مەن شېئىر يازمىدىم

Men shier yazmidimئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Men_Shi’er_Yazmidim_Elkun.mp3

 

مەن شېئىر يازمىدىم
شېئىر مېنى يازمايتتى،
چۈنكى بىز قىيدىشىپ قالدۇق.
كۆپ چېكىتلەر قويۇلغان ئىككىمىز ئارىسىغا
سۈكۈتكە تەقدىر بىزنى باغلايتتى!

 

مەن شېئىر يازمىدىم
شېئىر ھەم مېنى يازالمايتتى،
چۈنكى ھېسلىرىمىز بۇغۇلغان
تىزىلغان مىسرالار بۇزۇلغان …
ئارىمىزدا ئاسمان بىلەن زېمىندەك كەڭ
بوشلۇق تۇغۇلغان،
باھارنى ئۇزاق كۈتكەن گۈللىرىمىز ئاخىر
ئېچىلمايلا توزۇغان!

 

مەن شېئىر يازمىدىم
شېئىر مېنى يازالمايتتى،
چۈنكى بىزنىڭ تۇيغۇمىز –
مۇھەببىتىمىز
غورۇرىمىز
كەچمىشىمىز …
بىزگە تەۋە ھەممە نەرسىلەر ئوغرىلانغان،
قاراقچىلار قاراڭغۇ كوچىدا
بىزگە تۇيدۇرماي تۇرۇپ
ھەممىنى يوشۇرۇپ ساتقان!

 

مەن شېئىر يازمىدىم
شېئىر مېنى يازالمايتتى،
چۈنكى ئارىمىزغا سوئاللار قويۇلغان –
سېغىنىش، ھىجران، كۈتۇش،زارىقىش….
ھەممىسى بۈگۈن بىزگە ۋاپاسىز بولۇپ تۇيۇلغان-
ھەممىسى بىزگە دۈشمەن ئىدى
ھەممىسى بىزنى ئايرىيتتى
ھەممىسى بىزنى قىينايتتى!!!

 

مەن شېئىر يازمىدىم
شېئىر مېنى يازالمايتتى،
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمنى كەچۈرمەيمەن
كەچۈرشىڭنىمۇ كۈتمەيمەن!
ئەمما سەندىن تىلەيمەن،
مېنى چۇشەن!

 

مەن ئۈمۈد بىلەن ياشاپ كەلدىم
سەنمۇ شۇنداق ياشاشقا ۋەدە بېرەلەمسەن؟!
لەڭگەردىكى سۆيگۈمىزگە گۇۋا ئۈجمە دەرىخىگە
سىرلىرىڭنى ھازىر ئېيتالامسەن؟!

 

سەن –
ھىجرانغا تولغان مىسرا ئارىسىدىن
قۇشلار سايرىغان
گۇللەر ئېچىلغان بىر كۈندە
سەبىر ۋە چىدام بەرگلىرىدىن
باھارنىڭ كېلىدىغىنغا-
ۋىسالنىڭ ھامان توغۇلىدىغىنىغا
ئىشەن!

 

مەن شېئىر يازمىدىم
شېئىر مېنى يازالمايتتى،
چۈنكى ھەر قېتىم سەن دىلىمدا-
مىسرالار ئىچىدە ئايان بولساڭ –
ھەممە قاپىيەلەر سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن
ئورۇن تالىشىپ جەڭگە چۈشەتتى.
چۈنكى ئۇلار ساڭا كۈندەشلىك قىلاتتى،
بۇ ئېنىق ئىدى..
چۈنكى مەن سېنى سۆيەتتىم،
سەنمۇ مېنى سۆيەتتىڭ…

 

مەن شېئىر يازمىدىم
شېئىر مېنى يازالمايتتى،
چۈنكى قاپىيىسىز قالغان ئارزۇ –
ھېسسىز، جانسىز، جانانسىز …
مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن جان تالىشاتتى،
ھەسرەتنىڭ ئالەمدىكى ئېغىر يۈكىنى
گەۋدىسىدە كۆتۇرۇپ
نوھنىڭ كېمىسىدە نىشانسىز ئۈزەتتى!

 

مەن شېئىر يازمىدىم
شېئىر مېنى يازمايتتى!

 

مەن شېئىر يازمىدىم
شېئىر مېنى يازالمايتتى!

 

5 – مارت، 2018-يىلى، لوندون.

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !