سەھەر تىنىقلىرى - ئەلكۈن تورى

سەھەر تىنىقلىرى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
كۆپ – كۆك ئاسمان،
ئاستىدا مەزمۇت –
شاخلىرى پۈتۈنلەي كېسىلگەن دەرەخ،
ياندۇرۇلغان يېنىدا ئاخشام –
ئۇچۇرۇلۇش ئۇنتۇلغان چىراق .
 
مەن كەزگەن بۇ كوچا –
ئاخشامنىڭ تاتلىق ھەسرىتىگە پاتقان
تىنىقىمدا تېلىققان ئەلەم –
ئۇيقۇسىنى ئەمدى ئاچقان .
 
كېلىدۇ ئۇزاق – ئۇزاق قىرلاردىن
سەھەرنىڭ نىداسىنى ئۆزىگە قاتقان
ئەمەس ئۇ پىكاپلارنىڭ گۈدۈكلىرى –
كوچىنى بېشىغا كىيىپ ھۇقۇيۇتقان …
 
ئۇ دېڭىز شامىلى,
تەكلىماكاندىن قۇم ھىدى ئېلىپ كېلىدۇ
ھەممە سېزىمنى يۈرىكىم بىلىدۇ …
سېنى سېغىنىشتا كۈنلەر شۇنداق ئۆتىدۇ
يۈرەككە ھىجىراندىن قىسسە پۈتىدۇ!
 
ئانا تۇپراقتىن سۈرگۈندە
ئىزتىراپ چەككەن ئىسيانكار روھ
ھەر يان سەرسان ئۇيغۇرلۇقنىڭ غېمىدە
ھەر كۈن يېڭى بىر ئۈمىد تۇغۇلغان …
قىسمەتلەر سان -ساناقسىز نېسىگە بوغۇلغان –
مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن ئالغان ھەر قەدىمدە!
 
2013 – يىلى 1- ماي، لوندون
(2017- يىلى 8-ماي قايتا تەھرىرلەندى)
 

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !