تاغلارغا نىدا

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 


شېئ‍ىرنى رابىيەم ئوقۇدى
Taglargha_nida.mp3

 

دانادۇر دانە ئاققىنى قان كۆزدىن ياش،
ساقايماس غەمگە مۇپتىلا بولدى بۇ باش،
تاغلارغا نىدا ۋەتەن سېنى سورايمەن؟!
سۆزلەيدۇ كەچمىش ئاتا پۈتكەن قىياتاش.

 

ئەجەبمۇ مېھرىڭ ئىللىق سېنىڭ ئىسسىق كۆل،
تۆمۈر چوقا ئەكسى بار، تۇرار يالتىراپ.
نەپسىمگە قوشۇلۇپ كېلەر سېنىڭ ھىدىڭ،
نە تاقەت كۆرمەسكە ۋەتەن سېنى شۇتاپ؟!

 

ۋەتىنىم ھالىڭ نەدۇر سېنى بىلمەيمەن،
تەڭرىتاغ گىياھىنى سېغىنىپ پۇرايمەن،
ئاق باش چوقىلىرىڭغا تويماي قارايمەن،
سېنى سۆيگەن بۇلۇتتىن سالام يوللايمەن.

 

بۇ يەردىمۇ ئۆرۈك بار كۇچارغا يەتمەس،
ھاي-ھاي قوغۇن تەمى پەيزىۋاتقا يەتمەس،
لەغمەنمۇ بار لەززىتى قەشقەرگە يەتمەس،
ھەممە بار ئەمما ۋەتىنىم ساڭا يەتمەس…

 

يوللىرىدا بوۋام ئىزى بار يۈتمىگەن،
ئاسمىنىدىن ئاي-يۇلتۇز تېخى ئۆچمىگەن،
تاغۇ-دەريا ئېقىشى ھىچ ئۈزۈلمىگەن،
شۇڭا ۋەتەن بىزگە كېلەچەك يۈكلىگەن.

 

چولپان ئاتىدا يورۇق چولپاننى كۆردۇم،
ئەسلەتتى تارىمدىكى چولپاننى ئۆزى.
بېلىقچىدا لەغمەنچى قىزلارنى كۆردۇم،
ئوخشاشكەن ئاقسۇدىكى قىزلارغا ھۆسنى.

 

ئاجايىپ گۈزەل بۇ يۇرت تاغلىرى تۇتاش،
بىلسەك ئىدى ھەممىمىز ئەسلى قەلبداش.
ياراتقان بۈيۈك تارىخ بولۇپ بىز سەپداش،
ئىلتىجا ئۇنتۇما، ئۇيغۇرنى قېرىنداش!

 

تەڭرىتاغ يېشى مىسال ئىسسىق كۆل ئەسلى،
ھەسرەتتىن مۈكچەيگەن بۇرانا قەلئەسى،
ئەي ئېلىم غورۇرىڭدىن ساڭا ئۇلتىمات،
بۇرۇچدۇر قوغدىماققا ۋەتەن مىراسى.

 

ئاق باش چوقا تۇمان ئىچىدە تۇرقى سۈرلۈك،
ئىسسىق كۆل سۇيى سىرلىق، ئاسمىنى ئۆڭلۈك،
نە رايىش ماڭا راھەت ۋەتىنىم كۆيسە،
مەنپەئەتكە قېرىنداش ۋاپاسى ئۆلسە؟!

 

سېنى تاغ ئارا ئوۋچى بولۇپ ئىزدەيمەن،
باش كۆتۈرگەن قۇياشتىن ھەردەم سورايمەن.
يىراقلارغا تەك باشىم ئېلىپ كەتمىسەم،
قارغاي بولۇپ باغرىڭدا كۆكلىسەم دەيمەن.

 

ئىسسىق كۆل، 3- ئاۋغۇست 2019- يىلى.

 



باھا يېزىش چەكلەندى!