مۈشۈك بېقىش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى ئ‍اڭلاش: Baharni_seghindim.mp3

 

“سېرىق كۈچۈك” ، لەڭگەر، 1981- يىلى

 

our_kitten_tig

مەن سەھرا بالىسى بولغىنىم ئۈچۈنمۇ كىچىكىمدىن تارتىپ ھايۋان – ئاتلارنى بېقىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم. بىزنىڭ ئۆي تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا يېقىن بىر يەرگە جايلاشقان بولۇپ، بۇرۇنقى زامانلاردا سودا كارۋانلىرى خوتەندىن خوتەن دەرياسى ئېقىنىنى بويلاپ، تەكلىماكان قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ بىزنىڭ بۇ بوستانلىق يۇرتىمىزغا كېلىپ چۈشكۈن قىلاتتىكەنتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىزنىڭ يۇرت دەل مۇشۇ كارۋان يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىدە بولغاچقا «لەڭگەر» دەپ ئاتىلىپ قالغان ئىكەن. بەلكىم مېنىڭ يەتتە – سەككىز ياشلار ئەتراپىدىكى ۋاقتىم بولسا كېرەك، قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلدە ئائىلىمىزنىڭ بىردىن بىر قاتناش قورالى بولغان ئېشىكىمىزنى مىنىپ، ئالدىمغا ئون نەچچە قوينى سېلىپ مەھەللىمىزدىكى بالىلار بىلەن، گاھىدا بوۋام بىلەن بىللە تارىم دەرياسىنىڭ بويلىرىدىكى جاڭگاللىقتا پادا باققان كەچمىشلىرىم خۇددى كۆرگىلى ئۇزاق بولغان چۈشتەك خىيالىمدا غۇۋا پەيدا بولىدۇ ……… بولۇپمۇ ھايۋانلارنى كۆرگىنىمدە ئۆتكەنكى شۇ ھايات ئەسلىمەمنى تېخىمۇ ئېنىقراق ئەسلەشكە تىرىشىپ كۆرىمەن. 

 

مەن مەھەللىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپنى يېزا بازىرىدا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشقا مەجبۇرلاندىم.  شۇنىڭ بىلەن مەن ئەڭ ئامراق بولغان ئەرمەك سېرىق كۈچۈكۈمدىن ئايرىلىپ قالدىم. شۇ چاغدا مەن تۇنجى بولۇپ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللەمدىن، ھايۋان – ئاتلارنى بېقىپ ئۆتىدىغان تەبئىي سەھرا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمنى تۇيۇپ كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا مەن ئۈچۈن بىر ھەپتە دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزاق ۋاقىت ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە بىر كۈن ئۆز ئۆيىمىزگە بېرىپ تۈنەيدىغان شېكەر شەنبە كۈننىڭ كېلىشىنى ساناپ كۈنۈمنى ئۆتكۈزەتتىم. دېمىسىمۇ 11 ياشقا كىرگەن بىر بالىنىڭ ئارىلىقى 15 چاقىرىم كەلمەيدىغان يەردە ئاتا- ئانىسىدىن، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللە – كويلىرىدىن ئايرىلىپ ياشىشى ئاسان ئىش ئەمەس دە. تەقدىرنىڭ شاپائىتىگە مىڭ شۈكۈرلەر، ئۇ چاغدا ئاتام مىڭ بىر تەستە پۇل يىغىپ يورۇپ ماڭا ئېشەك ئەمەس بازاردىن تۆمۈر ئېشەك – بىر  ئىشلەتكەن ۋېلىسىپت ئېلىپ بەرگەن ئىدى. ئۆزۈم كىچىك بولغاچقا بىر – ئىككى يىل ۋېلىسىپىتنى ئۇستىدە ئولتۇرۇپ مىنىشكە بويۇم يەتمەي ئۇنىڭ ئارىلىقىدىن يانپاش مېنىپ مەكتەپكە بېرىپ يۈرگىنىم ئېسىمدە. بىر ھەپتە ئۆيگە بارماي، ئاتا – ئانامنى كۆرمەي، مەكتەپتە يېتىپ ئەتىگىنى ئوماچ، چۈشلىكى قوناق ئۇنىدىن ئېتىلگەن ھور نان بىلەن سۇلۇق يېسۋىلەك شورپىسى، كەچتە كوركىرىتىپ سۇيۇق ئاش ئىچىپ جان باقىدىغان، قاچا – قۇچىللىرىمىزنى، يۈز – كۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇدۇقتىن ئارغامچا بىلەن سۇ تارتىپ يۇيىدىغان، ئىشقىلىپ مەن ئۈچۈن ئۆتكۈزۇش ئەڭ ئۇزۇن بولغان ۋاقىت مۇشۇ لەنىتى بىر ھەپتە ئىدى.  

 

بولۇپمۇ بالىلىق ۋاقىتلاردا مېھرىڭىز چۈشكەن ۋە سىز ئەرمەك ھايۋان قىلىپ باققان ھايۋىنىڭىزغا بولغان مۇھەببىتىڭىز ئۆزگىچە سەبىيلىك بىلەن ھاياتىڭىزنىڭ گۈزەل خاتىرىسىدىن بىرلىرى بولۇپ سىز بىلەن بىللە ياشايدىكەن. مېنىڭ شۇنداق ئامراق بىر كۈچۈكۈم بولغان ئىدى. ئۇنىڭ تۈكلىرى سارغۇچ رەڭدە بولغاچقا “سېرىق كۈچۈك” دەپ ئاتايتىم. ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ شۇ كىچىك يېزىمىزدا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر قالغان ئىدى. ياز ۋاقىتلىرى بىز  بىللە كەزمىگەن ئېتىزلىق، قىش ۋاقىتلىرى بىز بىللە كەزمىگەن جاڭگاللىقلار قالمايتتى. مەلۇم بىر ھەپتىسى مەن مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم سېرىق كۈچۈك باغلاقتا يوق تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئالدىراش بېرىپ  ئاتامدىن سورۇدۇم.

 

“ – ئاتا، كۈچۈك قېنى؟”

 

“ – ئۆلۇپ قالغىلى ئىككى كۈن بولدى، ئاپرىپ كۆمىۋەتتىم. ئىتقا كانا چۈشكىلى خېلى ۋاق بوپ قاپتىكەن. بىز بىلمەي قاپتۇق ئەمەسمۇ؟”

 

ھايات شۇنداق، ھەمىشە بىر خوشاللىققا بىر قايغۇ يانداش بولغىنىدەك مېنىڭ بالىلىق سەبىيلىكىمگە تالاي خوشاللىقلارنى ئاتا قىلغان بۇ ئەرمەك سېرىق كۈچۈكىمدىن ئايرىلىپ قالدىم. مەن شۇ ۋاقىتتا بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ قەلبىمنىڭ قانچىلىك ئازاپلانغانلىغىنى پەقەتلا ئۆزەملا بىلەتتىم….  

 
 

ئاسلان – تىگى، لوندون، 2015 – يىلى

 
 

ئەرمەك “سېرىق كۈچۈك” مېنىڭ ھاياتىمدا بالىلىقىمنىڭ نازۈك خاتىرىسى سۈپتىدە ئەسلىمە بولۇپ كەلگەن ئىدى. مەن شۇ تراگېدىيىلىك كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھىچ قانداق بىر ھايۋاننى ئەرمەك ھايۋانىم قىلىپ باقماي ياشاپ كېلىۋاتاتتىم ئەمما ھاياتىمنىڭ قىسمەتلىرى ماڭا لوندوندا يەنە بىر ئەرمەك ھايۋان بېقىشنى ئاتا قىلدى. 

 

چوڭ قىزىم مۈشۈككە شۇنداق ئامراقلىق قىلاتتى. ئۇ بەش ياشنىڭ قارىسىنى ئالا – ئالمايلا ئۆيىمىزدە ئەرمەك ھايۋان قىلىپ بىرئاسلان باقايلى دېگىلى تۇردى. ئاتا – ئانا ئۈچۈن پەرزەنتنىڭ ئارزۇلىرىنى بىجا كەلتۈرۈشتىن تۇغۇلىدىغان خۇشاللىقتىنمۇ ئارتۇق ئائىلە خۇشاللىقى بولمىسا كېرەك. بىز قىزىمىزنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ مۈشۈك بېقىۋېلىش تەييارلىقىنى قىلدۇق. ئاۋال مەھەللىمىزدىن ئانچە يىراق ئەمەس بىر يەرگە جايلاشقان “يىتىم قالغان مۈشۈكلەرنى بېقىش ساناتورىيىسى” نىڭ تور سەھىپىسىگە كىرىپ “مۈشۈك بېقىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى”  نى تولدۇردۇق. بۇ جەدۋەلگە ئۆيىمىزنىڭ ئادرېسىنى، قانچە ئېغىزلىق ئۆيدە تۇرىدىغانلىقىمىزنى، ئۆيىمىزدە مۈشۈك ئوينىغىنىدەك شارائىتنىڭ بار – يوقلىغىنى، ئىقتىسادىي كىرمىمىزنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكى ۋە مۈشۈكنى ياخشى بېقىپ كېتەلەيدىغالىغىمىز قاتارلىق خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئېلخەت ئارقىلىق ئىلتىماسىمىزنى يوللىۋەتتۇق. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بىزگە مۈشۈك ساناتورىيىسىگە بېرىپ مۈشۈك بېقىۋېلىش توغرىسىدا يۈز تۇرانە سۆھبەتكە قاتنىشىشىمىزنى، ئەگەر ئىلتىماسىمىز قوبۇل قىلىنسا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەت بېجىرىدىغانلىغىمىز ئېيتىپ جاۋابەن ئېلخەت ئەۋەتىپتۇ. ئۇ خەتتە يەنە قوشۇمچە قىلىپ بىزنىڭ مۈشۈك بېقىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان ئۆيىمىزنىڭ تولۇق ئادرېسىنى ئىسپاتلايدىغان ئىككى پارچە خەت، بانكا ھېساب نومۇرى ۋە ئۆيىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىز قاتناشقان سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىسپات قەغەزلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىشىمىزنى يېزىپتۇ. بىز كېلىشكىنىمىز بويىچە شۇ بېكىتىلگەن سائەت –  مىنۇتقا ئۈلگۈرۈپ “يىتىم قالغان مۈشۈكلەرنى بېقىش ساناتورىيىسى” گە يۈزتۇرانە سۆھبەتكە قاتنىشىشقا باردۇق. 

 

بىز بۇ ئورۇننىڭ ئىش بېجىرگۈچى خانىمى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئاۋال قىزىمىزنىڭ يېشىنى سورىدى. چوڭ قىزىمىزنىڭ 5 ياشقا، كىچىك قىزىمىزنىڭ 3 ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېيتتۇق. خىزمەتچى خانىم بىزگە چۈشەندۈرۈپ:

 

“- كەچۈرگەيسىلەر، ساناتورىيىمىز دۆلىتىمىزنىڭ ‘بىخەتەرلىك ۋە ساغلاملىق’ قانۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھايۋانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئورۇنلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئادەتتە يېشى 6 ياشتىن تۆۋەن بالىلار بار ئائىلىنىڭ مۈشۈك بېقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سىلەر بۇ بالىللىرىڭلارنىڭ يېشى 6 ياشتىن ئاشقاندا كېلىپ ئاندىن قايتا ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭلار.” دەپ بىزنى چىرايلىق يولغا سالدى. 

 

مەن يولدا چوڭ قىزىمنىڭ پەرىشان بولغان كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىپ – 

 

 “ – ئامال يوق قىزىم، بۇ بىر بەلگىلىمە ئىكەن. مۈشۈك بېقىشنى سىز يەنە 3 يىل كۈتۈڭ، سىڭلىڭىز 6 ياشقا كىرگەندە بىز چوقۇم مۈشۈك باقىمىز“ دېدىم.

 

بىز شۇ كۈنى ھەممىمىز پەرىشان ئۆيگە قايتتۇق. بولۇپمۇ چوڭ قىزىمنىڭ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم كۆرۈنەتتى. شۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئاي- يىللارنى قوغلاپ يەنە 3 يىل ئۆتۇپ كەتتى. چوڭ قىزىم ئائىلىمىزدە بىر ئەرمەك مۈشۈك بېقىش ئارزۇسىدىن ئەسلا ۋاز كەچمىدى. ئەڭ كىچىك قىزىمىزنىڭ 6 ياشقا كىرگەن توغۇلغان كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا چوڭ قىزىم مەندىن سورىدى.

 

“ – دادا، سىڭلىممۇ ئەمدى 6 ياشقا كىردى. سىز  دېگەن گېپىڭىزدە تۇرۇشىڭىز كېرەك. قاچانلىققا مۈشۈك باقىمىز؟”

 

“ – سىز يەنە 2 ئايدىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپ تاللاش ئېمتىھانىسىگە قاتنىشىسىز. سىز بۇ ئىمتىھان ئۈچۈن ياخشى ئۆگەنمىسىڭىز بولمايدۇ. ئەگەر سىز مۇشۇ ئېمتىھاندىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتلىسىڭىز مۈشۈك بېقىشىمىزدا گەپ يوق. مۈشۈك بېقىش – باقماسلىق ئىمتىھان نەتىجىڭىزگە باغلىق” دېدىم سۈرلۈك بىر تەلەپپۇزدا. 

 

سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى چوڭ قىزىمنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىمۇ كەلدى. قىزىمىز تەلىيىگە يارىشا ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن بىز ياشايدىغان بۆلگىدىكى ئەڭ ياخشى بىر مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپتۇ. ئەمدىكى گەپ يەنە ئەرمەك مۇشۇ بېقىشقا مەركەزلەشتى. 

 

بىز بۇرۇن ئالاقىلاشقان “يىتىم قالغان مۈشۈكلەرنى بېقىش ساناتورىيىسى” گە يەنە خەت يازدۇق، تېلېفون قىلدۇق. بىز بۇ ئورۇندىن تۇغۇلغىنىغا ئىككى ياكى ئۈچ ئايلىق بولغان، كۈل رەڭلىك چىشى ئاسىلان بېقىۋېلىش ئارزۇيىمىزنىڭ بارلىقىنى ئېيتتۇق ئەمما ئۇلاردا بىزنىڭ تەلىپىمىزگە ماس كېلىدىغان ئاسىلان بولمىغاچقا بىزنى باشقا بىر مۈشۈك ساناتورىيىسىگە تونۇشتۇردى. شۇنداق قىلىپ بىزگە يېڭىدىن تونۇشتۇرۇلغان بۇ ساناتورىيە بىلەن مۈشۈك بېقىۋېلىش ئىلتىماسىمىز ھەققىدىكى يۈزتۇرانە سۆھبەت ۋاقتىمۇ بېكىتىلىپ بولدى. بۇ قېتىم مۈشۈك بېقىش ئىلتىماسىنىڭ ھەممە رەسمىيەت بېجىرىش جەريانلىرى بىز كۈتكەندەك مۇۋپپەقىيەتلىك بولۇۋاتاتتى ئەمما ئەڭ ئاخىرقى قارار تېخى چىقىرىلمىغان ئىدى. بىز مۈشۈك بېقىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ئورۇن – كامبرىج شەھىرىگە يېقىن يەردىكى “يىتىم قالغان مۈشۈكلەرنى بېقىش ساناتورىيىسى” دىن بىزنىڭ مۈشۈك بېقىۋېلىش ئىلتىماسىمىزنى بېجىرىۋاتقان مەسئۇل خادىم سارا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ مۈشۈكنىڭ ياشاش ئوي شارائىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئېنىق قارار بېرىدىكەن. 

 

سارا خانىمنىڭ ئۆيىمىزگە تەكشۈرۈشكە كېلىدىغان ۋاقتىنى كېلىشتۇق ۋە كېلىشنى كۈتتۇق. توغرا بۇ خانىم كېلىشتىن ئىلگىرى بىز تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك ئىشلاردىن قىلدۇق. ئەگەر كۈتۈلمىگەندە سارا خانىم مۈشۈك بېقىش ھەققىدە سۇئال سوراپ قالسا دۇدۇقماي جاۋاپ بېرىش، ئىشقىلىپ بۇ ئەڭ ئاخىرقى مۈشكۈلچىلىكتىن تېنچ – ئامان ئۆتىۋېلىش ئۈچۈن بىر ئاي ئىلگىرى كىتابخانىدىن پۈتۈن ئائىلە ئۈچۈن بولۇپمۇ چوڭ قىزىمىزنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن سېتىۋالغان “ئائىلىدە مۈشۈك بېقىش قوللانمىسى” ناملىق كىتابنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ھەممىمىز قولدىن – قولغا تۇتۇشۇپ تەپسىلى، بىر تال چېكىتىنىمۇ قويماي ئوقۇپ چىقىپ مۈشۈك ھەققىدىكى بىلىملىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. مەزكۇر قوللانمىنى ئوقۇش ئارقىلىق بىز زۆرۈر دەپ قارىغان تۆۋەندىكى بىلىملەرنى ئاساسلىق ئۆگەندۇق يەنى مۈشۈك ئانتومىيىسى، مۈشۈك تامىقىنى قانداق تاللاش ۋە سېتىۋېلىش، مۈشۈك تامىقىنى توردىن زاكاز قىلىش، مۈشۈككە كۈندە نەچچە قېتىم تاماق بېرىش ۋاقتى، مۈشۈكىنى ھاجاتخانىدا ئورنىتىلىدىغان مۈشۈك تەرەت ساندۇقىغا تەرەت قىلدۇرۇشنى ئۆگىتىش، مۈشۈكنىڭ قانچە يىل ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى، ئۆيدىن سىرىتقا قانداق چىقىرىپ ئوينىتىش، ئۆي ئىگىلىرى ئۆيدە بولمىغان چاغدا ئۆيگە كېلىپ مەخسۇس مۈشۈك بېقىپ بېرىدىغان كەسپىي شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، قەرەللىك مۈشۈك ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇش، مۈشۈكنى دوختۇرغا تىزىملىتىش، مۈشۈك ئۈچۈن بانكا ھېساباتى ئېچىش يەنە ….…. دىگەندەك ۋاي – ۋۇي نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ ئۈلگۈرەلىدۇق .

 

سارا خانىمنىڭ بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ مۈشۈك ياشايدىغان شارائىتلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ۋاقىت – سائ‍ىتىمۇ يىتىپ كەلدى. بۇ نەق مەيدان تەكشۈرۈشكە چوڭ قىزىمىزنىڭ قاتنىشىشى مۇھىم ئىدى شۇڭا قىزىمىزنىڭ مەكتەپتىن قالماسلىقى ئۈچۈن چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت يېرىمدا قىزلىرىمىز مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كېلىدىغان ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئۆينىڭ بىخەتەرلىك قوڭغۇرىقى چېلىندى، مەن ئالدىراش دەرۋازا ئېچىپ تېلېفونىنى ئالدىم ۋە سورۇدۇم – 

 

“ – ھېللو! “

 

“ – ھېللو! مەن سارا، مۈشۈك خانىم!”  – بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال كۇنۇپكىنى بېسىپ ئۆينىڭ سىرتىقى ھويلا دەرۋازىسىنى ئىچىۋەتتىم. كۆزىگە ھولليۋودنىڭ چولپانلىرىنىڭ تاقايدىغان قارا كۆز ئەينىكىگە ئوخشاش كۆركەم كۆز ئەينەك تاقىغان، يۈز- كۆزىگە يارىشىملىق گىرىم قىلغان قىزغۇچ بۇدۇر چاچلىق، ياش قۇرامى 60 ياشلاردىن ھالقىغان، بۇ تولغان بەدەنلىك ، ئوتتۇرا بويلۇق خانىم ھويلىغا كىرىپ كەلدى.

 

بىز پۈتۈن ئائىلىمىز دىۋاندا  قىسىلىپ ئولتۇردۇق. بىزنىڭ قارشىمىزدىكى دىۋاندا ئولتۇرغان سارا خانىم سومكىسىدىن بىر بولاق قېلىن قەغەزلەرنى ئېلىپ شىرە ئۈستىگە قويدى. قەلىمى بىلەن بىر قانچە ھۆججەتلەرگە ئايرىم – ئايرىم بەلگە قويۇپ چىققاندىن كېيىن بىزگە تەكشى بىر قارىۋېتىپ سۆز باشلىدى. 

 

“ – قېنى ماڭا ئاۋال ئۆيۇڭلەرنى تەپسىلى كۆرسىتىڭلار، مەسىلەن مۈشۈك  قەيەردە تەرەت قىلىدۇ. ئاخشىمى قايسى ئۆيدە ئۇخلايدۇ. مۈشۈككە تاماقنى قايسى ئۆيدە بېرىسىلەر….؟”

 

بىز سارا خانىمنىڭ تەلىپى بويىچە ھەممە ئۆيلەرنى بىر قۇر كۆرسەتتۇق. تەلىيىمىزگە يارىشا ئۆيىمىزدە ئىككى تازلىق ئۆيى بار ئىدى. بىر كىچىكرەك تازلىق ئۆيىنى مۈشۈكنىڭ ئىشلىتىشىگە ھازىرلىغانلىغىمىزنى ئېيتتۇق. 

 

خانىم دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ – 

 

“بوپتۇ، بۇ ھاجەتخانا مۈشۈكنىڭ ئىشلىتىشىگە بولىدىكەن ئەمما ئىمكان بار مۈشۈكتىن باشقا ئادەملەرنىڭ بۇ ھاجەتخانىنى ئىشلەتمىگىنى ياخشى. يەنە بىر ئىش ھاجەتخانىنىڭ ھاجەت قىلىپ ئولتۇرىدىغان قاپچۇقى ھەر ۋاقىت يېپىق تۇرسۇن بولمىسا مۈشۈك كىچىك، ئەگەر ئىچىگە چۈشۈپ كەتسە چىقالمايدۇ. بىزنىڭ ساناتورىيىمىز ئويلىشىپ سىلەرنىڭ تەلپىڭلار بويىچە “رېيھانا” ئىسىملىك 8 ھەپتىلىك بولغان بىر ئاسلاننى سىلەرنىڭ بېقىشىڭلارغا بېرىشنى ئويلاشتۇق ئەمما مەن ئىش ئورنۇمغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆيۈڭلارنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى بېرىمەن ۋە باشقا خىزمەتداشلىرىم قوشۇلسا سىلەرنىڭ قاچان كېلىپ ئاسلاننى ئېلىپ كېتىشىڭلار ھەققىدە سىلەرگە ئايرىم خەۋەر قىلىمەن. بەلكىم ۋاقتى ئانچە سوزۇلۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. “

 

بىزنىڭ مۈشۈك بېقىش ئارزۇيىمىزنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلۈكىنى بولدۇرۇپ سارا خانىمغا ياقىدىغان بىر قانچە ئېغىز تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلدۇق. سارا خانىم مۈشۈكنىڭ قانداق سىرىتقا چىقىدىغانلىقىنى سورىدى. بىز مېھمانخانا ئۆينىڭ باغچا تەرەپكە قارايدىغان بىر كچىك دېرىزىسىنى كۆرسەتتۇق. مۈشۈكنىڭ ئۆيدىن باغچىغا دېرىزىدىن ئاتلاپ چىقىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس توردىن ئىككى تال مۈشۈك ئاتلاش بالدىقى سېتىپ ئالغانلىقىمىزنى، بىز يەنە مۈشۈك ئۈچۈن تاتىلاش تاختىسى، يالغان چاشقان، مۈشۈك توپى قاتارلىق مۈشۈك ئۈچۈن سېتىپ ئالغان ئويۇنچۇقلارنى كۆرسەتتۇق. 

 

“ – ئەھۋالدىن قارىغاندەك بۇ ئائىلىدە سىلەر ھەممىڭلار مۈشۈك بېقىشقا ھازىر ئىكەنسىلەر. ئۆيۈڭلارنىڭ شارائىتلىرىمۇ مۈشۈك بېقىشنىڭ تەلەپلىرىگە خېلە ئۇيغۇن كېلىدىكەن. ئۇنداقتا بۇ ئىككى پارچە “مۈشۈك بېقىش توختامنامىسى” گە ئىمزا قويۇڭلار. ئەڭ ئاخىرقى قارارنى ئەتە سىلەرگە تېلېفون ئارقىلىق بىلدۈرىمەن.” دېدى. بىز ئاتا – ئانا بولغۇچىلار توختامغا ئىمزا قويدۇق. 

 

سارا خانىم يەنە سۆز باشلىدى. 

 

“ – مانا بۇ ئاسلاننىڭ ئائىلە تارىخى ۋە ساغلاملىق خاتىرىسى. سىلەر بۇلارنى  ئاسلان “رېيھانا” نىڭ ئارخىپى قاتارىدا ياخشى ساقلاڭلار “ دەپ ئىككى پارچە نېپىز كىتابچە بەردى. 

 

مەن كتابچىلارنى ئالغاندىن كېيىن سارا خانىمغا قاراپ گەپ باشلىدىم. 

 

“ – سارا خانىم،  بىز بېقىۋالماقچى بولغان ئاسلاننىڭ ئىسمىنى سىز “رېيھانا” دېدىڭىز، ئەگەر بىز ئاسلاننى رەسمى بېقىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمىنى بىز ئۆزۈمىز خالىغان ئىسىمغا ئالماشتۇرساق بولامدۇ؟”. 

 

“ – بولىدۇ ئەمما بىزگە يازما شەكىلدە خەت يېزىپ بىلدۇرۇشىڭلار كېرەك. ھەم مۈشۈكنىڭ ئارخىپىغا ئېنىق ئىسمى ئۆزگەرتىلگەنلىكى خاتىرىلىنىشى لازىم. يەنە بىر ئىش، بۇ ئاسىلان رېيھانا ئەسلى بىر قوساقتىن توغۇلغان بەش قېرىنداش بولۇپ پەقەت مۇشۇلا چىشى. ئۇنىڭ قالغان تۆت ئەركەك قېرىندىشىنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بىرھەپتە ئىلگىرى بېقىۋېلىشقا بەردۇق. سىلەر بۇ ئاسلاننى بېقىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ساغلاملىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار. سىلەر ياشايدىغان بۆلگىدىكى يەرلىك ھايۋان دوختۇرغا تىزىملىتىشىڭلار كېرەك. سىلەر ئائىلە بىخەتەرلىك سۇغۇرتىسى بار دېدىڭلار، بۇ ئاسلاننىمۇ شۇ بىخەتەرلىك سوغۇرتا كاپالىتىگە كىرگۈزۈڭلار، يەنە مەخسۇس مۇشۇ ئارسىلان ئۈچۈن بانكا ھېساباتى ئېچىپ ئۆيۈڭلەردىكى پارچە – پۇرات ئۇششاق پۇللارنى ھەر ئايدا مۇشۇ مۈشۈككە ئاتاپ قويۇشۇڭلار كېرەك… كېيىن خالىساڭلار تەرەققىي قىلمىغان دۇنيا ئەللىرىدىكى ئازاب چېكىۋاتقان، ئاچارچىلىقتا ياشاۋاتقان كوچا مۈشۈكلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئىئانە قىلساڭلار بولىدۇ. بىز سىلەرگە رەسمى تېلېفون قىلىپ مۈشۈكنى بېقىشقا ئېلىپ كېتىشىڭلارنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن سىلەر 200 پائۇند ستېرلىڭ رەسمىيەت ھەققى تۆلەيسىلەر ئەمما بىز نەق پۇل ياكى بانكا كارتىسى قوبۇل قىلمايمىز. پەقەت چەك قوبۇل قىلىمىز….يەنە…. يەنە …. سىلەرنىڭ مەندىن سورايدىغان باشقا سۇئاللىرڭلار بارمۇ؟ “. 

 

ئايالىم سۆز باشلىدى. 

 

“ – بىز ئەسلى ئەركەك ئاسلان بېقىۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتۇق ئەمما كىچىك قىزىم چىشى ئاسلان باقىمىز دەپ چىڭ تۇرۇۋالغاچقا ئاخىرى قىزىمنىڭ رايى بويىچە چىشى ئاسلان بېقىشىنى قارار قىلغان ئىدۇق. ئەمما بىز ئاسلاننىڭ چوڭ بولغاندا ئاسلان تۇغۇشىنى خالىمايمىز، ئەگەر ئۇنداق بولسا بۇ ئىش بىزگە بەك كۆپ ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىدۇ. شۇڭا مۇشۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلساق بولار دەپ ئويلىنىپ قالدۇق. سىز قانداق مەسلىھەت بېرسىز؟”.

 

سارا خانىم جاۋابەن :

 

“ – سورىغان سۇئالىڭىز ئورۇنلۇق، بۇنىڭمۇ ئامالى بار. ئىككى يىلى ئىلگىرى “ھايۋانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيىتى”  بىلەن “ھايۋانلارنى قىيناشنى توختىتىش جەمئىيىتى” ھەركەت قىلىپ يورۇپ دۆلەت تەرىپىدىن ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشتى. ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ  ئون نەچچە ئورۇندىكى ھايۋان – ئاتلار دوختۇرخانىسىدا ئەرمەك ھايۋانلار ئۈچۈن ھەقسىز تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسى قىلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇلدى. سىز مۈشۈكنى ئالغىلى كەلگەندە بۇ ھەقتىكى بىر يورۇش ئۇچۇرلارنى بېرىمەن. بۈگۈنكى تىببىي تېخنىكا ئالدىدا چىشى ئاسلانلارنىڭ تۇغماسلىق ئوپېېراتسىيەسىنى قىلىش ناھايىتى ئاددىي بىر مەشغۇلات. سىز ئاسلاننى ئالتە ئاي بولغاندا شۇ بېكىتىلگەن ھايۋان – ئاتلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرىسىز.  چىشى ئاسلانلار ئادەتتە 5 ئالتە ئايلار بولغان ۋاقتىدىن باشلاپ ھامىلدار بولالايدۇ. شۇڭا ئاسلان رېيھانانىڭ تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسى قىلىنغۇچە ئۆيدىن چىقارماي، باشقا ئەركەك مۈشۈكلەرگە ئۇچراشتۇرماي بېقىشىڭلار كېرەك. ئاسلاننى 3 ۋە 12 ئاي بولغاندا ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇشقا ئاپىرىسىلەر…..”

 

سۆھبىتىمىز كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتى. بىز سىلىق – سىپايىلىق بىلەن سارا خانىمى ئۇزۇتۇپ قويدۇق. 

 

دەرۋەقە ئەتىسى بىزگە سارا خېنىمدىن خوش خەۋەر كەلدى. ئاسلان “رېيھانا” نى بىزنىڭ بېقىۋېلىشىمىزغا بېرىش تەستىقلىنىپتۇ. بىز بۈگۈنلا  كەمبىرىجتىكى “يىتىم قالغان مۈشۈكلەرنى بېقىش ساناتورىيىسى” گە بېرىپ ئاسلاننى ئېلىپ كېتىشىمىز كېرەككەن. بىز پۈتۈن ئائىلە بويىچە ئۆيدىن ماشىنا بىلەن يولغا چىقىپ لوندوننىڭ قىستا – قىستاڭلىق شىمالىي بۆلىگىنى كېسىپ ئۆتۈپ، بىر سائەتتىن ئارتۇقراق يول يۈرگەندىن كېيىن كامبرىج شەھەر بۆلىكىگە يېقىن بىر كىچىك بازارغا جايلاشقان مۈشۈك ساناتورىيىسىگە كەلدۇق. بىزنى سارا خانىم ئىللىق كۈتۈۋالدى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە بۇ ساناتورىيە مەخسۇس باققۇچىسىز يىتىم قالغان مۈشۈكلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاسلانلىرىنى بېقىش ۋە بېقىۋېلىشكە بېرىش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن. ھازىر بۇ يەردە 4 نەپەر پىدائىي خىزمەتچى خادىم 200 گە يېقىن مۈشۈكنى باقىدىكەن. بۇ ساناتورىيە مۇشۇ بازاردا ياشاپ ئۆلۈپ كەتكەن 20 نەچچە پېنسىئونېرلارنىڭ ئىئانە قىلغان پۇل ۋە مېلىنى مەنبە قىلىپ مېڭىۋېتىپتۇ. يەنە 100 نەچچە ئادەم ھەر يىلدا بانكا ئارقىلىق بۇ سانوتورىيەگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىپ تۇرىدىكەن. 

 

بىز مۈشۈك بېقىش رەسمىيەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن سارا خانىمغا ۋە باشقا مۈشۈك باققۇچى خىزمەتچى خادىملارغا رەھمەت ئېيتىپ بۇ كىچىك جانىۋانى ئېھتىيات بىلەن مەخسۇس مۈشۈك كۆتۈرۈپ مېڭىش ئۇچۇن ياسالغان سېۋەتكە سېلىپ، ماشىنا بىلەن يول يورۇپ ئۆيىمىزگە ساق – سالامەت ئېلىپ كەلدۇق. 

 

بۇ تارتىنچاق جانىۋار ئىككى – ئۈچ كۈن تارتىنىپ ئۆينىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغا مۆكۈنۈپ يۈرگەندىن كېيىن بىز بىلەن ئۆزلىشىشكە باشلىدى. بۇ ئاسلان بىزنىڭ ئائىلىمىزگە بولۇپمۇ بالىلىرىمىزغا ئالاھىدە خوشاللىق ئاتا قىلغان ئىدى. ھەتتا مەنمۇ بۇ ئاسلان بىلەن ۋاقتىم بولسىلا تۇرۇپ – تۇرۇپلا ئوينىشىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. بىر كۈنى چوڭ قىزىم ئاسلاننىڭ “رەېيھاننا” دېگەن ئىسمىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، شۇڭا باشقا بىر ئىسىمى قويۇش تەكلىپىنى بەردى. بىز ھەممىمىز قوشۇلدۇق. ئىككى كۈن قاتتىق ئويلىشىش، ھەتتا بالىلىرىم مەكتىپىدە ساۋاقداشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشى ئارقىلىق “تىگى” دەپ ئىسىم قويۇشنى تاللىدۇق. مەنمۇ بالىللىرىمنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلدىم ۋە ئاسلانچاقنى ھەممىمىز شۇ كۈنىدىن باشلاپ “تىگى” دەپ ئاتاشقا باشلىدۇق. 

 
 

خۇلاسە

 
 

بىر قانچە ھەپتە بولىدى ئاسلان “تىگى” بىزنىڭ ھاياتىمىزغا قوشۇلغاندىن كېيىن بىزگە تەسەۋۇرىمىزدىن ئارتۇقچە بىر خوشاللىق ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ مەن خىزمەتتىن چارچاپ ياكى ئۆزۈمگە روھىي بېسىم ھېس قىلغان ۋاقىتلىرىمدا ئاخشاملىرى سائەتلەپ بۇ ئاىسلانچاق بىلەن ئوينايمەن. بۇ خىل ئەرمەك ھايۋان بىلەن ئويناش كىشىگە ئۆزگىچە بولغان تەبئىي زوق، راھەتلىنىش، سۆيۈنۈش، كۆيۈنۈش سېزىملىرىنى ئاتا قىلىدىكەن. يەنە بىر ياخشى ئىش كومپيۇتېردىن تالغان بارماقلىرىم ئارام ئېلىپ قالىدىكەن ياكى مەلۇم بىر ۋاقىت بولسىمۇ قولۇم يانفوندىن نېرىراق تۇرىدىكەن. ئەمما گاھىدا مۇساپىر خىياللىرىم يەنە شۇ بالىلىقىمدىكى ئەرمەك ئىتىم “سېرىق كۈچۈك” نى ئىزدەپ كېتىپ قالىدۇ….. مەن ئۇزۇن يىللار بولدى، باشقا – باشقا، بىر – بىرلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشىمايدىغان ئىككى دۇنيادا ياشاپ كېلىۋىتىپتىمەن. بىرى مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بالىلىقىمدىكى دۇنيا، يەنە بىرى مەن ئەقلىمدىن قولۇمغا ئالغاندىن كېيىن تۇغۇلغان مەن تەۋە بولغان ئۆزگە دۇنيادىن ئايرىلىش بەدىلىگە ئېرىشكەن ھازىرقى دۇنيا يەنى ئاسىلان “تىگى’ نىڭ ماكانى. تەسەۋۇرۇمدا ئوتتۇرىدىكى پەرق خۇددى پىلسىرات كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى قىرغىقىدەك كۆرۈنىدۇ. بىرىدە ئادەملەر كۆيۈپ كۈل… يەنە بىرىدە چىۋىن ئۆلسىمۇ ئۇنىڭ سورىقىنى قىلىنىدىغان دۇنيا. شۇڭا سېرىق كۈچۈكىمنى پىت يەپ ئولتۇرۇپ قويدى ئەمەسمۇ؟! سېرىق كۈچۈكم ئۆلگەن يەردە ئۇ زامانلاردا ھايۋان ئەمەس ئادەملەرنى پىت يەپ ئۆلتۈرۈپ قويسىمۇ كىمنىڭ كارى بولغان ئىدى؟ ئەمما بۈگۈن چۇ؟ پەرقى قانچىلىك، بۇنىڭغا ھىچ بىر ئېنىق تەبىر بەرگىلى بولمايدۇ. ئادەم نېمىلا دېمىسۇن ھايات رىئاللىقىغا باقماي مەۋجۇت بولالمايدۇ. مەن قايسى كۈنى ئاپامغا تېلېفون قىلىپ سۆزلىشىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆي ئىچىدىن تاغامنىڭ گەپ قىلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاپامدىن سورۇدۇم –

 

 “ –  ئاپا، مەن تاغام بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشمىگىلى بىر قانچە يىل بولدى. تاغام يېنىڭىزدا باركەن، تېلېفوننى بېرىڭ، ئۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ سالىمىنى قىلىۋالاي! “ دېدىم. ئاپام بىر ئاز سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن جاۋابەن “ – ئاكىڭىز ھازىر ئالدىراشلا بىزنىڭ ئۆيگە كەپتىكەن. ئۇ ھازىر دادۈيگە «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» ئوينىغىلى ماڭىدىكەن، سىز بىلەن كۆرۇشەلمەيدىغانلىغىنى ئېيتتىپ ئۆزۈر سورىدى….” دېدى. 

 

ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى يۇرتۇمدىكى ئائىلەم بىلەن بىر قانچە يىللاپ ھەتتا تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈش ئىمكانلىرىمۇ بولمىغان ۋاقىتلار بولغان ئىدى. ئارىدىن ئون نەچچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بالىلىقىمدا جان – جىگەر بولۇپ ئۆتكەن دوستلىرىمنىڭ مېنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىمنى، ياكى مېنىڭ ئۇلارنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمەي ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلگەن ئىدىم. مەھەللىمىزدە پات – پاتلا كۆزۈمگە دەرەخلەرگە، ئاپتوبۇس بېكەتلىرىگە چاپلانغان مۈشۈك  ياكى ئىت ئىزدەش ئېلانلىرى چېلىقىدۇ. ئۇ ئېلانلاردا مۈشۈكنى تېپىۋالغۇچىلارغا نەچچە يۈز پوند ستېرلىڭ سۆيۈنچە پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كېيىنكى يىللاردا مۇشۇنداق ئىت – مۈشۈك ئىزدەش ئېلانلىرىنى كۆرسەملا كەيپىياتىم بۇزۇلىدىغان بولۇپ قالدى. مۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى ھىچ كىمگە ئەمەس بەلكى بىرلا ئۆزۈمگە ئايان ئىدى …… گاھى ئۆزۈمدىن مۇنداق غەلىتە بىر سوئاللارنى سورۇغۇم كېلىدۇ – “قاچانلىققا مېنىڭ قىممىتىم مەن بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىشكىمۇ جۈرئىتى قالمىغان ئەشۇ مۆمىن قېرىنداشلىرىم نەزىرىدە مۇشۇ يوقالغان مۈشۈكلەرچىلىك بولار؟ ياكى مۇشۇ مۆمىن قېرىنداشلىرىمنىڭ قىممىتى قاچانلىققا لوندوننىڭ مۇشۇكچىلىك قىممەتكە ئىگە بولار؟”

 

بەلكىم سىز مەندىن «بالىلىقىىڭىزدىكى ئەرمەك ئىتىڭىز  بىلەن ھازىر ھېكايىسى بولۇۋاتقان قىزىڭىزنىڭ ئەرمەك مۈشۈكى “تىگى” نىڭ تاغىڭىز بىلەن نېمە مۇناسىۋەتلىرى بار؟» دەپ سوراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. جاۋابىم ناھايىتى قىسقا – ھەممىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەتلەر ئېنىق ۋە مەۋھۇم ھالەتتە بار چۈنكى مېنىڭ مەۋجۇدلۇقۇم بۇ سۆزۈمنىڭ توغرىلىقىنى ھەر ۋاقىت ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. ئىنسانلىقنىڭ تارازىسىنى ئادەملەرنى مېھرى مۇھەببەت بىلەن، سۆيگۈنى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بىر – بىرلىرىگە باغلاپ تۇردۇ، ئۇنداق بولمىسا ئىدى كوچىدا قالغان 200 مۈشۈك 20 نەپەر ئۆلگەن ئادەمنىڭ مال – مۇلىكى ھېسابىغا بۈگۈن بەختىيار ياشىمىغان بولاتتى. ئەگەر يەنە مەن ياشاۋاتقان مۇشۇ جەمئىيەتتە پاشىدىن قۇرت قوڭغۇزغىچە ھەممە جانلىقلارنىڭ ھېساباتى ئېلىنىدىغان، ئوچۇقراق ئېيتقاندا خەلق خەلقىنىڭ قانۇنى ئارقىلىق قوغدىلىدىغان ۋە پۇقرالىرى ئاڭلىقلىق بىلەن رىئايە قىلىدىغان بىر جەمئىيەتتە بىزنىڭ ئاىسلانچىقىمىز “تىگى” خاننىڭمۇ بىز تەرىپىدىن ياخشى بېقىلىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى قانۇنغا بويسۇنۇش ئاساسىدىكى نورمال بىر ئىش ئىدى. دېمەك ھەر ئىش بولسا بىر سەۋەبى، سورىقى، تەبىرى ۋە مەسئۇلىيىتى بىلەن بولغاندۇ، ئېھتىمالىم. 

 

مەن ياشاۋاتقان بۇ دۆلەتتە ئىتتىن پىتقىچە بولغان ھەممە نەرسە قانۇنلاشتۇرۇلۇپ تەرتىپكە چۈشۈرۈلۇپ بولۇنغىنىغا نەچچە يۈز يىل بولغان ئىكەن. شۇڭا باشقا دۆلەت كىشىلىرى بۇ دۆلەتنى تەرەققىي قىلغان دۆلەت دەپ ئاتايدىكەن. بەلكىم بۇ خىل ئاتاشمۇ توغرىدۇ ئەمما مەن باشقا بىر مەدەنىيەتتە توغۇلۇپ، تەربىيە كۆرۈپ ئۆسكەن ۋە بۇ دۆلەتكە كۆچمەن بولۇپ كېلىپ ياشىغىنىم ئۈچۈنمۇ ۋەياكى مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنىڭ تۇپتىن ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىكمۇ بەزى بىر چاغلاردا ئۆزۈمنى دېگەندەك بىر تەرەققىي قىلغان دۆلەتتە ياشاپ كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلالمايمۇ قالىمەن. مۇساپىرلىقتىن توغۇلغان ئۆزگىچە يەككىلىك مەندىن مەندىن ھىچ بىر يوقالغىنى يوق. شۇ سەۋەبتىن ئۆزۈمنى “مەن ئۆزۈم دىگەندەك تەرەققىي قىلىپ كەتمىگەن بىر ئىنسان ئوخشايمەن…”  دېگىممۇ كېلىدۇ. يەنە بەزىدە تۇرۇپ مەن ئۆزۈم تەرەققىي قىلغان ئەمما مەندىكى بۇ پەرق ياتلىق ۋە ئۆزگىلەردىن ياتسىراش تۇيغۇسىدىن كەلگەن، ئۇ يەنە ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەردىكى مەدەنىيەت ئادەتلىرىرى ئارىسىدىكى پەرقلەر ئاساسىدا پەيدا بولغان دەپ تەھلىل قىلىشقا ئورۇنۇپ ئۆزۈمگە تەسەللى ئىستەيمەن… بۇ قاراشلىرىم ياكى توغرىدۇ ياكى خاتادۇر، بۇ تەرىپىنى ئالاھىدە ئويلىشىپ كېتىشىمنىڭ ھازىرقى شارائىتتا ئانچە زۆرۈرىيىتى بولمىسا كېرەك چۈنكى مەن ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلدۇم شۇڭا مەيلى قانداق ئەلدە ياشىماي ئۇيغۇرلۇق كىملىكىم ئەلۋەتتە مەن بىلەن بىللە ياشايدۇ، خالاس!

 

شۇنداق قىلىپ پۈتۈن ئائىلىمىزنىڭ ئەرمەك ئاسلانى “تىگى” مانا مۇشۇ تۇرمۇشۇمىزنىڭ بىر تەركىۋى بولۇپ شەخسەن مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئىككىنچى “ئەرمەك” ھايۋىنىم سۈپىتىدە مەن بىلەن بىللە ئالدىمىزدىكى كېلىۋاتقان يىللارغا نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەسلىمىلەر قالدۇرغۇسى.  مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا ئاسلانچاق تىگى مىياڭلاپ كېلىپ ئورۇندۇقۇم ئاستىدا ئولتۇردى دە دۇنيادىن بىغەم پۇقۇرلاىشىنى باشلىۋەتتى….

 
 

2015 – يىلى 17 – سېنتەبىر، لوندون.

 
 

مەنبە:

http://bbs.bagdax.cn/thread-34035-1-1.html

http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=7950

http://www.azizisa.org/mushuk_beqish

 

 



1 باھا يېزىلىپتۇ. سىز تېخى باھا يازمىغان ئوخشايسىز... بۇ تېمىغا ئ‍ۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك پىكىرىنى يېزىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىڭىشنى ئارزۇ قىلىمىز!

  • Lucy Nicely | 21:52 | 2015.11.2 جاۋاب

    Hi! It’s very interesting to see a website in different script language rather than English. But I can only read the photo of a lovely kitten. Can you please briefly explain us in English the meaning about this long writing? Greatly appreciated for your kind respond. Thanx!

سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !