدى، كۆزلىرىم تالدى
لېكىن، سىلەر مېنىڭ ئاغرىقىمدىن زېرىكتىڭلارمۇ
خۇددى، مەن تېخى يېقىندىلا ناتونۇش گۈزەل قىزلارغا تەلپۈنۈشتىن ئۈزۈل-كېسىل زېرىككەندەك
سىلەرگە ئايان (ماڭىمۇ شۇنداق)، مېنىڭ نەپرىتىم ئېچىنىشلىق ئىسراپ بولۇپ تۈگەپ كەتمەكتە

 

2

 

يەتتە ياشلىق بىر بالا
چىڭگىلەكنىڭ غۇنچىسىنى يېگەن بىر بالا
جىگدىنىڭ يوپۇرمىقىدىكى ھەسەلنى يېگەن بىر بالا
ئاق قوناقنىڭ شېخىنى يېگەن بىر بالا
چۈچۈك بۇيا يىلتىزىنى يېگەن بىر بالا
قولياغلىققا چىگىلگەن بىر جىڭ ئۆچكە گۆشىنى كۆتىرىپ كېتىپ بارىدۇ
بۇرنىدا قان
بۇ بالا كىمنىڭ بالىسى، بىلدىڭلارمۇ؟!
ئاپتاپ كۆتىرىپ تۇرغان ئاسماننىڭ بىر پارچىسىدەك
سىلەر توپلاشتىڭلار مېنى كۆرمەي، سىلەر نېمە بولماقچى، سىلەر نېمىگە ئايلانماقچى
مەن نېمىدىن ۋاز كەچمەكچى، مەن نېمىنى سىلاپ باقماقچى، مەن نېمىنى سىلەرگە كۆرسەتمەكچى
مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلادىن ئۆتۈپ كەتكەن شامالنىڭ ئالدىنى توستۇم
تۇرۇپ تۇرۇڭلار، شامالغا بىر گېپىم بار ئېيتىۋالاي
(ئەي شامال، مېنىڭ ئۈچۈن ئەجەپ دەرد تارتتىڭ
ئەجەپ ئىچىم ئاغرىيدۇ ساڭا
ماڭا ئايان، كۆزۈمنىڭ گۆھىرى سەندە توزۇپ كەتكەن
قېنى، سەن ماڭا ئېيتىپ بېرەمسەن: زەھەر دېگەن قانداق نەرسە ئۇ
ئۇنى تۇتسام قولۇم تىترەمدۇ، بىر ئوتلامغا ئادەم ئۆلەمدۇ؟!)
مەن سىلەرگە پۇتۇمنى قىلىپ، كىيىمىم بىلەنلا دۈم يېتىپ ئۇخلىدىم
چۈشۈمدە، قاپقار زۇلمەتنى تاپتىم
ئۇ مېنى باستى، بوينىمدا يۆگىشىپ، قولتۇقلىرىمدىن، ئىككى يوتام ئارىسىدىن ۋە جېنىمدىن ئۆمىلەپ ئۆتتى
مەن قوڭغۇراق گۈلىنى چاينىغاچ تىكەنلەرگە دەسسەپ ئەسەبىيلەرچە يۈگرەۋاتقاندەك
ئۈن-تىنسىز ۋەھىمىدىن ھوزۇرلانغاچ، ئاغزىمنى يوغان ئاچتىم!

 

3

 

دەستە-دەستە نۇر
ئوچۇم-ئوچۇم سۇ
سىقىم-سىقىم تۇپراق
تەكرار-تەكرار ئاغرىق
تارام-تارام جان
ئەي سىلەر، مېنىڭ باغرىم سىلەر بىلەن، تۇيدۇڭلارمۇ؟!
مەختۇمسۇلا چوغنى ئېلىپ ماڭغاندا تۆككەن كۈل سىزىقنىڭ ئۇ تەرىپىگە
مەن بولماقچى بولغان مەن يەنە كەلدىم
قاراڭغۇلۇقتىن سۇغۇرۇپ ئالغان پىچاقتەك، مېنىڭ قوينۇمدىن چىقىپ كەتتىڭلار
مەن سىلەرنى شەرەت قىلىمەن، ھەر زىكرى زىكرى قىلىمەن، تىنىقىمدا ئالتۇن تور توقۇپ،
ئاندىن سىلەرگە
پەلەمپەيلەردە ئۇيۇپ قالغان بارماق ئىزىمنى كۆرسىتىپ قويىمەن

 

2009-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى

 
 
* * * * *
 
 

دېڭىز

 

غۇۋا بىر دۆۋە تاش ـــ مېنىڭ خىيالىم
تەرگە چۈمگەن ھاۋا ـــ مېنىڭ ئەتراپىم
سېسىغان قۇلۇلە قېپىنىڭ غەمكىن گەۋدىسى
چۈشتىن كىيىن سائەت تۆتتىكى دولقۇن ئەۋجىسى
قەلبىم شۇ تاپ بېلىق پۇرايدۇ!
تۇماننى كېسىپ ئۆتكەن ئۇپۇق سىزىقىنىڭ بۇ تەرىپىدە
يۈرىكى ھەسرەت ۋە ساختىلىققا تولغان بىر توپ ئادەم
كىچىكلەيدۇ نۇرغا ئەگىشىپ
يىراقتا
زىبالىقى سىزگە ئوخشايدىغان بىر پارچە بۇلۇت
پۇتىنى تاش تىلىۋەتكەن بىر ۋىجىك ئەبلەخ
چاتىرقىنى كېرىپ تۇرغان قىزىل كۆينەك قىز
تىكلىپ تۇرغاندا مايماق قۇياشقا
ھېس قىلغىلى بولمايدىكەن قۇم ساھىلنىمۇ
ئەي دېڭىز، سەن مېنىڭ ئەمەس
بىراق، يالغۇزلۇقتىن سەنمۇ قورقامسەن؟!

 

1994-يىلى، بېيدەيخى.

 
 
* * * * *
 
 

ئورتاق جىنايەت

 

ياڭاق دەرىخى ئاستىدا
ئانا سېغىزخان قاناتلىرىنى رەتلەيدۇ.
مەن چىملىقتا مېڭىپ يۈرىمەن،
مىسنىڭ داتلىشىپ كېتىشىنى باشتىن كەچۈرگەچ
سەرگەرداننىڭ ئىنتىقامىنى تاپماقچى بولىمەن.

 

گەرچە
بىز تېخى ناھايىتى ياش،ساق-سالامەت بولساقمۇ،
ئەمما
ئەھدىمىزدە چىڭ تۇرۇپ،
خۇددى بىر دولقۇنغا ئوخشاش چېكىنىشنى
دەرەخنىڭ ئازابلىق بالىياتقۇسىغا ـــ
ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىي ماكانىغا چېكىنىشنى ئارزۇ قىلىمىز.

 

قوۋزاقلا پۈتۈنلەي تۆكۈلىدۇـــ
ياڭاق دەرىخى ئۆچەككە كىرمەكچى،
بىراق سېغىزخاننى چۆچۈتمەكچى ئەمەس.
مەن ئەسلى ئورنۇمغا قايتىمەن،
نۇردىن ھاسىل بولغان شىلەپەمنى قولۇمغا ئالىمەن.
سەرسانلىق ـــ
ئۆزىنىڭ يامان نىيىتىنى ئاشكارىلاش دېمەكتۇر.

 

مەن ئەسلى ئورنۇمغا قايتىمەن.
جىنايەتكار بالىلار پىنھان يەرلەرگە تاش ئاتىدۇ،
غەم-ئەندىشىسىز ھۇجۇم قىلىدۇ!
مەن بىرتال يۇمران يوپۇرماقنى ئالقىنىمدا ئىزىپ
مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان سۇيۇقلۇق ياسايمەن.
بىر تال قارا سىزىق يەڭگىل چاقچاققا ئايلىنىدۇ.
مەن ئۆزۈمنىڭ مول خىياللىرىم بىلەن
سېغىزخاننىڭ قاناتلىرىنى يۇيىمەن.
ئىنتىقام ـــ
بىر دەقىقە چىداش دېمەكتۇر.

 

بىز تېخى ناھايىتى ياش،
ئۆزىمىز ئويلىغاندىنمۇ ياش.

 

1993-يىلى 5-ئاي بېيجىڭ

 
 
* * * * *
 
 

ئارىلىق

 

بىز تومۇزغىلارنىڭ سايرىشىغا تاقابىل تۇرالمايمىز.
كۆپۈنكى ئەينەكنىڭ ئارقىسىدا
دوختۇرخانىنىڭ بىناسى، ئارىلىق.
سېستىرالارنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن چىرايى
بىزنىڭ ھەجۋى رەسىمدەك ئولتۇرىشىمىزنى كۆزىتىدۇ.

 

بىز سوغۇق سۇ بىلەن ھاراق ئىچكەچ
دەرىزىنى ئېچىۋېتىپ، يېرىم يالىڭاچ ھالدا
تۇرمۇش،مىللەت ۋە قىزلار توغرىسىدا
زەھەرخەندىلەرچە پاراڭلىشىمىز.
تومۇزغىلارنىڭ ئاۋازى پات-پات ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ
پارىڭىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم يەرلىرىنى بۇزىۋېتىدۇ.

 

ئۇلار بىر باھانىلارنى تېپىپ
مېنى يالغۇز تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ.
قۇرۇق بوتۇلكىلاردىن ھاسىل بولغان
تۇرمۇشنىڭ بۇنداق رومانتىك مەنزىرىسى
مېنى خۇددى پار مۇنچىسى ئىچىدە تۇرغاندەك
ھېس قىلدۇرىدۇ.
مەن ئىشىكنى قۇلۇپلايمەن:
ئىشقا بېرىشىم كېرەك!

 

مېنىڭ موللاق ئاتقۇم كېلىدۇ.
مېنىڭ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالغۇم كېلىدۇ.

 

1993-يىلى 6-ئاي، بېيجىڭ

 
 
* * * * *
 
 

ﭼﻪﻙ – ﭼﯧﮕﺮﺍ

 

ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰﯪﻳﺮﯨﯟﻩﺗﻤﻪﻙ ﺗﻪﺱ
ﺷﯘﯕﺎﻣﻪﻥ ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ ﻛﯜﭺ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ
ﭼﯜﻧﻜﻰ ھﻪﺭﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺯﻩﺧﻤﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ
ﻣﯧﻨﯩﯔﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻤﺪﻩ
ﺑﯧﻴﺠﯩﯔﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ھﺎﺳﯩﻼﺗﻰ
ﭼﻪﻙ-ﭼﯧﮕﺮﺍﺩﻩﻝ ﯪﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ
ﺑﯘﺗﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔﯪﺭﻗﺎ ھﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ
ﺗﺎﺵ ﺗﺎﻣﻨﯩﯔ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ
ﺧﯘﺩﺩﻯﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﯪﺳﯩﻴﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻧﯧﺮﯞﯨﺴﯩﺪﻩﻙ
ﻣﯘﺗﻠﻪﻕﺗﻪﻣﻜﯩﻦ

 

ﯞﻩھﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﻣﻪﻥ ﺗﻪﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﯪﻟﺴﺎﻣﻼ
ﻧﯧﺮﯞﯨﻨﯩﯔﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ
ﻣﯩﺴﯩﺮﻓﯩﺮﯬﯞﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﭘﺎ ﻛﯜﺗﻜﯜﭼﯩﻠﯩﺮﻯ
ﺳﯧﻨﯩﯔﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﯗﯓ…ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ
ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰﯮﻣﺎﻕﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﯰﻗﯘﻣﻼﺭ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

 

1994-يىلى فېۋرال، بېيجىڭ

 
 
* * * * *
 
 

ئىككى ئادەمنىڭ ئەپسانىسى

 

مەنپۈتۈنلەي پارلىدىم. زېرىكىشلىك مۇزىكا ئاۋازى،
گۆش بىلەن سۆڭەكنىڭ ئاجرىشى ئۆلۈك سۇغا يولۇقتى.
كۈلكىلىك مەرۋايىت، گۈرۈچ، يەپ تۈگىتىلگەن چىش ﯞﻩ
 ئەقىلنىڭ ئېلېمېنتلىرى ـــ مېۋە، ئاغرىق ھەممىسى بار،
تاكى تارىمنىڭ قورسىقى سېسىغانغا قەدەر!
بىرپارچە چىرىگەن ياغاچ سۇنىڭ ئۈستىدە، ئۇنىڭ پۇتى يوق، بىرقولى
قۇشتۇخۇملىرى بىلەن سېنىڭ كۆز چاناقلىرىڭنى تولدۇرىدۇ.
ئىيۇن ئېيىنىڭ قۇياش نۇرى ئاستىدا، سەن بىلەن مەن كۈتكەن
ئېتىقادنىڭ يان تەرىپى ئاستا ـ ئاستا يىمىرىلىپ چۈشىدۇ.
تاقىرتاغلار ئىدىيە تۈپەيلىدىن مەجرۇھ بولغان بوستانلىقلارنى كۆرسىتىپ:
بارغىن، بارغىن، باشقىلارغاتەقلىد قىل، دەيدۇ.
ئەيمېنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلگەن زۆھرە، سەن مېنى سۆي!
توقۇلمىلارنىڭمەنىسى تەسەۋۋۇرىڭنىڭ ئېغىر يۈكىنىيەڭگىللەتكۈسى،
سەنشامالنىڭ رەڭگىنى بىلىشىڭ كېرەك. سانسىز نەيزە ۋە
چەكسىز شەيتان ئازابىنىڭ ھەممىسى مېنىڭ،چۈنكى،مەن ــ تاھىر!
مانا، ئالدىمدابىر كورا سۈت قاينىماقتا.
ماڭاياغاچ ساندۇقنى بىر ھاراقكەش بەرگەن،
مەنيات دۆلەت دەرياسىدا توپتوغرا سەككىز يىل ئاقتىم!
بىراق،مىڭيىل ئۆتۈپتۇ، مەن تېخى سېنى كۆرۈپ باقمىدىم.
بىرسىماڭا: ئۇنى ئىزلەپ تاپ، ئۇنىڭ لېۋىنىچىشلەپ ئۈزىۋال،دەيدۇ.
ئايئارقا تەرىپىمدە يېشىل ھەم ئۆتكۈر ئىس چىقىرىدۇ،
ھەرگىز بولدىقىلمايدۇ، خۇددىچۈش ئىچىدىكى بىشارەتتەك.
كورلا غەمكىن شەھەر ،نەم شەھەر، ﯰ يۇمۇلايدۇ ،
مەن ئۇنىڭ يېنىدىن غىپلا قىلىپ ئۆتۈپ كېتىمەن.
يانچۇقۇمدە كىچىك بىر«قۇرئان» بار،
نېمە دېگەن بۈيۈك قىلىق-ھە ! مەن ياشاشتىن قورقمايمەن،
بىراق، يەنە شۇنچە توخۇ يۈرەك: قاغاش ئالدىدا كېكەچلەيمەن.
بىلىمەن، زۆھرە، سەن ھامان بىرسىنى سۆيۈشكە مۇھتاج.
مەن ھازىر غەرق مەست، يالاڭ ئاياق ئۆرە تۇرىمەن،
باخشىلار قايتىپ كەلدى، ئۇلار جىنلىرىنى چاقىرىپ كېسىلىمنى داۋالايدۇ،
مانا بۇ ـ قەدىمقى كىشىلەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلى!

 
 
* * * * *
 
 

تاش ئەينەك

 

بۇرۇن مەن سېنىڭ تاش ئەينەككە قاراپ تۇرغىنىڭنى كۆرگەن،
شۇ چاغدا سېنىڭ سۇ تەپچىرەپ تۇرغان ئىدىيەڭ ماڭا ناھايىتى يېقىن ئىدى.
بۈگۈن سەن قىش شامىلىنىڭ تەمىنى تېتىدىڭ، ئاچچىق تەم .
ئوخشاش بىر چۈشكۈنلۈك كېسىلى، ئوخشاش بىر ھەسرەتلىك قىياپەت .
ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك؟ ئەي گۈلۈم،سېنىڭ كۆزلىرىڭ!
سەن كۆرۈپ باقمىغان ۋەتەننى تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن.
تاش ئەينەكنى نەدىن تاپقانسەن؟ قەدىمقى دەۋردىنمۇ؟ ياكى چۈشۈڭدىن؟
ﯰ چاغلاردا يۈرەكلەرنىڭ ھەممىسى قۇم ئىدى،شامال ئىدى ،
يەنە قاپقارا پۇراق ئىدى، بىراق تارقاپ كەتمىگەن.
مانا ئەمدى، بۇلۇتلار سېنىڭ قۇلاق تۈۋىڭگە قىستاپ كېلىدۇ، ئاڭلىمايسەن،
ھەسرەتلىك سوغۇقنى سېزىسەن، بېشىڭنى ئاستا كۆتىرىسەن،
غېرىپلىق غېرىپلىققا ئەگىشىدۇ، قۇياش نۇرى قۇياش نۇرىغا سىڭگەندەك.
ئېيتقىنا، مەن مۇزلاپ كەتكەن لېۋىم بىلەن سېنى سۆيەلەرمەنمۇ؟
ئېيتقىنا، تاش ئەيەكنى يورۇتقان قۇياش بىزنى يۇتۇپ كېتەرمۇ؟
خوش، ئەي گۈلۈم، سەنمۇ قاچقىن، يىراقلارغا كەت!
بىراق، دەرەخ دېگەن زېمىنغا قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ،
بۇ يەر تېخى قىش، دەرەخلەر تېخى يوپۇرماق چىقارمىدى.
سۇس ئالتۇن رەڭلىك بىر تۇتام روھ ئالقىنىمدا، بارماقلىرىمدا.
باھار پەسلى مېنىڭ ئىرادەم.
ۋاقىت تېخى ئۇزۇن، خۇددى ۋاقىتقا ئوخشاش،
ئەي گۈلۈم، قېنى جاۋاپ بەر : ئىككىمىزدىن كىم ئاۋۋال ئۆلسۇن؟!

 
 
* * * * *
 
 

ئىلاھىي مۇراسىم

 

بويسۇندۇرۇلغان بىر پارچە نۇر ئېرىمەكتە
چىرايلار كەينىمدىن ئايان بولىدۇ
شاللاق كۆك نۇر ماراپ تۇرىدۇ
قۇياش نۇرىنى يۆگەپ كېتىدۇ
تىلىم گۈگۈمنى يالاپ تېشىدۇ
يول چىرىغى ۋاقىتنىڭ ئەڭ ئۈستىدە
ئۆمۈچۈك تورى كۆككە يېيىلغان
مەن چاقماق بىلەن قول ئېلىشىمەن
پىيادىلەر يولىدا ماڭىمەن
ئەرۋاھلار ئۈستىدىن دەسسەپ ئۆتىمەن
قاراڭغۇلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا
ئاغزىمدا بىر تال قۇش پېيى چىشلەگلىك
دەرەخلەرگە ئېسىلغان ئەمچەكلەر كۈلۈمسىرەيدۇ
پۇتۇم
     ئەسىرنى تىترىتەر
        ئۆزۈمنى تىترىتەر
            شەھەرنى تىترىتەر
باش سۆڭىكىم ئىپتىدائىي شەكلىنى يوقىتىدۇ
كېيىملىرىم ئېچىنىشلىق ئاۋاز چىقىرىدۇ
بۇ ــ
تومۇز، ئەركىنلىك ياكى ئۇنۇتۇش؟
نۇرغۇنلىغان پارچە لاتىلار يەر ئۈستىدە
                       سەكرەيدۇ
                       سۈرۈلىدۇ
                       نەپەس ئالىدۇ
نۇرغۇنلىغان خۈنۈك نۇر سىزىقلىرى يەر ئۈستىدە
                       چاقنايدۇ
                       يىغىلىدۇ
                       سۈكۈتكە چۆمىدۇ
مەن بىر ئىستاكان سۇدىن مازغاپ تىلەيمەن
مەن بىر دۆۋە ئەخلەتتىن ھالرەڭ تىلەيمەن
كوچا تىنجىق
ھەر بىر يول مەگگۈلۈك ناتونۇش ــ
          بىر قېتىملىق ئاستا قېزىش
     بىر مەيدان ئايلانما ئويۇن
كېچە ئۈنى شەھەر قۇسقان سىمانى يۇتۇپ تاشلايدۇ
خۇددى بىر تامچە سۈزۈك سۇ يىلان يۈرىكىنى يۇتقاندەك
ئېچىلماس تۆمۈر پەنجىرىلەر كۆزئالدىمدا كۆپىدۇ
قاپقارا ئەينەكلەر ھاسىراشنى، دۇئانى ئاڭلايدۇ
ھەرپلەر ئۆلۈپ كەتكۈسى
رەسىملەر پاك-پاكىز پارچىلانغۇسى
مېڭەمگە لىق تولغان چىرقىراش، ئېسەدەش
يەنە بىر قېتىم ھەيۋەت بىلەن يەرگە چۈشىدۇ
قولۇم تەرلەيدۇ، بۇ−
       بىر خىل قۇتۇلۇش
       بىر خىل ئەركىنلىك
چۈنكى بىرسى مۇنداق دېگەندەك قىلغان:
«ئىسىملار ئاسماندىن چۈشىدۇ!»
جەسەتلەرنىڭ پۇرىقى كېچە ئاسمىنىنى كېزىدۇ
ئۆمۈچۈك تورى ئۇنىڭ ئاستىدا لەيلەيدۇ
ئۇ بىر پارچە ئاق رەڭ، خۇددى
     چۈمبەلگە ئوخشاش
        ئەسلىمىگە ئوخشاش
           مۇھەببەتكە ئوخشاش
ئەتراپقا قارايمەن
ئاجىز تېنىمنى قۇچاقلىغۇم كېلىدۇ
كارنىيىمنى ئۇستۇرىدا بوغۇزلىسام دەيمەن
بىر پارچە ئاق قەغەز يۈزۈمدە يېيىلىدۇ
تۇيۇقسىزلا بىر تال قوۋۇرغامنىڭ كاملىقىنى ھېس قىلىمەن
مېنىڭچە
مەن نۇرغۇن قېتىم ئىلاھىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈشۈم كېرەك:
قۇشلار توپلىشىدىغان جايغا ۋەسىيىتىمنى كۆمۈشۈم
مەۋھۇملۇق ۋە چۈش ئىچىدە چاقماق تاشنى ياندۇرۇشۇم
يوقلۇقنى تويغا ئايلاندۇرۇشۇم
تىلنى يەرگە ياتقۇزۇشۇم
قاراڭغۇلۇقنى يارام ئېغىزىغا تىقىشىم
ھەۋەسلەرنى قاندۇرۇشۇم
ئۆلۈمدىن ئۆلۈمگە قاراپ مېڭىشىم كېرەك
مانا بۇ-چاقماق، تەقدىر، بەرباتلىق!
مەن تەرەپ تۇيغۇمنى يوقىقىتىمەن
چاقماق بىلەن ئېلىشىمەن
كۆرۈش سەزگۈم توختاپ قالغاندەك
تاشلىنىش ئىچىدە داۋاملىق قالار
دەرەخلەر كوچىدىن يوقىلىدۇ
مەن يەڭگىللىككە يېقىنلىشىمەن
كۈچ سىنىشىشنى ئىنكار قىلىمەن
كېچىنىڭ ئۈنى پانىي ئالەمدىكى ئەبگاھ كىشىلەر توپىدىن ھالقىپ كېتىدۇ

 

1993-يىلى فېۋرال، بېيجىڭ

 
 
* * * * *
 
 

ياز بىر سۈيقەسىت

 

1

 

مەن تەرگە چۆمۈلۈپ تۇرۇپ ئاننى سېكستوننى ئوقۇۋاتىمەن،
ئاسماندىن چۈشكەن توزانلار ھاۋانى قوغلاپ،
سانسىز شەھەر قۇشلىرىغا ئايلىنىپ، ۋوگزالغا قاراپ ئۇچىدۇ.
شامال
تۈكۈرۈكلىرىنى چاچرىتىپ،
ھەر تەرەپكە مىكروبلارنى تارقىتىدۇ.
لېكىن سەن
ھەقىقىي ياشاپ باقمىغان،
سەن ئاق تۇمشۇق قاغا ئەمەس،
سەن قىزىل رەڭلىك چىملىقمۇ ئەمەس.
مەن بىۋاسىتە سەزگۈمگە ئىشەنمەيمەن،
ئۇ خۇددى تۈنۈگۈن مىترودا ھېلىقى قېرى خوتۇن ئېيتقاندەك:
− ئالدامچى
ئىككىمىزنىڭ بىردىنبىر ئورتاقلىقى−ۋەھىمە،
بىز دائىم بىرلىكتە ئۇنىڭ چۆيۈندەك ئاۋازىنى ئاڭلايمىز،
ئۇ خۇددى چايغا ئوخشاش يىلىكلەرگە سىڭىپ كىرىپ
ئاندىن مەھكەم ئۇيۇپ كېتىدۇ.
مەن تاغنىڭ مىدىرلىشىنى كۆرۈۋاتىمەن،
ماۋزۇ ئىجاد قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى سېزىۋاتىمەن،
دېڭىزنىڭ قارلىغاچ ئۇۋىسىدىكى پەرۋازىغا قاراۋاتىمەن.
سەن مېنى رېئاللىققا سۆرەپ كېلىدىغان قورقۇنچلۇق كۈچ،
ماشىنا دەسسىۋەتكەن قونچاق،
چىنلىقتا پوققا ۋە سەنئەتكە ئوخشايسەن.

 

2

 

ياز پەسلى، ئۇ بىر سۈيقەست
ئىلاستىكىلىق ئەسلىمىلەردە ئاقساپ كېتىۋاتقان
دادامنىڭ ئۆيدىن قوغلانغان چاغدىكى قايتار ماكانى،
لاي كارىۋات.

 

تۈنۈگۈن يامغۇر ياغدى، سەن بىلمەيسەن،
ئۇنىڭ بىچارە ئاۋازى ھېلىغىچە دەرەخ غوللىرى ئىچىدە ياڭرىماقتا،
مەن ئۆزۈمنى بارلىق قۇرت-قوڭغۇزلارغا چېتىشىم كېرەك:
گۇمان بىردىن يوقالغاندا
پەقەت شۇلارلا
پەقەت شۇلارلا ماڭا ئۆزۈمنى گۇمران قىلىدىغان كۈچ بېرەلەيدۇ.
قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئالدىدا پارچە
سېتىلىدىغان نەشە ئېنىق ئېسىمدە،
ئۇ مېنىڭ ئەرزىمەس بالىلىقىم.
بۈگۈن مەن بىر قولنى
پويىز دېرىزىسىدىن سۇنۇلغان بىر قولنى ئەسلەپ قالدىم،
ئۇنى مەھكەم ئەستە تۇتۇش ئۈچۈن مەن غايەت زور بەدەل تۆلىدىم.
چۈنكى ئۇ
سېسىپ كېتىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى.
ئەتراپىمدىكى ھەقىقىي بوشلۇق ئۆلۈم شاتلىقىنى ئېلىپ كېلىدۇ،
بوغۇزۇمغا ئاستا كىرىپ، ئاشقازاننىڭ ئەڭ چۇڭقۇر يېرىگە قاراپ ئاقىدۇ.

 

3

 

مەن جىنسىي ئاجىزلارنىڭ ساپما كەشكە بولغان
ئۆچمەنلىكىنى ئۆگەنگەن.
ئون تۆت يېشىمدا
چىش ئاغرىقى تۈپەيلىدىن ئۇرغان پروكايىن
ئوكۇلىنىڭ تەسىرى تېخىچە پۈتۈنلەي تۈگىگىنى يوق،
ئۈمىتسىز بىر چۈشتىن كېيىندە. لېكىن
مەن قايتالايمەن، سېنىڭ يېنىڭغا قايتىپ بارالايمەن!
دۆڭكۆۋرۈكتىكى سېسىق سۇ ئازگىلىدىن باشقا
مەن يەنە نېمىدىن ئۈمىد كۈتەلەيمەن؟
مەن لاينىڭ پۇرىقىنى پۇراۋاتىمەن.
مەنمۇ ھەقىقىي ياشاپ باققان ئەمەس،
چىراغ ئۆچكەن چاغدىكى سوغۇق قاراڭغۇلۇق،
ئوغرىلىقچە ئانانىزىم
پىيەنچۈككە ئايلانغان بىر مىللەت
ماڭا ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ.
ئەسقەر ماڭا قاراپ:
«يارايسەن كاساپەت!» دەپ ۋارقىرايدۇ.
ۋەھالەنكى،
مەن شەكىل ياراتمىدىم.
ئۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كوزىرىم.
مەن ئوقۇۋاتىمەن، تەرگە چۆمۈلۈپ ئوقۇۋاتىمەن،
ئەرۋاھلارنىڭ ئوبرازى سۈزۈك تېرە رەڭگىنى چەككىلەپ چىقىدۇ،
ئۇ كۆزۈمگە تاشلانغان بۈيۈك نۇر قايتۇرغۇچ.

 

 

 


 

تاھىر ھامۇتنىڭ تەرجىمھالى

 

شائىر، رېژىسسور تاھىر ھامۇت 1969-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.1986-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان. 1992-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)نىڭ ئـۇيـغـۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ھازىرغىچە يۈز پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى، تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە ماقالىلىرى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ خەنزۇچە يېزىلغان «ياز بىر سۈيقەست»، «ئارىلىق» دېگەن ئىككى پارچە شېئىرى خېيلوڭجىياڭ خەلق خەلق نەشرىياتى 1994-يىلى نەشر قىلغان «ئەسىر ئاخىرى: جۇڭگودىكى غوللۇق 500 شائىر» دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى «يۈرەكسىز سۆيگۈ(1996)»، «قەشقەردىكى يەر شارى(2000)» قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 2000-يىلى ئۇنىڭ «غەرب مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى» دېگەن كىتابى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. تاھىر ھامۇتنىڭ «جەنۇبقا سەپەر» ۋە «93 قۇربان ھېيت ھارپىسى» ناملىق ئىككى پارچە شېئىرى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئەسەبىي ئات» (Crazyhorse) ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللى ئالدىنقى يېرىم يىللىق سانى (ئومۇمىي79-سانى)دا ئىنگلىزچە-ئـۇيـغـۇرچە سېلىشتۇرما شەكىلدە ئېلان قىلىنغان. بۇ ژۇرنالغا تاھىر ھامۇتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تاھىر ھامۇتنى «ئـۇيـغـۇر مودېرنىزم شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى» دەپ ئاتىغان. تاھىر ھامۇتنىڭ «قەشقەرگە قايتىش» ناملىق يەنە بىر پارچە شېئىرىنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمىسى ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق ئەدەبىيات ژۇرنىلى «دېڭىز قولتۇقى قىرغىقى» (Gulfcoast) نىڭ 2012-يىللىق 24-سانىدا ئېلان قىلىنغان ۋە تەرجىمىھالى بېرىلگەن. تاھىر ھامۇت 1998-يىلدىن باشلاپ كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىگە كىرىپ، كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە ھېكايە فىلىمى، ھۆججەتلىك فىلىم، ئەدەبىيات-سەنئەت فىلىمى ۋە چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكلىرىگە رېژىسسورلۇق قىلغان. 2007-يىلىدىن باشلاپ تەكلىپلىك پروففېسسور سۈپىتىدە، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى كىنو-تېلېۋىيە-دراما فاكولتېتىدا دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ 2009-يىلى شىنجاڭ ئىزگىل كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنى قۇرغان، ھازىر شۇ شىركەتتە ئىشلەيدۇ.

 

 



2 باھا يېزىلىپتۇ. سىز تېخى باھا يازمىغان ئوخشايسىز... بۇ تېمىغا ئ‍ۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك پىكىرىنى يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىڭىشنى ئارزۇ قىلىمىز!

  • پاراچ | 10:13 | 2017.03.24 جاۋاب

    تەرجىمھالدا بىر ئاز خاتالىق بولۇپ قاپتۇ.
    1998- يىلىدىن باشلاپ كىنو – تېلېۋىزىيە ساھەسىگە كىرگەن دىيىلىىپتۇ. تاھىر ھامۇت 1999- يىلى تۈرمىدىن چىقىپ ، 2001- يىلىدىن باشلاپ ئاندىن بۇ ساھەگە كىرگەن.
    1994- يىلدىن 1996- يىلىغىچە بېيجىڭ مەركىزى پارتىيە مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1996- يىلى سىياسى سەۋەپلەر بىلەن ئۈچ يىل ئەمگەك بىلەن تەربىيلەنگەن.

  • پاراچ | 10:16 | 2017.03.24 جاۋاب

    تاھىرنىڭ مەن ئۆلگەندە دىگەن شىئىرىنى بەك ياقتۇرىمەن

سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !