تاھىر ھامۇت شېئىرلىرى

تىكىلگەن كۆز

 

تاسادىپ ئۆتىدۇ ئۆمرىمىز بىزنىڭ،
ئۇنىڭغا كار قىلماس ئۇلۇغۋار سۆزلەر.
تۇغۇلۇپ ئۆلۈمگە يېتىپ بارغۇچە،
تۇيۇقسىز پۇرسەتتە تىكىلەر كۆزلەر.

 

ئۆزىگە تەئەللۇق مۇھەببەت دېگەن،
تىكىلگەن شۇ كۆزلەر ياتقا خاس ئەمەس.
بەرمىدىم ساڭىمۇ باشقا نەرسىنى،
قىسىندىم ئازغىنا بېقىشنىمۇ تەس.

 

دۇنيانى پاتقۇزۇپ بولالماس باغرىم،
ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن سانسىز يىقىلىش.
بىر-بىرلەپ جەملىدىم تەنە گېپىڭنى،
ئويلاپ باق، ئەرزىمدۇ ماڭا تىكىلىش!؟

 
 
* * * * *
 
 

دەريادىكى ئەسلىمە


بىز چۈشكەن قېيىقلار باغلاغلىق بۈگۈن،
شولىلار بېرەلمەس چالغىتىلغان سۇ.
ئاققۇلار ئۆتىدۇ يىغلاپ، بوغۇلۇپ،
يىراقنى كۆزلىمەس، ئاھ دەرتلىك ئاشۇ.

ئەخمەتجان ئوسمان شېئىرلىرى

Ehmetjan Osman

بۈيۈك لەڭگەر

 

گۈل ئىكەن بېشىمغا سانجىلغان تەقدىر
كۆزۈمدىن ئاققىنى ئۆرتەنگەن تىكەن
چاقىردى مېنى: ئەي، ئازاب تۇغقان شىر!
كېسىلگەن بېشىمنى كوتەرگەن لىگەن

 

ئۇرۇلدى تېنىمغا نۇر ئويغانغان دەم
قۇياش دەپ ئاتالغان شۇ بۈيۈك لەڭگەر
قېنىمغا ئەلمىساق بولغان ئىدى جەم
بىلمىدىم، يوقالدى مەندە ئەڭگۈشتەر

 

ئۈنۈمگە تەڭرىقۇت چۆككەندىن بۇيان
كۆكسۈمدە گۈپۈلدەر پارلىغان زۇلمەت
ماڭلايدا ساداقتەك سۇنمايدۇ گۇمان
گۈللەردىن تۇماندەك ئۆرلەيدۇ ھەسرەت


ئاھ! دېسەم، گېلىمدا يىقىلار ئاھۇ
ياق! دېسەم، چېقىلار قەلبىمدە ياقۇت
يېشىمدا نەملەنگەن قايسى ئىلاھ ئۇ؟
بۇ قۇتلۇق زېمىننى ئەيلىگەن تاۋۇت؟

چىمەنگۈل ئاۋۇت شېئىرلىرى

Chimengul Awut

كۈتۈش

 

ئاپتاپقا قاقلىدىم يالغۇزلۇقۇمنى،
قىسمەتنىڭ پايانى كۆرۈندى تىمتاس.
سەن نەدە مەغرۇرسەن ئېزىلدى باغرىم,
كۆزۈمنى بوش يۇمۇپ قىلدىم مەن قىياس.

 

كىملەرنى ياد ئەتتىڭ ،كىملەرنى كۈتتۈڭ,
مېھرىمدە بارلىقىڭ بولماقتا ئايان.
ئالدىراش يولنى كېسىپ ئۆتكەنسەن بەلكىم,
ئاخىرىنى ئويلاشتىن قىلىمەن گۇمان.

 

تېرەكلەر قارايدۇ ماڭا بەك غەمكىن,
بويۇڭدەك بىر ئىشەنچ پارلايدۇ يارقىن.
يەنىلا سەن ئامان قالىسەن جېنىم,
تۇيۇقسىز زېمىندا يۈزبەرسە قىرغىن.


مۇڭ باسقان كۆزلىرىڭنى ئەسلىيەلەيمەن,
سەن چۇقۇم ئۆيۈڭدىن چىققان لاۋۇلداپ.
مانا يەنە بىر كۈن ئۆتتى مىڭ تەستە,
يۇلتۇزلارغا قوشۇلدۇم يولۇڭغا قاراپ !