تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر (4)

News from Tartary book cover

ئاپتورى پېتېر فلېمىڭ Peter Fleming *
ئېنگلىزچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى
 News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir
بۇ كىتاپ 1936- يىلى بۈيۈك بېرتانىيىنىڭ ئوكىسفورد Oxford Alden Press نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان

 

6-باب: چۆل يولى

 

3- بۆلۈم

رۇس ئالدامچىلىرى

 

رۇسلارنىڭ سىنكاڭدا قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ئەڭ ئاخىرى مەقسەتلىرى قاراڭغۇ ئىدى ھەم ئۇلار مېنىڭ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلىشىمنى توسۇپ قالالمايتتى. ئۇلارنىڭ ھازىر ساختىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك مەقسىتى بولسا بۇ ئۆلكە ھۆكۈمىتى ئارقىلىق بېرتانىيەنىڭ بۇ يەردىكى مەنپىئەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىدى. ھازىر پۈتۈن ئۆلكىدە 500 نەپەردىن ئارتۇق بېرتانىيەنىڭ ھىندىستان پۇقرالىرى ياشايتتى. ئەسىرلەردىن بۇيان ھىندىستان بىلەن قەشقەر ئوتتۇرىسىدا تىجارەت قىلىۋاتقان سودىگەرلەر 18 مىڭ فۇت (تەخمىنەن 5000 مېتىر)  ئېگىزلىكتىكى تاغ داۋانلىرىنى مىڭ بىر مۇشەققەتتە كېسىپ ئۆتۈپ سودا قىلىپ كېلىۋاتاتتى. سودا ئالاقىلىرى تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە روناق تېپىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىر يىللىق سودا سوممىسى 10 مىليون رۇپىيىدىن كۆپرەك بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما روسىيە ئىنقىلابى يۈزبەرگەندىن باشلاپ بۇ خىلدىكى تىجارەت رىقابەت مۇناسىۋەتلەرىمىز پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. 1935- يىلىغا كەلگەندە بىزنىڭ بۇ ئۆلكە بىلەن بولغان سودا تىجارىتىمىز بۇرۇنقىدىن %25 كېمىيىپ كەتكەن ئىدى. بۇ تەبىئىيكى 1933-34 – يىللىرى ئۆلكىدە يۈزبەرگەن قالايمىقانچىلىقلار سەۋەپلىك بولۇپ، يەنە كېلىپ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ رۇسلارنىڭ سىنكاڭنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆز كونتروللىقىغا ئېلىۋېلىشىدىندۇر. 1931- يىلىدىن باشلاپ تۈرك-سىبېرىيە تۆمۈر يولىنىڭ قۇرۇلۇشى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن داۋام قىلدۇرۇلغان بولۇپ، تۆمۈر يولنىڭ مەلۇم بۆلەكلىرى بۇ ئۆلكىنىڭ چېگرىسىدىن بىر قانچە ئىنگلىز مىلى يىراقلىقتا ئىدى. تەبىئىيكى تۈرك-سىبېرىيە تۆمۈر يولىنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ سىنكاڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئالاھىدە ئەۋزەللىكلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ھازىرقى ئەھۋالدا ئارىلىقتىكى مۇساپە ۋە يول ئىمكانىيەتلەرنى سېلىشتۇرغاندا قەشقەردىن موسكۋاغا تاش يول ۋە پويىز بىلەن 15 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يىتىپ بارغىلى بولاتتى. ئەمما بۇ يەردىن ھىندىستانغا بارىدىغان ئەڭ يېقىن يەردىكى تۆمۈر يولغا يىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 5 ھەپتىدىن 6 ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتەتتى. ئەگەر ھىمالايا تېغىدىن ئۆتۈپ بېرىش توغرا كەلسە ئادەتتە كەم بولغاندا يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت كېتەتتى. جۇڭگونىڭ پېكىندىن ئۈرۈمچىگە كارۋانلار ئادەتتە 3 ئايدا ۋاقىت ئىچىدە بېرىپ بولالايتتى. (256-بەت) …..

جامىلە: 1944

‎شېئىر ئاپتۇرى:  جامىلە

 

ئېنگىلىزچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمىسى

 

بىۋاستە ئ‍اڭلاش: Jamala_1944_Eurovision.mp3

 

(‎بۇ ناخشنى ئۇكرائىنىيەلىك قىرىم تاتار قىزى جەمىلە 2016 ـ يىللىق «ياۋروپا نەزىرى» سەنئەت كۆرىكىدەئورۇنلاپ چىمپىيون بولغان Jamala – Eurovision Song Contest 2016)

 

ياتلار كېلىۋاتىدۇ ….

‎ئۇلار سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلدى، 

‎ئۇلار سېنى ئۆلتۈرىدۇ 

‎ئۇلار ئاندىن كېيىن

‎بىز گۇناھكار ئەمەس 

‎بىزدە گۇناھ يوق دەيدۇ. 

 

‎ئەقلىڭ سېنىڭ قەيەردە؟ 

‎ئىنسانلىق ياش تۆكۈۋاتىدۇ. 

‎سەن ئۆزۈڭنى ئىلاھ دەپ ئويلامسەن 

‎بۇ يەردە ھەممە ئادەم ئۆلۈۋاتسا. 

‎بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى يۇتىۋەتمىگىن 

‎بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى

تاتارىيەدىن خەۋەر – پېكىندىن كەشمىرگە سەپەر (3)

News from Tartary book cover

ئاپتور Peter Fleming *

ئېنگلىسچىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەرجىمە قىلدى

 News from Tartary: A Journey from Peking to Kashmir
بۇ كىتاپ 1936- يىلى بۈيۈك بىرتانىيىنىڭ ئوكىسفورد Oxford Alden Press نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان

 

6-باب: چۆل يولى

 

1- بۆلۈم: مەينەت خىزمەت

 

سىياسەت كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئادەمنى ناھايىتى چارچىتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىدە ئاسىيانىڭ سىياسىتى كىشلەرگە تېتىقسىز ۋە زېرىكىشلىك تۇيۇلىدۇ. ئۇلاردا ئۆز كېلىچىكىگە ئۆزنى باغلاش ئۇقۇمى مەۋجۇت ئەمەس ياكى ھالى شۇنداق بىر مۇمكىنچىلىكتىن كۆپ يىراق. گەرچە بىز ئىنسانلار ھەممىمىز قېرىنداش بولساقمۇ، ھازىرقى زامانىۋى دۇنيادا بىر – بىرلىرىمىزگە توردەك باغلىنىپ ھېسداشلىق قىلساقمۇ، ئۆز – ئارا چۈشىنىشكە تىرىشساقمۇ ئەمما بىز يەنىلا ئۆزىمىزدىن چىراي شەكلى پەرقلىنىدىغان بۇ ئادەملەرنىڭ زادى نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى تېگى تەكتىدىن چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئامالسىزمىز.