يازغۇچى مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىنى ئەسلەيمەن

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

(ئوچېرىك)

 

Mesumjan_Zulpiqar

(باغداش مۇنبىرىدا نەشىر قىلىنغان نۇسخا ئاساسىدا ئېلكىتاب قىلىپ قايتا نەشىر قىلىندى)

 

«ئەلنىڭ غېمىنى يېگەن ئەر ئۆلمەس» _ ئۇيغۇر خەلق ماقالىسى

 

ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈن ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئوت يۈرەك پەرزەنتىدىن ئايرىلدى. مىللىي ئارمىيىنىڭ سابىق كاپىتانى، ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىر، دراماتورگ مەسۇمجان زۇلپىقار ئەپەندى مىلاى 2012 – يىلى 12 – ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى 87 يېشىدا ئالمۇتا شەھىرىدە ئالامدىن ئۆتتى. زىنھار ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان بەدەللىرىگە شەپقىتىنى ئايىماي بېرىدىغان جانابى ئاللا مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى جەننەتتىن ئاتا قىلغايسەن. ئامىن!

 

ئىنسان ھاياتىنىڭ كەچمىشى ھېسابلىنىدىغان تارىخ قامۇسىنىڭ بەتلىرى ھەر كۈنى ئۆزىگە يېڭى بىر بەتنى قوشۇپ كېيىنكىلەر ئۈچۈن يادنامە قالدۇرۇپ ماڭىدۇ. دۇنيانىڭ ئاڭلىق ئىگىلىرى بولغان ئىنسانلار ھاياتى ئەڭ ئاخىردا ماماتلىق زەنجىرى بىلەن بوغۇلۇپ بۇ پانىي ئالەمدىن ۋىدالىشىدۇ. ھېچ بىر بەندە بۇ تەبىئىي قانۇنىيەتتىن مۇستەسنا ئەمەس ئەمما ئۆز ھاياتىدا ھاياتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن، ئۆز قوۋمىنىڭ بەختى، ئاسايىشلىقى ئۈچۈن تەر ئاققۇزغان ئىنسانلار گەرچە ۋاقىتسىز بىز ھاياتلىقلار توپىدىن غايىب بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئېتىقادى، ھاياتى بەدىلىگە ياراتقان ئەمگەكلىرى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ بەلكى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ خاتىرىسىدە ھايات مىزانى سۈپىتىدە سېغىنىش بىلەن داۋاملىق ياد ئېتىلىپ تۇرىدۇ……..

ئۈزۈلمەس تارىخىي رىشتە

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 
ئۈزۈلمەس تارىخىي رىشتە

(مەزكۈر تېما باغداش مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلۈپ قايتا نەشىر قىلىندى)

 

خەلقئارالىق ھون ۋە ئورال ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەرىنىڭ 2011 –يىلى 21 – فېۋرالدىن 24 – فېۋرالغىچە دوناي دەرياسى بويىدا ئۆتكۈزگەن ئۇچۇرىشىشى توغرىسىدا يېزىلغان ئەدەبىي خاتىرە

 

( ”دوناي دەرياسىدىن ئورخۇن بويلىرىغا سەپەر“ ناملىق كىتاپتىن قىسقارتىپ ئېلىندى)

 

تارىختىن ئىككى سۆز:

 

”ھونلار – ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى چاغدىكى ئەجدادى. ھونلار باشقا ھەممە تۈركىي خەلقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىمۇ ئاساسلىق رول ئوينىغان“. دېمەك ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ سائەت سترېلكىسى -21 ئەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقان بۇ دەقىقىلەردە تارىختا ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا تۈركى ئېتنىك قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدە ئالەمشۇمۇل ئىمپراتۇرلۇقلارنى قۇرۇپ تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۆزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى، مۇستەقىل دۆلىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ۋە دۇنيا تەرىپىدىن تارىختىكى ھونلارنىڭ …..

سەھەر تۇيغۇسى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 
2015 – يىلى 7 – نويابىر. لوندون
 

ئەنجۇر

بۈگۈنكى كۈن شېكەر شەنبە، بىر ھەپتىلىك ئىش ئالدىراشلىقى تۈگەپ ئارام ئالىدىغان كۈن. مەھەللىمىزنىڭ ئەتراپنى ئۈستىدىكى يېشىل يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ چۈشۈپ يېرىم يالىڭاچ ھالغا كېلىپ قالغان ئورمان قاپلىغان. قارىماققا بۇ كۆرۈنۇش كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلسىمۇ ئەمما كۈز كۈنلىرىنىڭ سەھەردىكى ساپ ھاۋاسى ئېلىكترونلۇق رەقەملەر بىلەن تولۇپ خامۇش بولۇپ كەتكەن بېشىمىزنى سەگىتىپ ئاز ـ تولا راھەت بېغىشلايدۇ. مەن ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى كىچىك باغچىغا چىقىپ ھېچكىم ھەق تەلەپ قىلـمايلىغان ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەس ئېلىۋاتىمەن…

 
قەدەملىرىم ئاستىغا سارغايغان يۇپۇرماقلار پايانداز سالغان…مەن ھەر يىلى كۆز ئالدىمدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بۇ شەپقەتسىز مەنزىرىگە سۈكۈت ئىچىدە سوغۇق نەزەر تاشلايمەن. جانغا بەخىش باھاردىن، راھەت پەيزى يازدىن كېيىن تەكرار كېلىپ تۇرىدىغان زىمىستان قىشتىن بۇرۇنقى مېنىڭ بۇ كىچىك باغچامدىكى تەبىئەتنىڭ ھايات ـ ماماتقا تولغان ئېچىنىشلىق ئورۇن ئالـمىشىشلىرى، ماڭا ياپ ـ يېشىللىقتىن رەڭگى سارغىيىپ ۋاقىتسىز يەر باغاشلىغان، خۇددى مۇشۇ خازانلارغا ئوخشاش ئۆز مەيلىمسىز كېتىپ بارغان ئۆمۈر باھارىمنى ئېسىمگە سالسا، بۇ كۆرۈنۇش ماڭا يەنە بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا بوۋام ئېيتىپ بېرىدىغان زەپەر شادلىقىدىن كېيىن تراگېدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان قەھرىمانلىق قىسسەلىرىنى ياد ئەتكۈزۇدۇ …..