ئوتتۇرا ئاسىياغا لەغمەن بىلەن تونۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلار

Ottura Asiyagha leghmen bilen tonulghan Uyghurlarئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

(مەزكۇر ماقالە « ئانا يۇرت» ژۇرنىلىنىڭ 2017 – يىلىلىق 1- سان نەشىرى ئاساسدا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تورى قايتا نەشىر قىلدى)

 

[ The Uyghurs are known in Central Asia for their leghmen ]

 
كىرىش سۆز

 

بىر مىللەتنىڭ يېمەك ـ ئىچمىكى مىللىي خاسلىققا ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، جۈملىدىن مول ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەكلىرى ئاساسىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىدۇر. ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەكلىرىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى بارلىق ھايات پائالىيەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگرافىك ھايات كەچمىشىنى، ھايات كۆچۈرۈشتىكى تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى ۋە بارلىققا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى جانلىق بايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىجتىمائىي ساھەلىرىنى ئۆگىنىش، ئەنئەنىۋىي ساغلام ئۇزۇقلىنىش ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن تەڭ ئۇنى زامانغا يارىشا كەسىپلەشتۈرۈش، تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشلەر زۆرۈر بولغىنىدەك بۇ مەدەنىيەتكە ئىلمىي ۋە جانلىق ئۇسۇلدا ۋارىسلىق قىلىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىمدۇر. ئۇيغۇرلار ئۆز تائاملىرىنىڭ ساھىبى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن يېمەك-ـ ئىچمەكلىرىنى قوشنا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش، جۈملىدىن قىتئە ھالقىپ چىقىپ، بىر مەدەنىيەتنىڭ يۇمشاق كۈچى سۈپىتىدە دۇنياغا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەسلىتىپ تۇرۇش ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر قۇتۇپلىشىشى تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتلەرگە ئىگىدۇر.

‎ئېلىخان تۆرە ساغۇنى كوچىسىدا

Elixan Tore Saguniy kochisi

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

‎ۋەتەندىن ئۇزاقتا ياشۋاتقان بۇ يىللاردا دۇنيانىڭ قەيىرىگە بارماي، قەيىرىدە ياشىماي يۈرگىم ئۆز كىملىكىمىزكە، ۋۇجۇدۇم ئۇيغۇرلىقىمىزغا مۇجەسسەملىشىپ يانغىن بولۇپ ياناتتى. كيىنكى يىللاردا بۇ يانغىن قەلبىمنىڭ قات – قېتىدىن گۈلخان بولۇپ كۆيۇشكە باشلىدىكى ئۆزۈمنى خۇددى ئۆزىنى ئوتقا تاشلاپ كۆيۇشكە ھازىر بولغان بىر پەرۋانىدەك ھەس قىلىشقا باشلىدىم.

 

‎«ئەل – يۇرت قەدرىنى مۇساپىر بولغاندىن سورا» دىگەندەك ئۇيغۇر سۆيگۇسى ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇر تۇپرىقىدىن يىراقتا ياشاپ كېلىۋاتقان مۇتلەق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەنىۋىي مەۋجۇتلۇقى ۋە بىباھا بايلىقىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.

 

‎مانا شۇ ھەممىدىن كۈچتۇڭگۇر ئۇيغۇر سۆيگۇسىنىڭ كۈچى بىلەن ئۆتكەنكى ئەسىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىلىم سۆيەر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەرىپەت بۇلقى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ئوچىقى بولغان تاشكەنت شەھرىنىڭ كوچىللىرىدىن چامىمنىڭ يېتىشىچە تارىخىي ئىزلىرىمىزنى ئىزدەپ يۇرۇپتىمەن.

 

‎ئەنە شۇ ئىزگۇ ئىستەكلىرىمنىڭ بىرى سۈپتىدە 1944 – يىلى 12- نويابىر غۇلجىدا «ئۇچ ۋىلايەت» ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، مەرھۇم ئېلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ پەرزەنتىلىرىنى يوقلاپ كېلىشكە باردىم. مەقسىتىم رەھبىرىمىز 1946 – يىلى 7 – ئاينىڭ 13 – كۇنى غۇلجىدىكى سوۋېت جاسۇسلىرى تەرپىدىن يوشۇرۇن تۇتقۇن قىلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ئۆمۈرىنىڭ 30 يىلىنى نەزەربەنتتە ئۆتكۈزگەن تاشكەنتتىكى سوۋېت ھۆكۈمىتى بەرگەن ئۆيىگە بېرىپ پەتىلەش، قەبرىسىنى يوقلاپ روھىغا دۇئالار قىلىش ئىدى……

 
[تولۇق ئوقۇش]

«ئادارگۈل» ناخشىسىنىڭ تېكىستىنى زادى كىم يازغان؟

ئىسكەندەر جېلىل  (قومۇل تارانچىدىن)

 

خەلق ئىچىدە تارقىلىۋاتقان نۇرغۇن ناخشىلارنى ئەمەلىيەتتە بەزى كىشىلەر ئىجاد قىلغان، لېكىن ناخشا ئوموملىشىپ، ئۇنىڭ ئىجاتكارىنىڭ نامى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا تىلغا ئېلىنمىغاچقا، بۇ ناخشىلار ئومومەن خەلق ناخشىسى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

 

يېقىندا، خوتەندىكى بەزى پىدائىيلارنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، «ئادارگۈل» ناخشىسىنىڭ تېكىستىكىنى يازغان شائىر ئابدۇغېنى سېيىت ئاكىمىز بىلەن تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ ھېكايە قىلىدۇ:

 

1969-يىلى 11-ئايدا، ئابدۇغېنى سېيىت ئاكا گۇما ناھىيەسى قوشتاغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتاتتى. بۇ چاغلاردا مەدەنىيەت ئىنقىلابى خېلى ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ليۇ شاۋچى، دىڭ شاۋپىڭ قاتارلىقلارنى ئەكسىلئىنقىلابچى، كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلار دەپ تارتىپ چىقىرىلغان ئىدى. ئابدۇغېنى سېيت ئاكىنىڭ قەلىمى كۈچلۈك، ئاۋازى ياڭراق بولغاچقا، كۆپىنچە يىغىنلاردا شۇئار توۋلاش ئۈچۈن چىقىرىپ قويۇلاتتى. بىر قېتىملىق چوڭ پىپەن قىلىش يىغىنىدا، قەغەزچىگە يېزىلغان ياشىسۇن، يوقالسۇن دېگەن شۇئارلار ئارىلاش كەلگەچكە، ئابدۇغېنى ئاكا «يوقالسۇن ليۇشاۋچى» دېگەن شۇئارنى بىخەستەنلىكتىن «ياشىسۇن ليۇشاۋچى» دەپ توۋلاپ سالغانلىقى ئۈچۈن، «ئەكسىلئىنقىلابچى» دېگەن قالپاق كەيدۈرۈلۈپ، مائاش تەمىناتى توختىتىلىپ، قوشتاغ يېزىسىنىڭ قاراسۇ كەنتىگە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە چۈشۈرۈلدى. بۇ جەرياندا، ئابدۇغېنى ئاكا كۆپ جاپارلارنى چەكتى.