قومۇشلۇق

“Qomushluq”ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش : Qomushluq.mp3

شېئىرنى كۈندۇزئاي ھامۇت ئوقۇدى

 
كۈلرەڭ تۇمان دېڭىز سۆيگەن
زېمىننىڭ ئاخىرقى چېتىدە
بەش كۈندە بىر كۈن چىقىدىغان يېرىدە
ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ غەربىدە
دېڭىزدىن ئەڭ ئۇزاق ئەلگە ئوخشاش –
نوزۇگۈم مۆكۈنگەن قومۇشلۇق بار.
 
رىملىقلارنىڭ قىلىچىدا
ناپائىلۇن زەمبېركىدە
دەريالىرى قانغا لىق تولۇپ ئاققان
ھىتلېرنىڭ بومبىسىدا
كېچىدە ئۆيلىرى مەشئەل بولۇپ يانغان
ئەڭ ئاخىرى ئەزىمەتلىرى ياۋدىن قىساس ئالغان …
داستان قىلىپ ئېيتىدىغان جەڭنامىلىرى بار.
 
بۇ ئاجايىپ ئەل،
دېڭىزغا تۆت تەرىپى چىلىنىپ تۇرار
ئەمما ھىچ زامان ئادەمگە مەھكۈم بولۇپ باقمىغان
ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاپمۇ باقمىغان!
قوشنىسىنىڭ بىر تال ئالمىسىنى ھەتتا –
سۇئال -سوراقسىز سېتىپمۇ باقمىغان!
 
توۋا …
ئايىغىم ئاستىدا گۈزەللىك
تىنچلىققا تويۇنغان تەبىئەت جۇلاسى.
بۇ زېمىن قۇلىقىمغا ئاستا پىچىرلايدۇ –
ئۇ ماڭا كەچمىشدىن ھېكايە ئېيتىۋاتىدۇ
ئۇ ماڭا ئادىمىيلىكنى ئۆگىتىۋاتىدۇ …
قۇرۇپ كەتكەن قۇمۇشلارنىڭ يېنىك شىلدىرلىشى
نوزۇگۈم كۆيۈپ كەتكەن شۇ كېچىنى ئەسلىتىۋاتىدۇ …
 
سازلىق ئىچىدە پاتقاققا پېتىق-
ھىچ كىم يېڭىپ باقمىغان قەدىمكى ئۇرۇش
ئەمما ئىچىمدە روھىم پارتىلاۋاتىدۇ
كۈشەندە رەقىبلىرىم مېنى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ…
ئەتراپىمدا دۇنيا تەتۈر چۆگىلەپ
ھەلقۇمىدا ھەممىسى جان تالىشىۋاتىدۇ …
 
تەبىئەت، مەن سېنى سۆيدۈم!
گاھ شاماللىرىڭغا جور بولۇپ ئۇچتى ئاھىم …
گاھ يامغۇر بولۇپ ياغدى زارىم …
سېغىنىپلا كەلدىم سېنى ھەر ئاخشام
توختىمىدى ھەق ئۈچۈن سوققان يۈرەكتىن
سېنى كۈيلەپ ئ‍ۇرغۇغان ناخشام!

 

ۋولبېرسۋىك، شەرقىي ئەنگلىيە. (Walberswick، Suffolk, East Anglia)

4 ـ فېۋرال 2017 ـ يىلى.

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !