“دۇنيا ئانا تىل كۈنى” بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن!

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى ئاڭلاش: Men_Shi’er_Yazmidim_Elkun.mp3

 

“ئەگەر سىز بىر ئادەمگە چۈشىنىدىغان تىلدا سۆزلىسىڭىز، قىلغان گېپىڭىز ئۇنىڭ كاللىسىغا بارىدۇ. ئەگەر سىز بىر ئادەمگە ئۇنىڭ ئانا تىلدا سۆزلىسىڭىز، سىزنىڭ گېپىڭىز ئۇنىڭ يۈرىكىگە بارىدۇ.”

–  نېلسىن ماندىلا

 

“بىز چەتئەلگە بارغاندا ئاندىن ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ نەقەدەر بىر گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.”

– جېئورج بېنارد شوۋ

 

بۈگۈن قۇتلۇق 21 – فېۋرال “دۇنيا ئانا تىل كۈنى” دۇر!

 

بۈگۈن پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئانا تىلىنىڭ دەردىنى تارتقان مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى سۆيۈش كۈنىدۇر!  

 

بۈگۈن مەن تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئانام ماڭا ئۆگەتكەن ئانام تىلنىڭ قۇتلۇق بايرام كۈنىدۇر!

 


بۈگۈن 10 ئەسىر ئىلگىرى ئۇلۇغ بوۋام مەھمۇد قەشقەرى“دىۋانى لۇغەتتىن تۈرك” قامۇسىنى پۈتكەن ئانا تىلىمنىڭ بايرام كۈنىدۇر!

ئاتاقلىق ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرى 2000-يىلى لوندوندا

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

بۈگۈندىن 16 يىل ئىلگىرى يەنى 2000 – يىلى باھاردا لوندوندا كىشى ئۇنتۇلغۇسىز ئاجايىپ بىر كاتتا پائالىيەت بولۇپ ئۆتكەن ئىدى.  بۇ بولسا ئۇيغۇرنىڭ سەنئەت ساھەسىدە بىر ئۆمۈر تەر ئاققۇزغان، ئۆزلىرىنىڭ ناخشا – مۇزىكا تالانتى، ئىجادىيىتى بەدىلىگە خەلقىمىز قەلب تۈرىدىن ئىززەت ۋە ئېكرام بىلەن ئورۇن ئالغان پېشقەدەم سەنئەتكارلار ئۇستازلاردىن مەرھۇم ھۈسەنجان جامى، غىياسىدىن بارات، بۈگۈن بىز بىلەن بىللە تارىخنىڭ شاھىدى بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇستازلىرىمىزدىن مۇساجان رۇزى، پاشا ئىشان، ياسىن مۇخپۇل ۋە تۇرسۇن ئىسمايىل قاتارلىق ئەزىزلىرىمىزنىڭ ئەنگلىيە كېلىپ گۈزەل ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكىلىرىدىن بىر قانچە نۆۋەت كونسېرت بېرىپ، سەھنىدە ۋە ببك قاتارلىق ئەنگلىيىنىڭ مەتبۇئات ۋە مېدىيالىرىدا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان 10 نەچچە  كۈنلۈك سەنئەت پائالىيىتىدۇر.

باھارنى سېغىندىم

Elkun baghchisi

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

ئەسەرنى بىۋاستە ئ‍اڭلاش: Baharni_seghindim.mp3

 

چۈشۈمدە قەلبىم يەنە باھارنى سېغىنىپ نالە قىلىپتۇ ….. ئوڭۇمدا، قىشنىڭ ئادەم كۆڭلىنى غەملىك قىلىدىغان مۇشۇ سەھەردىكى دەملەردە لاي ـ لاتقىلار، غازاڭلارنى ئۇستىگە يېپىنچە قىلىپ توڭلاپ ياتقان مۇشۇ ئالقاندەك تۇپراقتىن تېخى بىر قانچە ئايلار ئىلگىرىلا ئەلكۈن ئۆز قولى بىلەن ئىللىق باھارنىڭ چىرايلىق گۈللىرىنى ئۆستۈرگەن ئەمەسمىدى؟! خۇددى ئادەم ھاياتىدا خوشاللىق بىلەن غەم قايغۇ دائىم ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرغىنىدەك تەبىئەتنىڭ ھاياتلىق رېتىمىمۇ بۇ تەبئىي دەۋرىيلىكنىڭ سىرتىدا ئەمەسكەن. ئىنسانلارنىڭ بىردىن بىر ھاياتلىق بۇلىقى تەبىئەت بولغىنى ئۇچۇن ئادەملەر ئۆزلىرىدىن كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن تەڭسىزلىكلەرگە ئۇچۇرغاندا، ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغاندا، تۈرلۈك نائىلاجلىقلارغا مەجبۇرى قىلىنغاندا «ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق»، «دۇنيادا كۈن پاتمايدىغان قۇياش يوق» دېگەندەك تەبىئەتكە بېغىشلانغان ئەقلىيە سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئادالەت، ھەققانىيەت، ئىنسانلىق ۋە مەدەت تىلەش ئارزۇ ـ ئىستەكلىرىدە بولىدىكەن …….