چېگىش چۈش

“Dream
D.H.Lawrence
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمىسى
 
دېرىزىدە قىزغۇچ ئاي
چىقىپ كەپتۇ يوغناپ
ئۆي ئىچىدە كىم بار؟
مەن كارۋاتتا ئىزتىراپ؟
 
جانان ئاياق تىۋىشى
پەلەمپەيدىن ئاستا كېلەر
دېرىزىگە ئۇرۇلغىنى
قۇش قانىتمۇ تۈندە كېزەر؟
 
ئانچە ئۇزاق ئۆتمەستە تېخى
ئۇ لېۋىمگە شېرىن سۆيگەن
ئاي كۈنگەيدە جىلۋە تۆكۈپ
بىز بىر چۈپقا بەخىت تىلىگەن
 
ئاي يۈزىنى بۇلۇت قاپلىغان
قەلب چېگىشى چۈشۇنۇلمىگەن
ئېزگۈلۈك قانلىرىمغا سىڭىشىپ
كەلكۈن بىزنى چۆكتۇرگەن
 
ئەسلى بىز ئۆزۈمىزنى خاتا چۈشەنگەن!
 
1921 – يىلى.
 
________________________________
بىرتانىيىنىڭ 20- ئەسىردىكى ئاتاقلىق يازغۇچىسى ۋە شائىر D.H.Lawrence نىڭ 1958 – يىلى لوندون E.HULTON AND COMPANY LIMITED نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان D.H.Lawrence نىڭ ”مۇھەببەت شېئىرلىرى“ (Love Poems) ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.

 

ئاي قوتانلغان كېچىدە

“Ayئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

شېئىرنى ئاڭلاش: Ay_qotanlighan_kechide.mp3

 

ئۆزۈمدىن ھەسسىلەپ ئارتۇق
توغراقتەك كونىراپ كەتكەن سېغنىشىم
ۋىسال قىرغىقىدا كۈتۈش بىلەن ھالسىرايدۇ،
ھىجىراننى دۇنيادا يوق تىل بىلەن –
قىساس ئەپسۇنى ئوقۇپ قارغايدۇ.
 
ھەر كۈن ئاخشام …
بوينۇم ئارمىنىمغا قىسىلىپ تۈنەيدۇ ،
«ئاي قوتانلىغان» بۇ كېچە ئىچىدە –
بوۋامنىڭ شۇنداق دېگىنى يادىمغا كېچىپ،
ئۆزلۈكۈمنى ئېسىمگە ئېلىپ –
ئۆيۈمدىن ئۇزاق
يارىمدىن يىراق
ئارمىنىمغا قەست قىلغان تۇزاق
ئاي دېغىغا مۆكۈنگەن شەيتان …
ئۇ ئوغرى –
شۇڭا ماڭا ئوغرىدەك قارايدۇ!

ئاسمان سوغىسى

    سەھىپە:Shé'irlar باھا:1 دانە 19-12-2017

ۋىلئام مولوتوۋ (قازاقىستان)

 

سەھەردە كۈن نۇرى چۈشكەن شەبنەمدەك،
كۆزلىرىڭ نىگارىم تۇرار نۇر چېچىپ.
ھۇر باغنىڭ ئىچىدە يۈرگەن سەنەمدەك،
كېلىسەن تۇيغۇم ئىشىگىنى ئېچىپ.

 

سەن تېپىشماق سېھرىڭ ماڭا ئۆتۈكلۈك،
قارىشىڭ مۇلايىم دىلنى ئىرىتەر.
سەھەرنىڭ سۆيۈپ قاچقان شوخ شامالدەك،
ئۈگدىگەن سېزىمىمنى شۇئان سەگىتەر.

 

تەبەسسۇم تۆكۈلەر يۈزۈڭدىن ئىللىق،
پاك دىلىڭ ئەينەكتەك ئەكس ئېتىدۇ.
بولسىمۇ گەر ھايات يولى ئېدىرلىق،
بەخت قۇشى بىر كۈن ساڭا قونىدۇ.

كەسىپ ۋە دىن

Kesip we dinئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى ئاڭلاش: Chechekligen_tuyghu_Elkun.mp3

 

بىر ئادەمنىڭ ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازىنىشى ۋە كەسىپلىشىشى بولسا ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزچىللىقا ئىگە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ۋە مېھنەت تۆكۈش ئارقىلىق ئۆزىگە، ئۆزىدىن ھالقىغىنىنى مىللىتىگە، جۈملىدىن ئىنسانىيەتنىڭ بەختى – سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ. ھەر – بىر شەخىسنىڭ ئىلاھىي ئېتىقادىغا تەۋە بولغان دىن ئۆز پىنھانلىقىدا دۇنيانى بىلىش ئېڭى بىلەن تەڭ يۈكسىلىدۇ ئەمما بىر كەسىپ ئىگىسى ئۈچۈن ئۇ ئومۇمىيلىققا تەۋە بولۇپ ئىپادىلەنمەيدۇ. دىن بىلەن كەسىپ، مىللەت بىلەن مېھنەت، ئىلىم بىلەن تەقدىرچىلىكلەرنىڭ ھەممىسى رىيالىزىم ۋە ئىدىيالىزىملىق بىلىشكە تەۋە بولغان باشقا – باشقا ئۇقۇملارغا مەنسۇپدۇر.

 

دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇر ھاياتىدا مۇبارەك دىنىمىزنى بۇ دۇنيانىڭ كۈندىلىك بەندىچىلىكىدىن ئايرىپ چۈشىنىۋالغان، پانىي دۇنيادىكى ئادەم ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىنى دىندىن ئىبارەت بۇ بىرلا ئارغامچىغا باغلىۋالغان قېرىنداشلىرىمىز ئارىمىزدا كۈنسايىن كۆپىيىشكە باشلىدى. خۇسۇسەن مەن بۇ يۆلىنىشتىن مۇستەسنا ئەمەسمەن چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىلاھىزىملىق بىلىش بويىچە دىنىمىز ئەڭ ئاۋال ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇيغۇر دەپ يارىتىلغان مىللەت (قوۋم) نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى، زامان ۋە دەۋىرگە يارىشا تەرەققىي قىلىپ گۇللىنىشىنى، ئاندىن ئۇنىڭ بىر مىللەت ۋە ۋەتەندە بولۇشقا تېگىشلىك زۆرۈر بولغان ھەممە شەرتلەرنى ھازىرلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دىمەكچىمەنكى بىر يىتۈك مىللەتنىڭ دىنلا بولۇشى ئەمەس، بەلكى ئۇنڭ تىلى، مىللىي مەدەنىيىتى، تارىخى، ئۆزىگە خاس ئۆرىپ – ئادەتلىرى دىن بىلەن تەڭ، بىر -بىرلىرىنى ئىنكار قىلمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى، راۋاجلىنىشىنى شەرت قىلىدۇ.

ئاتىجان

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئاتىجان

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Atijan.mp3

 

ئاتامنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلايمەن.
(مەرسىيە)

 
ئۇچتى ئۆمۈر باغىدىن يورۇق بىر يۇلتۇز،
پەرىشتە جەننەت تىلەپ دۇرۇت ئوقۇدى.
تاۋۇتىنى كۆتۈرۈشتىن مەھرۇم ئەلكۈن،
“ئاتىجان” دەپ بۈگۈن مەرسىيە توقۇدى …

 
سەن تىككەن ئاق تېرەك يالىڭاچ بولۇپ،
بۇ كۈزدە غازاڭلار چۈشكەندە سەن يوق.
باراڭدا ئۈزۈملەر سارغىيىپ پىشىپ،
بولغاندا مەي بىر تال يېيىشكە سەن يوق!

 
قوتاندا قوي مەرەپ سېنى سورايدۇ،
يەم بېرەرىگە چېۋەر قولۇڭ ئەمدى يوق.
خورازمۇ ماتەمدە، سۈكۈتلۈك سەھەر،
قالدى ئۆيۈڭ تۇرۇكسىز ئەمدى سەن يوق!

 
قاپلىدى ئاسمىنىمنى مۇدھىش بۇلۇت،
زار كۈتكەن نىجات قۇياشى بۈگۈن يوق.
سەن نۇرلۇق ئاي ئىدىڭ قەلبىمگە يانغان،
تۈن بولدى بۇ كۈنۇم كۆرەرگە سەن يوق!

يوپۇرماق

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

كۈزدىكى سېغىنىش

جۇت قىش قوغلىدىمۇ يۇپۇرماق سېنى،
ئۈزۈلدۇڭ ۋاقىتسىز تېنىڭدىن جۇدا.
ياكى داپ چالدىمۇ ساڭا شاماللار؟
ئۈچتۇڭ بۈگۈن ماكانسىز بولۇپ سەۋدا…

 

جۇت قىش قوغلىدىمۇ يۇپۇرماق سېنى،
تاڭ سەھەردە ھىجران ناخشىسى ئېيتىپ.
كېزەرمەن ۋىسال تۇغقان بۇ كوچىنى،
نەپسىمگە سېغىنىش ھېسلىرىنى قېتىپ.

 

جۇت قىش قوغلىدىمۇ يۇپۇرماق سېنى،
سارغىيىپ رەڭگىڭ يېشىلدىن تۆنۈگۈن.
بولمىغىن ئەمما سەن ھىجرانغا ئەلچى،
خازاندەك توزۇمىسۇن سۆيگۈ بۈگۈن!

 

جۇت قىش قوغلىدىمۇ يۇپۇرماق سېنى،
سارغىيىپ ئالتۇندەك ھۆسىن – جامالىڭ.
كەتسەڭ گەر پەسلىنى پەرۋاسىز ئىزدەپ،
كۆكلىگىن گۈلۈم بولۇپ باھاردا مېنىڭ؟!

 

29 ئۆكتەبىر، 2017- يىلى. لوندون

 
 

يۈرىكىم يانسا مەيلىمۇ؟

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

يۈرىكىم يانسا مەيلىمۇ؟

شېئىرنى ئاڭلاش: Yurkim_yansa_meylimu.mp3

شېئىرنى كۈندۈزئاي ھامۇت ئوقۇدى

 

شېئىرنى ئاڭلاش: Yurkim_koyse_meylimu_Aykun.mp3

شېئىرنى ئايكۈن ئوقۇدى

 

پەسىلنىڭ رەڭلىرى تۆكۈلگەن دەملەر،
ئۇچمىدى خازاندەك ھاياتتىن كىملەر،
مۇسىبەتتىن ئاقساق ئېغىر قەدەملەر،
پىغاندىن يۈرىكىم يانسا مەيلىمۇ؟

 

سۈكۈتتە مەن سەھەر دەريا بويىدا،
بەزمىگە چۈشكەن قۇشلار دان كويدا،
چۆگىلەر تۈگمەندەك دۇنيا ئويۇمدا،
ئازابتىن بۇ يۈرەك كۆيسە مەيلىمۇ؟

 

قارغايلار ئاسمانغا قاراپ سەپ تارتقان،
تاغ باشىغا تۇمانلار ئۇپۇق ياپقان،
ۋادىلار سارغىيىپ يالىڭاچ ياتقان،
خازان بولۇپ ئۆمۈر كەتسە مەيلىمۇ؟

 

تارىمدىكى ئالتۇن كۈزىنى مەن سېغىنىپ،
توغراق ياپرىقىدەك كۈزدە سارغىيىپ،
تەڭرى سۆيگەن كۆككە ئىلتىجا قىلىپ،
ھايات ئۆتۈپ كەتسە تۇراي مەيلىمۇ؟

 

پەسىل بىلەن تۇيغۇم تۇغۇلۇپ تۇرسا،
سۆيگۈم بىلەن نەپرەت كۈرەشكە تولسا،
كۈلكەم بىلەن يىغام ئايرىلماس بولسا،
پىغاندىن بۇ يۈرىكىم يانسا مەيلىمۇ؟

 

سۇ يۈزىدە لەيلەپ ئاقار يۇپۇرماق،
ئەكسىم تىترەپ تۇرار ئۈستىدە بىراق،
قويۇلغان ھاياتقا سېھىرلىك سوراق،
ئەلكۈن پىغاندىن ئۆلسە مەيلىمۇ؟!

 

16-ئۆكتەبىر 2017- يىلى، لوندون.

 

كۈزدىكى سېغىنىش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

كۈزدىكى سېغىنىش

يەردە ياپراق ئۆلۈمنى كۈتكەن بۇ سەھەر،
جۇدالىق شامىلى غۇيۇلداپ ياندىن ئۆتەر.
بىر توپ قاغا دەرەخ ئۇستىدە ھازىدار …
ئاھ يار، سېغىنىشىڭ بۈگۈن يۈرەككە يېتەر!

 

سېغىزخان تاقلاپ يولۇمدىن توغرا ئۆتتى،
ئاڭلارمەنمۇ بىر خوش-خەۋەر ياردىن شۇئان.
مەن كۈلسەم دەقىقە ھايات لەززىتىدىن –
بولماسمىدى ھىجران غايىپ ئارىدىن پىنھان ؟!

 

«كۈز- سەن ھىجران ئەمەس» دەپ نەزمە يازساممۇ،
ياپراق ئاياق ئاستىدا چەيلىنىپ ياتتى.
باھارنى كۈز بىلەن تەڭ چىللاپ باقساممۇ،
قىش دېدى «مەنىسىز باھار كەلمەسكە كەتتى!».

 

كەتمەكچى يىل بىلەن تەڭ ئالتۇن كۈز بۈگۈن،
بىز ئۇچراشقان شۇ كۈننى ئۆتمۈشكە تاشلاپ.
بىلمەيمەن يەنە نەچچە كۈز ئۆتەر بەلكىم،
كەلمىسەڭ قىشتىن بۇرۇن باھارنى باشلاپ؟!

 

مەيلىمسىز ھىجرانغا قۇل مەھكۇم مۇھەببەت،
ۋىسال كۈننى كۈتىدۇ تاقەتسىز پەقەت.
كۈز رەڭگىدەك سارغايدى ئەلكۈن يۈرىكى،
ياشامدۇ كۆيگەن ئوتنى يوشۇرۇپ ئەبەد؟!

 

17- ئۆكتەبىر (01:08) 2017- يىلى. لوندون

 

‏ خەيرلىك دۇنيا

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
Xeyrilik dunya

ئەسەرنى بىۋاستە ئ‍اڭلاش: Heyrilik_dunya.mp3

 

خەيرلىك دۇنيا!
ھەر كۈن سېنى سۆيۈپ تۇغۇلدۇم
سېنىڭدىكى جىمى بار نەرسىنى-
ئاي، كۈن، يۇلتۇز، تاغ، دەريا، دېڭىز …
شۇڭا سۆيۈپ ھەم سۆيۈلۇپ ياشايمەن!
چۈنكى مەن ئادەم!

 

شۇڭا ھەر نەپەستە
ھەر سەھەردە
مەن ئىنسانلىقنى كۈيلەيمەن،
ھارمايمەن…
ئۆزىنى ئادەم دېگەنلەردىن-
بىر قوشۇق ئادىمىيلىكنى تىلەيمەن!

 

2017- يىلى، 3- ئۆكتەبىر. لوندون.

ئۆزلۈكنى چۈشنىش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
“Bir

 

ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆزگىلەرنى چۈشىنەلىگەن ئەقىل ئىدراك بىلەن ياشىشىمۇ زور بىر بەخىتتۇر. ئادەملەر دۇنياسىنى ئالىمىدىن نادىنغىچە، دەھرىسىدىن سۇپىسىغىچە، ئاشىقىدىن مەشۇقىغىچە، بېيدىن گادىيغىچە، ھەتتا شاھىدىن بىر بۇردا ناننى تىلەپ ئارا تېپىپ يېيەلمەيدىغان قەلەندىرىگىچە گۈزەل دەپ تەرىپلىشىدۇ. بەلكىم بۇ راستۇر، بەلكىم بۇ يالغاندۇر ۋەياكى ھەر ئىككىلىسىدۇر ئەمما ھىچ بىر مۇنازىرە تەلەپ قىلـمايدىغان بىر ھەقىقەت شۇكى ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇ دۇنيانى ئۆزى ئۈچۈن گۈزەل ياكى دەشتى چۆل قىلىپ يارىتىشى شۇ كىشىنىڭ ئۆز مېھنىتىدىن سورىلىدىغان سوراقتۇر.

 

گاھىدا ھايات مۇساپىمىزدە زاماننىڭ زارى بىلەن خوشاللىق ۋە قايغۇنىڭ نۆۋىتى ئالمىشىپ قارا كۆزىمىزدىن سىرغىپ چۈشۈپ تۇرىدىغان ياشلار يۈركىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا بىزگە ھىچ يوشۇرماستىن نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى پىچىرلاپ تۇرىدۇ. ئۇنى سىزدىن باشقا ھىچ بىر كىشى سېزەلمەيدۇ ياكى تارتىپ ئالالمايدۇ. دېمەك بۇ يەردىكى گەپ دەل سىزدە شۇنداق پىچىرلاپ، يۈركىڭىزدىن ئېيتىلىۋاتقان ئىنسانلىقنىڭ چىن ھەقىقىتىنى ئېنىق ئاڭلىيالىغىدەك سەزگۈر بىر جۈپ قۇلاقنىڭ بار ياكى يوقلىغىدۇر چۈنكى بىز ئادەملەر ھەرقانچە ياۋايىلاشمايلىكى، ھەرقانچە رەھىمسىزلەشمەيلىكى، ھەر قانچە شەرمەندىلەشمەيلىكى بىز ھەممىمىزنىڭ بۇ دۇنياغا ئادەمىي مېھرى ـ مۇھەببەت بىلەن كەلگەنلىكىمىزدەك،  بىئولوگىيىلىك گېىن تارىخىمىز قەلبىمىزدە ھەر دەقىقىدە بىزگە يۈرىكىمىزنىڭ سوقۇش رېتىمى بىلەن تەڭ خاتىرلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا بىز دەيمىز شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىز ئادەمدۇرمىز.

 

2016 ـ يىلى 5 ـ ئۆكتەبىر.