بۇ كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

days in London

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن بىۋاستە ئاڭلاڭ:

Bu_kunler_shundaq_otup_ketidu.mp3

 

قوڭغىراق بىلەن تەڭ ئويغۇنىمەن
ئۆيۇمدىن يۈگىرەپ چىقىمەن…
ئاۋال شەھەرنىڭ سەھراسىدىكى
ئاپتوبۇستا…
ئاندىن يەر ئۇستى پويېزدا
ئاندىن يەر ئاستىدىكى –
سەكسەن پۇتلۇق تومۇر جانىۋىرىدا
ياشاش ئۇچۇن كۈندە چاپىمەن….

قۇم قىزى

Qum qizi

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز يانفوندا قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن بىۋاستە ئاڭلاڭ: Qum_qizi.mp3


ھايات ئاخىرقى بېكىتتە
مۇھەببەتكە ئۇلتۇماتۇم تۇتۇۋاتىدۇ
سېنىڭ يولغا چىقىشىڭ مۇقەررەر
بوۋام كارۋىنى كەزگەن بۇ يوللار
يەنە كىملەرنىدۇر كۈتۈۋاتىدۇ.
قىسمىتى ھەممىمىزنىڭ دوغا چۈشكەن ـ
ئالدىراش سەپەرگە كېتىۋاتىمىز
رېلىس ئۇستىدە تەقدىرىمىز چۆگىلەۋاتىدۇ ……..

100 يىل بۇرۇن قەشقەردە ئاۋازغا ئېلىنغان ئۇيغۇر مۇزىكىسى

    سەھىپە:Media باھا:0 دانە 29-11-2015

Kashgarche1909

مەزكۇر ئۈن ئالغۇ لېنتىسى 1909 – يىلى بىرىتانىيە گىرامافون شىركىتى تەرپىدىن ئۈنگە ئېلىنغان بۇلۇپ، بۇ ئۇيغۇر مۇزىكا تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپتە ئۈنگە ئېلىنغا ۋە زامانىمىزغا قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەن بىردىن – بىر ئۇيغۇر مۇزىكا ئۈن لېنتىسىدۇر. مەزكۇر ئۈن ئالغۇ لېنتىسى بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسى ئۈن ئارخىۋى بولۇمىدىن كۆچۇرۇپ ئېلىندى.

 

 

ئەگەر بۇ ئاۋاز يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن بىۋاستە ئاڭلاڭ:

http://www.azizisa.org/audio/Kashgarche_1909.mp3

 

:One of the first ever examples of recorded Uyghur music in modern time

Mushagaran Kashkarcha sung by Sadyk Mullo, Tokhta Akhun, Turdi Muazin

Recorded by Gramophone Company in 1909. Source: British Library Sound Archive

 
 

1925- يىللىرى ئۈنگە ئېلىنغان ئۇيغۇر مۇزىكىسى نازىركوم

    سەھىپە:Media باھا:0 دانە 29-11-2015

Nazirkom1925

«ئىنسانىيەتنىڭ مەخپي مۇزېيى – ئوتتۇرا ئاسىيا: 1925-1948-يىللىرى ئارلىغىدا ئۈنگە ئېلىنغان ئەنئەنىۋي مىللي مۇزىكىلار» – ناملىق ئۈن پىلاستىنكىسىدىكى 24- ناخشا: 

 

نازىركوم

 

ئورۇنلىغۇچىلار: ئابدۇرەھىم ۋە ئايىمنىسا.

 

 

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ: http://www.azizisa.org/audio/Nazirkom1925.mp3

دېرىزەمدە مۇھەببەت

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:

http://www.azizisa.org/elkun_poem/Derizemde_muhabbet.mp3

 

مەن ئويغانغان بۇ سەھەر
جاھان ئاشىقلىققا پېتىپتۇ …
ھۆكۇم سۈرگەن كۆك دېڭىزدا  قىزىللىق
كۆز نۇرى يەتمەس ئۇپۇقتا توغۇلغان
شەپەق رەڭدە ئاسماننى بويىغان
خىجالەتتىن قىزارغان قۇياش –
ئۆز مەيلى بىلەن ئۆيۈم ئىچىگە
دېرىزەمدىن  كىرىپتۇ….

ياركەنت كېچىسى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

 

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:

http://www.azizisa.org/elkun_poem/Yarkent_kechisi.mp3

 

كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق….

بىراق ياكەنت كېچىسى ماڭا پىچىرلايدۇ

يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ

قاراڭغۇ كېچىدە ئۇلار كۆپ چىقىپتۇ

ۋەلىۋاينىڭ مەسچىتى ئۇستىگە

ماڭا تونۇش ئاي شولىسى يەنە چۈشۈپتۇ.

چىڭپەنزىنى مەن بىلـمەيمەن………  

يالغان خورازلار چىللاۋاتىدۇ

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

 

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:

http://www.azizisa.org/elkun_poem/Yalghan_xorazlar_chillawatidu.mp3

 

مەن بۇ كېچە شىئېر يېزىۋاتىمەن 
تۇيغۇم تىلسىم ماكانغا ئېقىۋاتىدۇ
بىر گۈلخان تۇن قاراڭغۇسىدا 
ئۈدۈننىڭ تۈزىغان قۇم قەلئەسىدە
ھەسرەتنىڭ ئۈمىد شامى بولۇپ –
چۈشۈمدە يۇلتۇزدەك يېنىۋاتىدۇ…. 
 
ئۆتىكەن تاغلىرىدا بىر باخشى
ياۋغا ئېتىلغان زەپەر ئوق ئۈچۈن 
كۆك تەڭرىنى كۈيلەپ مۇقام چېلىۋاتىدۇ   
چىن تۆمۈرگە بىر شەيخىم ………….

كۈتۈش

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

 

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:

http://www.azizisa.org/elkun_poem/Kutush.mp3

 

يازمۇ كېتىپ ـ
كۈزمۇ كېتەي دەيدۇ….
قىش يەنە كېلەي دەيدۇ .
باھار كۆزۈمدىن يىراقتا ئەمەس،
ئەمما ئۇ كۈتكەندە كەلـمەي ….
ئەجەپ يۈرەكنى داغلايدۇ!

 

ئەلكۈننىڭ خىيال باشقا
تۆت پەسلىدىن ئاتلاشقا ….
جاھان ئەپكارى مۇشۇمۇ ـ
ياشاي قانداق سۈكۈتتە مەن
باھارنى تولا كۈتۈپ،
قىشنى تولا سۆكۈپ
ھەر نەپەستە قاقشاشقا؟! ………

كۈز كەلگەن ئوخشايدۇ

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

 

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:

http://www.azizisa.org/elkun_poem/Kuz_kelgen_oxshaydu.mp3

 

كۈز كەلگەن ئوخشايدۇ
ماڭا تونۇش ئەركە شاماللار
يۈز – كۆزۈمنى سۆيۈپ ئۆتىدۇ
ئالدىراش يەنە –
كىملەرنىدۇر سۆيمەك ئۇچۇن
خوش دېمەستىن ئۇچۇپ كېتىدۇ!

كۈز كەلگەن ئوخشايدۇ
باھاردا توغۇلغان يېشىل يۇپۇرماق………..

ۋەتەنسىز قۇشلار

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

 

(شېئىرنى بابۇرخان ئوقۇغان)

ئەگەر بۇ ئاۋاز ھۆججىتى يانفوندا نورمال قويۇلمىسا تۆۋەندىكى ئۇلنشتىن كىرىپ بىۋاستە ئاڭلاڭ:

http://www.azizisa.org/elkun_poem/Wetensiz_qushlar.mp3

 

ھەي ئوكيان ـ
ئوكيان ئاتلىغان ئاتلانتىك ئوكيان….
مۇڭلىنىپ ساھىلىڭغا كەلسەم
شاۋقۇنلىرىڭ نەرە سالىدۇ دەھشەت .
بىراق چۆل ئوغلىنى
بۈگۈن سەن ـ
بۇ ھەيۋەڭ بىلەن قورقۇتالمايسەن…
غەرق قىلىپ دولقۇنلىرىڭدا ئېقىتالمايسەن
شاماللىرىڭدا ئۇچۇرتالمايسەن
مەن مەزمۇت خانتەڭرىدەك …
ھايات يىلتىزىم غول تارتقان ـ
ئەبەدىي تەكلىماكانغا ئەبەت !   ……….