«ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئەنگلىيىدە نەشىر قىلىنماقچى

ئامىنە سەدەف

 

خەۋەر مەنبەسى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022- يىلى 17- دېكابىر

 

ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان ئاكادېمىك، شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە بمەسئۇل تەھرىرى بولۇپ ئىشلىشى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى «ئۇيغۇر شېئىرلىرى»  ئەنگلىيىدىكى داڭلىق نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان پىنگۋىن نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر نەشرىيات بۇ كىتابنى 2023- يىلى 7- نويابىر كۈنى بۈيۈك بىرتانىيە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە كانادادا نەشىردىن چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .

 

Uyghur Poems Book by EVERYMAN’S LIBRARY POCKET POETS

Published on 7th November by Penguins Random House

 

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى بۈگۈنكىدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىيلارنى جازالاش، كىتابخانا، نەشرىيات ئورۇنلىرىنى تاقاش، ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىشنى چەكلەش قاتارلىق رەزىل مەدەنىيەت يوقۇتۇش سىياسەتلەرنى قوللىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ كىتابنىڭ دۇنياغا داڭلىق بىر نەشرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىشى خىتاينىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە بېرىلگەن بىر ياخشى جاۋاب ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خۇشاللىنارلىق ئىش دەپ قارايمەن. شېئىر بىر تىلنىڭ جەۋھىرى، ئەدەبىياتنىڭ جان تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابقا كىرگۇزۇلگەن شېئىرلار قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرلاردىن تارتىپ، ھازىرقى زامان شېئىرلىرغىچە بولۇپ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ 2000 يىللىق تارىخى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن بىر ئانسولوگىىيىلىك – قوللانما كىتاپ دەپ قاراشقا بولىدۇ. ھەم بۇ كىتاپ كېلىجەكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە قوشقان تۆھپىسىنىڭ بىر نامايەندىسى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى دۇنياغا كەڭ دائىرىدە تونۇتۇشتۇرىدىغان ئېنگلىزچە نەشىر قىلىنغان بىردىن بىر مۇكەممەل كىتاپ بولۇپ قالغۇسى.» دېدى.

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىنگۋىن نەشرىياتى ئەنگلىيىدە برىتانىيە ئىمپېريىسى دەۋرىدىن باشلاپ كىتاب نەشىر قىلىپ كەلگەن دۇنيادىكى چوڭ تىپتىكى نەشرىيات بولۇپ، بۇ نەشىرياتتا نەشىر قىلىنغان كىتابنىڭ تىراژى ئەڭ ئاز بولغاندا بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولىدىكەن ۋە ھازىرغىچە تۈركىيە ياكى باشقا ئۇتتۇرا ئاسىيا تۈرك دۆلەتلىرىددىن بىرەرمۇ شېئىر كىتاپ نەشىر قىلىپ باقمىغان بولۇپ، «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق بۇ كىتاپ ئۇشبۇ نەشىرىياتتا نەشىر قىلىنغان تۇنجى تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 

ئەتىرگۈللەر

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
«ئەتىرگۈللەر» ناملىق ئۇشبۇ شېئىر 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى جازا لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاندى.
 
قۇياشلىق بىر سەھەر
يەنە بىر يېڭى كۈن باشلانغان
مەن ھەممىسى بولۇپ يىگىرمە ئۇچ كۈزنى سانىدىم
قىش پەسللىرىمۇ سۈرگۈندە ئۆتۈپ كەتتى
يەنە قانچە يىلنىڭ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن
ئۆزۈمگە تەۋە ماكانىغا
ئاتا-بوۋىلىرىم مۇقەددەس ۋەتەن دەپ بىلگەن
ئەشۇ تۇتىيا زېمىنغا قايتىشقا.
 
مەن ۋۇجۇدۇمدىكى قايغۇنى ھېس قىلالايمەن
تىترەيدۇ جېنىم سوغۇقتا
بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا دادامدىن مىراس قالغان،
غايىب بولۇپ كەتكەن ۋەتىنىنىڭ ئەسلىمىسى
قاچانكى ئەقلىمنى ئەسىرگە ئالغاندا.
 
قىسمىتىم مېنى
ئىنسانلىقىم بىلەن ئىززەتلىنىشكە ئۈندەيدۇ،
پۈتۈن دۇنيادىن
يوقالغان شۇ ۋەتەننىڭ ھايات قالغان شاھىدتلىرىغا،
 تەكرار ۋە تەكرار –
بىر قەترە مۇھەببەت
مېھرى- شەپقەت تىلەيدۇ.

ئادەمسىز كوچا

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئادەمسىز كوچا
قەلىبسىز ئادەملەر
مېنى ئەسلەپ تۇرغان يىراقتىكى چۈش
ئالغا ماڭ غېرىبسىنغان قەدەم …
غەمسىزدۇر ئاسمان
يېڭىلمەسدۇر غايەم.

 

بالدۇر چىققان نازلىق يۇلتۇز
جانانىممۇ سەن؟
يۈركى قارداپ كەتكەن كېچە
زالىممۇ سەن؟

 

ھاياتتىن نېمىنى ئىزدەي
نېمىنى مەن قىلاي ئارمان
ئۆزۈمگە ئۆزۈم ناتونۇش
ئۆزلۈكىم ساراڭ بىلەن دوست
ياق، سايەم بىلەن سىرداش
ھايات ئىزگۈلۈكتە ئېچىرقار
سۈرگۈنىدىكى ھەردەم.

 

20-ئىيۇل، 2021- يىلى. لوندون

 

 

«ئىندىجېنىس پىپول» لار: ئايقىز ۋە جەك

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

(Indigenous people: Aykiz and Jack)

 

خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ھايات ۋە مامات ھەلقۇمىدا جان تالىشىۋاتقان ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنىڭ چەتئەلدىكى ئىككى توك-توك قاچقۇنلىرى ئارىسىدا يېقىندا ئەينى يىللاردىكى دۇنيانى ۋەھىمىگە سالغان سوۋېتلەرنىڭ ھىدىروت بومبىسىدىنمۇ كۈچۈك «ئىندىجېنۇس» بومبىسى تۇيۇقسىز پارتلاپ، پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدىكى ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنى ۋەھىمە ۋە ساراسىمگە ساپتىمىش ….

 

بۇ «ئۇيغۇر» -دۇنيا قوۋملىرى ئارىسىدا كەمدىن كەم تېپىلىدىغان بىر ئەزىز مىللەت، ياق، تەكلىماكاننى ئەبەدىي ۋە ئەبەدىي ئۆزىنىڭ ئاتا ماكانى قىلىپ، ئىمپېرىيە ۋە سۇلالىلەرنى قۇرۇپ ياشاپ كەلگەن يەرلىك مىللەت.

«ئەمدى تىلىڭ قۇرۇسۇن، ئۇيغۇر يەرلىك خەلق ئەمەس»
«ئۇيغۇرلار ئىندىجېنۇس پېپول ئەمەس»
«بىز ئىندىئانلار ئەمەس…»
«ھۇ ۋەتەن خائىن، تىلىڭنى تارت! »
«ئۇيغۇرنى ئىندىجېنۇس پېپول قىلىپ، پالنى، پۇستانى سېتىۋەتتى… ئۇلارنى يوقىتايلى ھۇررا …ھۇررا …!!!»

 

ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنىڭ ئىچىدە ۋابادىنمۇ يامان «ئىندىجېنۇس پېپول» پىس-پاس بومبىسى مىلادىيە 2021-يىلى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم مۇبارەك مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقنىڭ 88-يىللىق خاتىرە كۈنىدە دەھشەتلىك پارتلىغان ئىدىكى ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقنىىڭ ئەڭ غەربىدىكى شوتلاندىيەدە ياشاۋاتقان ئىككى مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭمۇ كېچە-كۈندۈز ئارامىنى بۇزۇۋەتكەن ئىدى.

 

ئەلكۈن باغچىسى

 

 

پەسىل ھالقىپ، پەرۋىشىگە چىۋەر بارماق، گۈزەلگىنە باغچا بولدى.

ئاسمىنى لوندون ئۆچۇق، كۆرمەككە كېچىنى روشەن يۇلتۇزۇم بولدى.


سېغىنىپ تۇرسام ھەر دەمدە، قەلبىدىكى ئابىدەم – تۇتىيا ۋەتەننى،


كەچسىمۇ ئۆزگە ئەلدە، ئەلكۈن ئۆمۈرى ساڭا ئاشىقى قۇل بولدى!

 
 

ئەلكۈن. 25-سېنتەبىر، 2021-يىلى، لوندون.

 

شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
چۈنكى تەقدىر بىزلەرگە توزاق.
ئەمما سەبىر تۇرماس سۈكۈتتە،
ھايات كۈرەشكەن ئەسلى شۇنداق.

 

شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
يانار يۈرەكتە سېغنىش بىراق.
سۆيۈش ئىكەن بۇ ئۆمۈر ئەسلى،
ياشاش بىزگە زۇلۇمدىن يىراق.

 

شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
قالدى قەدەم ھىجراندا ئاقساپ.
تىلەيمەن ۋىسال ئەيلە قىسمەت،
بولغاي ھىممەت بىزلەرگە ساۋاپ.

 

شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
تاپالماس شىپا كۆيسە پىراق.
مۇھەببەت مەلھەم ھەر يۈرەككە،
ئىنسانلىققا قويۇلسا سوراق؟!

 

شېئىر ساڭا يازمىدىم ئۇزاق،
شېئىر پۈتمەس ۋەتەنگە ئاتاق.
ھەر مىسىرادىن تۆكۇلەر ئىسمىڭ،
ياشىساقمۇ سۈرگۈندە يىراق.

2021-يىلى، 1-ئىيۇل، لوندون.

 

رىزىق

ئادىل تۇنياز

 

ئە. ئە گە ئاتاپ

 

ئۇچىراشتۇق بىز
ئاۋال تېلېفوندا –
ئاندىن زاۋالنىڭ سۈرىتىدىن تىز
توختىغان قىزىل تاكسى يېنىمىزدا
قالدۇرمىدى غېرىبلىقتىن ئىز،
قالدى بىر تىكەن تىلىمىزدا.

 

سېنىڭ رىزقىڭ يات تىلدا ئىكەن
ئىككى قىزىڭ ئاق پىشماق، بىغەم
ئېنگىلىز تىلىدا ئۇچتى بىر دەم
يېرىم سۈزۈك قانىتى بىلەن.

بىرتانىيەلىك ئۇيغۇر ھۆكۈمەتتىن غايىپ بولغان ئائىلىسىنى ئىزدەشكە ياردەم قىلىشقا چاقىردى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەييارلىدى

بىرتانىيەلىك ئۇيغۇر بۈيۈك بىرتانىيە ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستاندا غايىپ بولغان ئائىلىسىنى ئىزدەشكە ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

 

بۈگۈن، يەنى مىلادى 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بۈيۈك بىرتانىيەنىڭ دۆلەت گېزىتى دەپ ئاتىلىدىغان “Daily Telegraph” (تېلېگراف كۈندىلىك گېزىتى) نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى سوفئا يەن بېيجىڭدىن مەزكۇر گېزىتنىڭ يەكشەنبە كۈنلۇك سانى “The Sunday Telegraph” گېزىتىنىڭ 13-بەت “دۇنيا خەۋەرلىرى سەھىپىسى” گە تۆۋەندىكىدەك تېمىدا مەزكۇر گېزىتتا كەم ئۇچىرايدىغان بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلىدۇ – “بېيجىڭ ئىككى يىل بۇرۇن مېنىڭ ئانامغا تېلېفون قىلىشىمنى چەكلىدى”.

 

گەرچە بۇ گېزىتنىڭ ئالدىنقى بەتلىرى بىرتانىيە شاھزادىسى ھارري بىلەن مەلىكە مەغاننىڭ بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغانلىقىغا بېغىشلانغا ئالاھىدە خەۋەر ۋە رەسىملەر بىلەن تولغان بولسىمۇ، 30 بەتلىك بۇ گېزىتنىڭ 13 بەتىگە مۇخبىرنىڭ ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى بېسىلغان بۇلۇپ، بىرتانىيە پۇقراسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئاسمىلاتسىيە قىلىش ئۈچۈن مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولغانلىقىنى، جۇملىدىن 2 يىلدىن بۇيان يالغۇز ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشالمىغانلىقى، 2017-يىلى ئاتىسى ئۆلۇپ كەتكەندە بارالمىغانلىق ئەھۋاللىرى، ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۇرگۇزۇۋاتقان ئىرقىي، دىنىي ۋە مەدەنىي قىرغىنچىلىقلىرى قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، بىرتانىيە ھوكۇمىتىدىن ئانىسىنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىشقا ياردەم قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۇرگۇزۇۋاتقان ئىرقىي جىنايەتلىرىگە سۈكۇتتە تۇرماسلىققا، ئەقەللىسى بىرتانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە -تاۋابەتلىرى ھوقوقىنى قوغداشتا قىلىشقا تېگىشلىك مەسۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان. مۇخبىر يەنە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە فاكىس ئارقىلىق يازما شەكىلدە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئانىسى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يوللىغان.

دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇش ئۇچۇن ھەرىكەتكە ئۆتىشى كېرەك

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن  (سىياسىي ئوبزور)

 

بريۇسسېل ئەتىگەنلىك گېزىتى
لوندون، بريۇسسېل، 2021- يىلى 6-ماي

 

ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۇنيانى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمەن.

 

مەن، خىتاينىڭ لوپنۇر يادرو سىناق مەيدانىدىن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چەت ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇرمەن.

 

بالىلىقىمنى ئەسلىسەم، يادىمغا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ قىزىل قوغدىغۇچىلىرى، ئاچارچىلىق ۋە ئاتوم – يادرو قوراللىرى سىناقلىرىدىن كېلىپ چىققان قۇم-بورانلىق چاڭ-توزانلار كېلىدۇ.

 

مەن 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئاقسۇ شەھىرىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئىشقا كىرىپ، ئالتە ئايدىن كېيىن «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىشتىن بوشتۇلدۇم. شۇنىڭ بىلەن 1990-يىللىرىدىكى مىليونلىغان ئىشسىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنىڭ مەنزىللىرى خۇشاللىقتىن مەھرۇم بولدى. مەن ئۆز ۋەتىنىمدە ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈنلا، نۇرغۇنلىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك، تەڭسىزلىك ۋە ئىرقىي كەمسىتىشتىن قۇتۇلالماي، ئاخىرى ئەنگلىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، 20 يىلدىن بۇيان لوندوندا ياشاپ كېلىۋاتىمەن.

 

ئەمەلىيەتتە، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ مەندەك 16 ياشلىق بىر بالىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىشى تولىمۇ مەنتىقسىزلىق ئىدى. مېنىڭ باشقا ھىچ بىر جىنايىتىم يوق ئىدى. مەن پەقەت 1985- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «12- دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار» نامايىشنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەپ، باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ، ئۆزۈم تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى ئىشلەپ، مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى ئىشىكىگە چاپلاپ قويغان ئىدىم. گەرچە بۇ ۋەقە بۈگۈندىن 35 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ھېلىھەم ئېسىمدە يىپ يېڭى تۇرۇپتۇ. خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى مېنى شۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەقىقىي «ئۆكتىچى» قىلدى ۋە مەن بۈگۈنگە قەدەر مۇساپىرچىلىقتا سۈرگۈندە ياشاشقا مەجبۇر بولدۇم.

قاباھەتكە گۇۋاھلىق

 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

شۇنداق قىلىپ، مىلادىيەنىڭ 2017- يىلى ئاۋغۇستتا دۇنياغا ئۇيغۇرنىڭ نىداسى ”جاۋابسىز قالغان تېلېفون“ قوڭغۇرقىدىن ئاڭلىنىپ، 2021 – يىلى 22-ئاپرېل تارىختا ”كۈن پاتماس“ ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، بۈيۈك برىتانىيە پارلامېنتى ئالدىدا ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك تۇغى – كۆك بايراق ئەلكۈننىڭ قولىدا غازىيانە لەپىلدىگەن كۈنى، بۈيۈك برىتانىيە پارلامېنتى ”خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزدى“ دەپ دۇنياغا جاكارلىدى!

 

ۋادەرىخا، ئەلكۈن بۇ مەملىكەتكە 20 يىلنىڭ ئالدىدا تۇنجى قەدىمىنى باسقاندا ”مەن ئۇيغۇر، خىتاي مېنىڭ ۋەتىنىمنى قانۇنسىز مۇستەملىكە قىلىۋالدى. مېنىڭ خەلقىمنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ… مەن ئۆزۈمگە ۋە ئۇيغۇر دېگەن بۇ ئېزىلگەن مىللەتكە ئادالەت ئىزدەپ سېنىڭ بۈيۈك ئېلىڭگە پاناھ تارتىپ كەلدىم…“ دېمىگەن ئەمەسمىدى؟!

 

20 يىل، ئارىدىن بىر ئەرنىڭ بۇ قاباھەتلىك 20 يىلى ئۆتۈپ كەتتى.