داخاودىكى ناۋايخانا

“Elkun_dachau.jpg"ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

ئەسەرنى ئاڭلاش: Dachaodiki_Nawayxana.mp3

ئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدىئەسەرنى پەرىزات ئۇيغۇر ئوقۇدى
 

مەن مىيۇنخىنگە  كەلگەندىن كېيىن بۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن كۆپ قىينالدىم، گەرچە بۇ چىرايلىق شەھەرنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى، رەتلىك كوچىلىرى مېنڭ كۆزۈمگە يورۇق تۇيۇلغان بولسىمۇ، ئەمما قەلبىمدىكى كۆرۇنىشى بولسا قاراڭغۇ ئىدى. شۇڭا ياشاش كۈرىشىدىن كېيىنكى بوش ۋاقتىم بولسا گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى مەن ياشاۋاتقان، ئۇيغۇرلار 1970-يىللاردىن باشلاپلا كۆچمەن بولۇپ كېلىشكە باشلىغان، پۈتۈن ئۇيغۇر دۇنياسىغا تولىمۇ تونۇشلۇق بولغان بۇ شەھەر مىيۇنخىن ھەققىدە كۆپىرەك نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋېلىشقا ئۇرۇندۇم. گەرچە بۇ ۋاقىتلاردا ۋەتەندىكى ماكانىم تور بېكىتى ۋە يېڭىدىن ئېچىلغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تورى قاتارلىق بىر قانچىلا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىنتېرنېت تور بېكىتىدىن باشقا تور ئارقىلىق ئۈگەنگىدەك مەلۇماتلارمۇ يوق دىيەرلىك ئىدى. مەن ئۆز ئېھتىياجىمدىن چىقالايدىغان روسچە ۋە خىتايچىدىن باشقا بىر ياۋروپا تىللىرىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، كۆپىنچە، بولۇپمۇ يەكشەنبە كۈنلىرى مىيۇنخېن شەھەر مەركىزىدىكى ھوببانوۋ ۋوگزالىنىڭ (Hauptbahnhof) ئالدىدىكى ئىنتېرنېت قەھۋەخانىلىرىغا كىرىپ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ، روسچە ۋە خىتايچە مەنبەلەردىن گېرمانىيە ھەققىدە خەۋەرلەرنى كۆرەتتىم. ھەم بۇ دۆلەتتە قانداق ياشاش ھەققىدە ئۆگىنەتتىم، ئىزدىنەتتىم. دۇنيا، ياۋروپا ۋە خىتاي ھەققىدىكى سىياسىي ئېقىم خەۋەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇيتتۇم. ۋەتەن سېغىنىشنىڭ ھەسرەتلىرىگە ئاز-تولا روھىي ئوزۇق تېپىش ئۈچۈن ماكانىم تور بېكىتىنىڭ «چايخانىسى» غا كىرىپ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن پاراڭلىشاتتىم. ئۇ زامانلاردا خىتايدا تور تەقىپلىرى ئاساسەن يوق ئىدى. بۈگۈنكى كۈندىكىدەك تۈرلۈك ئىجتىمائىي تارتۇقلارمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. 

 

گېرمانىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن تۈرك ۋە باشقا مىللەت كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك ئىشچى بولۇپ ئىشلەيتتى. بۇ كۆچمەنلەر گېرمانىيىنىڭ نېگىزلىك بولغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن مۇھىم ئەمگەك كۈچلىرى ھېسابلىناتتى. 1990-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ يېڭىدىن گېرمانىيىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سانى يىلدىن يىلغا كۆپىيىشكە باشلىدى. پۈتۈن گېرمانىيە تەۋەسىدە 3-4 مىلىيونغا قەدەر تۈرك نوپۇسى بار بولۇپ، مىيۇنخىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن تۈرك كۆچمەنلىرىنىڭ ياردىمىدە زاۋۇت ۋە كارخانىلاردا، بولۇپمۇ تۈركلەر ئىگىدارچىلىقىدىكى رېستوران، باققال ۋە ناۋايخانىلاردا ئىش تېپىپ ئىشلەش پۈرسەتلىرىگە ئېرىشەتتى. بۇ كۈنلەردە مېنىڭ مىيۇنخىندە قانۇنلۇق ئىشلەش رۇخسىتىم بولمىغان بولسىمۇ ئەمما گېرمانىيىگە كېلىشم ئۈچۈن قىرغىزىستاندىكى ۋاقتىمدا مىيۇنخىندىكى قېرىنداشلىرىمدىن ئالغان بىر قانچە مىڭ دوللار قەرىز مېنى قانداقلا ئىش بولسا بولسۇن، بىرەر يەردىن ئىش تېپىپ ئىشلەپ، بۇنى ۋاقتىدا قايتۇرۋېتىش ۋەسۋەسى ئالدىرتاتتى. مۇشۇ مەقسەتتە مەن ئاخىرى تەۋەككۈل قىلىپ، تۈركلەرنىڭ شىركەتلىرىدە «قاچاق» ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خالىس ياردىمىدە  ئىش تېپىپ ئىشلەشكە باشلىغان ئىدىم. دەسلەپتە قەغەز زاۋۇتىدا بىر يىلغا ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۆزۈمدە ئۇيقۇسىزلىقنىڭ دەردىدىن روھىي جەھەتتىن چارچاشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىۋاتقانلىغىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم. ئادەم ئۈچۈن كېچىسى ئۇخلىماي ئىشلەش ئۇزۇنغا سوزۇلسا ئۇنىڭ سالامەتلىككە، روھىي ساغلاملىققا تەسىرى كۆپ بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىسى زاۋۇتتا ۋاراڭ-چۇرۇڭ، شاۋقۇنلار بىلەن توپا-چاڭلارغا مىلىنىپ ئىشلەش تەبىئىيكى، ئەگەر بىر كىشى ئۇ قەدەر موھتاجلىققا مەھكۇم بولمىسا، بۇ ئىش گېرمانىيىنىڭ شارائىتىدادائىم قىلىپ جان باقىدىغان ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇقۇشۇپ يۇرۇپ، بىر قانچە ئاي بىر تۈرك تازلىق شىركىتىدە ئىشلىدىم، كېيىن تاماقتىن كۆپ قىيلىنىشقا باشلىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل بولسىمۇ  قورساقنىڭ غېمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر رېستۇراندا ئىشلەشكە يۆتكەلدىم.

 

2000- يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدىن باشلاپ شەھرىنىڭ شىمالىدىكى داخاو بۆلگىسىدىكى بىر تۈرك ناۋايخانىسىدىن ئىش تاپتىم. داخاو مىيونخىننىڭ سىرتىدىكى كىچىكىرەك بىر ھەمرا شەھەرچە بولۇپ، ئەگەرچە بۇ يەر كىچىك بولسىمۇ ئەمما 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇرۇلغان «داخاو لاگېرى» نىڭ سېسىق نامى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ئىدى. بۇ لاگېردا 1935-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە گېتلېر ناسىست گېرمانىيىسى  يەھۇدىلارنىڭ كۆيدۇرۇپ ئولتۇرۇشتەك ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن، ئادەم  ۋۇجۇدى شۇركىنىدىغان بىر يەر  ئىدى. مەن ھەر كۈن ئىشقا بارىدىغان ۋاقتىم ئەتىگەنلىك سېمىناغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ئەتىگەن سائەت 4 دە ئىش باشلاپ، چۇشتە- سائەت 12 دە ئىشتىن چۈشەتتىم. قىلىدىغان ئىشىم بولسا نەچچە مىڭ نان بىراقلا پىشۇرۇلىدىغان بۇ ناۋايخانا (نان زاۋۇتى) دا پۇشۇرۇلغان نانلارنى ۋاقتدا پىلاستىك سېۋەتلەرگە قاچىلاش، خېرىدارلار قايتۇرۇپ كەلگەن بوش سېۋەتلەرنى ماشىنىدىن چۈشۈرۇش ۋە نان پۇشۇرۇش سېخىغا يڭى نانلارنى قاچىلاش ئۈچۈن ئۈلگۈرتۈپ يەتكۇزۇپ تۇرۇش قاتارلىق ئىشلار ئىدى. بۇ ئىش ناھايىتى كۆپ چاققانلىق قىلىش تەلەپ قىلىناتتى. مەن ئاستا-ئاستا ئىشقىمۇ كۆنۈپ كەتتىم. ئەمما ئەتىگەنلىكى مەن تۇرۇۋاتقان لاگېردىن تاڭ سەھەر 2 دە تۇرۇپ ئىشقا مېڭىش، قاتناش قولايسىزلىقلىرى ۋە يول ئۈچۈن ئىسراپ قىلىنىدىغان ۋاقىتلار ۋە ئاۋارىچىلىقلار مېنى خېلىلا چارچىتىپ قويغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ چىشىمنى-چىشلەپ ئاز ئۇخلىساممۇ بۇ ئىشنى بىر قانچە ئايلار داۋاملاشتۇردۇم. 

 

ئۇ كۈنلەرنىڭ خاتىرىسى ھازىرمۇ شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە، مىيونخىننىڭ چىرايلىق ئالتۇن كۈز پەسلى ئاخىرلىشىپ، ھەپتە-ھەپتىلە ئاسمىنىدىن كۈن نۇرىنى كۆرگىلى بولمايدىغان، كىشىگە بىزارلىقتىن باشقا تۇيغۇ بەرمەيدىغان، توختاپ قېلىشنى ئەسلا بىلمەيدىغان سىم-سىم يامغۇرى بىلەن تەڭ سىبىرىيىنىڭ ئاچچىق سوغۇقلىرىمۇ كىرىشكە باشلىغان دېكابىر ئايلىرىنىڭ باشلىرى ئىدى (تەخمىنەن 2000- يىلى دېكابىرنىڭ تۇنجى ھەپتىسىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى سەھەر ئىدى). كۈلرەڭ ئاسماندىن قار ئارىلاش سىم-سىم يامغۇر ئۈزۈلمەي يېغىۋاتقان بىر سەھەر، مەن ئالدىراش ئاۋۋال يەر ئۇستى پويىزىدا، ئاندى يەر ئاستى پويىزىدا، ئىشقىلىپ بىر قانچە پويىز لىنىيىلىرىدە ئالمىشىپ يۇرۇپ داخاو شەھرىگە قاتنايدىغان پويىزغا ئۈلگۈردۈم. بۇ پويىزدا يېرىم سائەتتەك ماڭغاندىن كېيىن مەن چۇشىدىغان بېكەتكىمۇ يېتىپ كەلدىم. مەن تۇرغان ۋاگوندا  بويۇنلىرىغا باۋارىيە دەپ خەت بېزەلگەن  پۇتبول شارپىسى ئېسىۋالغان، قوللىرىدا باۋارىيەنىڭ پىۋىسىنى كۆتۈرىۋالغان 10 نەچچە گېرمان ياشلىرى ئاۋازىنىڭ بېرىچە ۋاقىرىشىپ گەپ قىلىشىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن كېچىچە بىر يەردە بەزمىدە ئولتۇرۇپ ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىۋاتقانلىقى كۆرۈنۇپ تۇراتتى. پويىز يىنىككىنە سىلكىنىپ بېكەتتە توختىدى، ئىشىك ئېچىلدى، مەن پويىزدىن چۈشۈش ئۈچۈن ۋاگۇن ئىشىكىگە يېقىنلىشىشىمغا ئارقامدىن تۇيۇقسىزلار تېپىلگەن بىر قانچە تېپىك بىلەن بىللە «Schmutzige Ausländer!» (مەينەت چەتئەللىك!) دەپ گېرمانچە توۋلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم (گەرچە مەن گېرمانچە بىلمىسەممۇ گېرمانچە بىلىدىغان قېرىنداشلىرىمدىن سوراپ، دائىم ئىشلىتىدىغان بىرقانچە سۆزلەرنى بىلىۋالغان ئىدىم). ياۋايىلارچە قىلىنغان بۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇمنىڭ زەربىسىدىن، مەن پويىز ۋاگوندىن ئالدىمغا ئوقتەك ئېتلىپ چۈشتۇم ئەمما تەلىيىمگە يارىشا پويىز سۇپىسىدا يېقىلمىدىم. دەرھال ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن ئارقامغا قارىدىم ئەمما بۇ ۋاقىتتا پويىز ئىشىكى يېپىلدى. ۋاگۇن ئىچىدە مېنى مەسخىرە قىلىپ ئاغزى قۇلىقىغىچە يەتكەن ئۇ ئادەمسىمان مەخلۇقلار بارماقلىرىنى ماڭا كۆرسۇتۇپ تۇرۇپ، قانداقتۇر بىر ئەدەپسىز  ئىشارەتلەرنى قىلىۋاتاتتى. ئەمما بۇ يەردە خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك پويىز بىخىرامان ئالدىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتى ۋە تونىل ئىچىگە كىرىپ كۆزۈمدىن غايىب بولدى. 

 

پويىز ۋوگزالى ئىچىدە مەندىن باشقا ئادەم زاتى يوق ئىدى. مەن بۇ دەقىقىدە بۇ خورلۇقنى ئىچىمگە يۇتۇپ ئالدىمغا مېڭىشقا مەجبۇر ئىدىم، سەۋەبى بولسا، بىرىنچىدىن، چۈنكى بۇ يەردە مەن شىكايەت قىلىدىغان ساقچى يوق، ئىككىنچىدىن، ناۋادا بۇ يېرىم كېچىدە بۇ بېكەتتە ساقچى بولغان تەقدىردىمۇ مەن گېرمانچە بىلمىگەچكە مەقسىتىمنى چۈشەندۇرەلمەيتتىم. ئۈچىنچىدىن، مېنىڭ بۇ يېرىم كېچىدە ئوغۇرلۇقچە ئىشقا مېڭىشىممۇ قانۇنسىز ئىدى، چۈنكى مېنىڭ گېرمان ھۆكۈمىتى تەرپىدىن بېرىلگەن رەسمىي كىملىكىم ۋە ئىشلەش رۇسخىتىم يوق ئىدى. شۇڭا ساقچىلارغا شىكايەت قىلغان تەقدىردە، ساقچىلار مېنىڭ شىكايىتىمنى ئەمەس، بەلكى ئۇلار مېنى «قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلىگەن كۆچمەن» دېگەن جىنايەت بىلەن جازالىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا مەن «نېمە ئامال، بۇ گېرمان ناسىست مىللەتچىلىرى بۈگۈنكى كۈندە ھەممە چەتئەللىكلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، بۇلار گېرمان جەمىيىتىنىڭ ئەخلەتلىرى، خالاس!» دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ، پويىز بېكىتىدىن قەدەملىرىمنى ئېغىر ئېلىپ يەر ئۈستىگە چىقتىم.

 

تاڭ سەھەردىكى ھاۋانىڭ سوغۇقلىقىدىنمىكىن بەلكىم، ئەتىگەندىن بىرى توختىماي يېغىۋاتقان قار ئارىلاش سىم-سىم يامغۇر ئەمدىلىكتە پۈتۈنلەي قار بولۇپ يېغىۋاتاتتى. بېشىم ئۈستىدە لەپىلدەپ يۈز-كۆزلىرىمگە قونۇۋاتقان ھەر بىر تال قار ياپراقچىسى سارغۇچ كوچا چىراغلىرىنىڭ نۇرىدا خۇددى كېپەك ئالتۇن ياپراقچىلىرىدەك يالت-يۇلت قىلىپ چاقنايتتى. يوللار ۋە ئەتراپتىكى ئېگىز بىنالارنى ھېساپقا ئالمىغاندا بۇ يەر خۇددى ئاق لىباسقا پۈركەنگەن بىر دالاغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئاپتوبۇس بېكىتى پويىز بېكىتىنىڭ سول قول تەرپىدە ئىدى. مەن بېكەتتە 10 مىنۇتچە سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، داخودىكى ناۋايخانىغا بارىدىغان ئاپتوبۇس بېكەت ئىچىگە كىرىپ كەلدى. مەن بۇ ئاپتوبۇس ئىچىدە بىرلا يولۇچى ئىدىم، شوپۇرغا گېرمانچە «Guten Morgen! Vielen Dank!» (خەيرىلىك سەھەر، رەھمەت) دەپ ئاپتوبۇسقا چىقتىم. گەرچە مەن ھازىر ئاپتوبۇستا كېتىۋاتقان بولساممۇ قەلبىم ھېلىلا پويىز ۋوگزالىدا بولۇپ ئۆتكەن بوزەك قىلىنىشنىڭ دەردىدىن ئازابلىناتتى. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ گېرمانىيىدە ئېرقىي ھۇجۇمنىڭ تۇنجى قېتىم تەمىنى تېتىشتىن قۇرۇق قالمىغان ئىدىم. دىمىسىمۇ بۇ يىللاردا پۈتكۈل گېرمانىيە جەمئىيىتىدە ئوڭ قانات، تاقىرباش، مىللەتچى ناسىست ياشلارنىڭ چەتئەللىكلەرگە بولۇپمۇ تۈركلەرگە قارشى ئىرقىي ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشى دائىملىق يۈزبېرىپ تۇردىغان ۋەقەلەرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى. بىراق ماڭا ئوخشاش خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىلىشتىن قۇتۇلۇش، ئىنسانىي ھوقۇق باراۋەرلىككە، قەدىر-قىممەتكە، ئىنسانىي مۇھەببەت ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ مۇساپىر بولۇپ چىققان، ئۆزىنىڭ ئاتا مىراس مۇنقەرىز بولغان ۋەتىنى ئۈچۈ خىزمەت قىلىش، خەلقنىڭ يوقاتقان ۋە دەپسەندە قىلىنغان ھوقۇقلىرغا ئېرىشىش كۆرۈشىگە ئۆزىنى ئاتىغان بىر پىداكار ئۇيغۇر مۇساپىر ئۈچۈن، دېمۇكىراتىيەنىڭ، قانۇن ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ زامانىمىزدىكى بۆشىكى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان گېرمانىيەدەك بىر دۆلەتتە ئىرقىي ھۇجۇمغا ئۇچراش كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ چۆچۈتەتتى. ئەلۋەتتە، بۇ مەن ئۈچۈن ئادەم قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھاقارەت ئىدى. مەن ئۆز-ئۆزۈمگە «توۋا، مەن شۇنچە كۆپ ئارزۇ قىلغان ياۋروپا مۇشۇمۇ…. مەن بۇ يەرگە خاتا كېلىپ قالدىممۇ؟» دەپ ئاستا پىچىرلىدىم. 

 

ئەتراپ شۇنچىلىك ئاق ئىدىكى، تاڭ يورۇقىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، توختىماي لەپىلدەپ چۇشۈۋاتقان قار بۇ يەردىكى ئۆيلەرنى، قارىغايلارنى، ئىشقىلىپ مېنىڭ كۆزۈمگە كۆرۈنگەن ھەممە نەرسىلەرنى ئاق لىباسقا ئوراپ قويغان ئىدى. مەن ھەر-بىر قەدىمىمنى يۆتكىگىنىمدە ئايىغىم ئاستىدىن غۇچۇرلاپ چىقىۋاتقان رېتىملىق ئاۋازلارغا مەستخۇش بولۇپ ناۋايخانىغا بارىدىغان كوچىدا كېتىۋاتاتتىم. كەيپىياتىم ھەر ھالدا بىر سائەتنىڭ ئالدىدىكى كۆڭىلسىز ئىشلار يۈزبەرگەندىن ۋاقىتتىكىدىن خېلىلا روھلۇق ئىدى. مۇنداق بولىشى بەلكىم ئىنسانغا ئەزەلدىن ئاسىيلىق قىلمايدىغان ئانا تەبىئەتنىڭ مەن بىلەن بىللە بولۇشى، ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن بولسا كېرەك. كۆز ئالدىمغا بالىلىق كەچمىشلىرىم مارجاندەك تىزىلىپ كەلمەكتە. بالىلىقىمنىڭ خاتىرىسى بولۇپ مەڭگۈلۈك ئەسلىمەمگە ئايلىنىپ كەتكەن، يۇرتىمىزدا ياغقان تۇنجى قار ئېسىمگە كەچتى. بىزنىڭ يۇرتىمىز تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالى گىرۋىكىگە توغرا كەلگەچكىمۇ، ناھايىتى قۇرغاق ئىدى، قىش ۋاقىتلىرى كەمدىن كەم قار ياغاتتى. قار ياغقان كۈنلىرى مەن مەھەللىدىكى ئاداشلىرىم بىلەن ھويلا-ئاراملاردا، ئېتىزلىقلاردا قار بوۋاي ياساپ، ئېرىقلاردا چانا ئويناپ، توڭلاپ كەتسەك يانتاق ۋە يۇلغۇن كۆتەكلىرىنى يىغىپ گۈلخان ياساپ كۈن ئېتىشتىن كۈن پاتقۇچە بىللە ئوينايتتۇق. قورسىقىمىز ئاچسا قاغا جىگدىسى تېرىپ يەيتتۇق ياكى ئاداشلىرىمىز ئىچىدىن بىرەرسى ئۆيىدىن ياڭيۇ، سەۋزە-چامغۇرلارنى ئېلىپ كېلەتتى، بەزەنلىرى قوناق دانلىرى ئېلىپ كېلەتتى. بىز مۇشۇ قىممەتلىك ئۇزوق-تۈلۈكلەرنى گۈلخاننىڭ كۈلىدە پۇشۇرۇپ يەپ قورسىقىمىزنى ئاچ قويمايتتۇق…. يەنە شۇ كۈنى كەچتە كىچىك بولساقمۇ مەھەللە يىگىتلىرىنىڭ قارلىق مەشرىپىنى قولدىن بەرمەيتتۇق. بەلكىم ئۇ زامانلار مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئەڭ غۇربەت چاغلىرى بولسىمۇ ئەمما ئەڭ بەختىلىك يىللىرى ئىكەنلىكىنى تاكى بۈگۈنكى مۇشۇ مۇساپىر بولغان كۈنۇمگىچە چۇشۇنۇپ يېتەلمەپتىكەنمەن.

 

مەن شۇنداق گۈزەل ئەسلىمىلەرگە غەرق بولۇپ قاردا پايپاسلاپ كېتىۋاتاتتىم. كۆزۈمگە يولنىڭ ئوڭ تەرپىدە ئادەمگە ھەمىشە ئۆلۈمنى ئەسلىتىپ تۇردىغان گېتلېرنىڭ داخاو لاگېرى قەبرىستانلىقىنىڭ قارا دەرۋازىسى كۆرۈنىشى بىلەن تەڭلا ۋۇجۇدۇمغا تولۇپ كەتكەن غېرىبلىق ئازابىدىن ھالسىرىغان روھىم تۇيۇقسىز قېتىپ قالدى. پېشانەمدىن سوغۇق تەر تامچىلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى. مەندە مۇنداق تۇيغۇنىڭ بولۇشىنى بۈگۈنلا ئەمەس، بۇ بىر قانچە ئايلاردىن بۇيان مەن ھەر كۈنى سەھەردە ئادەملەرنى تىرىك كۆيدۈرگەن بۇ پانىي ئالەم دوزىقنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە، مېنى ئۆزۈممۇ ئىپادىلەش قىيىن بولغان بىر خىل قورقۇش ۋەھىمىسى باسىدۇ. مەن ھازىر بۇ كوچىدا كېتىۋاتقان بىردىن بىر ئويغاق ئادەممەن، باشقىلار بولسا شەپەقنىڭ شىرىن ئۇيقۇسىدا. مەن تەشۋىشلىك تۇيغۇلار ئىچىدە قەدەملىرىنى ئىتتىك-ئىتتىك يۆتكەپ، ئارقامغا خۇددى ئۇزۇن ئارغامچا تاشلاپ مېڭىۋاتقان سېھرىگەردەك ئاياغ ئىزلىرىمنى قېلىن قار يۈزىدە قالدۇرۇپ ئەسىزلىك بىلەن كېتىۋاتىمەن. ئەمما قورقۇش ۋۇجۇدۇمنى چۇلغۇدىكى خۇددى ئاۋۇ قارا دەرۋازا ئىچىدىكى قەبرىلەردىن كۆيدۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن يەھۇدىلارنىڭ ھەممىسى تۇيۇقسىزلا ئۆمىلەپ چىقىپ «ھەي ئادەم بالىسى، بىزنى قۇتقۇزۇۋال! ئۇلار بىزنى ھازىر خۇمدانغا سېلىپ كۆيدۈرۈۋاتىدۇ…»  دە توۋلىشىپ مېنىڭ پۇتۇمغا ئېسىلىۋاتقاندەك… بۇرنۇمغا ئۆلۈك كۆيدۈرگەن خۇمداننىڭ ئىس-تۈتەكلىرى پۇراۋاتقاندەك، ئىشقىلىپ جەھەننەمنىڭ بۇ قارا دەرۋازىسىدىن كېچىسى ئۆتۈش ماڭا ھايات ۋە ماماتلىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان جەڭدەك بىلىنەتتى.  

 

ئەلۋەتتە، بۇ كۈنلەردە مېنىڭ روھىم تولىمۇ ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى چۈنكى مەن ھاياتىمنىڭ ئىككىنچىسىنى، ئۆزۈمگە تەۋە بولغان ھەممە نەرسىلەردىن مەھرۇم بولۇش قىسمىتى بىلەن قايتىدىن باشلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتاتتىم. ياق، قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن مۇساپىرلىقنىڭ كوچىسىدا يڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك ياشاش ئۈچۈن  ئۆملەپ كېتىۋاتاتتىم. روھى ئاجىزلاپ كەتكەن ئادەم توغرا پىكىر قىلىشتىن مەھرۇم بولىدۇ، مۇھەببەتتىن مەھرۇم قالغان ئادەم مۇھەببەتكە نەپرەت ئوقۇيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ خۇددى كەمبەغەللەر بايلارغا نەپىرەتلەنگىنىدەك، ۋىسال ھىجرانغا ئۆچ بولۇپ كەتكەندەك، تىرىكلەر ئۆلگەنلەرگە، ئۆلگەنلەرنىڭ روھى تىرىكلەرگە نەپىرەت ئوقۇغاندەكلا بىر ئىشىدۇر. سەھەردىكى سوغۇقنىڭ ئەپتىدىنمۇ ياكى كىرپىكلىرىمگە قونغان قارلارنىڭ ئىرىگىنىدىنمۇ، كۆزۈم نەملىشىپ، زىڭاقلىرىمدا ئىسسىق ياشلار سىرغىيتى… بۇ بەلكىم مەن بەرداشلىق بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتقان ھىجران ياشلىرى بولسا كېرەك… مەن ئۆزۈمگە توختىماي پىچىرلايتىم «ھازىر ۋەتەندە كۈن چۈش بولدى، مېنىڭ ئوماق قىزىم نەفىسە ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟ ئۇ يەسلىدىمىدۇ ياكى مومىسى ئۇنى ئۆيدە بېقىۋاتقانمىدۇ؟ سۆيۈملۇك ئايلىمچۇ، ئۇ بەلكىم ئالدىراش ئىشلەۋاتقاندۇ ھەقاچان. مېھرىبان ئاپامچۇ، ئۇ بەلكىم توخۇسىغا دان بېرىۋاتقاندۇ، جاپاكەش ئاتامچۇ، ئۇ بەلكىم ھارۋا بىلەن ئېتىزغا قىغ توشۇۋاتقاندۇ…. يەنە دوستلىرىمچۇ، ئۇلار مېنى ئېسىگە ئالغانمىدۇ؟!!  يەنە …مېنىڭ يوقلۇقۇم كىملەرگە بىلىنگەندۇ؟ »

 

………………………….

 
 

——————————————————————————

«تارىمدىن تايمىسقىچە:  ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمھالى» ناملىق كىتاپنىڭ «داخاودىكى ناۋايخانا» پاراگىرافىدىن ئېلىندى. ئاللاھ خالىسا ئۇشبۇ كىتاپ يېقىندا نەشىردىن چىقىدۇ. 

www.azizisa.org/daxaodiki_nawayxana/

https://www.facebook.com/notes/aziz-isa-elkun/داخاودىكى-ناۋايخانا/1652904798108143

 
 



سەھىپىمىزدە پىكىر يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز !