كېچە ئەرۋاھى

“Kecheئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئاڭلاش: Elkun_poem/Keche_erwahi.mp3

شېئىرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

مەن كېچە ئەرۋاھى، مېنى ئازابلىغان ۋاقىت ئوغۇرلىرىنى ئىزدەۋاتىمەن
دۇنيادىكى بارلىق ئوغرىلانغان ۋاقىتنى ھېسابلاۋاتىمەن …
خۇمالاشقان كۆزۈمگە كومپىيوتېر ئېكرانىدىكى سائەت لوندون ۋاقتى 12 نى كۆرسەتتى
بەلكىم پارىژ ۋاقتى ھازىر ئەتىگەن سائەت 1 بولدى، بېرلىن ۋاقتىمۇ ھەم ئوخشاش …
ئۈرۈمچى ۋاقتى قانچە بولدى؟ ئالتاي، قەشقەر، غۇلجا، خوتەندەك شەھەرلەرنىڭ ۋاقتىچۇ؟
بېشكەك، ئالـمۇتا، قازان، تاشكەنت، ئاشخابادنىڭچۇ؟
دۈشەنبە، ھىرات، تېھران، ئىستانبۇل ۋە رىياد ۋاقتلىچۇ؟
خوڭكوڭ، باڭكوك، توكيو، نىيۇيورك، چىكاگو چۇ؟
ئەمما بۇ دەقىقىدە، مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا
ئۇيغۇر ئۈچۈن «ئۈرۈمچى ۋاقتى» دەپ ئاتاش جىنايەت ھىسابلىنىۋاتاتتى…

 
شەرق ۋە غەرىپتىكى بۇ شەھەرلەردە سائەت سىتىرىلكىسى ئالدىغا چۆگۈلەمدىغاندۇ ياكى كەينىگە؟
ئۇلارمۇ مېنىڭ ۋەتىنىمدىكىدەك توغرا ۋاقىت ئىشلىتىشتىن مەھرۇممىدۇ؟
ئۇلارمۇ ئۆتكەنگە ئايلانغان باشقا بىر شەھەرنىڭ ۋاقتىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىنامدىغاندۇ؟
ياكى ئۆز شەھەرلىرىنىڭ ۋاقتىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردەك –
مەسىلەن، «بېيجىڭ ۋاقتى» نى ئەمەس، «ئۈرۈمچى ۋاقتى» نى،
جازا لاگېرلىرىغا، تۈرمىلەرگە سولىنامدىغاندۇ؟
دۇنيادا تەبئىي بار بولغان نۇرغۇن نەرسىلەر خۇددى قەپەزگە سولانغان «ياۋا كەپتەر» دەكلا بىنىلىندۇ
ئۇلار «ياۋا كەپتەر» ئەمەس، بۈركۈتنىڭ ساختىسىنى ئىشلەپتىمىش دەپ ئاڭلىدىم
ئەمما مۇنداق ھېكايىلەر مېنى ھىچ ھەيران قالدۇرالمايدۇ
دۇنيانىڭ ئادالىتىنى مەدداھلار زەللىسىگە ئوراپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكىنى ئۈچۈن
بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتى يوق ئادەملەر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ياشاشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ
ئۇلارنىڭ بايانات بېرىشىچە، ئۇلارنىڭ مەقسىدى ئۇنىڭ بىلەن «چاچقان تۇتارمىش».

 
ئەييۇھانناس ئادالىتىڭگە ھىچ ئىشەنچ قالمىغان دۇنيا –
مەن ئۈرۈمچى ۋاقتى ئىشلىتىپ چوڭ بولدۇم ۋە بۇ مېنىڭ ئۆزگەرمەس كەچمىشىم
ئەمدى لوندون ۋاقتى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدۇم ئەمما بۇ ۋاقىتنىڭ مېنى قېرىتىۋېتىشىغا سەبىرىم يوق!
ۋەتەندىشىم، سىلەرگە يۈرىكىمدىكى بىر ئىلتىماسىمنى ئېيتاي،
ئەمما بۇ گېپىم ئۈچۈن مەن ئۆلگەندىن مېنى كېيىن غاجىمىساڭلار-
مەلۇم بىر كۈنى سىلەر مېنىڭ قەبرەمنى قويغاندا مەككە ۋاقتى ئىشلىتىمىز دەپ ئۇرۇشمىساڭلار
مېنىڭ روھىم بولسىمۇ ئۆزۈم خالىغان، تاللىغان ۋاقىتتا شاد ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشسۇن.
مېنى ئۇ دۇنياغا ۋاقىتنىمۇ دۆلەتكە ئايلاندۇرۋالغان ئەبلەخلەرنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلىپ ئۇزۇتۇپ قويۇڭلار….
مېنى ئۆز ۋەتىنىمدىن باشقا بىر ۋەتەننىڭ ۋاقتىغا قۇل بولۇپ قېلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن!
گەرچە مەن تۇغۇلغاندىلا پېشانەمگە ۋاقىتنىڭ قۇللۇق مۆھىرى بېسىلىپ كەتكەن بولسىمۇ
مەن شۇ ئار نومۇستا كېتىپ قالماي دەپ
ئۆتكەن يىلى شۇ ئۆلگۈر مۆھىر بېسىلغان پېشانەمنىڭ تېرىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ئالماشتۇرىۋەتتىم.

 
مېنىڭ بۇ ھاياتىم ۋاپاسى يوق ۋاقىت بىلەنلا ھەپىلىشىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ
ھاياتىمدا يېرىم كۈننىمۇ شۇ ۋاقىتقا قارىماي ئۆتكۈزمەپتىمەن.
ۋاقىت مېنى ئۇپرىتىشقا ئالدىرىدى، مەن ھەر ۋاقىت ۋاقىتتىن ئۆز ھىممىتىمنى قىزىشقا ئالدىرىدىم
مەن مامات ۋە مەۋجۇتلۇق جەڭگاھىدا ۋاقىت بىلەن چېلىشتىم، ئېلىشتىم…
شۇڭا ئەرۋاھىم گۇناھكار ۋاقىت ئوغۇرلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن كېچە قاراڭغۇلۇقىنى كەزمەكتە
ئەنە، تىمتاس تەكلىماكان قۇملۇقىغا قۇياشنىڭ تۇنجى نۇرى تۆكۈلدى
ۋەتىنىمدە تاڭ ئېتىشقا ئاز قاپتۇ دەپ پىچىرلىدىم …
ئەنە، تەڭرىتاغلىرىنىڭ تىك چوققىلىرىغا قاراڭ
ئۇ باش ئەگمەس چوقلار تاڭ ئېتىش ئۈچۈن تۆكۈلگەن نۇرلارنى بۇ ئۇلۇغ زېمىننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭلىرىغىچە تارقىتىۋاتىدۇ.
دېمەك، خورازلار چىللىمىسىمۇ تاڭنىڭ ھامان ئاتىدىغان كۈنلىرى يېتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ دېدىم.

 
 
2018-يىلى 18-ئىيۇل، لوندوندا يېزىلدى. مەنبە «ئەلكۈن» تورى.

 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !