بېلىق ۋە مەن

Elkun_beliq_kara_dengizئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
ئاق بۇلۇتلار سەيلىگاھ جىلغا بېشىدا،
ئاقار دەريا شوخلۇق بىلەن، ياقىسىدا مەن.
قارا دېڭىز شامىلى كېلەر تاغلار ئارا،
مەن غەۋۋاس، بۈگۈن تامان بېلىق تۇتىمەن…

 

قىيسايغان قۇياش ئاتەشلىك تەپتى بىلەن،
قىيا تاشلار سۆيۈلمەكتە شاۋقۇن بىلەن.
خىيال چىگىش ھاياتنىڭ ھىممىتى بىلەن…
چۈشتى بېلىق تورغىمۇ، پەريادى بىلەن!

 

كاۋاپ ئوتى كۆيمەكتە يالقۇنى بىلەن،
بېلىقلار جان قايغۇسىدا ۋەھىم بىلەن.
ئېيتتىم دوستۇمغا بۇ ئاجايىپ قىسمەتنى-
”نېمە دەر بولسا بېلىق- ئۆز تىلى بىلەن؟!“

 

بىر توپ كېپىنەك ئۇچۇپ ئۆتتى قېشىمدىن-
يەنە بىر ھەرە غىڭشىپ قۇلاق تۈۋىمدىن.
مىسكىنسىز ھايات ئەسلى بولسا مۇھەببەت،
سۆيۇلسە تەبئەتمۇ ئالەمچە بىزدىن.

قومۇشلۇق

“Qomushluq”ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
كۈلرەڭ تۇمان دېڭىز سۆيگەن
زېمىننىڭ ئاخىرقى چېتىدە
بەش كۈندە بىر كۈن چىقىدىغان يېرىدە
ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ غەربىدە
دېڭىزدىن ئەڭ ئۇزاق ئەلگە ئوخشاش –
نوزۇگۈم مۆكۈنگەن قومۇشلۇق بار.
 
رىملىقلارنىڭ قىلىچىدا
ناپائىلۇن زەمبېركىدە
دەريالىرى قانغا لىق تولۇپ ئاققان
ھىتلېرنىڭ بومبىسىدا
كېچىدە ئۆيلىرى مەشئەل بولۇپ يانغان
ئەڭ ئاخىرى ئەزىمەتلىرى ياۋدىن قىساس ئالغان …
داستان قىلىپ ئېيتىدىغان جەڭنامىلىرى بار.
 
بۇ ئاجايىپ ئەل،
دېڭىزغا تۆت تەرىپى چىلىنىپ تۇرار
ئەمما ھىچ زامان ئادەمگە مەھكۈم بولۇپ باقمىغان
ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاپمۇ باقمىغان!
قوشنىسىنىڭ بىر تال ئالمىسىنى ھەتتا –
سۇئال -سوراقسىز سېتىپمۇ باقمىغان!

كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن يار

“Kechelmeymenئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
سۆزلىيەلمەيمەن
ئوقۇدۇڭمۇ يار تىلىمغا ئەپسۇن
ئاخىرقى قېتىم بىز سۆزلەشكەن ئاخشام.
 
يازالمايمەن
قەلىمىم سىياسى قۇرۇپ كېتىپتۇ
مەن جۆيلۈپ ئويغانغاندا
قۇتىسى ئۇنىڭ چېقىلغان…
قورقۇپ كېتىپتىمەن چۈشۇمدىن 
ۋاقىتسىز ئۈنىم ئۆچۈپتۇ
ساڭا غىڭشىپ مەن ئېيتىدىغان –
تۈنۈگۈنكى مۇھەببەت ناخشام!
 
سېنى سېغنىپ ھەر كېچە –
قۇياش پاتقان مەغرىپكە باقتىم
يۈلتۇزلاغا دەردىمنى ئېيتىپ
يۈركىمدىن ساڭا شىئېر يازدىم.
بۈگۈن يەنە يازغۇم كېلىۋاتىدۇ –
بىزگە كەلگەن ئاچچىق -چۈچۈك 
ھىجىراندىن ئېلىپ ئىلھام!