لەيلىگۈل

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
Leyligul

ئەسەرنى بىۋاستە ‍ئاڭلاش: Elkun_poem/Leyligul.mp3

 

ھەتتا ئالەم دۇم كۆمۈرۈلسىمۇ روھىم مۇشۇ لەيلىگۈلدەك، خازانغا ماتەم بولغان كەچ كۈزدىمۇ مەزمۇت چېچەكلەپ تۇرىدۇ چۈنكى ئۇنىڭ بېشىدىن پەسىللەرنىڭ تالاي بوران-چاپقۇنلىرى ئۆتكەن. ئۇنىڭ يىلتىزى يۇلغۇندەك چىداملىق، ھەتتا قەھىرتان قىشتا جىسمى ئۈششۈپ كەتسىمۇ باھار كەلگەن ھامان يىلتىزىدىن كۆكلەپ چىقالايدۇ. ئۇ يازنى ئۆزىنىڭ گۈزەل جۇلالىق گۈللىرى بىلەن نەقىشلەپ، قاتلىرىدا شوخ كېپىنەكلەرنى پەرۋاز قىلدۇرۇپ ئوينىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بوستانلىقلاردا مېھنەت سىڭدۇرۇپ ياشىغان ئەقىللىق خەلقىمىز لەيلىگۈلنى ئەڭ ياخشى كۆرگەن، ئۇنىڭ بىلەن ھويلا-ئاراملىرىنى زىننەتلىگەن، قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت ھېسلىرىنى لەيلىگۈلگە ئاتاپ، لىرىك ناخشىلارنى ئېيتقان. 

 

لەيلىگۈل ھەققىدە مېنىڭ ئېيتىدىغان ھېكايىلىرىممۇ  كۆپ، شۇنداقتىمۇ لوندوندىكى لەيلىگۈلنىڭ ھېكايىسىدىن ئازراق سۆزلەپ بېرەي. مەن دەرۋىش بولۇپ، ياشايدىغان ماكان ئىزدەپ لوندونغا يېڭى كەلگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرلىرىدە، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، ۋەتىنىمنى، شۇ لەيلىگۈل پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرىدىغان باغۇ-بوستانلىق يۇرتۇمنى بەك سېغىنىپ كەتكەن بولسام كېرەك، (بۇ يەر بىر ئارال، كىلماتى نەم، يامغۇر كۆپ ياغىدىغان بولغاچقا لەيلىگۈل ئۆسمەيدىكەن، پەقەت پەرۋىش بىلەن ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى كېيىن بىلدىم) بىر كۈنى مەن شەھەر مەركىزىدىكى بىر ھەشەمەتلىك دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسام، دېرىزە پەشتىقىدا ئەينەك شىشىدە پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغان بىر قانچە تال پىلاستىك لەيلىگۈلنى كۆردۇم دە، يۈرىكىمدە ۋىللىدە ئاچچىق بىر پىغان يانغاندەك بولدى. بۇ تەبىئيكى كەچمىشىمنىڭ شۇ ۋاقىت رېئاللىق رىئاكسىيىسى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پىلاستىك بولسىمۇ ئۆتمۈشنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە ئەشۇ ساختا لەيلىگۈللەرنى سېتىۋېلىپ، ئۆيۈمدە تاكى ئۇنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكىچە بىر قانچە يىل شىرەم ئۈستىدە ساقلىغىنىم ئېسىمدە.

 

مېنىڭ ئۇيغۇر تۇپرىقىدىن ئايرىلغان يىللىرىم ئۆمرۈمنىڭ يېشى بىلەن تەڭ يېرىم بولاي دەپ قاپتۇ. مەن ھىجران يۈرەكنى خەستە قىلغان، خەستە ئەمەس كۈل قىلغان بۇ يىللاردا لەيلىگۈل خۇددى مېنىڭ ھايات يىلتىزىمدەك مەن بىلەن بىللە ياشىدى …  مەيلى مەن قەيەردە ياشىماي، مەيلى مەن قەيەردە بولماي، تالاي گۈزەل ئۆسۈملۈكلەر، تالاي چىرايلىق گۈللەر ئىچىدىن كۆزۈم ئەڭ ئاۋۋال شۇ لەيلىگۈلنى ئىزدىدى. كېيىنكى كۈنلەردە مەن لەيلىگۈلنى كۆرسەم، ئۇنڭىدىن مەن يوقۇتۇپ قويغان بىر تەۋەررۈكىمنى تېپىۋالغاندەك خۇشاللىق تاپىدىغان، لەيلىگۈلنى بىلمەيدىغان چەتئەللىكلەرگە بوستانلىق يۇرتۇمدا كۆكلەيدىغان، باھادىن تاكى قىش كىرگىچە ئېچىلىپ تۇرىدىغان لەيلىگۈل ھەققىدە توختىماي سۆزلەپ كېتىدىغان بولۇپ قاپتىمەن. 

 

لەيلىگۈل، بۇ ئېيتقانلىرىم راست ئەقىدە بىلەن بولغان ۋە بولۇۋاتقان راست ئىشلار. لەيلىگۈل، بۇ ھەم ھەقىقەت، سەن سۈرگۈنگە پالانغان ۋە باغلانغان مۇھەببىتىمنىڭ تىرىك ئابىدىسى، شۇڭا سېنى ئۇيغۇر تۇپرىقىدىن يىراقتىكى بۇ ئەلدە، ھەر ۋاقىت ئىسمىڭنى ئەستە تۇتۇپ تۇرۇش، ھىدىڭنى ئۇيغۇرلۇق پۇرقى بىلەن پۇراپ تۇرۇش ئۈچۈن، لوندوندا تۇغۇلغان قىزىمغا سېنىڭ ئىسمىڭنى قويۇپ قويغىنىمنى بىلمىدىڭمۇ؟ 

 

ھىجرانغا بۇ يۈرەك چىدىمىدى …. كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا سېنى كۆرۈپ بىر مەھەل بولسىمۇ قەلبىمدە سېغىنىشتىن يېنىۋاتقان جۇدالىق ئوتلىرىنىڭ سەل پەسكويغا چۈشكەنلىكىنى سەزدىم، بەلكىم سېنى كۆرگىنىم، تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئۇ تەرپىدىن شاماللار بىلەن ئۈچۈپ كەلگەن ھىدىڭنى پۇرۋاغىنىم ئۈچۈندۇر. سېنى يىلتىزى تارىمدىكى لەيلىگۈل بىلەن بىر تۇتاش دەپ بىلىپ، ئۆز قۇلۇم بىلەن ئالمۇتىدىن، چىمكەنتتىن، ياركەنتتىن، تاشكەنتتىن ئۇرۇقلىرىڭنى شېخڭدىلا تېرىۋېلىپ باغچامدا ئۆستۈرگىنىم، سېنى لوندوننىڭ يات كېلماتىغا ئۆزلەشتۇرگىنىم، ئونبەش يىللار بۇرۇن ئەلكۈننىڭ ھاياتىدا بولۇپ ئۆتكەن راست ئىشلار ئەمەسمۇ؟    

 

لەيلىگۈل، شۇڭا سەن ھەر ۋاقىت ھاياتنىڭ، گۈزەللىكىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا خاس بوستان مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولىدۇر سەن. سېنىڭ ھەر بىر جىسمىدىن چىدام، غورۇر، جاسارەت، مۇھەببەت، نازاكەتلىك، ئىشقىلىپ گۈللەر دۇنياسىدىكى ھەممە گۈزەللىكلەر تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. 

 

لەيلىگۈل، شۇڭا مەن ساڭا ئامراق، شۇڭا مەن سېنىڭ ياشاش روھىڭدىن ھەر ۋاقىت ئىلھام بەخش ئېلىپ ياشايمەن … سەن مېنىڭ دەز كەتكەن روھىمغا مېھرىگىيادۇر سەن. لەيلىگۈل، سەن مەن ئۈچۈن ئەڭ ئەتىۋارلىق بىر گۈلدۇرسەن! شۇڭا سېنى ئۆز قولۇم بىلەن بوغچامدا ئۆستۈردۈم. 

سېنى دائىم سېغىناتتى، ئەمما بۇ يىل بۆلەكچىلا سېغىندىم، سېنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن باغچامدىكى بوش يەرنىڭ ھەممىسىگە سېنى تېرىۋەتتىم… مەن سېنى ھەر قېتىم باغچامدا كۆرسەم، مەھەللىمىزدە، يول بويلىرىدا توپ – توپ بولۇپ ئۆسكەن، شاخلىرىدا قىزىل، ئاق، شاپتۇل چېچىكى قاتارلىق رەڭلەردە ئېچىلىپ، پورەكلىگەن لەيلىگۈللەر ئارسىدا بىر -بىرمىزنى قوغلۇشۇپ مۆكۈلەڭ ئوينىغان ئۇزاق كەچمىشتىكى خىرەلەشكەن دەملەر كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. 

 

ھازىر ھالىڭ نېچۈن لەيلىگۈل؟! سېنىڭ ئۆلمەيدىغىنىڭغا ياكى سېنى ھىچ بىر دۇشمەننىڭ ئۆلتۇرەلمەيدىغىنىغا چەكسىز ئىشىنىمەن ۋە شۇنداق بولىشىنى تەڭرىمدىن تىلەيمەن! لەيلىگۈل، بۇ مەرەز جۇت قىش سېنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، سەن ئۆلـمەيسەن لەيلىگۈل، سەن ئۆلـمەسلىكىڭ، سەن مەندىنمۇ ئۇزاق ياشىشىڭ كېرەك! بىز ھىچقايسىمىز بۇ دۇنياغا ئۆلۈش ئۈچۈن كەلمىدۇق، بەلكى بىز ئادىمىيلىك قەدرىمىز بىلەن بىرىنچىدىن ئىنساندەك، ئىككىنچىدىن ئۇيغۇر بولۇپ غورۇر ۋە ئىززىتىمىز بىلەن ئەركىن ياشاش ئۈچۈن كەلدۇققۇ؟! ھىچ كىمنىڭ بىزنىڭ ياشاش ھوقۇقىمىزنى تارتىۋېلىش ھەققى يوق! 

 

ماڭا سېنىڭ «بىز چوڭ بولغاندا، ھىجراندىن كېيىنكى ۋىسال كۈنى كەلگەندە چوقۇم كۆرۈشىمىز» دەپ بەرگەن ۋەدىلىرىڭنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت! (تەقدىرنىڭ، بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ بىزگە ئاسىيلىق قىلماسلىقىنى تىلەيمەن). ھىجراندىن كېيىن ۋىسالنىڭ كېلىدىغىنىغا ئوخشاش، ھامان قىشتىن كېيىن باھارنىڭ كېلىدىغىنىمۇ بىر ھەقىقەتتۇر. سەن شۇ ھەقىقەتكە قەتئىي ئىشەن، ئىشىنىپ، ئۈمىد بىلەن ئەتىگە تەلپۈنۈپ ياشا، ئاسمانغا بوي تارتىپ ئۆسىدىغان مەزمۇت شاخلىرىڭ ۋاقىتسىز سولاشمىسۇن! يەنە ئېسىڭدە بولسۇن، ئاتا -بوۋىلىرىمىز شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، «ئۈمىد ئادەمنى ياشنىتىدۇ، غەم قاقشىتىدۇ» دەپ بىكار ئېيتمىغان. 

 

قىش ھەرقانچە شەپقەتسىز بولسىمۇ ھامان ئۇنى باھار شاماللىرى قوغلىۋېتىدۇ. ئەلـمىساقتىن پەسىللەرنىڭ ئالـمىشىشى، تەبىئەتنىڭ  ئۆزگەرمەس چىنلىقىدۇر. سېنىڭ تۇپراققا چوڭقۇر يىلتىز تارقان يىلتىزىڭنى قارا قىش ئۈششۈتەلمەيدۇ، شەپقەتسىز بوران قومۇرالـمايدۇ. بۇ كۈنلەردە مەن سەن بىلەن ئوڭۇمدا، چۈشۈمدە، ھەر بىر دەقىقىدە بىللە. مەن سەن بىلەن مەۋھۇملۇقنىڭ چېگرىسىز قولۋىقىدا، مەن سەن بىلەن ئاسماندىكى جىمىرلاپ تۇرغان بەختىلىك يۇلتۇزلارنى ھەۋەس ئىچىدە سانىغاچ، ئۇزاق زامانلار بۇرۇن ئاتا-ئانىمىز يوقۇتۇپ قويغان ئارمانلىرىمىزنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن، ئۇلۇغ ئوكياندا تېنىمسىز تەكلىماكانغا قاراپ ئۈزمەكتىمىز…. 

 

بۇ تېگى چوڭقۇر دېڭىز سوغۇق، مېھرىسىز ۋە رەھىمسىز. بىز ناۋادا بۇ سەپىرىمىزدە، دېڭىزلارنىڭ دولقۇنلىرىدا قولۋىقىمىز ئۆرۇلۇپ كەتسىمۇ، ھەتتا بىز لەھەڭلەرگە يەم بولۇپ كەتسەكمۇ، بىز بۇ ئىرادىمىزدىن ئەسلا يانمايمىز ۋە يانالمايمىز، ۋاز كەچمەيمىز ۋە كېچەلمەيمىز چۈنكى رېئاللىقىمىز، مەۋجۇتلۇققا بولغان تەشنالىقىمىز بىزنى مۇشۇنداق خەتەرلىك سەپەرگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. روھ ۋە ئىرادە بولمىغان بىر تەننىڭ ئۆلۈك تاپتىن نە پەرقى بولسۇن!؟ 

 

بۇ پاراكەندىلىك كۈنلەردە ئۇيقۇ ماڭا ھارام بولدى، ھەر كۈنى نائىلاجلىقتىن كۆزۈمنى يۇمىمەن. مانا چولپاننىڭ چىقىدىغىنىغا ئاز قاپتۇ، مەن ئەمدى ئۆزۈمنى ئۇخلاشقا زورلاي. 

 

گۈللەرنىڭ مەلىكىسى لەيلىگۈل، ئەمدى سېنى ئەتە سەھەردە باغچامدا مەزمۇت كۆرەي. سەن ئارقىلىق يۈرىكىمدىن ئوخچىغان بۇ ئىزگۈ تۇيغۇلىرىمنىڭ ئەتە بىر چۈش ئەمەس، رېئاللىق بولىشىنى تىلەيمەن. سەن روھىمنى ئازاد قىلدىغان، ئازابلىرىمنى يەڭگىللىتىدىغان، ماڭا ئۆزۈڭنىڭ قەيسەرلىكى بىلەن جاسارەت ئاتا قىلىدىغان ھەمشىرە گۈلۈمسەن! 

 

خەيرلىك كەچ لەيلىگۈل!  

 

2018-يىلى 26-ئۆكتەبىر، لوندون. ئەلكۈن تورى 

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !