دېرىزەمدە مۇھەببەت

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:

http://www.azizisa.org/elkun_poem/Derizemde_muhabbet.mp3

 

مەن ئويغانغان بۇ سەھەر
جاھان ئاشىقلىققا پېتىپتۇ …
ھۆكۇم سۈرگەن كۆك دېڭىزدا  قىزىللىق
كۆز نۇرى يەتمەس ئۇپۇقتا توغۇلغان
شەپەق رەڭدە ئاسماننى بويىغان
خىجالەتتىن قىزارغان قۇياش –
ئۆز مەيلى بىلەن ئۆيۈم ئىچىگە
دېرىزەمدىن  كىرىپتۇ….

 

دېرىزەمدە مۇھەببەت –
پەرى سىمان قۇياش قونۇپتۇ
ھەر كۈنى قايتا بىر تىرىلگەن
ئۈمۈدىمنىڭ نۇقتىسى سەھەر
ماڭا بۈگۈن جىلۋە تۆكۈپتۇ!

 

نەزىرىمنىڭ يەنە بىر چېتىدە –
تۈندە نۇرسىز قالغان –
قۇياش قىزىللىقىنى بۇلاشقا چاپقان –
ئاچ كۆز بۇلۇتلار
مۇرادىغا يەتكەندىن كېيىن
يۈز – كۆزىگە قىزىل قاش ئېتىپ
كۈلرەڭ جەندە كۇلاسىنى كېيىپ
ئادەم كەچۈرمەيدىغان
سانسىز گۇناھىنى يۇيۇۋېتىش ئۈچۈن
دېڭىز ئۇستىگە ئۆزىنى ئېتىپتۇ….

 

زېمىنگە ئاشىق بىقارار
ئۆمۈرى كۈيۈش بىلەن پۈتىدىغان –
چۆگىلەپ كېلىپ –
چۆگىلەپ كېتىدىغان قۇياش
ھەر كۈنى كەچ كۆزۈمدە قاتقان
ئوخشاش رەڭلىك ئۇپۇقنىڭ
قوينىغا يەنە كېتىپتۇ!

 

* * * * * *

 

مەنمۇ بىر غايىپ –
ئۆزۈمنى يوقاتقىلى ئۇزاق بولغان…
ئەمما قۇياشتەك كۆيۈپ ياشايمەن
چۈنكى قۇياشنىڭ ھەر كۈنى –
مېنىڭ كۆزۈم ئىچىدىلا ئۆتىدۇ.
مېنىڭ ھەر بىر كۈنۈم
شۇڭا قۇياش بىلەن تەڭ كېتىدۇ …

 

مەن تۇغۇلغاندىن تا ھازىرغىچە
ھاۋانى تۇمان باسقىچە –
يۇلتۇزلار كۆرۈنمىگىچە
ھەر كۈنى قىلىدىغان ئىشى ئوخشاش
قۇياش دېرىزەمدىن كىرىپ –
دېرىزەمدە مەن بىلەن خوشلىشىدۇ.
ئالدىراش گۈگۈمدىن بۇرۇن –
يامغۇردىن كېيىن
ھەسەن  – ھۇسەننىڭ چىقىشىنى كۈتمەيلا
تاغ كەينىگە مۆكۇنىدۇ!

 

ھەممىمىزنىڭ ئەسلى شۇنداق
قۇياشتەك ھەر كۈنىمىز كۈيۈش بىلەن
سۆيۈلۇش بىلەن ئۆتىدۇ…
قىسمىتى تەتۈر كەلگەندە دۇنيانىڭ
ئۆزگىرىپلا تۇرىدۇ بۇلۇتقا ئوخشاش
ئۆزلۈك رېتىمىنى تاپالماي ھالسىرايدۇ
شۇڭا مۇھەببەتنىڭ يېشىلمەس تەڭلىمىسى
بۇرۇندىنلا چېگىش قالغان
شۇڭا سۆيگۈ غېرىبلىق كوچىسىغا پالانغان.

 

شۇڭا مەن، سەن، ھېچكىم…
كېچىدە كۆلەڭگۈسىنى كۆرەلمەيدۇ.
مۇھەببەت ئىزدەپ قېچىپ كەلگەن ئۆيگە
قاچان قايتىپ بېرىشىنى
قاچان قۇم بارخانلىرى ئۇستىدە ئولتۇرۇپ
بالىلىقىدىكى تاتلىقلىق بىلەن
كېچە ئاسمىنىدا يۇلتۇز ساناشىنى بىلمەيدۇ.

 

شۇنىڭ ئۇچۇن مۇھەببەت
ھەممىدىن كۈچلۈك
ھەممىدىن ئۇلۇغ
ئۇ چېگىرا ياكى دۆلەت تەلەپ قىلـمايدۇ
يۈرەكتە كۆيۈپ – كۆيۈپلا تۇرىدۇ
ئۇ ماكاننىڭ سېھرى بىلەن يېڭىلمەيدۇ
ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن چىرىمەيدۇ
شامال بىلەن تەڭ ئۈچمايدۇ
رەقىبى بىلەن تەڭ ئۆلمەيدۇ
شۇ سۆيۈلگەن قەلىبلەردە ئۇ ….
مەڭگۈلۈك يالداما بولۇپ
يەنە بىر تاڭ ئاتقۇچە ياشايدۇ !

 

25- نويابىر  2015 – يىلى، لوندون

 
 

Derizemde muhabbet

 
 

بۇ شېئىر باغداش ۋە بوزقىر تورى مۇنبەرلىرىدىمۇ ئېلان قىلىندى: 

 

http://bbs.bagdax.cn/thread-39926-1-1.html

http://bbs.bozqir.com.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=8335

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !