جاۋابسىز قالغان تېلېفون

“Hepizikhanئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى ئاڭلاش: Jawabsiz_Qalghan_Telefon.mp3

 

قۇياش پارلىغان سەھەردە بۈك- باراقسانلىق دەرەخلەر ئارىسىدىكى قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاپ سايراشلىرى كىشىگە بۈگۈنكى بۇ بىر كۈننىڭمۇ بىز ئارقىمىزدا ئالدىراش قالدۇرۇپ كەتكەن ھەرقانداق بىر كۈندىن قېلىشمايدىغان، قىممەتلىك ھايات ئۆز مەنىسىنى كامالەتكە يېتىپ ئىپادىلەيدىغان، گۈزەللىككە ۋە ئەھمىيەتلىك دەملەرگە تولىدىغان يەنە بىر ياپ يېڭى بىر كۈننىڭ باشلىنىۋاتقانلىغىدىن كۆڭۇللەرنى مەستخۇش قىلاتتى.

 
مەن ئۇشبۇ مىنۇتلاردا شۇنداق بىر روھلۇق كەيپىياتتا ئىدىمكى كىچىك قىزىمنى قولىدىن يېتىلەپ، ئۇنىڭغا دۇنيا ھەققىدە قىزىق ۋە گۈزەل ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بەرگەچ، ئۇنى ئالدىراش مەكتەپكە ئېلىپ كېتىۋاتاتتىم. پىيادىلەر يولى خېلىلا تار بولغاچقا ئادەتتە ئۇچ ئادەم تەڭ ياندىشىپ ماڭالمايتتى. ئەگەر ئالدىمىزدا بىرەر ئادەم ئاستاراق كېتىپ بارغان بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ يولىڭىزنى تىزرەك داۋاملاشتۇرۇشىڭىز ئۈچۈن «مەرھەمەت، كەچۈرۈڭ، ماڭا يول بەرگەن بولسىڭىز!» دىگەندەك تەكەللۇپ گەپلەرنى قىلىپ يول سورىشىمىز كېرەك ئىدى.

 
تەلىيىمىزگە بىزنىڭ ئالدىمىزدا بوۋاق ھارۋىسى ئىتتىرىپ، مېنىڭ قىزىم بىلەن تەڭ ياشتىكى بىر كىچىك قىزنى بىللە ئېلىپ كېتىپ بارغان بىر ياش ئايال ئۇچۇردى. بۇ ئايالنى مەن بىر قانچە يىللاردىن بۇيان تونۇيتتىم. بۇ ئايال ئائىلىسى بىلەن مېنىڭ قىزىم ئىككىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندا بىزنىڭ مەھەللىگە فرانسىيەنىڭ نىس (Nice) شەھرىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئىدى. بۇ ئايالنىڭ قىزى بىلەن مېنىڭ قىزىم شۇنىڭدىن بۇيان بىر سىنىپتا ئوقۇپ كېلىۋاتاتتى. بۇ ئايالنىڭ ئىسمى لۇسىې (Lucie) بولۇپ، مىللىتى فرانسۇز ئىدى. بىز ئادەتتە ئۇچرىشىپ قالساق تەكەللۇپلۇق سالام – سائەتلىرىمىزنى ئاياشمايتتۇق.

بىر بوتۇلكا سۇ

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 
“Bir

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Bir_botulka_su.mp3

ئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدىئەسەرنى ئاسىيە ئۇيغۇر ئوقۇدى

 

مەيىن شامالغا ھارماي ئۇسۇل ئويناپ كۆنۈپ كەتكەن بۇلۇتلار خۇددى ناز قىزدەك گاھى كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلىسا، گاھى خۇشلۇقى تۇتۇپ تېلىقىپ كۈلەتتى، گاھى چاغدا قاپىقىنى تۇرۇپ دومسىيۋېلىپ، قۇياش نۇرىنى دۈمبىسى بىلەن توسۇپ مۆكۈ – مۆكۈلەڭ ئوينايتتى. توۋا، بۇلۇتلارمۇ ئادەملەرنىڭ مىجەز – خۇلقىنى ئۆگۈنۇۋالدىمۇ نېمە، ئىشقىلىپ مەن بۈگۈن شۇنداق غەلىتە بىر تۇيغۇلارغا قەلبىمنى مەستخۇش قىلغاچ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ، دېرىزىدىن دېڭىزنىڭ چېكىگە نەزەر تاشلايتتىم. مالمودىن (Malmö) كوپېنھاگېنگە تىز كېتىۋاتقان پويىز ئورەساند كۆۋرۈكىنىڭ (Oresund Bridge) تومۇر بالداقلىرىنى بىر -بىرلەپ ئارقىسىدا قالدۇرۇپ ئالدىغا ئۇچقاندەك چاپاتتى. كۆك ئاسماننىڭ كۆك رەڭگىنى ئۆزىگە ئەينەن كۆچۈرۋالغان بالتىق دېڭىزنىڭ ئاسمىنىدىن شۇڭغۇپ چۈشكەن بۇلۇتلار بەئەينى سۇ ئۇستىدە لەيلەپ يۈرگەندەك بىر كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىلاتتى. كۆز ئالدىمدىكى بۇ گۈزەل مەنزىرە كۈز ئايلىرىنىڭ بېشىدىكى ئاپتاپلىق، ھاۋاسى ئوچۇق شىمالىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تەبئىي گۈزەللىكلىرىگە مۇجەسسەملىشىپ، خۇددى بىر پارچە مەشھۇر كلاسسىك ماي بوياق رەسىمدەك تەسۋىرىنى نامايان قىلاتتى.
 
مانا مۇشۇنداق تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىگە تولغان بۇ گۈزەل دۇنيا بىز ئادەملەرنىڭ ياشىشىغا مەنسۇپ ئىدى. بىز بۇ يەرگە ئەسلى دەرد ئەلەم تارتىش ئۈچۈن ئەمەس، كۆزىمىزدىن ئىسسىق قان – ياشلىرىمىزنى تۆكۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خوشال – خۇرام، مېھرى – مۇھەببەت بىلەن ياشاشقا كەلگەن ئىدۇق. يېشىم چوڭىيىپ، ئەقلىم قولۇمغا نېسىپ بولغان بۇ يىللاردا ئادەم بالىسىنىڭ تۇغۇلغىنىغا نېمە ئۈچۈن يىغلايدىغىنىنى، ئاندىن يەنە نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يىغىسى بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە باشلىغان ئىدىم. ئادەم ھاياتىنىڭ مۇساپىسى مانا مۇشۇ ئارىلىقتىكى مۇھەببەت بىلەن نەپرەت، راھەت بىلەن مۇشەققەت، ئەركىنلىك بىلەن قۇللۇقنىڭ نىسپىيلىك چەمبىرىكىدە كەسكىن كۈرەش قىلىدىكەن. بۇلاردىن قايسى بىرى سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە ئۇ سىزگە تەۋە بولىدىكەن. سىز ئۆزىڭىزگە تەۋە بولمىغان قىسمى ئۈچۈن بولسا بىر ئۆمۈر، تاكى ئۆزىڭىزدە يوق نەرسىگە ئېرىشكۈچە كۈرەش قىلىپ ياشايدىكەنسىز. ئېھتىمالىم، بۇ بەلكىم ئادەملەرنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاش پىسخىكىسى بولسا كېرەك.
 
ھەر بىر ئادەمنىڭ ھايات مۇساپىسى ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىك قىسمەتلەرگە تولغان بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا خوشاللىق ۋە قايغۇلار، ياخشىلىق ۋە يامانلىقلار، مۇھەببەت ۋە نەپىرەتلەر بىر- بىرلىرىدىن ئايرىلماس قوشكېزەك بولۇۋېلىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ ئاچچىق-چۈچۈك قايناملىرىدا ھەر ۋاقىت چۆكتۈرۈپ سىنايدىكەن. شۇڭا بىز ھەم كۈلۈشكە، ھەم يىغلاشقا، غەزەپلىنىشكە، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۇشلەرگە ھەقلىق ئىكەنمىز.
 
ھاياتنىڭ سېھرى بىزنى خۇددى بىر توپ پادىلارنى ئېلىپ ماڭغان پادىچىدەك ئۆزىمىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر سۈرئەتتە بىزنى مەلۇم نىشانلارغا ھامان باشلاپ ئېلىپ ماڭغىنى ماڭغان ئىكەن، بىزنىڭ تەبئىيتىمىز شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى ئايرىۋېلىشقا ئىمكانسىزكەنمىز. بىز مانا شۇ ئىمكانسىزلىق ۋە تەبئىي خۇسۇسىيەتلىرىمىز ئىچىدە ئۆزىمىزنى ئاڭلىق ھالدا بىلىپ – بىلمەي گاھىدا ھاياتنىڭ تىلسىم كوچىلىرىغا غەرق بولغان بىر سەيياھقا ئايلىنىپ قالىدىكەنمىز. ھاياتىمىزنىڭ ئەگرى – توقاي دوقمۇشلارغا تولغان سەپىرىدە بىزگە شۇنداق ئەخلاقسىز، قەدىرسىز، ئادىمىيلىكنىڭ شەرتلىرى بىلەن ئۆلچىگىسىز دەرىجىدىكى ناچار ئادەملەر ئۇچراپ قالسا، بىزگە يەنە بۇنىڭ ئەكسىچە شۇنداق ئېسىل پەزىلەتلىك ئادەملەر ئۇچرايدىكى ئۇلار سىزگە پەرىشتىلەر كەبى تەۋەرۈك بىلىنىدىكەن. شۇ چاغدا ئەگەر بۇ ئادەملەر دۇنياسىدا ھەممە ئادەملەر مۇشۇ پەرىشتىلەردەك ئاق كۆڭۈل، مېھرى – مۇھەببەتلىك بولسا، باشقىلارغا يامانلىق ئەمەس پەقەت ياخشىلىقلا قولىدىن كەلسە، «يامانلىق» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئادەملەر تىلىدا يوق بىر سۆز بولسا، ئېھتىمال ئۇ چاغدا بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىن ئۆچمەنلىك، ئادالەتسىزلىك، نەپرەت ۋە ئۇرۇش مەڭگۈلۈككە غايىب بولغان بولاتتى. ئۇ چاغدا بۇ دۇنيا بەلكىم ئىنسانلارنىڭ پانىي ئالەمدىكى جەننىتى بولۇپ قالار ئىدى دېگەندەك ئويلارغا چۆكىسىز ئەلۋەتتە.
 
كىشىلەرنىڭ بەزىدە «ئادەم ھاياتىدا بىر ياخشىلىق ۋە بىر يامانلىقنى ئۇنتۇمايدۇ» دەيدىغىنى بەلكىم مۇشۇنىڭدىن بولسا كېرەك. ئەمما مەن دەيمەن، ماڭا بىرسى يامانلىق قىلسا ئىمكان بار شۇ يامانلىق قىلغان كىشىنى قانچە تىز بولسا شۇنچە تىزلىك بىلەن خاتىرەمدىكى ئادەملەر تىزىملىكىدن ئۆچۈرۈپ، ئۇنتۇپ كېتىشكە ئالدىرايمەن. بۇنىڭ تەتۈرىسىچە ئەگەردە بىراۋنىڭ ماڭا چوڭ بولامدۇ ياكى كىچىك بولامدۇ، قولىدىن كەلگەن بىر ئىنسان سۈپتىدە ئادىمىيلىك تارازىسى بىلەن ياخشىلىق قىلغان بولسا، مەن شۇ كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى ئۇنۇتمايمەن ۋە ئۇنۇتماسلىق ئۇچۇن باشقىلارغا قولۇمدىن كەلگەن ياخشىلىق ئارقلىق ھامان قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن…. مەن شۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن، ئادەم قەلبىدە مۇھەببەت بىلەن نەپرەت دائىم ئورۇن ئالمىشىپلا تۇرىدىكەن. ئەگەر ھەر ئىككىلىسى ئورۇن ئالماشماي بىللە تۇرسا ياكى مۇھەببەت نەپرەتكە ئورۇن بەرمىسە، بەلكىم بىز ھازىرقىدىن بەكرەك خوشال ياشاش ئىمكانلىرىنى تاپالىغان ئىدۇق.

بالىلىق خاتىرەم ۋە لوندوندىكى ئايەم

London

 ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 

 

بالىلىقىم- ئۇ بىر سۇلتانلىقىم، غەمگۇزارسىز،
ئايەم ئىدى ھەر كۈنۈم، سەبى قەلبىم كۈلگەن.
ئەل ۋەتەنسىز يات ئەلدە، سېغىنىشتا ياشىماق،
گۇيا بىر قامغاق ئىكەن، يىلتىزى ئۈزۈلگەن!

قالدىم كېتىپ، قۇم بارخىنى ئارقامدا قالدى!
مەن ئوينىغان توپا يوللار ئۇزاقتا قالدى!
ئۇنتۇمىدىم بىراق سېغىنىشتا كۈنلەر ئۆتتى….
ئاھ ۋەتىنىم دەپ ئارمىنىم يۈرەكتە ياندى!
  

بالىلىق ئادەم ھاياتىنىڭ ئەڭ غەمگۇزارسىز بىر مەزگىلى بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن مەن بالىلىقىمنى ھەرگىز ئۇنىتالمايمەن. مېنىڭ بالىلىقىمغا خاس ئېنىق ئېسىمدە قالغان خاتىرىلەردىن بىرى ئايەم تەنتەنىسىدۇر. ھەممە ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئوخشاشلا مېنىڭ ھاياتىمدىنمۇ تالاي ھېيت خۇشاللىقلىرىغا چۆمگەن ئۇنتۇلغۇسىز يىللار ئۆتكەن. مەھەللىمىزدىكى بالىلار بىلەن بىر توپ بولۇپ رامزان ئايلىرىدا مەھەللىمۇ – مەھەللە ئارىلاپ رامزان توۋلىغانلىرىم، مەھەللىمىزدىكى ھەر بىر ئۆينىڭ ھويلىسى ئالدىدا رامزان توۋلىغاندا بېرىلگەن قوناق نېنى، ئۈزۈم، ئۆرۈك ۋە شاپتۇل قاقلىرى، ئۇششاق پارچە پۇللار قاتارلىق ئولجىلىرىمىزنى ئايدىڭ كېچىلەردە مەھەللىمىزنىڭ سىرتىدىكى قۇملۇق دوڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، باراۋەر تەقسىملەشكەنلىكىمىز……