بالىلىق خاتىرەم ۋە لوندوندىكى ئايەم

London

 ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 

 

بالىلىقىم- ئۇ بىر سۇلتانلىقىم، غەمگۇزارسىز،
ئايەم ئىدى ھەر كۈنۈم، سەبى قەلبىم كۈلگەن.
ئەل ۋەتەنسىز يات ئەلدە، سېغىنىشتا ياشىماق،
گۇيا بىر قامغاق ئىكەن، يىلتىزى ئۈزۈلگەن!

قالدىم كېتىپ، قۇم بارخىنى ئارقامدا قالدى!
مەن ئوينىغان توپا يوللار ئۇزاقتا قالدى!
ئۇنتۇمىدىم بىراق سېغىنىشتا كۈنلەر ئۆتتى….
ئاھ ۋەتىنىم دەپ ئارمىنىم يۈرەكتە ياندى!
  

بالىلىق ئادەم ھاياتىنىڭ ئەڭ غەمگۇزارسىز بىر مەزگىلى بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن مەن بالىلىقىمنى ھەرگىز ئۇنىتالمايمەن. مېنىڭ بالىلىقىمغا خاس ئېنىق ئېسىمدە قالغان خاتىرىلەردىن بىرى ئايەم تەنتەنىسىدۇر. ھەممە ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئوخشاشلا مېنىڭ ھاياتىمدىنمۇ تالاي ھېيت خۇشاللىقلىرىغا چۆمگەن ئۇنتۇلغۇسىز يىللار ئۆتكەن. مەھەللىمىزدىكى بالىلار بىلەن بىر توپ بولۇپ رامزان ئايلىرىدا مەھەللىمۇ – مەھەللە ئارىلاپ رامزان توۋلىغانلىرىم، مەھەللىمىزدىكى ھەر بىر ئۆينىڭ ھويلىسى ئالدىدا رامزان توۋلىغاندا بېرىلگەن قوناق نېنى، ئۈزۈم، ئۆرۈك ۋە شاپتۇل قاقلىرى، ئۇششاق پارچە پۇللار قاتارلىق ئولجىلىرىمىزنى ئايدىڭ كېچىلەردە مەھەللىمىزنىڭ سىرتىدىكى قۇملۇق دوڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، باراۋەر تەقسىملەشكەنلىكىمىز……

چۈش

“Chush”ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

 

ئەسەرنى ئاڭلاش: Elkun_Essay_Audio/Chush.mp3

يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان قىلىدىغان ئىشنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇخلايدىغان ئۇيقۇمۇ ئازلاپ كەتكەن ئىدى.  ھەپتە -ھەپتىلەپ ئالدىراش ئىشلەش داۋاملىشىۋەرگەندىن كېيىنكى يەتكەن ھارغىنلىق سىزنى ئاجايىپ ئىزىۋېتىدىكەن. بۈگۈن شۇ ھارغىنلىق ماڭا قاتتىق يەتتىمۇ بالدۇرلا ئۇخلاپ قاپتىمەن….

 

مەن تاتلىق ئۇيقۇدا ئەمما يۈرىكىم سىقىلىپ، نەپسىمنىڭ بۇغۇلۇۋاتقانلىغىنى سېزىۋاتىمەن…… ئەسلى بۇ راھەتسىزلىكنى تۇيۇپ كېلىۋاتقىنىمغا نەچچە يىللار بولغان ئىدى. يېقىندىن بۇيان بۇ ئۆلگۈر جاننىڭ راھەتسىزلىكى مېنى شەپقەتسىزلەرچە قىيناشقا باشلىدى……  ئادەمنىڭ دائىم بۇرۇقتۇم، روھسىز، كەيپىياتى تۆۋەن بولۇشمۇ بىر خىل كېسەللىك ھېسابلىنىدىكەن. بۇ كېسەلنىڭ دەردىنى چوڭ بولغانسېرى بىلىۋاتىمەن. بۇرۇتۇم خەت تارتقاندىن بۇيان بۇ دەردىمگە دەۋا تېپىش ئۇچۇن سەۋەپ ئىزدەپ تالاي يۇلتۇزسىز كېچىلەرنى كۆز يۇمماي ئۆتكۈزۈۋەتتىم………

«زامان شائىرلىرى» ھەققىدە ئويلاردىن كېيىنكى ئويلار

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن 
 

ئەسەرنى ئاڭلاش: Zaman_shairliri2.mp3

ئەسەرنى رابىيە داۋۇت ئوقۇدى

 

بۈگۈن كۈنگە يەكشەنبە، 2015 – يىلى 6 – دېكابىر، لوندون.

 

مەن بۈگۈن ئۈندىدار شېئىرىيەت توپىدا «زامان شائىرلىرىمىز» نىڭ يەنە بىر «نادىر» شائىرى يەنى ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلاۋبىي شائىر  ل . مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو» ناملىق شېئىرىسىنى ئۇقۇپ قېلىپ قايتىدىن ھېزى ئويلارغا پاتتىم….

 

خەلقىمىز مەنىۋىيەت قەھىتچىلكدە ئۆتكۈزگەن ئۆتكەنكى يېرىم ئەسىرلىك ھاياتىدا «زامان شائىرلىرى» نى مەدھىيىلەپ تالاي قەسىدە، داستان، شېئىر ۋە مەرسىيەلەرنى يېزىپ بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بۇمۇ يەتمەي ناخشا ـ غەزەللەرىمىزگە قوشۇپ كارنىيىمىز يىرتىلغۇچە توۋلىدۇق. ئاتاقلىق «ئوت يۈرەك، ئىنقىلابىي شائىرىمىز» ل . مۇتەللىپ مانا شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.  

 

‎شۇڭا بىز ل . مۇتەللىپنى ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ بۈيۈك بىر قەھرىمانى دەپ تەرىپلەپ ھىچ  ھېرىپ قالمىدۇقكى ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك شېئىرلىرى ھەققىدە تېخىچە بىردەملىك بولسىمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلۇنۇپ باقمۇدۇق. مەن ھەر قېتىم  ل . مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو» دېگەن شېئىرىنى ئوقۇغىنىمدا ئۇنى لۇشۇننىڭ ياراتقان ئوبرازى «ئاQ» گە ئوخشىتىمەن. ىسەبىيلىكىم بىلەن ئويلاپ باقسام بىز بۇ قوۋم تېخى ئۆزۈمىزنى نادانلىقىنڭ زەنجىرىدىن تولۇق ئۈزۈپ بولالماپتۇق. ئۆز مىللى مەپكۈرىمىزنى قۇرالـماپتوق، ئەقلىمىزنى تېخى قولىمىزغا ئېلىپ چوڭ بولۇشتىن يىراقتا ئىكەنمىز……. !