ئىككى چېلەك ئۆرۈك

قىرغىزىستان، ئىسسىق كۆل، بارسقۇن مەھەللىسى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

يول ياقىسىدا
سارغايغان ئىككى چېلەك ئۆرۈك
قىرغىز قىزى خېرىدار كۈتۈپ تۇرار
ئەسىرلەرگە گۇۋاھ
قېرى سېدە دەرىخى ئاستىدا.

 

سېتىۋېلىشنى كۈتەر يولۇچىدىن
ھەممىسى تويۇن ئۆرۈكلەر
قۇمۇلنىڭ ياكى كۇچانىڭ سورتىدىن.
پىشقان، مەي بولغان
سەھەردە خورازنىڭ چىللىشى بىلەن تەڭ
ئۇزۈلگەن ئۆرۈكلەر سېپىدىن
نەپەس ئېلىپ قىز
خانتەڭرىنىڭ مەيىن شامىلىدىن.

 

قىز تۆنۈگۈن مەكتەپتە ئىدى
بۈگۈن ئۆرۈك سېتىپ ئولتۇرار
يالغۇز يول ياقىسىدا.
ئۇنىڭغا بىر كىتاپ ھەمرا
يولدىن ئۆتكەن ماشىنىلارغا
قىلماس پەرۋا
قىز باغلىنىپ قالغان كىتابقا
كىتاب ھەم باغلانغان قىزغا…

 

ئۆرۈك ساتقۇچى قىز ئىسمى
جامىلەمدۇر ياكى گۈلسارە
بېشىدىكى گۈللۈك ياغلىقى
تۇغ كەبى شامالدا لەپىلدەپ تۇرار.

 

ئۇ قىز تاغ بىلەن ئىسسىق كۆل ئارىسىدا
دۇنيانىڭ ھىچ يېرىدە مەۋجۇت ئەمەس
كۆز ئالدىدىكى گۈزەل تەبىئەتنى ئۇنۇتقان
پۈتۈن دىققىتى
كىتاب بەتلىرى بىلەن ئالماشقان.
خانتەڭرىنىڭ ئاق باش چوققىسى
چۈشتىكى قوياش نۇرىدا يالتىرار
قەيەردىندۇر ئاڭلانسا
ئانىسىنى سېغىنغان موزاي مۆرىشى
يەنە قايسى مەھەللىدىندۇر
ئازاننىڭ غۇۋا ئاۋازى ياڭرار.

 

مەن ئۇ قىز ئالدىغا كېلىپ توختىدىم
”مەن ئۆرۈك ئالىمەن …“ دېدىم
قىز روسچە سۆزلىدى ماڭا
مەن ئۇيغۇرچە سۆزلىدىم
”بىر چېلەك ئۆرۈك قانچە پۇل؟“

 

قىز ئاخىرى زۇۋان سۈردى قىرغىزچە
”يۈز يىگىرمە سوم“
مەندىن سۆرىدى:
”سىز قىرغىزچا بىلەسىزبى؟
مەن دېدىم:
”مەن ئۇيغۇرچە بىلەمەن …“

 

بۇ يۇرت
ئاۋۇ ئاقباش تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى،
مېنىڭ جەھەننەمدە كۆيۈشتىن بۇرۇنقى
يۇرتۇمغا ئوخشاش ئىدى
كىشىلەرنىڭ يۈرەكلىرى
نەپەسلىرى
ئۇلارنىڭ كېچە ئاسمانلىرى
ھەتتا يۇلتۇزلىرى
كۈندۈزى قۇشلىرى ئاداش –
تاغۇ دەريالىرى ئەزەلدىن تۇتاش ئىدى.

 

ئەپسۇس
خاقان بولغان ئۇيغۇرجانلار
بېشىغا بۈگۈن كۈن چۈشكەندە
كۆزلىرىدىن ياشلار ئەمەس
ئورنىدا قانلار ئاققاندا
قېرىندىشى كۆرمەس بولۇپ قالغان ئىدى
مېھرى گۆرگە كۆمۈلۈپ كەتكەن ئىدى
بىر – بىرلىرىنى تونۇماس بولۇپ
ياتلاردىنمۇ ئۆتەر – ئۆتەر
ياتلىشىپ كەتكەن ئىدى ….

 

بىر توپ شوخ ناتىۋان بالىلار
يولدا قىرغىزچە چۇقۇرىشىپ
ئالدىمدىن ئۆتۈشتى …
ئۇلار ئىسسىق كۆلگە سۇغا چۆمۈلگىلى ماڭغان ئىدى.
يۈرىكىم جىغ قىلدى….
مەنمۇ بىر زامانلاردا مۇشۇ بالىلىرىدەك
غەمگۇزار بىر شوخ بالا ئىدىم
ئاداشلىرىم بىلەن تارىم دەرياسىغا بېرىپ
سۇغا چۆمۈلەتتىم.
ئۇ ئۇزاق زامانلار بۇرۇنقى
بالىلار چۆچىكى ئىدى.

 

مەن ئەمدى زادى كىم
قىسمىتىم قەيەرگە تەۋەدۇر؟
بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشكە پېتىنالمايتتىم
پېشانەمدىن ئاققىنى
ئاپتاپتىن تەپچىرگەن تەر ئەمەس ئىدى
ئۇ ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئاچچىق
زەردابلىرى ئىدى…
توختىماي زاڭىقىمدىن تامچىيتى.

 

يول ياقىسىدا
ئىككى چېلەك ئۆرۈك قالدى
يۈسۈپ بوۋام ياشاپ ئۆتكەن
بۇ قەدىمكى يۇرت –
بارسقۇندا قالدى
ئۆرۈك ساتىدىغان قىزىمۇ قالدى.

 

مەن كەتتىم …
قولۇمدا بىر چېلەك ئۆرۈكنى كۆتۈرۈپ
بۇ تۇپراققا بېغىشلانغان ئارمىنىمنى
ئاھۇ – نىدالىرىمنى
ھەممىسىنى قوشۇپ
بۇ بىر چېلەك ئۆرۈك بىلەن تەڭ يۈدۇپ.

 

بارسقۇن، ئىسسىق كۆل
5- ئاۋغۇست 2019- يىلى.

 

مەنبە ئەلكۈن تورى



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !