باھارىم سېنى كەل دېدىم

“Baharim

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Baharim_seni_kel_didim.mp3

 
باھار گۈلى نارگىز ناز بىلەن ئېچىلغاندا،
باغچامغا بۇلبۇل كېلىپ بەزمىگە قونغاندا،
ئاق لىباسستىن ئۆرۈك چېچىكى رومال ياپقاندا،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم.
 
قىراۋلىق پەلەك تەبەسسۇم قۇياش تۇغقاندا،
پەسىل تۇرنىللىرى باھار ئىزدەپ ئۇچقاندا.
زەينەپمۇ مۇڭغا پېتىپ يارنى سېغىنغاندا،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم.
 
قۇياش نۇرى جىلۋە تۆكۈپ پارلىغان سەھەر،
ئەيلەر كۆڭۈلنى ئىنتىزار خەستە شۇ قەدەر؟!
مەن رازى باھارغا گىياھ بوپ كۆكلىسەم ئەگەر،
زار كۈتكەن باھارىم، بۈگۈن سېنى كەل دېدىم.

ئەلكۈننىڭ سۈرىتى

Elkunning suriti

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
(ياشلىق قەدمىمنى بېسىشنىڭ ئالدىدا مۇڭلۇق خىياللار قاينىمىغا چوككەن بىر بالا ئىدىم ….
1985 – يىلى سېنتەبىر، شايار)

 
ياشلىققا قەدىمىم يىتىشتىن بۇرۇن،

خىيالچان بالىتىم مۇڭغا چۆككەن.

كېچە يۇلتۇزىدىن بەخىت ساناپ،

سەھەردە قۇياش بىلەن تەڭ ئۆسكەن.
 
شۇنداق بالىتىم ھەممىگە قىزغىن ،
”نېمىشقا؟“ دېگەن سۆز ماڭا ھەمراھ…
گاھىدا ئاتاجان تىرىكىپ كەتسە،
چۇشنەتتىم دۇنيانى تىلسىم جەڭگاھ…
 
چوڭ بولدۇم بوۋام ھېكايىسىدىن.
توت كۈندە يېشىم ياشلىققا يەتتى.
قەلبىمدە بىخ سۇرۇپ تاتلىق تۇيغۇ،
سەبىي مەنزىلىم كەلمەسكە كەتتى…

كۆزۈڭدىن تامچە يېشىڭ سىرغىسا

Kozungdin tamche yeshing sirghisa

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
كۆزۈڭدىن تامچە يېشىڭ سىرغىسا،
يۈرىكىم سەن بىللەن بىللە يىغلايدۇ …
سۆيگەچكە سېنى نەپسىمگە قوشۇپ،
ئاشىق سەۋداسى مېنى تىلغايدۇ.
 
كۆزۈڭدىن تامچە يېشىڭ سىرغىسا،
مە ئۆزۈمنى يارىماس سېزىمەن.
ساڭا دىل ئازارى يەتمىسۇن دەپ،
قەلبىمدىن ئەڭ گۈزەل ئۈنچە تىزىمەن.
 
كۆزۈڭدىن تامچە يېشىڭ سىرغىسا،
ئۆزۈمنى ئەيىبكار بەڭۋاش بىلىمەن …
سەندىكى نازلىق مەندە بولمىغاچ،
نادانلىق كوچىسىدا پىغان چېكىمەن!
 
سۆيدۈم سېنى يار قەلەندەر كەبى،
دەرۋىش ئاشىقىڭ سۆيۈشكە ھازىر.
لېكىن كۆزۈڭدىن يېشىڭ ئاقمىسۇن،
بولاي پەرۋانەڭ يېنىڭغا زاھىر!