سەھەر تىنىقلىرى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
كۆپ – كۆك ئاسمان،
ئاستىدا مەزمۇت –
شاخلىرى پۈتۈنلەي كېسىلگەن دەرەخ،
ياندۇرۇلغان يېنىدا ئاخشام –
ئۇچۇرۇلۇش ئۇنتۇلغان چىراق .
 
مەن كەزگەن بۇ كوچا –
ئاخشامنىڭ تاتلىق ھەسرىتىگە پاتقان
تىنىقىمدا تېلىققان ئەلەم –
ئۇيقۇسىنى ئەمدى ئاچقان .
 
كېلىدۇ ئۇزاق – ئۇزاق قىرلاردىن
سەھەرنىڭ نىداسىنى ئۆزىگە قاتقان
ئەمەس ئۇ پىكاپلارنىڭ گۈدۈكلىرى –
كوچىنى بېشىغا كىيىپ ھۇقۇيۇتقان …

گۈل تىكىنى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

باغۋەن ئىدىم
باغچىدا پەرۋىشكە قول سۇندۇم
ۋايسىدىم ـ
ئاغرىدى تىكەن قادالغان بارمىقىم.

 

شەبنەمگە ئوخشاش
ئىككى تامچە قان تامچىدى…
قان رەڭلىك ئەتىرگۈل قاتلىرىدا
سەل توختاپ سېڭىپ تۈگىدى…

 

ئاخىر گۈل پۇتاقلىرى كېسىلدى
چېگىشكەن نوتىلار يېشىلدى!

تۇنجى مۇھەببەت

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

سۆيگۈ يانغىن
تەلۋە ساداقەت
كۈتۈشلەردىن چەكسىز ھالسىرىغان
قەلب قۇلۇپنىڭ تومۇرى چېگىشكە

ماماتقا يېقىن تۇنجى مۇھەببەت!

 

ئۇچراشقان ئوتلۇق كۆزلەر
ئەركى بىلەن باقالمايدۇ
مۇرات يولىدا ئاشىق دۈم يېتىپ يىغلايدۇ…
مەشۇق ھىجران دوقمۇشىدا تەنھا
خىيالىدا سۆيگىنىنى ئويلايدۇ …
يەنە قانچە كېچىنىڭ ئۆتىشىنى ـ
ئۈنسىز سانايدۇ…
مۇھەببەت ھەر باشقا سېھرىگەر
ئۇ كونا يولىدا شۇنداق قاترايدۇ!