قارا قاغا ۋە ئاق قاغا

Qara qagha we aq qaghaئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
(بىر شائىرەنىڭ شىېئرنى ئوقۇغاندىن كېيىن)
 
قارا قاغا-
ئاق قاغا ۋە نامەلۇم قاغا…
ياشىغان ماكانىمغا كەل!
يېنىشىڭدا ئېلىپ كەت –
يۇلغۇنلۇققا كۆمۈۋەت
سەن تۆنۈگۈن ئوغرىلىغان –
تۇخۇم ئەمەس –
ئىسمى ئۇنىڭ ھەسىرەت!
 
نازۇك بىر دىل-
چولپان بىلەن تەڭ ئۆلىدۇ
كۈن پېتىشتا كۈلىدۇ.
كېچىسى تىنجىماس
كونا خاماندا شامالجان
داپ ئۇسۇلىغا
سۆيگىنىنى كۈتىدۇ!

يەنە باھار كەلدى

Yene bahar keldiئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
ئۈزاق كۈتۈشلەردىن
توڭى ئېرىگەن ئەگىزلەردىن
غازاڭ ئۈچۈرتقان شاماللاردىن
ئېزگۈ تۇيغۇم ئېيتىدۇ
يەنە باھار كەلدى…
 
ئاخشام قىروۋ قونغان ـ
ياش تامچىيدىغان كىرپىكلەردىن
سەھەر چىققان سېرىق ئاپتاپتىن 
بالدۇر ئېچىلغان باغچامدىكى
ئالا ـ چىپا چېچەكتىن 
ھېجىران ئوقى خەستە قىلغان يۈرەكتىن 
يىل بېشى نورۇزغا 
قارا قىش تامان ئۈششۈگەن ئۈمىد
ئېرىپ كېتىشكە
يەنە كېلىپ قوشۇلدى.

قىزىل قۇياش

Qizil_quyash_Elkunئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Qizil_quyash.mp3

 
مۇئەللەقتە قىزىل قۇياش –
كېچىچە غايىپ ئەرۋاھلار قېنىنى ئىچىپ
قاندەك قىزىرىپ سەھەردە چىقىدۇ…
كۈن چۈشكە قىيسايغاندا
يۈزىدىن ئوتلۇق تەبەسسۇم تۆكىدۇ.
 
پېشىنگە ياندىشىپ –
مۈكچەيگەن مەسچىت ئۆگزىسىدە
قېرى مەزىن ئەزان توۋلىغاندا
يالغۇز توغراق مەھەللىسىدە كاۋاپ بولۇپ
كۆيۈپ ھالىدىن كەتكەن قۇياش –
ئۇستىگە تومۇزنىڭ تونىنى كىيىدۇ!
 
گۈگۈم بىلەن تەڭلا ئىتلار قاۋاشقا –
توخۇلار چىللاشقا باشلىغاندا
قۇم باسقان ئەلنىڭ بۇ ئاسمىنىدا
تۈن كېچىسىدە ئاي – يۇلتۇز قايتا پارلىغاندا
شەرىق ۋە مەغرىبتە ئوخشاش بىر قۇياش
تەڭلا قان رەڭدە قىزارتىپ يۈزلىرىنى
تەبىئەتكە كەچۈرگىسىز ئاسىيلىق قىلىپ بولۇپ
ئاستا ئاستا ئۇۋىسىغا چۆكىدۇ…
تەبىئەتنىڭ گۇناھقا تولغان يەنە بىر بېتى پۈتىدۇ….
شۇڭا ئۇنىڭ تارخىمۇ ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ!