«كىرپە بالام يۇمشاق» ئەمما قولىمىز قانىمىسۇن

“Kirpe_balam_yumshaq”
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ بىرى بولغان Code تور ژۇرنىلىدا 2019-يلى 9- ماي كۈنى ژۇرنالىست ئېسوبېل كوككرېل (Isobel Cockerell) تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تراگېدىيىلىك جىددىي ۋەزىيىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن «ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاينىڭ دۆلەت تەقىبىگە قارشى كۈرەش قىلماقتا» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىنىدۇ.
 
بۇ ماقالىدا خىتاي جازا لاگېرىنىڭ سابىق مەھبۇسنى بولغان، ھازىر تۈركىيىدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گۈلباھار جەلىلوۋا خانىمنىڭ خىتاي جازا لاگېرى ئىچىدە تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى كارتۇن فىلىم ئارقىلىق بايان قىلىنغان بولسا، نۇرجامال ئاتاۋۇللا، مۇيەسسەر مىجىت قاتارلىق خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلە -تاۋابىئاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى تېما قىلىش ئارقىلىق خىتاي دۆلىتىنىڭ نەچچە مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى دۇنياغا قايىل قىلارلىق دەلىل – پاكىتلار بىلەن تەسىرلىك بىر رەۋىشتە بايان قىلىدۇ.
 
ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى بۇ ماقالىنىڭ ئەڭ ئۇستىگە پەقەت ئىككى كۆزنى كۆرگىلى بولىدىغان، ئەرەب ياكى سۇمالىلىق مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ باش كىيىمىگە ئوخشاپ كېتىدىغان رومال بىلەن ئۇستى بېشىنى ئورىۋالغان بىر خانىمنى كۆرىمىز. دېمەك، بۇ ماقالىنى كۆرگەن ئادەم ماقالىنى ئوقۇسۇن، ياكى ئوقۇمىسۇن «ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئىكەن» دېگەن چۈشەنچىگە ئىگە بولىدىغىنى شۇبھىسىز.
 
مانا دەل مۇشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلغان بىر قېرىندىشىمىز، مەن بۇ ماقالىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا تەھرىرلەنگەندىن كېيىن، بۇ ماقالىغا ئىشلەتكەن رەسىمگە قارىتا ئۆزىنىڭ راھەتسىزلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق ئىنكاس يازىدۇ «تازا ياخشى كۆرمىدىم، ئۇيغۇر ئوبرازى ئەرەبلەردەك تەشۋىق قىلىنسا، ئۇيغۇر- ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن چىقىشى كېرەك» دەپ يازسا، يەنە بىر قېرىندىشىمىز «بۇ ماقالىغا ئىشلەتكەن رەسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى سەلبىي كۆرسىتىدىكەن …» دەپ يازىدۇ.
 
ئەقىل- ئىدىراكلىرى ئۇيغۇرلۇق يۇغۇرۇلغان قېرىنداشلىرىم، سىلەرنىڭ ئېيتقىنىڭلار ئەلۋەتتە توغرا، بىراق بۇ ماقالە بۇ بىزنىڭ ھېسسىياتىمىز ۋە سوبيېكتىپ ئارزۇيىمىزنى ئاساسىي مەقسەت قىلمايدۇ. غېرىبنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرى، مۇخبىرلىرى نېمىنى كۆرسە ۋە بىلسە شۇنى ئەينەن يازىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز خىزمىتىگە بولغان سەمىمىيىتى ۋە كەسىپچانلىقىدۇر. شۇڭا بۇ «سەلبىي ئوبراز» نى ئىلىم ئەھلى ياكى مۇخبىرلار مەسىلىسى ئەمەس بەلكىم ئۆزىمىز ياراتقان. ئۆيىمىزدىكى قان – قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن جاھىللىق مەسىلىسىدىن ئىبارەت.
 
گەرچە قانداق كىيىنىش ھەر كىمنىڭ ئۆز شەخسىيىتىگە تەۋە ئىش دەپ قارلسىمۇ ئەمما مىللەتنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر چۈشكەندە، ھەر بىر كىشى «مەن ئۇيغۇر» دەپ مۇخبىرلارغا سۆزلىگىنىدەك، ئۇيغۇرلۇق كىملىكى، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى، ئىجابىي ياكى سەلبىي ئوبرازى بىر شەخسكە ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇرغا ۋەكىل بولىدۇ.
 
جانابىي ياراتقۇچى ئىگىمىز بىزنى «بىزنى ئۇيغۇر» دەپ ياراتتى، «ئۇيغۇر» دەپ ئىرقىي ۋە مىللىي كىملىك مۆھىرىنى بىز دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپ بىزنىڭ پېشانىمىزگە باستى. بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئىنئامىدۇر. كىمدە كىم ئاللاھ بەرگەن بۇ ئىنئامغا رىياكارلىق قىلسا، ئاللاھ ئۆز قوۋمگە (مىللىتىگە) ئاسىيلىق قىلغان كىشىنى كەچۇرمەيدىغىنىغا ئوخشاش، ئۆز مىللىتىنىڭ كىملىكىدىن تانغان ياكى ياتلاشقانلارنىمۇ ئوخشاشلا كەچۈرمەيدۇ.
 
ئاللاھ ئەرەبنى ياراتقىنىغا ئوخشاش، ئۇيغۇرنىمۇ ئەرەبتىن ھىچ بىر يەرلىرىنى كەم قىلماي ياراتتى، ئۆزى ياشايدىغان زېمىن، سۆزلەيدىغان تىل، كىيىدىغان كىيىمىنى، يەيدىغان تائاملىرىنى پەرقلىق قىلىپ، تالاي ئىنئاملارنى ئاتا قىلدى. «ۋەتەننى سۆيۈش ئىمانىنىڭ جۈملىسىدىن» بولغىنىغا ئوخشاش، مىللەتنى سۆيۈشمۇ ئەنە شۇ ئىمانىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
 
يەنە بىر نۇقتا فورمۇلا شەكلىدە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېڭىدا ۋە ئىش ھەرىكىتىدە ھەر ۋاقىت بولىشى كېرەككى بۈگۈنكى ئۇيغۇر داۋاسى «مۇسۇلمانلىق» داۋاسى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرنىڭ بۇ دۇنيادا بىر مىللەت سالاھىيىتى بىلەن ياشاش، ئۆز ۋەتىنىگە ئۆزى ئىگە بولۇش داۋاسى. ئۇيغۇر 1000 يىل بۇرۇن مۇسۇلمان بولۇپ بولغان. خىتاي بىزنى «مۇسۇلمان» بولغانلىقىمىز ئۇچۇن ئەمەس، دۇنيا سىياسىتىدە «مۇسۇلمانلىق ياكى دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا ئائىت مەسىلىلەر «مەسىلە» قاتارىدا قارىمايدىغانلىقى ئۇچۇن، دۇنيادا تېخى «ئۇيغۇر مۇسۇلمان» دېگەن بىر مۇسۇلمان ئۇممەتىنى قوغدايدىغان بىرمۇ «مۇسۇلمان» دۆلىتى بولمىغانلىقى ئۇچۇن، مۇشۇ پۇرسەت ۋە باھانە ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىنى مەڭگۈ ئىشغال قىلىپ تۇرۇش، ۋە ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەقسىتىدە، زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرنى يوقۇتۇش ۋەياكى مەجبۇرى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنىڭ ئۇچۇن قەبىھ ۋاستىلىرىنى تاللاپ ئولتۇرماي قوللىنىۋاتىدۇ.
 
ئەمدى يەنە بۇ تېمىمىزنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، ئەلۋەتتە، ئەگەر مۇشۇ خانىم – قىزلىرىمىز مىللەتنىڭ ئوبرازىنى ئويلىغان بولسا، يەنە كېلىپ ئازراق بولسىمۇ سىياسىي ساۋادى بولغان بولسىدى، پەقەت بىر سائەت بولسىمۇ ئۆز نەپسىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇيغۇرنىڭ چىرايلىق دوپپا ۋە ئەتلەسلىرىنى كېيىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولاتتى. ئۇيغۇرنىڭ سىز ۋە بىز ئىستىگەن گۈزەل ئوبرازىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھېسداشلىقىنى، قوللىشىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوزغىيالايتى. بۇ ئىشنى قىلىش ھەم تامامەن بۇ سىڭلىمىزنىڭ قولىدىن كېلەتتى.
 
بۈگۈنكى قىل ئۈستىدىكى ئۇيغۇرنىڭ ھايات-ماماتلىق قىسمىتى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن بۇ كۈنلەردە، بىز شۇنى ئېسىمىزدە مەھكەم تۇتىشىمىز كېرەككى خىتاي دۆلىتىنىڭ تېررور ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرنى «ئۇيغۇر مىللىتى» دېگەندىن ئىبارەت ئاللاھ ئاتا قىلغان مىللەت ماركىسى بولغان ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا بىزنى قۇتقۇزىدۇ چۈنكى بۇ كىملىك تارىختىن بۇيان ئىمپېرىيەلەرنىڭ تالاي قانلىق قىلىچلىرى ئاستىدىمۇ ئامان قالغان، يىلتىزى تەڭرى تاغلىرى بىلەن تەكلىماكانغا چوڭقۇر يىلدىز تارتقان مەڭگۈلۈك كىملىكدۇر
 
گەرچە مەزكۇر ماقالىدە ئىشلەتكەن بىر پارچە رەسىم ئەمەس، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بولسىمۇ، ماقالىنىڭ ھەجىمى كۆپ بولغاچقا، ئۇنى ئوقۇماي، رەسىمنى كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىدىغانلار ياكى ئۇنىڭغا قاراپ سىرتتتىن باھا بېرىدىغانلار ئۇچۇن، قېرىنداشلىرىمىز ئويلىغاندەك سەلبىي تەسىر بېرىشى مۇمكىن.
 
شۇڭا بۇ يەردىكى ئۇيغۇرغا پايدىسىز بولۇپ كۆرۈنگەن ئوبرازنى بىز يازغۇچىدىن ئەمەس، مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ مىللي كىملىكىدىن تانغان ياكى بىلىپ – بىلمەي كىيىمنى، سىرتقى كۆرۈنىشىنى تەقۋادارلىق، ئېتىقاد ۋە ئىسلام دەپ چۈشىنىۋېلىپ، ئۆزىگە ۋە مىللەتكە زۇلۇم قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىدۇر.
 
مەزكۇر ماقالىدىكى خانىم – قىزلىرىمىز بىزنىڭ كۆيۈنىشىمىزگە، تەربىيلىشىمىزگە، «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ مىللەت نامىنىڭ ئۆزىلا «سىياسەت» نىڭ مەنىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىشىمىزگە مۇھتاج. بىز بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا نېمىنىڭ خاتا، نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى سەمىمىيەت بىلەن چۈشەندۈرۈشىمىز، بىلدۈرۈشىمىز، بۇنىڭ ئۇچۇن ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئەل باشلىرى، يەرلىك تەشكىلات ۋە جەمئىيەت ئاقساقاللىرى تەشەببۇسكار بولىشى كېرەك. بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز چۈشىنىشىمىز، توغرا يولغا باشلىشىمىز، قايتىدىن ئۇيغۇرلۇقنى سۆيۈش ۋە ئۇيغۇرلۇققا كۆچۈشتىن ئىبارەت قىزغىنلىقىنى يارىتىشىمىز كېرەك.
 
شۇنى ئاچچىق بىر ئەمەلىيەت بىلەن ئېتىراپ قىلىشىمىز زۆرۈركى بىز نۇرغۇن ئىشلاردا خاتا قىلدۇق، ياكى ئوخشاش قايتا-قايتا تەكرارلىنىۋاتىدۇ. ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىش توغرا ۋە پايدىلىق بولغان ئىشنى تېپىپ قىلىشىدۇر. ئۇيغۇرنىڭ ئاتا سۆزىدە ئېيتىلغاندەك، گەرچە بىزگە «كىرپە بالام يۇمشاق» بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە مىليون بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، دۇنياغا «بىز ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېكىستېرىمىزىمچىلارنى تەربىيىلەۋاتىمىز» دەپ جار سېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى سالماقلىق بىلەن ئويلىشىمىز لازىم.
 
مەيلى ماقالىدىكى رەسىم ئارقىلىق ئۇيغۇر ئايالنىڭ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوبرازى قانداق كۆرۈنسۇن، ۋەياكى بۇ ياخشى ماقالىغا كۆلەڭگە تاشلىغان بولسۇن، بۇ ماقالىنى ئوقۇپ چىقىش، ئېنگىلىز تىلىنى بىلمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا خالىس پداكارلىرىمىز تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنپ، خەلقىمىزنىڭ ئوقۇشىغا تەقدىم قىلىنىشى تەقدىرلىنىدىغان خىزمەت دەپ قارايمىز چۇنكى بۇ ماقالە ياخشى يېزىلغان ماقالىدۇر.
 
مەن ماقالىنىڭ يېزىلىشى ۋە قىسقا كارتۇن فىلىمىنىڭ ئىشلىنىشى ئۇچۇن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ئېسوبېل خانىمغا ئۆزۈمنىڭ بەلگىلىك تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىنى بېرىپ، ئۆز ھەسسەمنى قوشۇشقا مۇۋەققەت بولغان ئىدىم ئەمما خانىمنىڭ بۇ رەسىمنى تاللاپ ئىشلىتىشىنى مەن ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
 
قىسقىسى، بىز ئۆزىمىزگە پايدىسىز بولۇۋاتقان ئىشلارنى باشقىلاردىن كۆرۈشتىن كۆرە «بىز نېمىنى خاتا قىلغان ۋە قىلىۋاتىمىز؟ئۆزىمىزنىڭ ئورنى قەيەردە، دۇنيا قەيەردە، دۇشمىنىمىز قەيەردە، دوستىمىز قەيەردە…» دېگەندەك سوئاللارنى ئۆزىمىز دائىم سوراپ تۇرىشىمىز، دۇنيا قارىشىمىزنى يېڭىلاپ تۇرىشىمىز، زامانغا يارىشا ئۇيغۇر بولۇشىمىز زۆرۈردۇر.
 

2019- يىلى 29- ئىيۇن.
 
 
مەنبە ئەلكۈن تورى

 
 
——————————————————
ماقالە مەنبەسى:
https://codastory.com/authoritarian-tech/uyghur-women-fighting-china-surveillance/?fbclid=IwAR1RcSnhVDvzs99E3o0OQ_-uiBf7VwXgtKyBWpqIgE68LMODbQjhE5F3ajI
 



باھا يېزىش چەكلەندى!