يۇرتۇمدا بىر كۈن

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
Yurtumda bir kun

شېئىرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Yurtumda_bir_kun.mp3

 
كېۋەز شادىسى يازنى ئەسكە سالار،
كانايدا ياڭراق دېھقاننىڭ ئىسمى.
ئايىقىمدا توپلۇق يول، مۇزلۇق ئېتىز،
تۆكۈلەر يامغۇر بوپ تارىمنىڭ قۇمى.
 
ئاتام تىككەن تېرەكلەر مۈكچەيگەن،
خۇددى ئاتامنىڭ ھالىغا ئوخشاش.
ئانام توخۇسىنى دانلاشقا چىللار،
تېلىققان ئاسماندا نۇرسىز قۇياش.
 
تۆت تۈپ تېرەك يول بويىدا قىيسىق،
قىزىل لوزۇنكا تۇغ بولۇپ تۇرار.
‘ئېلىپبە’ ئۆگەتكەن موللا ئۆلۈپتۇ،
مۇڭگۈز قەبرىسىگە بولۇپ يادىكار.
 
بۈگۈن بۇرچىنى ئۇنتۇپ خوراز،
كاتىكىدە چىن چۈشتە تاڭغا چىللار.
ئانام باققان ئەركە قوزىچاقلار،
كېلەر يىل بۇ كۈنى قۇربان بولار.

ۋەتەن ۋىسالى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
قەلبىمدە ھىجران مىڭ مەرتە ئۆلۇپ
مىڭ مەرتە قايتا تىرىلگەن
كەچ كۈزدىكى غېرىب باغچامدىن
دېڭىز سۇيىدە نەملىشىپ ـ
دات بېسىپ كەتكەن ئاھۇ ـ زارىمدىن
مەن ئاشىق ئالتۇن رەڭلىك ياپراقنى
ماڭا تەۋە ھەممىنى قوشۇپ ـ
كۈز «ھىجرا ئەمەسكەن!» دېدىم
سەھەردە تۆكۈلگەن شەبنەمگە باغلاپ ـ
ئۈچتۇم ئۇلاردىن گېلەم ياسساپ!
 
مەن توغلۇپ ئۆسكەن توپلۇق ماكان
سۈكۈتتە مۇڭلۇق ناخشا ئېيتىدۇ …
ئاتام سەكراتتا خىيالغا چۆمگەن …
ئاپامنىڭ كۆزىدە تەشۋىشلىك دۇنيا
مەن بىر چاغ كۈيلىگەن ئاق ۋە قارا قاغىلار ـ
ئانام قەبرىسىنى مەن يوقلىغاندا تۆنۈگۈن
بۇ دەملەرگە پەقەت ئۇلارلا گۇۋاھ!

كۈز ـ سەن ھىجران ئەمەس!

Kuz hijiran emes

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئاۋازنى بىۋاستە ئ‍اڭلاش: Kuz_sen_hijran_emes.mp3

 

ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلىغان، ياز قۇياشنىڭ ئاتەش نۇرلىرىدىن ئەسىرمۇ يوق، كىشنىڭ كۆڭلىگە بوران – چاپقۇننى، ھايات – ماماتلىق تەبىئەتنىڭ تىراگېدىيىسىنى ئەسلىتىدىغان بىر چاغ. مەن مەيۇس سەھەردە باغچىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كەلدىم. ئەييۇھەنناس! بۇ يەردىكى كۈز كۆز ئالدىمدا مەھبۇبىنىڭ مۇھەببەت ۋىسالىغا يېتەلمىگەندىن كېيىنكى ئۆزىنى ئولتۇرۇۋېلىش درامىسىنى ئويناۋېتىپتۇ.  

 

كۈز ياپراقلىرى شەبنەمدە تۆكۈلگەن يالتىراق ياشلىرىنى پاقىرتىشىپ، ھىجران ناخشىلىرىنى بولۇشىغىچە ئېيتىشىپ، دەرەخلەر بىلەن ۋىدالىشىۋېتىپتۇ، نىمجان جىسمى سوغۇق يەرنى، تۇپراقنى باغاشلاۋېتىپتۇ. باغچىنىڭ بۈگۈنكى كۆرۈنىشى ياپراقلارنىڭ مازارلىقنى ئەسلەتتى.  قاغا – قۇزغۇنلار ۋە يەنە قانداقتۇر ماڭا نامى نامەلۇم  بولغان، ئادەمگە بىر كېلىشمەسلىكنىڭ، بەختسىزلىكنىڭ، كۈلپەتنىڭ سېزىمىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان بۇ ۋەھشى ياۋا قۇشلار دەرەخ ئۇستىگە قونۇشۇپ، يازنى بوستان قىلغان ئەشۇ ياپ يېشىل يوپۇرماقلارنىڭ بەختسىزلىكىنى تاماشا قىلىشىپ بەھرى سۇرۋاتقىدەك…. ئۆزۈمگە ئاستا پىچىرلاپ ”توۋا ! بىز ئادەملەرلا ئەمەس، ئەمدى بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانىڭ تەبئىتىدىنمۇ مۇھەببەت يوقاپ كەتكەنمىدۇ؟ ئۇلارنى كىملەر نېمە سەۋەبلەر بىلەر شۇ  قەدەر رەھىمسىزلەشتۇۋەتكەندۇ؟ ياكى ئۇلارمۇ بۇ نائىنساپلىقنى ئادەملەردىن ئۆگەنگەنمىدۇ؟” دېگۈدەكمەن.

 
[تولۇق ئوقۇش]