باكۈدىكى كىتاپخانىدا

Bakudiki kitapxanidaئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

(Visiting a book shop in Baku)

 

بۈگۈن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ شەھرىنىڭ مەركىزىدىكى «ئاكادېمىيە كىتاپ مەركىزى» كىتاپخانىسىغا كىردىم. بۇ كىتاپخانىنىڭ ئادەملەر بىلەن تولغان قايناق شەھەر مەركىزىگە جايلاشقىنىغا، كىلاسسىك سوۋېت ئوسۇلىبىدا ھەشەمتلىك سېلىنغان، مىللىي نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن ۋە كۆلىمىنىڭ زۆر بۇلىشىغا قارماي، مەن كىتاپخانە ئىچىگە كىرگىنىمدە ئىچىدە كىتاپ ساتىدىغان بىر قىز ۋە بىر ياش بالىدىن باشقا ھىچ بىر كىشى كۆرۈنمەيتتى. دەسلەپتە سەل شۆھبىلىنىپ «مەن كىرگەن بۇ يەر كىتاپخانىمۇ ياكى باشقا بىر يەرمۇ؟» دەپ ئۆزۈمدىن سورىغاچ كتاپخانە ئىچىدىكى كىتاپلارنى كۆرۈشكە باشلىدىم …. بۇ يەردىكى كىتاپلارنىڭ تەڭدىن كۆپى روسچە ، قالغىنى سىلاۋيان يېزىقىدىكى ئەزەرچە، يەنە بىر قىسمى ئەزەر لاتىن يېزىقىدىكى كىتاپلار، قالغانلىرى ، بولۇپمۇ تىببى ۋە پەن تېخنىكا ھەققىدىكى كىتاپلار بولسا تۈرۈكچە ئىدى. كىتاپخانىنىڭ تارىخ يايمىسىدىن ئەزەر ياكى تۈركى خەلىقلەر ھەققىدە يېزىلغان كىتاپلارنى ئىزدەپ يۇرۇپ ئەزەر لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان بىر تارىخ كىتاپىنى تاپتىم. ئۇ كىتاپنى ئوقۇپ كىتاپخانىدا بىر سائەتتەك تۇردۇم ئەمما كىتاپخانا ئىچىدە مەن يالغۇز ئىدىم، كىتاپخانە ئىچىگە ھىچ بىر كىشى كىرمىدى. كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرۇپ ئۈرۈمچىدىكى، لوندوندىكى ئادەملەر بىلەن لىق ـ لىق تولۇپ تۇردىغان ئاۋات كىتاپخانىلار ئېسىمگە كەلدى. بۇ ئاجايىپ خىياللارنىڭ تۈرۈتكىسىدە بىر قانچە يىللار بۇرۇن تۈركى مىللەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان غەرىبلىك جەمىيەتشۇناس ئاكادېمىكنىڭ بىر ماقالىسىدا مۇنداق دېگىنى ئېسىمگە كەلدى «پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى دۆلەت ۋە خەلىقلىرى ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇرلار ئەڭ كىتاپ ئوقۇيدىغان خەلىق بۇلۇپ، جۈمىلىدىن ئۇيغۇر تىل يېزىقىدا ئۆتكەنكى 10 يىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ كىتاپ نەشىر قىلىنغان».

مومام قەسىدىسى

Momam qesidisiئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 
ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى
باغ ئىچىدە مۈكچەيگەن –
مەسىدەخان مومام سېۋىتىگە لىق ئالما تېرىدۇ 
قىزىل ئالمىلار
سېرىق ئالمىلار 
كۆك ئالمىلار …
ھەممىسى مەي بولغان
ھەممىسى بىر – بىرلىرىدىن چىرايلىق 
كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.

 
ئالمىلار خۇش پۇراق چاچىدۇ 
چۈنكى ھەممىسى ئىچىدىن قۇرتلاپ كەتكەن   
ئەمما ئانا بۇ ئالمىلار بىلەن
يەيدىغانغا زاغرا نان يوق  
ئۇچىغا كىيىدىغانغا كىيىمى يوق – 
يېتىم قالغان بەش بالىسىنى باقىدۇ.

 
مومام قولىدا بىر سېۋەت قىزىل ئالما 
بەدۆلەتنىڭ ياغسىرىغان ئىشىكى –
غىچىلداپ ئاستا ئېچىلىدۇ.
مومام ئۆزى بىلەن تەڭ مۈكچەيگەن 
غېرىبلىققا چۆككەن ئۆيىگە كىرىدۇ
شۇئان نۇرسىز كۆزى ئالدىدا
خۇش – خۇي بوۋامنىڭ –  
خىزىر سۈپەت سىماسى كۆرىنىدۇ…. 

تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر (4)

News from Tartary book cover

ئاپتورى پېتېر فلېمىڭ Peter Fleming *
ئېنگلىزچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى
 News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir
بۇ كىتاپ 1936- يىلى بۈيۈك بېرتانىيىنىڭ ئوكىسفورد Oxford Alden Press نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان

 

6-باب: چۆل يولى

 

3- بۆلۈم

رۇس ئالدامچىلىرى

 

رۇسلارنىڭ سىنكاڭدا قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ئەڭ ئاخىرى مەقسەتلىرى قاراڭغۇ ئىدى ھەم ئۇلار مېنىڭ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلىشىمنى توسۇپ قالالمايتتى. ئۇلارنىڭ ھازىر ساختىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك مەقسىتى بولسا بۇ ئۆلكە ھۆكۈمىتى ئارقىلىق بېرتانىيەنىڭ بۇ يەردىكى مەنپىئەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىدى. ھازىر پۈتۈن ئۆلكىدە 500 نەپەردىن ئارتۇق بېرتانىيەنىڭ ھىندىستان پۇقرالىرى ياشايتتى. ئەسىرلەردىن بۇيان ھىندىستان بىلەن قەشقەر ئوتتۇرىسىدا تىجارەت قىلىۋاتقان سودىگەرلەر 18 مىڭ فۇت (تەخمىنەن 5000 مېتىر)  ئېگىزلىكتىكى تاغ داۋانلىرىنى مىڭ بىر مۇشەققەتتە كېسىپ ئۆتۈپ سودا قىلىپ كېلىۋاتاتتى. سودا ئالاقىلىرى تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە روناق تېپىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىر يىللىق سودا سوممىسى 10 مىليون رۇپىيىدىن كۆپرەك بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما روسىيە ئىنقىلابى يۈزبەرگەندىن باشلاپ بۇ خىلدىكى تىجارەت رىقابەت مۇناسىۋەتلەرىمىز پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. 1935- يىلىغا كەلگەندە بىزنىڭ بۇ ئۆلكە بىلەن بولغان سودا تىجارىتىمىز بۇرۇنقىدىن %25 كېمىيىپ كەتكەن ئىدى. بۇ تەبىئىيكى 1933-34 – يىللىرى ئۆلكىدە يۈزبەرگەن قالايمىقانچىلىقلار سەۋەپلىك بولۇپ، يەنە كېلىپ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ رۇسلارنىڭ سىنكاڭنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆز كونتروللىقىغا ئېلىۋېلىشىدىندۇر. 1931- يىلىدىن باشلاپ تۈرك-سىبېرىيە تۆمۈر يولىنىڭ قۇرۇلۇشى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن داۋام قىلدۇرۇلغان بولۇپ، تۆمۈر يولنىڭ مەلۇم بۆلەكلىرى بۇ ئۆلكىنىڭ چېگرىسىدىن بىر قانچە ئىنگلىز مىلى يىراقلىقتا ئىدى. تەبىئىيكى تۈرك-سىبېرىيە تۆمۈر يولىنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ سىنكاڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئالاھىدە ئەۋزەللىكلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ھازىرقى ئەھۋالدا ئارىلىقتىكى مۇساپە ۋە يول ئىمكانىيەتلەرنى سېلىشتۇرغاندا قەشقەردىن موسكۋاغا تاش يول ۋە پويىز بىلەن 15 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يىتىپ بارغىلى بولاتتى. ئەمما بۇ يەردىن ھىندىستانغا بارىدىغان ئەڭ يېقىن يەردىكى تۆمۈر يولغا يىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 5 ھەپتىدىن 6 ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتەتتى. ئەگەر ھىمالايا تېغىدىن ئۆتۈپ بېرىش توغرا كەلسە ئادەتتە كەم بولغاندا يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت كېتەتتى. جۇڭگونىڭ پېكىندىن ئۈرۈمچىگە كارۋانلار ئادەتتە 3 ئايدا ۋاقىت ئىچىدە بېرىپ بولالايتتى. (256-بەت) …..