ئاتامنىڭ كونا ۋېلىسىپىتى

[Father’s old bicycle]

 
“Atamningئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 


ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش : Atamning_kona_welisipiti.mp3

ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

ئۆتتى ھاياتىڭ ئەلگە مېھنەت تۆكۈپ ئاتىجان.
تارالدى ۋېلىسىپىتتىڭدىن بۇ يۇرتتا بىر داستان.
بولدۇڭ سەن خەستىلىك يۈرەككە خالىس شىپاگەر،
چۆلدە قەبرەڭ بولۇر ھامان بىر كۈنى گۈلىستان.

 

ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بولۇپمۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 20 يىلىدا ئۆسۇپ چوڭ بولغانلار ئۈچۈن ۋېلىسىپىت بىر ئۇنتۇلغۇسىز قاتناش قۇرالى ھىسابلىنىبلا قالماستىن، يەنە ئۇنڭغا دۈگىلەپ ماڭىدىغان ئىككى چاقىغا ئەشۇ يىللاردىكى بىغۇبار ھاياتنىڭ تالاي ھېكايىلىرى يوشۇرۇنغان. ئۇنداقتا ۋېلىسىپىت ئۇ قانداق بىر قاتناش قۇرالى؟ قېنى ئاۋۋال ۋېلىسىپىتنىڭ ئىنسانلار ھاياتىغا سىڭىپ كىرىش تارىخىغا بىر نەزەر سالايلى. يېقىنىقى زامان ئىنسان تارىخىدىكى تۈنجى ۋېلىسىپىتنى گېرمانىيىلىك ئورمان ئەمەلدارى ۋە كەشپىياتچى Karl Freiherr von Drais كارل فرەيھېر فون درەيس 1817-يىلى  كەشىپ قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ۋېلىسىپىتنى ئادەملەرنىڭ قوللىنىشىغا قولايلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتۇپ، بۈگۈنكى كۈندىكى بىز ئىشلىتىۋاتقان زامانىۋى ۋېلىسىپىت مەيدانغا كەلتۇردى.

 
دېمەك 200 يىللىق تەرەققىيات تارىخىغا ئىگە ۋېلىسىپىت، ياۋروپا سانائەت ئىنقىلابىدىن تارتىپ رەقەم دەۋرگىچە بولغان ئۇزاق مۇساپە داۋامىدا ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. دۇنيا بانكىسىنىڭ بىر سىتاتىستىكىسىدە كۆرسىتىشىچە، ھەر يىلى دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 مىليون ۋېلىسىپىت ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بولۇپ، ھازىر دۇنيادا ئادەملەر 2 مىلياردتىن ئارتۇق ۋېلىسىپىت ئىشلىتىدىكەن. بۇ سان 2050-يىلىغا كەلگەندە 5 مىلياردقا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

قاقىرتوق (Qaqortoq)

Qaqortoqئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
 

قېنى بۈگۈن جۇغراپىيەدىن بىر دەرىس ئۆگۈنەيلى. قاقىرتو Qaqortoq – دانىيە پادىشاھلىقىغا قاراشلىق گىرلانىديە ئاپتونۇم كېنەزلىكىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر شەھەر.

 
بۈگۈنكى گىرلانىديە ئاپتونۇم كېنەزلىكىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئىنۇيت Inuit مىللىتى 4000 يىل بۇرۇن سىبېرىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن گىرلانىديە كۆچۇپ كەلگەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئۇلارنىڭ نوپۇسى 148 مىڭ. گىرلانىديەدىكى نوپۇسى (2017) 50,787 گىرلانىديە ئومۇمى نوپۇسىنىڭ %88 نى تەشكىل قىلىدۇ. گىرلانىديە ئاھالىسىنىڭ %90 بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىنۇيت Inuit – ئىنۇيت مىللىتىنىڭ (ياكى ئۆزلىىنى ئىنۇيت مەدەنىيىتىگە تەۋە دەپ ئاتايدىغان) خەلىقلەرنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى سىبېرىيە، گىرلانىديە، كانادا، ئامېركىنىڭ ئالاسكا قاتارلىق شىمالىي قۇتۇپ مۇزلۇق بەلباغلىرىغا يېقىن قۇرۇقلۇق ۋە ئاراللاردا ياشايدۇ.

 
مەن بۈگۈن BBC ئاگېنتىلىغى تورىدىن خىتاينىڭ گىرلانىديەدە ئىككى ئايرىدۇرۇم قۇرۇش ۋە بۇ ئىش تۈرىگە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، گىرلانىديە ھەققىدە ئازىراق مەلۇمات بىلىش ئىستىكى بىلەن ئاۋال Google خەرىتىسىدىن گىرلانىديەنى كۆردۇم. ئۇنىڭ ئالقانغا ئوخشايدىغان يەر شەكلىدىن جەنۇبىدىكى بىر شەھەرنىڭ ئىسمىگە كۆزۈم چۈشتى. ب شەھەر ئىىسمىنىڭ «قاقىرتوق» ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم ۋە دەرھال ئېسىمگە نېمە كەچىتى ؟ – قۇرۇقتاغ – قاقىرتاغ … دىگەندەك ئۇيغۇرنىڭ يەر-ناملىرى.

 
‍ئەلۋەتتە، بۈگۈن ئەڭ شەرىقتە سېرىق ئۇيغۇردىن تارتىپ ئەڭ غەرىبتە بۇلغارىيە ۋە ۋېنگىرىيەگىچە ئۇيغۇر قاتارلىك تۈركى مىللەت – قەبىلىلەر بىلەن قانداش، تىلداش بولغان ئىرقىي ئورتاقلىقلىرى كۆپ نۇرغۇن خەلىقلەر بار، جۈملىدىن بۇ چوڭ توپلۇقلار ئىچىدىن ئەڭ يىراقتا ياشايدىغان سانى ئاز بولغان سېبىريەدىكى ياقۇتلار (ساكا) قاتارلىق تۈركىي تىللىق – ئىرىقلىق مىللەتلەرمۇ ئورۇن ئالىدۇ.

 
جۇغراپىيىلىك نوقتدىن قارىساق، سېبىريەنى يەنى شىمالىي ئاسىيا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەلىرىنى بېرىڭ يېرىم ئارىلى (Bering Strait) ئارىلى ئايرىپ تۇرۇدۇ. نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇ بۇ قۇرۇقلۇقلار تۇتاش بولغان بولۇشى، قار – مۇزلۇق مۇھىتتا ئادەملەرنىڭ ئوۋ -ئوۋلاپ نىشانسىز كۆچۈشى ياكى تەبئىي ئاپەتلەر سەۋەبلىك ناھايىتى كۆوپ ساندىكى خەلىقلەرنىڭ كۆچكەن بولىشى ئېنىق. ئوۋ ئوۋلاش ۋە بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىپ ياشايدىغان خەلىقلەرنىڭ بۇ خىلدىكى كۆچۈپ ھايات كەچۈرۈشى تەبئىي بولغان ئىنسانىيەت تەرەقىياتىنىڭ بېسىپ ئۆ‍كتكەن جەريانىدۇر. مېنى ھەممىدىن قىزىقتۇرغىنى ئىنۇيت Inuit مىللىتى تىلىنىڭ ئۇيغۇر ياكى تۈركى ۋەياكى ئالتاي تىللىرىغا يېقىن ئىكەنلىكىدۇر. مانا قاقىرتو (Qaqortoq) شەھەر نامى بۇ قاراشلىرىمىزنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.

 
قەدىمكى مۇ قىتئەسىگە ئۆخشاش بىز تېخى بىلمىگەن تارىخنىڭ سىرلىرى كۆپ بولسا كېرەك.

 
2018-يىلى 19-دېكابىر.

ئاۋال ئۇيغۇرنى قۇتقۇزايلى

Shujayndin bowamئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى بىۋاستە ئاڭلاش: Uyghurni_qutquzayli.mp3


پۈتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە قولىدىن ئىش كېلىدىغان بارلىق پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن ھازىر بىز ھەممىمىز كۈچىمىزنى بىرلەشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، ئەقىل ۋە تاكتىكا بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ نېگىزلىك، تەخىرسىز ۋەزىپە بولسا غەرب مۇھىت قوغدىغۇچىلىرى ئافرىقىدىكى نەسلى يوقىلىۋاتقان ياۋايى ھايۋانلارنى جان تىكىپ قوغدىغىنىغا ئوخشاش، ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنىڭ نەسلىنى، ئۇنىڭ تىلى، مەدەنيىتى ۋە بارلىق مىللىي كىملىكلىرىنى قوغداپ قېلىشىدۇر. ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىدە ئۇيغۇر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىسىلا ، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ئۇيغۇرنىڭ ھەممە نەرسىسى بار بولىدۇ. شۇڭا بىز ئاۋال ئۇيغۇرنى قۇتقۇزايلى، ئۇيغۇرنى ھازىرقى تراگېدىيىدىن قۇتقۇزايلى. بۈگۈنكى دۇنيا ئۆتكەنكى تارىخقا ئىشىنىدىغان دۇنيا ئەمەس بەلكى ھازىرقى ئەمەلىي كۈچكە ئىشىنىدۇ.
 
بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قېلىپى شەكىللىنىپ بولغىلى بىر ئەسىردىن ئاشتى. شۇنى ئېسىمىزدە تۇتىشىمىز كېرەككى بىز ھازىر ياشاۋاتقان دەۋر ئاتوم دەۋرى ئەمەس بەلكى ئۈچۈر ۋە رەقەم دەۋرى. مانا مۇشۇ تېخنىكىلىق قولايلىقلار بارلىق دۆلەتلەرگە ئۆز پۇقرالىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش، دىكتاتور دۆلەتلەر ئۈچۈن بولسا ئۆز ھاكىمىيتىگە قارشى چىققۇچىلارنى باستۇرۇشنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتتى. شۇڭا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ مىليۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە سولاۋاتىدۇ. بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى بىز قايسى بىر دۆلەتتە ياشىمايلى، بىزنىڭ ھەر بىر كۈنىمىز شۇ دۆلەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتىدۇ. بىز بىر كۈننىمۇ تېلېفونسىز، ئېلخەتسىز، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارسىز، بانكا كارتىسىز، قىسقىسى ئۈچۈر تېخنىكىسىز، ھاياتنىڭ رەقەم بىلەن كونترول قىلىنىدىغان بارلىق مەشىئەتلىرىسىز ياشىيالمايمىز.
 
دۇنيا ئىنسانلارنى يېڭى بىر قېلىپ ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر قىلدى ۋە قىلىپ بولدى. بىز غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ قېلىپ ئىچىدىكى ئىمكانىيەتلەر بويىچە ئەركىن ياشاپ تۇرۇپ، ۋەتىنىمىزدىكى ئۆز ئەركىنلىكىدىن، ئىنسانلىق ئىززىتىدىن مەھرۇم بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلىش، ئۇلارنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىنى خەلقئارا قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇش بىزنىڭ توختاۋسىز پىداكارلىق كۆرسۈتۈپ ئېلىپ بارىدىغان ۋەزىپىمىزدۇر. شۇڭا بىز مەۋجۇت بولغان خەلقئارالىق قانۇن تەرتىپلەر رامكىسى ئىچىدە، ئۇنىڭ دائىرىسىدىكى ئىمكانلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
 
بىزگە ھازىرچە قولىمىزدىن كېلىدىغان ۋە تاللىيالايدىغان باشقا بىر يولمۇ يوق. ئەمما بىز ئەقىل – ئىدراك بىلەن، سىياسىي مۇرەسسە بىلەن، ئىقتىساد ۋە مائارىپ بىلەن، يۇقىرى پەن – تېخنىكا ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ۋاستىلىرى بىلەن ئىش قىلساق، ھىچ بولمىغاندا ئۇيغۇرنىڭ يۇمشاق كۈچى ۋە مىللىي كىملىكلىرىنىڭ يوقىلپ كېتىشىنى ئاستىلىتاليمىز، تېخىمۇ جان پىداكارلىق كۆرسەتسەك بەلكىم ساقلاپمۇ قالالايمىز.
 
شۇڭا بىز ئۆزىمىز بىلىپ-بىلمەي بىز دۈشمىنىمىز قۇرغان توزاققا دەسسەپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىمىز، ئۆز -ئارا بىر بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئورۇنسىز رەنجىتىدىغان نائەخلاقىي دە-تالاشلارنى دەرھال توختىتىشىمىز كېرەك. بىز ھەممىمىز بىر قەلب ۋە بىر نىشان بىلەن ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغان كۈچىمىزنى قۇرىتىش ئەمەس، كۈچلەندۈرۈشكە ئۆتەيلى. ئەجدادلىرىمىز تۇتېم قىلغان «بۆرە» روھىدەك بىز ئوم ۋە ئىتتىپاق بولساق، دۇشىمىنىمىز ھەرقانچە كۈچلۇك بولسىمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. بىزنىڭ ئەمدى بىر دەملىك ھىسيات بىلەن ئەمەس، بىر ئۆمۈر ئەقىل ۋە تاكتىكا بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. بىز مەنتىقىلىق پىكىر يۈرگۈزۈشنى ۋە ئىش قىلىشنى ئۆگىنەيلى. ئاتا- بوۋىلىرىمىز «جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان» دېگەن بۇ ئەقىل سۆزىنى بىزگە بىكار ئېيتقان ئەمەس.
 
2018-يىلى 15 -دېكابىر، لوندون.