دەيۈزلۈك ئەخلاقىنىڭ كېلىپ چىقىشى - ئەلكۈن تورى

دەيۈزلۈك ئەخلاقىنىڭ كېلىپ چىقىشى

“Maylamchi_balilar.jpg"ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئەسەرنى ئاڭلاش: Deyuzluk_exlaqi.mp3

 

     ئىنسانلارنىڭ پەرۋازى زېمىن، ھاۋا ۋە سۇلارنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇردى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاسماننىڭ يىراق بۇرجىدىكى يۇلتۇزلار….سۈنئىي ھەمراھلار يۇلتۇزلارنىڭ سىرلىرىنى چارلاپ، يەر يۈزىنىڭ ئەلپازىنى نىشانلىدى.

     ئەسۋابلار شۇ قەدەر نازۇك، يۈرەكنىڭ ئەنسىز سوقۇشلىرى، ئىچ-باغرىمدىكى ئاينىشلار، قان تىپلىرىمىز، گېن تۈزۈلۈشىمىزنىڭ ھەممىسى ئاشكارا، ھەر – بىر بوسۇغا، ھەر – بىر دوقمۇش ئارخىپىمىزغا يېڭى بىر مەزمۇن قوشىدۇ. بارغانسېرى كارتىلارغا ئايلاندىم، كارتىلار مېنى توشۇماقتا.
     تېلېفون…….تېلېفونلاردا پارغا ئايلاندىم، كىملەردۇ مېنى سۈزمەكتە، لېكىن مەشۇقۇمنىڭ كارى يوق.

     يالغۇزلۇق، ھېچكىمگە چۈشەندۈرەلمىگەن گەپلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن سوغۇق يالغۇزلۇق بازارغا ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزۈمگە قېپقالدى.
     مەنپەئەت مۇرەسسەلىرى ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىنى بىر – بىرىگە يېقىنلاشتۇردى. يەتتە ئىقلىمدىن كەلگەن بىر توپ ئادەم بىر شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىشتى، ئاندىن پاي چېكى، مۇھىت كىرىزىسى، تېرۇرىزىم ھەققىدە گەپ قىلىشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا، ئوقۇش يېشىدىكى گېزىتچى بالىلار تېرۇرىزىمنى باش ماقالە قىلغان گېزىتنى توۋلاپ سېتىشىۋاتاتتى. دەل شۇ كۈنى بىر مايلامچى بالا قۇياشنى دوقمۇشتا كۈتۇۋېلىپ، يەنە شۇ دوقمۇشتا ئۇزىتىپ قويدى. ئۇنىڭ كۆرۈپ يېتەلىگىنى ئاياغلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ، چەملەرنىڭ ئاستىدىكى يوللارنى كۆرۈشكە ئامالسىز ئىدى.

     كىتاب كۆتۈرۈپ رەستىدە كېتىۋاتقانىدىم، رەستە بويىدىكى بىر تىلەمچى يېنىمدىكى بىر تىلەمچىگە مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بىر نېمىلەرنى دېدى. ئۇلار كىر چىرايلىرىنى پۈرۈشتۇرۇپ كۈلدى. مەن ئۇلارغا ھومايدىم.

     – كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، باج ئالمىغاندىكىن كۈلىۋەردۇق. …….. مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي ئۇلارغا قاراپلا قالدىم.
     – بىز ئەرزىمەس ئادەملەر _ دېدى ئۇلارنىڭ بىرى

     – ئەرزىمەس ئادەملەرنىڭ ئالىيجانابلار ئۈستىدىن كۈلۈش ھوقۇقى بولار!؟

     – ئەمىسە نېمىگە كۈلدۈڭلار ؟
     – كىتابمۇ كۆپىيىپ كەتتى، بىزمۇ كۆپىيىپ كەتتۇق، سىز بۇنى كىتاب ئارقىلىق داۋالىيالامسىز ؟

     مەن يەنىلا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم.

     – كىتاب ئالغان پۇلغا بىزدەك تىلەمچىدىن نەچچىنى قۇتۇلدۇرغىلى بولار ؟ – دېدى يەنە بىرى.

     ئۇلار تىلەمچى بولغاچقا مۇتەپەككۇر بولغانمۇ ياكى مۇتەپەككۇر بولغاچقا تىلەمچى بولغانمۇ بۇنى ئايرىيالمىدىم

     – دە، دەماللىقتا گاڭگىراپلا قالدىم. قانداقتۇر بىر كۈچ مېنى ئۇلارغا يېقىنلاشتۇردى.

     – يۇرتىمىزدىن ئېقىپ چىقتۇق، تىلەمچىلىك قىلىپ تەقدىرنىڭ چاقچىقىغا چاقچاق قايتۇرىۋاتىمىز، – دېدى بىر تىلەمچى.

     – ھار ئېلىۋاتقانسىلەر ھەقىچان ؟ – سورىدىم مەن.

     – ھار ئېلىپ قانداق قىلاتتۇق، ھازىر كىم بىلەن كىمنىڭ ئىشى !

     – ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرىدۇ دېگەن گەپ بار، – دېدىم مەن.

     – نومۇس !؟ – دېدى بىراقلا ئىككى تىلەمچى
     – بىز نومۇس دېگەن گەپنىڭ نېمىلىكىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كەتتۇق. بىزنىڭ نومۇسىمىز يۇرتىمىزدىن ئايرىلغاندىلا ئۆلگەن.
  ئەندىكىپ كەتتىم. نومۇسنىڭ ئۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى خىتابنامىنى تار رەستىدىكى مونۇ تىلەمچىلەردىن ئاڭلاپ قېلىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن.

     بۇ، مەن ئاڭلىغان ئاچچىق، ئەمما دىلكەش بىر پاراڭ بولدى. ھەشەمەتلىك داستىخانلار، سىپايە گەپلەر ، ئەدەپ، تەكەللۇپ، تەۋاززۇ بىلەن توشۇپ كېتىپ، نەق گەپلەرنى تاپقىلى بولماس بوپكەتتى. شېرىن تائام، شېرىن كالاملاردا نە كۆڭۈلنىڭ رىزاسى، نە قىسمەتنىڭ داۋاسى، نە ئازادىلىك ھاۋاسى !!!
     كىرزىسلىك خىياللارغا پېتىپ يۈرگىنىمگە ئۇزاق بوپ كەتكەنتى. سائەت – سائەتلەپ ئولتۇرۇشلاردا قەلب دېگەن نېمە يوق، پەقەت تەخسىدە ئىسكىلىتى كۆرۈنۈپ قالغان بېلىق، تەببەسسۇملاردا مېھىر يوق، پەقەتلا ئۇ بىر ئادەت.
     سەمىمىي قەلب ئىزدىگەنلەر كور. ئۇلار سېنىڭ سەمىمىي قەلبىڭنى دەسسەپ ئۆتۈپ ھارامدىن لوقما ئىزدىشىدۇ.

     كۆز يېشىغا باي ئاياللار ھەرگىزمۇ ئالدىدىكى دەرەخنىڭ سايىسىنى كۆزلىمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بىقارار كۆزلىرى يىراق –  يىراقلارغا تەلمۈرۈپ جۇلاسىدىن كېتىدۇ. سۆلەتلىك يىگىتلەرنىڭ لەۋزىدە سالماق يوق، باتۇرلارنىڭ ئەرۋاھى يىراقلارغا كۆچمەكتە.

     ئېرىشىش قىيىن، ئېرىشىلگەننىڭ قىممىتى يوق. زامان مۇئەككەللىرى چېكىتى يوق تارازىلارنى كۆتۈرۈپ بازار ئارىلاپ يۈرۈشىدۇ. جانانلارنىڭ بۈگۈنكى كۈلكىسى سىنىڭ ئەتىكى ئوغاڭ، مۇھەببەت خەتەرلىك ئويۇن…

     شائىرلىقىمغا سوئال قويۇۋىدىم، ئۇ سۆزلەرنى سەپكە تىزدى :

شۇنچە ئاختۇرسام تۈزۈك قاپاق يوق،

باراڭ باراڭغا ئوخشىماي قالدى.

ھېچكىم لەۋزىدە ئەھدى ۋاپا يوق،

پاراڭ پاراڭغا ئوخشىماي قالدى.

تەمە ئوت ياقتى كۆڭۈل كۆزىگە،

سالام سالامغا ئوخشىماي قالدى.

ئۆزگىرىپ تۇرار يارنىڭ قارارى،

جانان جانانغا ئوخشىماي قالدى.

مېھراپتىن چايان چىققىنى قىزىق،

پالان پالانغا ئوخشىماي قالدى.

دەلدۈش تۇرۇپمۇ بېرەر پەتىۋا،

ساراڭ ساراڭغا ئوخشىماي قالدى.

ئېشىڭنى يەپمۇ بېشىڭنى يەيدۇ،

بالاڭ بالاڭغا ئوخشىماي قالدى.

 

     ئۆيگە يىتىپ باردىم، كېچە، ھەممە ياق جىمجىت، ئۆزۈمنى تىڭشاپ ئولتۇرىمەن. ئېسىمگە بىر جۈملە سۆز كىلىۋىدى، شۇ پېتى خاتىرىلەپ قويدۇم :

     نومۇسنى بىلمەسلىك قورقونچلىق، لېكىن نومۇسنى بىلگەن تۇرۇقلۇق نومۇس قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق تېخىمۇ قورقونچلىق.

     بۇ، تىلەمچىلەرنىڭ سۆزىدىن كىيىن مىڭبىر ئويلىنىپ تاپقان يەكۈن بولدى. ئويلاپ باقسام كوچىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىش بىلەن ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىشنىڭ يىلتىزى بىر ئىكەن. قارىغاندا نومۇسنى قايرىپ قويۇش ئەخلاقى راۋرۇس مودا بوپتۇ.

     قىزىمنىڭ بىر سۆئالى ئىسىمدىن كەچتى. ئۇ تۇرغان توختەمۇفنىڭ «نۇزۇگۇم» ناملىق تارىخى رومانىنى ئوقۇۋېتىپ شۇنداق سورىغانىدى :

     – نۇزۇگۇمنى چىڭ لەشكەرلىرى تۇتۇۋېلىپ ھېيتگاھ ئالدىدىن ئېلىپ ماڭسا، كىشەنلەنگەن نۇزۇگۇمنى كۆرگەن ئون مىڭلىغان ئامما قاراپ تۇرىدىكەن، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش پەقەت ئاشىغى باقىنىڭلا ئىشى بوپقالىدىكەن. بۇنداق ئەھۋال ئەسىرلەر سېپى ئاقسۇدىن ئۆتۈپ ئىلىغا بارغىچە داۋاملىشىدىكەن، پەقەت ئۇلارغا ئىچ ئاغرىغان نەچچە ئون دەرۋىشلەرلا ئەگىشىپ ماڭىدىكەن. بىچارە نۇزۇگۇمغا ياردەم قىلىدىغان تۈزۈك ئادەم چىقمايدىكەن.

     دادا، زادى تارىخنىڭ ئۆزى شۇنداقمۇ ياكى يازغۇچى شۇنداق يازغانمۇ ؟

     سوئال ساددا، لېكىن تەبىئىي ئىدى. بۇ تەبىئىيلىكتە تەپەككۇرۇمنى ھالسىرىتىدىغان دەرىجىدە چوڭقۇرلۇق باردەك قىلاتتى. بۇ سوئالنى بىر باكىرە قىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ساپ ئىنسانىي تەبىئەتنىڭ دۇردانىسى دېيىشكە بولاتتى.

     ئىنسانىيلىق بىلىمدىن ئەلا دېگەن گەپ شۇنىڭدىن بولسا كېرەك. قىزىمنىڭ سوئالى نۇزۇگۇمنىڭ بىر قوشىقىنى ئېسىمگە سالدى :

ئېگىز تاغدىن سۇ چۈشتى،

سۈزۈپ ئىچەر يەر بارمۇ ؟

نۇزۇك باشىغا كۈن چۈشتى،

ئېلىپ كېتەر ئەر بارمۇ ؟

     نۇزۇگۇمنىڭ سوئالى بىلەن قىزىمنىڭ سوئالى تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا بىر سوئال ئىدى. بۇ ھەرگىزمۇ بىر قەلەمكەش ئۆز ئالدىغا يالغۇز جاۋاب بېرەلەيدىغان سوئال ئەمەس ئىدى. نەق شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر نېمىلەرنى دەپ قىزىمنى رازى قىلدىم. بىراق، شۇنىڭدىن كىيىن مەن شۇ سوئالغا ئەسىر بولغىنىمچە ئىزچىل خىيال قىلدىم.

     ئۇشتۇمتۇت شۇ سوئالغا مۇناسىۋەتلىك قىزىقارلىق بىر تەجرىبىنى بىر ماتېرىيالدىن ئۇچۇرۇتۇپ قالدىم. بىر ئادەمنىڭ ئەقلى چەكلىك، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا ئاقىللار بار. كۆرگىنىمنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ بېقىشنى لايىق تاپتىم :

     تەجرىبە خادىملىرى بەش مايمۇننى قەپەسكە سولاپ، بىر ساپاق باناننى قەپەسنىڭ ئۈستۈنكى شادىسىغا ئېسىپتۇ. ناۋادا مايمۇن باناننى ئېلىشقا ئۇرۇنسا، سۇ پۈركۈلۈپ، مايمۇنلارنىڭ ھەممىسى تەڭلا ھۆل بوپ كېتىدىكەن. بۇنى ئەقىللىك ئالىملار شۇنداق لايىھەلىگەنكەن. دەسلەپتە بىر مايمۇن باناننى ئېلىپ يېيىشكە ئۇرۇنۇپتىكەن، نەتىجىدە، بەش مايمۇننىڭ ھەممىسى بىردەك ھۆل بوپ كېتىپتۇ. مايمۇنلار نۆۋەت بىلەن ئاشۇنداق ئۇرۇنۇشتا بولۇپ، ئوخشاش ئاقىۋەتنى كۆرۈپتۇ. ئاخىرىدا مايمۇنلار ھۆل بوپ كېتىشتىن قورقۇپ، باناننى ئېلىپ يېيىشكە ئۇرۇنمايدىغان بوپتۇ.

     كىيىن، تەجرىبە خادىملىرى بىر مايمۇننى قەپەستىن چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر مايمۇننى سولاپتۇ. يېڭى مايمۇن بانانلارنى كۆرگەن ھامان ئېتىلىپتۇ، نەتىجىدە، قالغان تۆت مايمۇندىن راسا دۇمبا يەپتۇ. چۈنكى ئۇ تۆت مايمۇن، ئۇ بىزنى ھۆل قىلىۋېتىدۇ دەپ ئەنسىرەيدىكەن. يېڭى مايمۇن ئاخىرى ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپتۇ.

     تەجرىبە خادىملىرى ئەسلىدىكى تۆت مايمۇننىڭ بىرىنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىككىنچى بىر يېڭى مايمۇننى كىرگۈزۈپتۇ. بۇ مايمۇنمۇ باناننى كۆرۈپ ئېلىپ يېمەكچى بوپتۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ تەقدىرىمۇ بىرىنچى يېڭى مايمۇنغا ئوخشاش دۇمبا يېيىش بوپتۇ. قىزىق يېرى شۇكى، بىرىنچى يېڭى مايمۇن كىيىنكىلەردىن ھەممىدىن بەكرەك كۈچەپ ئۇرۇپتۇ. مايمۇنلار ئەنە شۇنداق تەرتىپتە ئالمىشىپتۇ، ئاخىرى ھېچكىم بانانغا چېقىلالمايدىغان بوپتۇ. ئۇلار بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى زادىلا چۈشەنمەيدىكەن، پەقەت بابان يېيىشكە ئۇرۇنسا، باشقا مايمۇنلاردىن دۇمبا يەيدىغانلىقىنىلا ئۇقىدىكەن.

     يۇقىرىقى تەجرىبە بايانىنى قىزىمغا ئوقۇپ بەرگەن ئىدىم، ئۇ :

     – مايمۇنلارمۇ قىزىق ئىكەن، ھۆل بوپ كەتكەنگە نېمە بولاتتى ؟ – دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

     – ھۆل بوپ كېتىشنىڭ ھېچقىسى يوقلىقىنى پەقەت تەجرىبە خادىملىرىلا بىلىدۇ. مايمۇنلار ئۇنى بىلسە، دۇمبا ئورنىغا بانان يېگەن بولاتتى، – دېدىم مەن جاۋابەن.

     مايمۇنلارنىڭ يېڭى ئەخلاقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەممىمىزگە چۈشىنىشلىك بولدى. بىراق، تەجرىبە خادىملىرىنىڭ ئەخلاقىنى چۈشىنىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. بۇ يەردە ئىككى خىل ئەخلاق باردەك قىلاتتى، لېكىن بىر ئەخلاق يەنە بىر ئەخلاقنىڭ مېۋىسى ئىدى.

     شېكېسپىر دادىللىق بىلەن «ئەمەلىي كۈچ ئەخلاقتۇر» دېگەنىكەن. ئۇ بۇ خىل ئەخلاقنىڭ مەنبئىنى دېمەپتۇ. چۈنكى، دادىللىق ۋە ئەمەلىي كۈچنىڭ روھى ۋە ئەقلى مەنبەسى بولىدۇ. كىشىلەر ھەقىقەتنى ئۆزلىرىنىڭ نەپىس خاھىشلىرىغا بويسۇندۇرۇش يولىدا بىخوتلارچە ئىلگىرىلەۋەردى. شېكېسپىر ئېيتقان ئەمەلى كۈچ ئېھتىياجلارغا ھاكىم بولۇشنى ئىستىگەنلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەندە ئەخلاق خاراب بولدى.

     مەنبەسى: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 2008-يىللىق 6-سان

باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندى



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !